كىيۇرى خانىمنىڭ ئۆز تەرجىمىھالى: مېنىڭ ئائىلەم

文摘   2024-11-12 20:02   新疆  


ئامېرىكىلىق دوستلىرىم ماڭا ھايات ھېكايەمنى يېزىپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەندە دەسلەپتە بۇ تەكلىپ ماڭا تولىمۇ يات تۇيۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ئۇلار مېنى يەنىلا قايىل قىلدى. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ ئۆز تەرجىمىھالىمنى مېنىڭ بارلىق شەخسىي ھېس تۇيغۇلىرىمنىڭ تولۇق ئىپادىلىنىشى ياكى ئېسىمدە قالغان ھەممە ئىشلارنىڭ تەپسىلىي بايانى دەپ قارىمايمەن.
شۇنىسى ھەقىقەتكى، بىزنىڭ نۇرغۇن ھېس-تۇيغۇلىرىمىز يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارا بارا ئۆزگىرىپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي باشقىچە بىر نەرسىلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بەزى ۋەقەلەرمۇ ئەينى چاغدىكى مۇھىملىقىنى يوقىتىپ، خاتىرىمىزدە خۇددى باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر ئىشلاردەك ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق ھاياتتا يەنە بەزى ئاساسىي يۆنىلىشلەر ۋە مەڭگۈ داۋاملاشقۇچى ئۆزگەرمەس لىنىيەلەرمۇ بولىدۇكى، بىر نەچچىلا تۈپ ئىدىيە ۋە كۈچلۈك ھېس تۇيغۇ تىرەپ تۇرىدىغان مۇشۇ يول بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى، كىشىلىك خاراكتېرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
مەن ئۆزۈمنىڭ بىر تالاي قىيىنچىلىقلارغا تولغان ھاياتىمنى تەسۋىرلەشتە دەل مۇشۇ ئەڭ ئاساسىي يۆنىلىش ۋە ئەڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكلەرنىلا قەلەمگە ئالدىم، ئىشىنىمەنكى مېنىڭ بۇ ھېكايەم مەن ياشىغان، خىزمەت قىلغان ئاشۇ چاغلاردىكى روھىي ھالىتىم ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق بىر چۈشەنچە بېرەلەيدۇ.
مەن پولشالىق، ئىسمىم مارىي سىكلودوۋسكا. ئاتام-ئاپام ئىككىلىسىلا پولشادىكى كىچىك زېمىندار ئائىلىسىدىن چىققان. دۆلىتىمىزدە مۇشۇنداق كىچىك ۋە ئوتتۇراھال زېمىندار ئائىلىلەر بەكلا كۆپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ناھايىتى ئىرماش چىرماش. تا ھازىرغا قەدەر پولشا زىيالىيلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپى دەل مۇشۇ زېمىندار ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدىن يېتىشىپ چىقماقتا.
مېنىڭ ئاتا تەرەپ چوڭ دادام بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلكىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇدىرلىق قىلاتتىكەن. ئاتام ۋىلادىسلاۋ سىكلودوۋسكى بولسا ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ چىقىپتۇ، ئۇ رۇسىيەدىكى پېتروگراد داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن پولشاغا قايتىپ كېلىپ داۋاملىق مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاخىرىدا ۋارشاۋادىكى بىر شۆيۈەندە فىزىكا ۋە ماتېماتىكا پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلەپتۇ. ئۇ مىجەز ۋە قىزىقىش جەھەتتە ئۆزى بىلەن بىر يولدىكى بىر قىز بىلەن، يەنى ئاپام بىرونسلاۋا سىكلودوۋسكا بىلەن توي قىلغان، ئاپام ئەينى چاغدا بەكلا ياش بولۇشىغا قارىماي ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى ياخشى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن ئايال بولۇپ، ئاشۇ چاغدا ۋارشاۋادىكى ئەڭ ياخشى قىزلار مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە مۇدىر ئىكەن.
ئاتام ۋە ئاپام ئۆز كەسپىگە بارلىقىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە بېغىشلىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار پولشانىڭ ھەممىلا يېرىگە تارالغان سانسىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە ھېلىھەم چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن يادلىنىپ تۇرماقتا. مەن ھازىرمۇ پولشانىڭ نەرىگىلا بارماي ئاتام ئاپاملارنى ئەڭ گۈزەل سۆزلەر بىلەن تىلغا ئالىدىغان كىشىلەرنى چوقۇم ئۇچراتماي قالمايمەن.
ئاتام ئاپاملار گەرچە ئىزچىل شەھەردە مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئەمما يېزىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىز بىلەنمۇ قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. مەن تەتىللىرىمنى ئاساسەن سەھرادىكى ئاشۇ تۇغقانلىرىمىزنىڭكىدە ئۆتكۈزەتتىم. سەھرا ھاياتى مېنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە تارتىپلا تۇراتتى، چۈنكى ئۇ ماڭا تولۇق ئەركىنلىك تۇيغۇسى ۋە پولشا يېزىلىرىنى ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتى بېرەتتى. ئىشىنىمەنكى مەندىكى ئانا تەبىئەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببەت دەل زامانىۋىي ئىستىراھەت كەنتلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئاشۇ سەھرا مۇھىتىدىكى ئۇنتۇلماس كەچۈرمىشلەر جەريانىدا شەكىللەنگەن.
مەن 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋارشاۋادا تۇغۇلدۇم. مەن بەش بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدىم، بىراق ئەڭ چوڭ ئاچام زوفىيە 14 يېشىدىلا تۈگەپ كېتىپ، ئۈچ قىز بىر ئوغۇل تۆتىمىز قالدۇق. قىزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ئېلىپ كەلگەن قاتتىق روھىي ئازاب ۋە ئېغىر كېسەل ئاپامنى ئازابتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويايلا دېگەن يولدىشى ۋە كىچىك بالىلىرىدىن ئايرىپ 42 يېشىدىلا بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەتتى. ئاپام تۈگەپ كەتكەندە مەن ئاران توققۇز ياشتا ئىدىم، ئاكام جوزېفمۇ ئەمدىلا 13كە كىرگەن ئىدى.
ئاچام ۋە ئاپامنىڭ ۋاپاتى بالىلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر بالا قازا، ئەڭ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيە ئىدى. مەن قاتتىق ئازابلاندىم. ئاپام ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئايال ئىدى. ئۇ ناھايىتى بىلىملىك، تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئۆزىنى كەسپكە شۇنچە ئاتىۋەتكەن ۋە مۇلايىم خۇيلۇق بولۇشىغا قارىماي ئائىلىدە يەنىلا ھەممىمىز ئەيمىنىدىغان تەلەپچان بىر ئانا ئىدى. ئۇ ئۆز ئېتىقادىغا ناھايىتى سادىق (ئاتام ئاپام ئىككىلىسى كاتولىك مۇرتى ئىدى)، بىراق ھەرگىزمۇ مۇتەئەسسىپ ئەمەس ئىدى. ھەر خىل ئېتىقادلار ئارىسىدىكى پەرقلىق كۆز قاراشلاردىن قىلچە بىئارام بولمايتتى. ئۆز پىكرىنى ھېچكىمگە زورلاپ تاڭمايتتى. مەن ئاپامنى قانچە مەدھىيەلىسەممۇ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرىنى قانچە ئۇلۇغلىساممۇ ھەرگىز كۆپتۈرىۋەتكەن بولمايمەن. قەلبىمدە كىچىك بىر قىزنىڭ ئاپىسىغا بولغان تەبىئىي سۆيگۈسى ھەر قاچان چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن يۈكسەك قايىللىق بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن ئىدى.
ئاپامنىڭ ۋاپاتى ئاتامغا بەك ئېغىر زەربە بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۆز كەسپىگە ۋە بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئاتىۋەتتى. ئۇ زىممىسىگە ئالغان خىزمەت يۈكى بەكلا ئېغىر بولۇپ، ئاساسەن ئۆزىگە بوش ۋاقىت بەرمەيتتى. بىز خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆيىمىزنىڭ روھىي تۈۋرۈكى بولغان ئاپامدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈچى ئېغىر تەسىرىدىن قۇتۇلالمايلا ئۆتتۈق.
بىز بەش قېرىنداش ئوقۇش ھاياتىمىزنى ناھايىتى كىچىك ياشتىلا باشلىغانمىز. مەن ئالتە ياشتىلا مەكتەپكە كىرگەن بولۇپ، سىنىپ بويىچە ئەڭ كىچىك، بويۇممۇ ئەڭ پاكار بولغاچقا، مەكتەپكە مېھمانلار كەلسىلا مۇئەللىم چوقۇملا ئەڭ ئالدىنقى پارتىدا ئولتۇرىدىغان مېنى مۇنبەرگە چىقىرىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدۇراتتى ياكى تېكىست ئوقۇتاتتى. بۇنىڭ مەن ئۈچۈن قانچە زور سىناق ئىكەنلىكىنى دېمەيلا قوياي. نېمىشقا دېسىڭىز مەن بەكلا ئىچ مىجەز، تارتىنچاق ئىدىم. مۇئەللىم ئىسمىمنى چاقىرىپ بولغۇچە ئالاقزادە بولۇپ قاچىدىغان بۇلۇڭ، مۆكىدىغان كۇلۇڭ ئىزدەيتتىم. مۇنەۋۋەر بىر مائارىپچى بولغان دادام بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى، بىزنى قانداق يېتەكلەشنىمۇ ئوبدان بىلەتتى، بىراق ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، بىز باشتا شەخسىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولساقمۇ، كېيىن يەنىلا ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدۇق.
ۋارشاۋا ئەينى چاغدا چاررۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، بۇ رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىقنىڭ تەسىرىنى مائارىپ ساھەسىدە ئەڭ روشەن ھېس قىلىشقا بولاتتى.
گەرچە مېنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم مىللىي ئېزىلىش ۋە ئاپام، ئاچاملارنىڭ ۋاپاتى ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، مېنىڭ ھەر ھالدا بەزى خۇشال ئەسلىمىلىرىممۇ يوق ئەمەس. ئۇرۇق تۇغقانلار ۋە دوستلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتۈش قايغۇلۇق ۋە ئالدىراش ھاياتىمىزغا مەنە قېتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتام ئەدەبىياتقا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، پولشا ۋە چەتئەل شېئىرىيىتى بىلەن خېلى ئوبدانلا تونۇش ئىدى. ئۇ ئۆزىمۇ شېئىر يازاتتى ۋە باشقا تىللاردىكى شېئىرلارنى پولەكچىگە ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن تەرجىمە قىلالايتتى. شەنبە كېچىلىرى ئۇ بىزگە پولشا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ نادىر نەسرىي ۋە شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ گۈزەل كېچىلەر بىزگە ئالەمچە خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر بەخش ئېتەتتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەتتى.
شۇڭلاشقىمىكىن مەنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپلا شېئىرغا قاتتىق ئىشتىياق باغلىغان ئىدىم، ئۇزۇن ئۇزۇن شېئىرلارنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن يادلايتتىم. پولشا شائىرلىرى ئىچىدە ئادام مىسكېۋىچ (Adam Mickiewecz)، زىگمۇنت كىراسىنسكى (Zygmunt Krasinski) ۋە جۇلىيۇس سىلوۋاكى (Julius Slowacki)لارنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتىم. شېئىرغا بولغان ئىشتىياقىم چەتئەل ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى. مەن ناھايىتى كىچىك ياشتىلا فىرانسۇز، گېرمان ۋە رۇس تىللىرىنى ئۆگىنىشنى باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇشۇ تىللاردا يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم. مەن كېيىن ئىنگىلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىشىم لازىملىقىنى ھېس قىلدىم ۋە شۇ ھامان ئۆگىنىشنى باشلاپ، تېزلا ئىنگىلىزچە كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ھالەتكە يەتتىم.
ئەپسۇسكى مېنىڭ مۇزىكا بىلمىم ناھايىتى چەكلىك. ئاپام مۇزىكانت ئىدى، ناخشىنىمۇ بەك چىرايلىق ئېيتاتتى. ئۇ بىزنىڭ مۇزىكا ئۆگىنىشىمىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەن ئىلھام ۋە رىغبەت مەنبەيىمدىن ئايرىلىپ قالدىم ۋە مۇزىكىنى تاشلىۋەتتىم، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىمەن.
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتۈلىدىغان ماتېماتىكا ۋە فىزىكا دەرسلىرى ماڭا قىلچە ئېغىر كەلمەيتتى. بۇ پەنلەرنى ئۆگىنىشتە مەن قانداقلا بىر مەسىلىگە دۇچ كەلسەم ئىلىم پەنگە ئاشىق، كەسپىمۇ شۇ بولغان ئاتام ھەر ۋاقىت ياردەمگە تەييار ئىدى. ئۇ ئانا تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ سىرلىرى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغانلىكى بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى بىزگە يەتكۈزۈشتىن خۇشاللىق تاپاتتى. شۇغىنىسى ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسى بولمىغاچقا، ئۆزى قول سېلىپ تەجرىبە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئامالسىز ئىدى.
تەتىل كۈنلىرىمىز باشقىچە گۈزەل ئۆتەتتى. بىز ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىكى شەھەردىن قېچىپ سەھرادىكى ئۇرۇق تۇغقان ۋە دوستلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە پاناھلاپ كېتەتتۇق. ئۇ يەردە زېمىندارلار قاتلىمىغا خاس ئەنئەنىۋىي ئائىلە ھاياتى بىزنى قوينىغا ئالاتتى. بىز سەھرا بالىلىرى بىلەن بىللە گاھ ئورمانلىقتا دەرەخلەر ئارىسىدا قوغلىشىپ ئوينىساق، گاھ تاناپتەك تەپتەكشى كۆز يەتكۈسىز ئېتىزلاردا شادىيانە تېرىم ئىشلىرىغا قاتنىشاتتۇق. ۋەتىنىم پولشا ئۇ چاغلاردا تېخى بىرلىككە كەلگەن مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس بولۇپ، چاررۇسىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بۆلۈشۈپ بېسىۋالغان ئىدى. بىز بەزىدە ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان چاررۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى پولشا چېگرىسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا مېڭىپ گالىتسىيە تاغلىق رايونىغىچە باراتتۇق. ئەينى چاغدا پولشانىڭ بۇ پارچىسى ئاۋستىرىيەگە قارايتتى، بۇ يەرلەر نىسبەتەن ئەركىن بولۇپ، ئېزىلىشمۇ ھەر ھالدا چاررۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى پولشادىكىدەك ئۇنچە ئېغىر ئەمەس ئىدى.
مەن تۈزلەڭلىكتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولغاچقا ئاشۇ قېتىملىق تاغ سەپىرىم مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن كارپاسىيە تاغلىق يېزىلىرىدا ناھايىتى خۇشال كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم. نەيزىدەك ئۇچلۇق چوققىلار ئاجايىب گۈزەل ئىدى. مەن ئېگىز پەس تۆپىلىكلەر ۋە زۇمرەتتەك تاغ كۆللىرىنى ھوزۇر بىلەن تاماشا قىلاتتىم، بۇ سۈرەتتەك چىرايلىق تاغ كۆللىرىنىڭ شېئىرىي پۇراققا تولغان ئىسىملىرىمۇ باشقىچىلا گۈزەل بولۇپ ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئامراقلىقىنى قوزغايتتى، مەسىلەن بىر كۆلنىڭ ئىسمى «دېڭىز كۆزى» ئىدى. بىراق مەيلى مەن نەگىلا بارماي مېنىڭ قەلبىمدىكى ئاشۇ بىپايان ئۇپۇق ۋە ئۇلۇغ تۈزلەڭلىككە بولغان سېغىنىش ۋە مۇھەببەت بىر دەقىقىمۇ سۇسلاپ باققىنى يوق.
كېيىن مەن ئاتام بىلەن بىللە تېخىمۇ جەنۇبتىكى پودولىيە رايونىغا بېرىپ تەتىل ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ۋە ئودېسسادا تۇنجى قېتىم دېڭىز بىلەن ئۇچراشتىم، كېيىنچە يەنە شىمالدا بالتىق دېڭىزىنىمۇ كۆردۈم. بۇ ئاجايىب گۈزەل بىر كەچۈرمىش ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن فىرانسىيەدىلا ئاندىن ھەقىقىي ئوكياننىڭ غايەت زور ۋە ئۆزگىرىشچان دولقۇنلىرى بىلەن رەسمىي تونۇشتۇم. ھاياتىم بويى ئانا تەبىئەتنىڭ ھەر بىر يېڭى مەنزىرىسى مېنى بالىلارچە ھاياجانغا تولدۇرۇپ كەلدى.
بىزنىڭ مەكتەپ ھاياتىمىز ئەنە شۇنداق ئۆتتى. ئوقۇش پۈتكەندە ھەممىمىز ئىلمىي خىزمەتلەرگە ئاتلىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئاساس توپلىغان ئىدۇق. ئاكام جوزېف تىببىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللاندى ۋە كېيىن ۋارشاۋادىكى بىر مەشھۇر دوختۇرخانىنىڭ باش دوختۇرى بولۇپ قالدى. بىز ئۈچ ئاچا سىڭىل ئەسلى ئاتا ئانىمىزنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشقا كېلىشكەن ئىدۇق. بىراق چوڭ ئاچام بىرونسلاۋا كېيىنچە قارارىنى ئۆزگەرتىپ تىبابەتتە ئوقۇشنى تاللىدى. ئۇ پارىژ داشۆسىدە مېدىتسىنا پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالدى ۋە پولشالىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى دىلۇسكى بىلەن توي قىلدى، كېيىن ئەر ئايال ئىككىسى ئاۋستىرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى پولشا تەۋەسىگە كۆچۈپ بېرىپ، سۈرەتتەك گۈزەل كارپاسىيە تاغلىرىدا چوڭ بىر تىببىي ساناتورىيە قۇردى. كىچىك ئاچام ھېلېنا بولسا ۋارشاۋادا سالاي ئەپەندى بىلەن توي قىلدى ۋە ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. پولشا مۇستەقىل بولغاندا ئۇ بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ، ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدى.
مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇدۇم، مەكتەپ  پۈتتۈرگەندە ئاران 15 ياشتا ئىدىم. بىراق مەن ئۆزۈمنى ئوقۇشقا زىيادە ئۇرۇپ كەتكەنلىكىم تۈپەيلى بەدىنىم قاتتىق چارچاپ، سالامەتلىكىمدىن مەسىلە كۆرۈلدى، شۇڭا مەكتەپ پۈتۈشىگىلا يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ يېنىدا بىر يىلچە ئارام ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئاندىن مەن يەنە ۋارشاۋاغا، ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم. مەن باشتا ھەقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئويلىغان ئىدىم، بىراق ئائىلە شارائىتىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا قارارىمنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئاتام قېرىپ قالغان، چارچىغان بولۇپ، ئارامغا مۇھتاج ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كىرىمى ناھايىتى ئاز ئىدى. شۇڭا مەن بىر نەچچە بالىسى بار زېمىندار بىر ئائىلىدىن كەلگەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىلىق خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم. شۇنداق قىلىپ 17گىمۇ تۈزۈك كىرمىگەن مەن ئاتامدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ھاياتنى باشلىدىم.
ئاشۇ قېتىملىق ئايرىلىشنى ياشلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۆچمەس خاتىرىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تا ھازىرغىچە ئېنىق ئەسلەيمەن. پويىزغا يۈك تاقلىرىمدىن باشقا تولىمۇ بىر ئېغىر بىر يۈرەكنى ئېلىپ چىققان ئىدىم. پويىز مېنى ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمدىن ئايرىپ نەچچە سائەتلىك مۇساپە نېرىغا ئېلىپ كېتەتتى. پويىزدىن چۈشۈپمۇ يەنە ماشىنىلىق توپتوغرا بەش سائەت ماڭسام ئاندىن مەنزىلىمگە باراتتىم. «مېنى قانداق بىر قىسمەتلەر كۈتۈۋاتقاندۇ ھە؟» پويىز دېرىزىسىدىن چەكسىز دالىغا قاراۋېتىپ ئىچىمدە ئۆزۈمدىن مۇشۇنداق سورايتتىم.
مەن بارغان بۇ ئائىلىدىكى ئاتا بىر ئاگرانوم (يېزا ئىگىلىك ئالىمى) ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ قىزى مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولۇپ، ئوقۇش جەريانىدا ئۇ بارا بارا ئوقۇغۇچۇملا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ قابىل ياردەمچىم، ياخشى ھەمراھىم بولۇپ قالدى. بۇ ئائىلىدە يەنە بىر ئوغۇل، بىر قىز ئىككى كىچىك بالىمۇ بار ئىدى. مەن بۇ ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتىم. بىز كۈندە دېگۈدەك دەرستىن يېنىپلا بىللە سەيلىگە چىقاتتۇق. سەھرانى ياخشى كۆرىدىغان مەن بۇ يەردە ئازراقمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلمىدىم. گەرچە بۇ يېزىنى سۈرەتتەك چىرايلىق دەپ تەسۋىرلىگىلى بولمىسىمۇ، بىراق مەن يەنىلا ئۇنىڭ ھەممە پەسلىدىن تولۇق رازى ئىدىم. بۇ قورۇقتىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى مېنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىدى، بۇ يەردىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرى پۈتكۈل رايوندا ئۈلگە قىلىناتتى. مەن مۇشۇ ئائىلىدە تۇرۇش جەريانىدا تېرىم ۋە يىغىم ئىشلىرىنىڭ ھەر بىر تەپسىلىي ھالقىلىرى بىلەن، ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقتىم. ئۇرۇقلارنىڭ بىخلىنىپ چىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى قاتتىق قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىلكىدە كۆزەتتىم. قورۇقتىكى ئاتلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ كەتتىم.
بىپايان تۈزلەڭلىكنىڭ قېلىن قار بىلەن قاپلانغان قىش كۈنلىرىدىمۇ گۈزەللىك ھەرگىز كەم بولمايتتى. بىز ئات چانىسىدا يىراق يىراقلارغا بېرىپ ئويناپ كېلەتتۇق. بەزى جايلاردا قار شۇنداق قېلىن ئىدىكى، يولنى پەقەتلا كۆرگىلى بولمايتتى. بىراق ھارۋىكەش غېمىدە يوق ئۇچقاندەك كېتىۋېرەتتى. «ئېھتىيات قىلىڭ، ئازگال باركەن!» دەپ ۋارقىرايتتىم مەن. «ئاپلا، چۈشۈپ كېتىدىغان بولدۇق!». لېكىن مېنىڭ بۇ ئەندىشىلىرىم ھارۋىكەشنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقامدىغان دەيسىز. «قورقماڭ» دەيتتى ئۇ نەق ئازگالنىڭ ئۈستىدىن خىرامان ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ. بىراق راستىنى ئېيتقاندا دەل مۇشۇ دوقاللار چانا سەيلىمىزگە تېخىمۇ خۇشاللىق قوشاتتى.
بىر يىلى قىشتا قار ئادەتتىن تاشقىرى قېلىن ياغدى، ئېتىزلاردا قار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئىدى، بىز بەھەيۋەت بىر قار ئۆي ياسىدۇق ۋە ئاشۇ ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىپايان قارلىق دالىنى تاماشا قىلدۇق. بىز يەنە قېلىن مۇز تۇتۇپ كەتكەن دەريادا تېيىلىپ ئوينايتتۇق ۋە بىر تەرەپتىن ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشنىمۇ ئۇنۇتمايتتۇق، چۈنكى ھاۋا ئىسسىپ كەتسە مۇز ئېرىپ كېتىپ دەرياغا چۈشۈپ كېتىشتىنمۇ ئەنسىرەيتتۇق.
بۇ ئائىلىدىكى ئۈچ ئوقۇغۇچۇم مېنىڭ ھەممە ۋاقتىمنى ئىگىلەپ كەتمەيتتى، شۇڭا مەن بىر كىچىك ساۋات چىقىرىش سىنىپى ئېچىپ، يېزىدىكى چاررۇسىيە مەكتەپلىرىگە بارالمايدىغان بالىلارنى ئوقۇتۇشقا باشلىدىم. بۇ ئىشتا ئۆيدىكى چوڭ قىز ماڭا ھەمدەمدە بولدى. بىز كىچىك بالىلارغا ۋە ئۆگىنىشنى خالايدىغان قىزلارغا ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەتتۇق. بىز يەنە بالىلار بىلەن بىللە پولەكچە كىتابلارنى ئوقۇيتتۇق. ئاتا ئانىلار بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدى. بىراق مۇشۇ ئىشىمىزمۇ خەتەردىن خالىي ئەمەس ئىدى، چۈنكى چاررۇسىيە دائىرىلىرى بۇنداق مائارىپ ئىشلىرىنى قاتتىق چەكلەيتتى، بايقىلىپلا قالساق تۈرمىگە كىرىش ياكى يىراق سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىش خەۋپى بار ئىدى.
مەن كېچىلەرنى ئاساسەن ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزەتتىم. مەن پېتروگرادتا ۋە چەتئەللەردە نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىر نەچچە ئايالنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇلاردىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدىم، شۇڭا مەن ئاشۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىش ئۈچۈن دەسلەپكى تەييارلىق بىلىملەرنى پۇختا ئۆگىنىپ ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرۈش نىيىتىگە كەلدىم.
بىراق مەن ئاشۇ چاغلاردا زادى قايسى ساھەنى تۇتۇپ مېڭىشنى تېخى قارار قىلىپ بولالمىغان ئىدىم. ئەدەبىيات ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرىگە بولغان ئامراقلىقىم ھەرگىزمۇ تەبىئىي پەنلەرگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىمدىن كەم ئەمەس ئىدى. سەھرادا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىش بىلەن يالغۇز ئۆتكەن ئاشۇ ئۈچ يىل جەريانىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشىمنى ئاستا ئاستا تېپىۋېلىشقا تىرىشتىم. نەتىجىدە مەن ئاخىرى ماتېماتىكا ۋە فىزىكىغا يۈزلەندىم، شۇنداقلا كەلگۈسىدە مۇشۇ ساھەدە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتىم. مەن پارىژدا ئوقۇشنى شۇ چاغلاردىلا ئويلاپ قويغان ۋە شۇ گۈزەل شەھەردە بىر مەزگىل ئوقۇش ۋە ياشاشقا يەتكۈدەك پۇل غەملەشنىڭ پېيىگە چۈشكەن ئىدىم.
مېنىڭ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىش جەريانىم قاتمۇقات قىيىنچلىقلارغا تولغان ئىدى. ئالدى بىلەن مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا ئۆگەنگەنلىرىم تولىمۇ يۈزەكى نەرسىلەر بولۇپ، فىرانسىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلىدىغان ئىلىم پەن دەرسلىرىنىڭ سالمىقىغا ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە بەزى كىتابلارنى تەۋەككۈلگىلا تاللاپ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىپ بۇ پەرقنى كىچىكلەتمەكچى بولدۇم. بۇ ئۇسۇلنى گەرچە بەك ئۈنۈملۈك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ پۈتۈنلەي ئەسقاتمايمۇ قالمىدى. مەن شۇ ئارقىلىق كەلگۈسى ئوقۇش ھاياتىمدا لازىم بولىدىغان بەزى زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنىۋېلىپلا قالماي يەنە ئەڭ مۇھىمى مۇستەقىل پىكىر قىلىپ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىش ئادىتىنىمۇ يېتىلدۈرىۋالدىم.
چوڭ ئاچام پارىژغا بېرىپ تېبابەت ئۆگىنىشنى قارار قىلغاندا مەن كەلگۈسى پىلانلىرىمنى ئازراق تەڭشەشكە مەجبۇر بولدۇم. بىز ئاچا سىڭىللار ئۆز ئارا قوللاشقا ۋەدىلەشكەن ئىدۇق، بىراق ئىقتىسادىي شارائىتىمىز ھەر ئىككىمىزنىڭ تەڭلا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشىمىزغا يار بەرمەيتتى. شۇڭا مەن سەھرادىكى ئاشۇ ئائىلىدە توپتوغرا ئۈچ يېرىم يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم ۋە ئۈچ ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئوقۇشىنى تاماملاپ بولۇپ ئاندىن ۋارشاۋاغا قايتىپ كەلدىم. بۇ يەردىمۇ ئوخشاش بىر خىزمەت مېنى كۈتۈپ تۇراتتى.
مەن بۇ يېڭى ئائىلىدە بىر يىللا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئاتامنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدىم، ئۇ يېقىندىلا پېنسىيەگە چىققان بولۇپ ئۆزى يالغۇز تۇرۇۋاتاتتى. بىز بىللە ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر يىلنى ئۆتكۈزدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى، مەن بولسام شەخسىي كۇرسلارنى ئېچىپ ئانچە مۇنچە ئىقتىساد توپلاپ، ھامان بىر كۈنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى كۆرەتتىم.
ئاشۇ كۈنلەردە مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ماڭدىم. چاررۇسىيە كونتروللۇقىدىكى ۋارشاۋادا بۇنداق قىلىش ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمايتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە ئۆگىنىش پۇرسىتى ھەر ھالدا سەھرادىكىگە قارىغاندا كەڭرەك ئىدى. مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى شۇكى، مەن مۇشۇ جەرياندا ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم رەسمىي تەجرىبىخانىغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم: مېنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنىم شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كىچىك بىر فىزىكا تەجرىبىخانىسىدا باشقۇرغۇچى ئىدى. مەن ئۇنىڭ ياردىمىدە تەجرىبىخانىغا ئارىلاپ كىرەلىسەممۇ، بىراق ئۇزۇن تۇرالمايتتىم، لېكىن تەلىيىمگە يارىشا كەچلىرى ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى تەجرىبىخانا مانا ئوڭچە قالدى. مەن فىزىكا، خىمىيە دەرسلىك كىتابلىرىمدا ۋە ئىلمىي ماقالىلىرىدە تونۇشتۇرۇلغان ھەر خىل تەجرىبىلەرنى ئىشلەيتتىم، بەزىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئويلىمىغان يەردىن چىقاتتى. بەزىدە كۈتۈلمىگەن كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەتتىن ئىلھاملانسام، يەنە بەزىدە تەجرىبىسىزلىكىم تۈپەيلى ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كېتەتتىم. بىراق ئومۇمەن ئېيتقاندا مەن مۇشۇ جەرياندا ئىلىم پەن دۇنياسىدا تۈپتۈز ۋە ئاسان يولنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىش بىلەن بىللە، ئاشۇ تۇنجى تەجرىبىلەر مېنىڭ فىزىكا ۋە خىمىيە ساھەسىنى تاللىشىمنىڭ توغرا بولغانلىقىغا يەنىمۇ چوڭقۇر ئىشىنىشىمگە تۈرتكە بولدى.
داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 111-قىسىم
 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار



Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章