بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (114): يوشۇرۇن كۆزىتىش

文摘   2024-11-02 20:00   新疆  

بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ

ئاپتورى: لاۋ مو

114-باب: يوشۇرۇن كۆزىتىش

1

2

3

4

5

6

8

9

10

11

12

13

14

15

16

21

20

19

18

17

26

25

24

23

22

31

30

29

28

27

36

35

34

33

32

41

40

39

38

37

46

45

44

43

42

51

50

49

48

47

56

55

54

53

52

61

60

59

58

57

66

65

64

63

62

71

70

69

68

67

76

75

74

73

72

81

80

79

78

77

86

85

84

83

82

91

90

89

88

87

96

95

94

93

92

101

100

99

98

97

106
105
104
103
102
111
110
109
108
107




113

ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (113): ماڭا چېقىلماڭ!

چياۋ لى ئۇنىڭ ئىنكاس قايتۇرالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، قولىنى سوزۇپ كىرېسلودا يېتىپ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان چۈن چۈننى كۆرسەتتى.

-ئۇنىڭ دادىسى.

چياۋ لىنىڭ كىمنى دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، سۇ چىڭ ئىختىيارسىز ئاغزىنى ئۈمچەيتتى.

-ماڭا قاراڭ، ئىككىلىمىز بوغالتىرلىق ساھەسىدىكى قابىلىيىتىمىزنى بىلىمىز، بۇ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئۇ چوقۇم بىر تەرەپ قىلالايدۇ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۇ قابىل ئۇستاز،-دېدى چياۋ لى.

-سىز يا بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس، ئىككى بالىدىن باشقا، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەت ئورناتقۇم يوق،-دېدى سۇ چىڭ قەتئىيلىك بىلەن.

گۇەن مۇ نەچچە كۈندىن بېرى سۇ چىڭغا ئۆزىنى كۆرسەتمەيۋاتتتى. بەلكىم ئالدىنقى قېتىم ئۇ ئۇنىڭ غۇرۇرىغا قاتتىق تېگىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ھەر قېتىم دۇڭ دۇڭ بىلەن چۈن چۈننى ئاپىرىپ ئەكەلگەندە، ئۇ بولمىسا ماشىنا ئەۋەتەتتى، بولمىسا ماشىنىدا ئولتۇرۇپ چىقمايتتى، ئىشقىلىپ سۇ چىڭ بىلەن ھەرگىز كۆرۈشمەيتتى.

سۇ چىڭنىڭ قەتئىيلىكىگە قارىتا، چياۋ لى بېشىنى چايقىدى.

-ھەي، سىلەر بىر ئائىلىدىكى تۆت جان جەم بولساڭلار توغرا بولاتتى. سىز قېرىشقاندەك  بىر پۇلدار يىگىتنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىسىز، ئىسىت!

-سىز ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرسىڭىز بولمىسا ئارىلىشىپ بېقىڭ، مەن سىزدەك ئۆگەي ئاپىنىڭ دۇڭدۇڭ بىلەن چۈن چۈننى خارلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرىمەيمەن.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىشىنى چوتكىلىدى، چياۋ لى ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:

-مېنى ئويلىمايدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟ گۇەن مۇغا ئوخشاش ئەرلەرنى تاپسام بېشىم كۆككە يېتەتتى، پۇلى، چىرايى، سېھرى كۈچى بولۇپلا قالماي، يەنە پەرزەنتلىرىمۇ بار، مەن بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت گۈلدەك چىرايلىق بولۇشقا مەسئۇل بولساملا يېتەرلىك، ھەتتا بالا تۇغۇپ ئاۋارىمۇ بولمايمەن. بىراق باشقىلارمۇ ماڭا قىزىقىشى كېرەكتە. خالىغان ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمىسا؟ سىزدەك بۇنداق ئايالنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، بىر ئوبدان ئادەمنى قولدىن بېرىپ!

-كىشىلىك ھايات تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بولغان بولسىڭىز، خاپا بولماي ئاشخانىدىكى ئەخلەتلەرنى تۆكۈۋېتىڭ، قۇرتلاپ كېتەي دېدى!

-ھەي، مەن نېمانچە تەلەيسىز ھە؟ ھازىرغىچە بىرە ئەرنىمۇ تاپالمىدىم.

چياۋ لى بۇرۇلۇپ ئەخلەت تۆككىلى چىقىپ كەتتى.

ئۇ يېرىم يولدا يەنە قايتىپ كېلىپ، سۇ چىڭغا كەسكىن تەلەپپۇزدا:

-شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، ئۇ داشقال چوقۇم يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىدۇ، سىز چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ!-دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بېشىنى بۇراپ كېتىپ قالدى.

سۇ چىڭنىڭ چىش چوتكىلاش ھەرىكىتىمۇ ئاستىلاپ قالدى، چياۋ لىنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى، ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، سومكىسىغا بىر مېۋە بەكىسىنى سەۋالدى. ئەگەر ھېلىقى لەن رېن ئۇنىڭغا يەنە مۇشت كۆتۈرسە، ئۇ ئۇنىڭغا تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ!

سۇ چىڭ ئەتىسىلا 3-گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئىزدەپ ئەھۋال ئىگىلىدى، 3-گۇرۇپپىدىكى «كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتى»نىڭ خامچوت لايىھەسىگە مەسئۇل بوغالتىر لام -جىم دېمىدى، گەرچە بۇ ماتېرىيالدىكى ھىيلە-مىكىرنى دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇ چىڭغا بۇ ماتېرىيالدىكى سىرىنى ئېنىق دەپ بەردى، بۇ سۇ چىڭنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزىگە بالا تېپىۋالماسلىقنى ئەسكەرتكىنى ئىدى.

راست گەپنى قىلغاندا، گەرچە 3-گۇرۇپپىدىكى بوغالتىر سۇ چىڭغا ئىشنى ئوچۇق قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما سۇ چىڭ ئۇنىڭ ياخشى نىيىتىنى ھېس قىلدى، مىجەزى ھازىرقى 6- گۇرۇپپىدىكى خىزمەتداشلىرىدىن كۆپ ياخشى ئىدى.

سۇ چىڭ ئىختىيارسىز بىر ئاز قايغۇرۇپ قالدى، خۇددى 6-گۇرۇپپىدىكى بىر نەچچە خىزمەتدىشىنىڭ ئۆزىگە ئاداۋىتى باردەك، بىردىنبىر ئەر خىزمەتچى لەن رېن ئۆزىگە يامان نىيەتتە بولۇۋاتاتتى، ئەمما ئۇ بىر نەچچە ئايال خىزمەتدىشى ئۇنىڭدىن ناھايىتى يىراقلىشىپ كەتتى، قانداقلا ئىش بولسا خۇپىيانە مۇزاكىرە قىلاتتى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئەڭ كۆپ بولغاندا بېشىنى لىڭشىتىپ قوياتتى، خالاس.

سۇ چىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى قائىدىنى چۈشەنمىدى، پەقەت 6-گۇرۇپپىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە ئىشلىشىنى ناھايىتى تەستەك ھېس قىلدى، سۇ چىڭ پۈتۈن بىر كۈن نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، سۇ چىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، باشقىلار بىلەن بىللە چوڭ ئىشىكتىن چىقتى. ئالدىنقى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، سۇ چىڭ لەن رېننى يەنە پايدا ئېلىپ قېلىشىنى خالىماي، شۇڭا خىزمىتى بولسا ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ ئىشلەشكە رازى بولدىكى، بۇ يەردە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەيدىغان بولغانىدى.

سۇ چىڭ بېكەتتە ئاممىۋى ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان چاغدا، ئاق كۆڭلەك كىيگەن لەن رېن ھۆججەت سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى.

ئۇنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قەستەن يانغا سۈرۈلدى. بىراق، نەچچە خېلى ئۇزۇنغىچىمۇ، بۈگۈنكى كوچا ئاپتوبۇسى زادىلا كەلمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، سۇ چىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، پۇل كەتسىمۇ ماشىنا توسۇپ كېتىشنى ئويلىدى. شۇڭا كېيىنكى دەقىقىدە، سۇ چىڭ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. بىراق لەن رېن ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپلا ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋالدى.

سۇ چىڭ ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىنى توسۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوڭ-سولغا قاراپ، ھازىر ئىشتىن چۈشۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكىنى، كېلىپ-كېتىۋاتقانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردى. كۆڭلىدە «ئۇ قالايمىقان ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ» دەپ ئويلىدى.

-سىز نېمە قىلماقچى؟

سۇ چىڭنىڭ جىددىيلەشكەن ھالىتىنى كۆرگەن لەن رېن مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى:

-سۇ چىڭ، ھازىر ئىككىمىزلا بار، خۇپسەنلىك قىلماڭ، سىزنىڭ پۇلدار ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، بەلكىم سىز مەندەك بىر كىچىك خىزمەتچىنى ياراتماسلىقىڭىز مۇمكىن، بىراق ھازىر پۇلدار ئادەم سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويغاندۇ؟ سىز بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەنسىز؟ كونىلاردا «ئاياللار 30 ياشقا كىرگەندە سۈپەتسىز بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن گەپ بار، شۇڭا سىزمۇ ئۇنداق يۇقىرى تەلەپ قويماڭ، باھاسىنى چۈشۈرۈپ بېرىڭ، بىز ھەر قايسىمىز ئېھتىياجىمىزغا قاراپ ئىش قىلساق بولىدۇ، ئەمەسمۇ؟

بۇ غەلىتە گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سۇ چىڭ ئاچچىقىنى باسالماي، غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى:

-لەن رېن، سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئاغزىڭىزنى پاكىز تۇتۇڭ، بولمىسا مەن سىزگە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايمەن.

بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، سۇ چىڭ سومكىسىدىكى مېۋە بەكىسىنى سىلاپ قويدى.

لەن رېنغا ئوخشاش بۇنداق داشقالنى ئۇ بەك چۈشىنەتتى، يۈرىكى چوڭ ئەمەس، ئەمما شەھۋەتپەرەسلىكى كۈچلۈك، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويمىسا، ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتەتتى، كېيىن ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەم بولالمايتتى.

كېيىنكى دەقىقىدە، لەن رېن تەھدىت سېلىشنى ئازدۇرۇشقا ئايلاندۇردى.

-سۇ چىڭ، خاپا بولماڭ، بىز سودىلاشساق بولىدۇ. مەن سىزنىڭ يېقىندىن بېرى ھېلىقى «كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتى»نىڭ خامچوت لايىھەسىنىڭ غېمىدە يۈرگەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، بۇنى مەن سىزگە ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرەلەيمەن، پەقەت سىز ماڭا بىر قېتىم ھەمراھ بولسىڭىزلا… بىر قېتىم، مەن بىر قېتىمدىن كېيىن ھەرگىز چاپلىشىۋالماسلىققا كاپالەت بېرىمەن!

لەن رېن ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز گەپنى قىلىۋاتقاندا، سۇ چىڭنىڭ كۆكسىگە قاراپ قويدى.

ئۇنىڭ نەزىرى سۇ چىڭنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۈۋەتكەنىدى.

سۇ چىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ، قەستەن:

-ئەمىسە بۇ ھۆججەتكە قانداق ئامالىڭىز بار؟-دەپ سورىدى.

سۇ چىڭنىڭ يۇمشاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، لەن رېن ئالدىراپ-تېنەپ ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى.

سۇ چىڭ دەرھال كەينىگە بىر قەدەم چېكىندى.

-بۇ ھۆججەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالىم بار، سىز پەقەت مېنىڭ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن دېگىنىمنى ئاڭلىسىڭىزلا، چوقۇم ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيسىز، ئاندىن ئوڭۇشلۇق ھالدا رەسمىيلىشەلەيسىز.

-سىزنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىڭىز قانداق؟

سۇ چىڭ تىت-تىت بولغان ھالدا سورىدى. بىراق، لەن رېن بۇ چاغدا قولىنى سوزۇپ ئېڭىكىنى سىلىدى،

-مەن ئاققۇ گۆشىنى يېمىگىچە، ئېغىزىمدىن چىقىرالمايمەن، بۇنى دەپ بەرسەم، نىيىتىڭىزدىن يېنىۋالسىڭىز قانداق قىلىمەن؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇ چىڭ لەن رېڭنىڭ ساختىپەزلىكىدىن كۆڭلى بىئارام بولدى.

بىراق ئۇنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن تەتۈر قارىشىپ قالغۇسى يوق ئىدى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭغا قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئارىنى بۇزۇۋېتىشنى خالىمىدى. شۇڭا سۇ چىڭ ئاۋۋال ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىدى.

ئارقىدىن سۇ چىڭ لەن رېنغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:

-لەن رېن، ئاڭلىسام سىزنىڭمۇ ئائىلىڭىز بار ئىكەن، ئوغلىڭىزمۇ كىچىك ئەمەستۇ؟ سىز بۇ ئىشنى ئايالىڭىزنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقمامسىز؟

-ھېلىقى سېرىق يۈز خوتۇننى دېمەيلا قويۇڭ، ئۇنىڭ گېپى چىقسىلا دەردىمنى ئىچىمگە يۇتىمەن، كۈندە ئۆيدە ياتقىنى ياتقان، ھازىر سەمرىپ كالىغا ئوخشاپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىۋەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا مۇھەببەت قالمىغان، ئەگەر ئوغلۇم بولمىغان بولسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كەتكەن بولاتتىمم،-دېدى بۇ چاغدا لەن رېن ئازابلانغان ھالدا.

-سىز بەك رەھىمسىز ئىكەنسىز، ئايالىڭىز بۇرۇن ئۇنداق بولمىغىيدى؟

لەن رېننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ كۆڭلىدە بۇ نومۇسسىز ئەرنى تىللىدى.

لەن رېن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئوڭايسىزلانغان ھالدا:

-شۇڭا مەن ئاسانلىقچە ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشمايمەن، مېنىڭ ھازىر مەن بىلەن پىكرى بىر يەردىن چىقىدىغان بىرىنى تاپقۇم بار، بىز پەقەت مۇھەببەتلا توغرىسىدا پاراڭلاشساق دەيمەن،-دېدى.

لەن رېن شۇنداق دېگەچ ئالدىغا بېرىپ سۇ چىڭنىڭ مۈرىسىنى قۇچاقلىماقچى بولدى.

سۇ چىڭ دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى.

-بۇ ئىشنى مەن ئويلىشىپ باقاي، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ سىزنى تەكشۈرۈپ باقمىسام بولماس.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

لەن رېن سۇ چىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇنىڭدىن:

-ئۇنداقتا سىز قانچىلىك ۋاقىت ئويلىشىسىز؟-دەپ سورىدى.

-تۆت-بەش كۈن،-دېدى سۇ چىڭ پەرۋاسىزلا.

-ئەمىسە مەن سىزنى ساقلايمەن!

شۇ تاپتا، ئۇلاردىن نەچچە ئون مېتىر يىراقلىقتىكى بىر روللس رويىسنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا، بىر جۈپ قاپقارا كۆز بايا گەپ قىلىۋاتقان ئۇلارغا تىكىلىپ تۇراتتى.

شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان لىن فېڭ يىراقتىن لەن رېننىڭ سۇ چىڭغا چاپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ كەينىدىكى ئادەمنىڭ چىرايىنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

-گۇەن باش دىرېكتور، مەن ئادەم تېپىپ ئۇنى ئەدەپلەپ قويايمۇ؟-دەپ سورىدى لىن فېڭ.

شۇ تاپتا گۇەن مۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، قوشۇمىسىنى تۈرگەندىن كېيىن:

-ئاۋۋال قول سالما، مەن ئۇنىڭ تەپسىلىي ماتېرىيالىنى كۆرۈپ باقاي،-دېدى.

-ماقۇل.

لىن فېڭ بېشىنى لىڭشىتتى.

گۇە مۇ يىراقتىنلا ئالدى تەرەپتىكى گۈللۈك يوپكا كىيىۋالغان سۇ چىڭنىڭ تاكسىغا چىققانلىقىنى كۆرۈپ:

-قايتايلى،-دېدى.

لىن فېڭ بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن ماتورنى ئوت ئالدۇردى، ماشىنا ناھايىتى تېزلا قاينام-تاشقىنلىققا تولغان يولغا كىرىپ كەتتى.

سۇ چىڭ ئالدىنقى قېتىم گۇەن مۇنى يۈز تۇرانە رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل سۇ چىڭنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ باقمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى پەقەت ئۆزىلا بىلەتتى. ئەمما كۈچلۈك غۇرۇر ئۇنىڭ مىخقا چېقىلىشىغا يول قويمايتتى، شۇڭا ئۇ يەنە بىر روللس رويىس ماركىلىق ماشىنا سېتىۋالغانىدى، سۇ چىڭ ئۇنىڭ ماشىنىسىنى تونۇمايتتى، بوش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ بەزىدە لىن فېڭنى ماشىنا ھەيدەپ سۇ چىڭ دائىم پەيدا بولىدىغان جايغا بېرىپ «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتى.

ئەمەلىيەتتە كۆپ ھاللاردا ئالدىراپ بىر قاراپ قوياتتى ياكى يىراقتىن بىر قاراپ قوياتتى، لېكىن بۇمۇ سېغىنىش ئازابىغا ئازرراق بولسىمۇ تەسەللىي بولاتتى.

ھەپتىنىڭ بەشى، گۇەن مۇ كەچتە دۇڭدۇڭ بىلەن چۈن چۈننى سۇ چىڭنىڭ يېنىغا ئەكەپ قويدى. سۇ چىڭ ئاشخانىدا ئىككى سائەت ئالدىراش ئىشلىگەندىن كېيىن، تاماق ئۈستىلىگە ئاخىرى تەملىك قورۇمىلار تىزىلدى.

چياۋ لى تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، تېخىچە ھورى چىقىپ تۇرغان تاماق قورۇمىلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-نېمىدېگەن مەززىلىك، ھەپتە ئاخىرى كەلسىلا مەن دۇڭدۇڭ بىلەن چۈن چۈننىڭ تامىقىغا ئېغىز تېگەلەيمەن!-دېدى.

-تاماق يېگەندىمۇ ئاغزىڭىز بېسىقمايدىكەن سىزنىڭ.

سۇ چىڭ چياۋ لىغا قاراپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن بىر تال توخۇ قانىتىنى قىسىپ يېنىدىكى دۇڭ دۇڭنىڭ قاچىسىغا سالدى.

-رەھمەت ئاپا.

سۇ چىڭ چۈن چۈننى قۇچاقلاپ بىر تەرەپتىن تاماق يېگۈزگەچ بىر تەرەپتىن چياۋ لى بىلەن پاراڭلاشتى.

-ھە راست، سىز سۈرۈشتۈرگەن ئىش قانداق بولدى؟

سۇ چىڭ ھازىر تاماقمۇ يېيەلمەي، خامچوت لايىھەسىنىڭ ئىشىنى ئويلاۋاتاتتى.

چياۋ لى بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئاغزىدىكى تاماقنى يۇتىۋېتىپ:

-سىزگە بۇ ئىشنى دەي دەپ تۇراتتىم،-دەپ جاۋاب بەردى.

-خەۋەر بارمۇ؟

سۇ چىڭ تىت-تىت بولۇپ سورىدى.

چياۋ لى بېشىنى لىڭشىتتى.

-ئەسلىدە باشلىقىم «كەيجيې يۇمشاق دېتالى شىركىتى»نى پىششىق بىلىدىكەن، ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىمىزنى ئىزدەپ بىر نەچچە قېتىم تۈر خام چوتى قىلغانىكەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ «كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتى»نىڭ خوجايىنىنىڭ ئايالى يېقىندا ئۆلۈپ كەتكەچكە، يەنە بىر خوتۇن ئاپتۇ. بۇ يېڭى خوتۇن بىلەن خوجايىننىڭ ئوغلى مەنپەئەت تالىشىۋاتقان ئوخشايدۇ، ھازىر يېڭى خوتۇن بىلەن ئوغلى يوشۇرۇن پۇل تېپىۋاتىپتۇ، خام چوت ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتە پىلان تۈزۈۋاتقان ئوخشايدۇ، ھەر قانداق بىر تەرتىپنى بوش قويۇۋەتمەيدىكەن، شۇڭا كەيجيې ھازىر تۇيۇق يولغا كىرىپ قاپتۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتتى:

-دەرۋەقە ئىچكى ئەھۋال بار ئىكەن، 3-گۇرۇپپىدىكى ھېلىقى بۇرۇن قولدىن ئۆتكۈزگەن بوغالتىرنىڭ ماڭا «ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ» دەپ قايتا-قايتا بېشارەت بەرگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.

-توغرا، قولىڭىزدىكى خامچوت لايىھەسى كەيجېنىڭ يېڭى ئايال باشلىقىنىڭ قولىدىن ئۆتكەن تۇركەن، ئۇ خام چوتنى چوڭايتىپ، ئاندىن ئىجرا قىلىش جەھەتتە يەنە تۇتۇپ قالماقچىكەن، بۇ ئارىلىقتىكى باھا پەرقىنى ئۇ ئۆزى ئالغان ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ چوڭ خوجايىنىمۇ بىلىدۇ، لېكىن كەيجيې دېگەن چوڭ خېرىدار، ھەر يىلى بىر نەچچە چوڭ ماتېرىياللىرى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ باش نازارەتچىڭلار لىندا چوڭ خېرىدارنى خاپا قىلىپ قويۇشنى خالىمىغان گەپ، پەقەت بىر كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئوخشايدۇ، بىراق قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بوغالتىر ئەخمەق ئەمەس، بۇ خام چوت ئىشقا سېلىنىپ قالسا، ناۋادا كېيىن پاش بولۇپ قالسا، بوغالتىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سورىدى:

-ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇنى ئىشلىيەلمىسەم تېخى بولمىسا؟

-رەسمىيلىشەلمىسىڭىز نېمە بولماقچىدى؟ سىز سۈن فېيفېينىڭ قول ئاستىدا ئىشلىسىڭىز ھېچقانداق ئىستىقبالىڭىز بولمايدۇ، ئۇ ھەر ۋاقىت سىزنى ئاۋارە قىلىدۇ.

سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قۇچىقىدىكى چۈن چۈنگە تاماق يېگۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن تەن بەرمەي:

-مەن رەسمىيلەشكەندىن كېيىن ئىستېپا بەرمەكچى،-دېدى.

-ئۇنداق بولسا، سىز يەنە بۇنداق قول كۆيدۈرىدىغان تاتلىق ياڭيۇنى ئېلىپ نېمە قىلىسىز؟

چياۋ لى گۇمان بىلەن سورىدى.

-مەن سۈن فېيفېينىڭ مېنى سەل چاغلىشىنى خالىمايمەن، مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ بۇ يەردە قېلىشقا قۇربىم يەتمەيدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە ئىشلىگۈم يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى،-دېدى سۇ چىڭ مىيىقىدا تۇرۇپ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، چياۋ لى ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى.

-سۇ چىڭ، سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ يەنە مۇشۇنداق ئىشنى قىلىپ يۈرەمسىز دەيمەن؟ سۈن فېيفېيدەك ئادەم سىزنى كۆزگە ئىلمىسا نېمە بوپتۇ؟ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا سىز ئۇنىڭ بىلەن يېرىم دۈشمەن ھېسابلىنىسىز، سىز نېمىشقا ئۇنىڭ سىزگە قانداق قارايدىغانلىقىغا بۇنچە كۆڭۈل بۆلىسىز؟

بۇ چاغدا سۇ چىڭمۇ سەل پەرىشان بولغان ھالدا ئېغىز ئاچتى:

-لېكىن مەن قوبۇل قىلىپ بولدۇم، بۇ ۋاقىتتا يەنە چېكىنىپ چىقسام، بەك ئىقتىدارسىز بولۇپ قالمامدىم؟ ھەي، مەنمۇ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، شۇ چاغدا سۇن فېيفېينىڭ كۆرەڭلەپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ بەك بىئارام بولغانىدىم.

-ھازىر ئۇتتۇرغىنىڭىزغا تەن بېرىش ھەقىقەتەن بىر نومۇس، سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ياخشى قىلسىڭىزلا بولدى، نەتىجىگە كەلسەك، پەقەت سىزنىڭ تەلىيىڭىزگە قارايمىز.

بۇ چاغدا سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ:

-سىزنىڭ ھېلىقى باشلىقىڭىزنىڭ قانداق ياخشى تەكلىپى باركەن؟-دەپ سورىدى.

جياۋ لى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

-ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، سىز مۇنتىزىم تەرتىپ بويىچە خام چوت قىلسىڭىزلا بولىدىكەن، خوجايىننىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىغا كەلسەك، سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب ئەمەسكەن، خوجايىن رازى بولمىسا، يامىنى كەلسە خوجايىن يەنە ئادەم ئالماشتۇرىدۇ، ئىشقىلىپ سىز ئەخمەقلىق قىلىپ قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلسىڭىز بولمايدۇ،-دەپ جاۋاب بەردى.

سۇ چىڭمۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتتى:

-مەن ئەلۋەتتە قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلسام بولمايدۇ، بۇ مېنىڭ كەسپىي ئەخلاقىمغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىر مۈرەمدە يەنە بۇ ئىككى چوڭ مەسئۇلىيەت بار.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ، قۇچىقىدىكى چۈن چۈنگە، ئاندىن يېنىدا ئولتۇرۇپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تاماق يەۋاتقان دۇڭ دۇڭغا قارىدى.

-سىز بۇ نۇقتىنى بالدۇر چۈشەنگەن بولسىڭىز، سۈن فېيفېي بىلەن بۇنداق تەڭلىكتە قالىدىغان ئىشنى قىلمايتتىڭىز.

چياۋ لى تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ سۇ چىڭدىن:

-ھە راست، ھېلىقى لەن رېن سىزنى يەنە پاراكەندە قىلدىمۇ؟-دەپ سورىدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقاردى.

-سىزنىڭچە ئىت پوق يەيدىغان خۇيىنى ئۆزگەرتەلەمتى؟

-بۇ خۇمپەرنى!

چياۋ لى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز سەل دەرغەزەپكە كەلدى.

سۇ چىڭ چياۋ لىنىڭ تىت-تىت بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى.

-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز بىللە قېلىشتىن ساقلىنىمەن، ئۇمۇ مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ. ھازىر يېنىمدا بىر مېۋە بەكىسى ئېلىپ يۈرۈۋاتىمەن، ئۇ نىيىتىنى بۇزۇپ قالسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا تۈزۈت قىلمايمەن!

-بىر دانە مېۋە بەكىسى نېمىنى ئوڭشىيالايتتى؟ قىسقىسى، سىز چوقۇم پەخەس بولۇڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ، قانداق يىغىشتۇرىدىكىن؟

-ماقۇل.

كەچتە، سۇ چىڭ چۈن چۈننى بەزلەپ ئۇخلاتتى، ئاندىن دۇڭ دۇڭنى يۇيۇندۇردى، ئارقىدىن ئۆزى يەنە تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ يۇيۇندى.

بۇ بوش ۋاقىتتا، دۇڭدۇڭ ئوغرىلىقچە ئەتراپتا ئادەم يوقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سۇ چىڭنىڭ سومكىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سىيرىتمىسىنى ئېچىپ، يېرىم كۈن ئاختۇرۇپ، ئاخىرى ئىچىدىن بايا ئۇلار دېگەن مېۋە بەكىسىنى تاپتى.

بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:115-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章