-جو يۆ، مەن سىزدىن بىر ئىشنى سورىماقچى ...
چېن لەننىڭ گەپ قىلغاندىكى ئۇرانىدىن ھېچبىر دوستانىلىكنى سېزەلمىدىم.
-نېمە ئىشتى؟ دەۋرىڭ ...
مەنمۇ ھىچقانداق ھېسسىيات ئارىلاشتۇرماي سۆزلەشكە تىرىشتىم. ھازىرقى پارىڭىزىمىز قىلچە تونۇشمايدىغان ئىككى ئادەمنىڭ پارىڭىغا ئوخشاپ قالاتتى. ئەمما يۈرىكىم تېخى جايىغا چۈشكىنى يوق. يەنىلا جىددىيلىشىۋاتاتتىم.
-نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا نېمىشقا لىن يوۋ بىلەن بىللە تيەنچېڭنى ئۇردىڭىز؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ بۇنداق قىلىش بىلەن نەزىرىمدىن تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەمسىز؟
چېن لەننىڭ توڭ تەلەپپۇزىدىن پۈتۈن بەدىنىم قورۇنۇپ كەتتى. ئاپتاپ شۇنچە ئىسسىق بولسىمۇ، توڭلاۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم.
-چوڭ ئادەمگە چۇشلۇق ئىش قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ ئايرىلىپ كەتكەن تۇرساق، يەنە نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟
چېن لەننىڭ گەپ-سۆزلىرى دەسلىپىدە توڭ بولسا، ئەمدى ۋارقىراش-جارقىراشقا ئۆتتى. مەن بىر دەملىك سۈكۈتتىن كېيىن، مەسخىرە ئارىلاش تەلەپپۇزدا ئاستا جاۋاب بەردىم:
-چېن لەن، ئەزەلدىن سىزنى مېنى چوڭ كۆرسىكەن دەيدىغان تامايىم يوق! يەنە بىر ئىش، مەن چوڭ ئادەمگە چۇشلۇق ئىش قىلامدىم-يوق، ھازىر سىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوققۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ؟
گەرچە جوۋ تيەنچېڭنى مەن ئۇرمىغان بولساممۇ، چېن لەنگە بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرگۈم كەلمىدى.
ئەسلى بۇنداق قوپال تەگسەم چېن لەن تېخىمۇ چالۋاقاپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، باشقىچە بىر خىل سىپايىلىك بىلەن مۇنداق دېدى:
-جويۆ، بىز ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، ئەمەلىيەتچىل بولۇڭ، ماقۇلمۇ؟ نېمىشقا تېخىمۇ كۈچلۈكرەك بولالمايسىز؟ بىللە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ساۋاقداشلىرىمىزغا قاراپ بېقىڭە، كۆپىنچىسىنىڭ ھال-كۈنى سىزدىن ياخشى، نېمىشقا ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلىيالمايسىز؟ باشقىلاردىن ئۆچ ئالىدىغان بۇنداق كىچىك بالىدەك ئويۇن ئوينىشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟
چېن لەن دېگەن گەپلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا مەن ئىقرار، دېمىسىمۇ راست، جېنىمنى تۈزۈك بېقىپ كېتەلىگىنىم يوق. لېكىن شۇنداقتىمۇ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندۇم: «مېنىڭ ھالىمنىڭ قانداقلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما سىزگە شۇنى دەپ قوياي، بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز، مېنىڭ ھېچكىمدىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىم يوق».
چېن لەن گېپىمنى زادىلا ئاڭلىمىدى، ئۇ ئۆزىچە ئۇھسىنىپ دېدى: «ۋاي بولدىلا! ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات! سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ...».
چېن لەن دەيدىغىنىنى دەپ بولۇپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار