ۋۇ نېڭ ئەمدىلا ئۆزىنى خېلى ئوڭشىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ تۇرىشىغا تۇيۇقسىز يان تېلېفون سايراپ ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇ ئالدىراپلا يان تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، يان تېلېفوندىن قاۋاقخانا ئالدىدا لىن مېيلىنى يۆلىگەن ئايالنىڭ ھەيۋە بىلەن قىلغان چىرقىراق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى: -شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ نېمىشقا تېخىچە ئۇنى ئاپىرىپ قويمىدىڭىز؟ قارىغاندا سىز كەسپىي خىزمەتچى ئەمەس ئوخشايسىز، مەن سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلمايدىغان بولسام خەپ!-ياق، ياق، بايا ئاپتوموبىل ئىگىسى ياندۇرۋەتتى، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا يول بويىدا ئۇ ياندۇرۇپ بولغىچە ساقلاپ تۇرغان، ئۇ ھازىر تېخى ياندۇرۇپ بولدى، مەن ئۇنى ناھايتى تېزلا ئاپىرىپ قويىمەن. ۋۇ نېڭ ئامالسز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاچقا قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى ئۇنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگىنىگە ئاران تېخى بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش شىركىتىنىڭ ئىككى يىللىق ئۆلچىمىگە ھەرگىزمۇ يەتمەيتتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش شىركىتىدە ئىشلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دوستى كېپىل بولغان ئىدى، ناۋادا ئەرز قىلىنىپلا قالسا ئۇنىڭ تۈگەشكىنى شۇ ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ بۇنداق ياخشى كىرىم قىلىدىغان قوشۇمچە خىزمەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنچىلىك يالغان گەپنى قىلىشتىن باش تارتمايدۇ ئەلۋەتتە.ھازىر پەن-تېخنىكا ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولغاچقا خېرىدار ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىنى يان تېلېفوندىلا چاقىرغان بولۇپ، شۇڭا ئۇ تېلېفون قىلغان قىز ھەر ۋاقىت يان تېلېفونىدا شوپۇرنىڭ ئورنىنى بىلىپ تۇرالايدۇ، ۋۇ نېڭغا بەرگەن 200 يۈەن نەق پۇل بولسا، يان تېلېفوندا ھەق تۆلەشتىن سىرت بېرىلگەن تاپان ھەققى ئىدى.ۋۇ نېڭ ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلىپ يۈرۈپ ئۆزىگە ۋاقتىنچە ئىشەندۈرگەندىن كېيىن تېلىفوننى قويۇپلا چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالدى، ئاندىن لىن مېيلىنى ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا ئولتۇرغۇزماقچى بولغاندا ئۇنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىنىڭ يېرىم ئېچىلىپ قالغان كۆكسىگە چۈشۈپ قالغىننى كۆرۈپ ئۇنىڭ بەدىنى يەنە قىزىشقا باشلىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ يوتىسىنى قاتتىق بىرنى چىمدىۋالغاندىن كېيىن ھوشىنى يىغىپ ئۆز-ئۆزىگە: -ۋۇ نېڭ بۇ سېنىڭ سىنىپ مۇدىرىڭ، يەنە كېلىپ خىزمىتىڭنى ياخشى قىلمىساڭ بۇندىن كېيىن تاماق قاچاڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسەن.ئەمەليەتتە قايسىسىنىڭ قانداقلىقى ۋۇ نېڭنىڭ ئۆزىگە ئايان، پەقەت بۇ ئىشتا بىر ئاز ئەپسۇسلىنىشلا بار خالاس، بۇ گۈزەل ئايال مەكتەپتە كىشىلەرنىڭ ئاشنىسى بولۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ ئۇنىڭغا كۆيۈپ يۈرگەنلەر ساماندەك، يەنە تېخى نۇرغۇن بويتاق ئەر مۇئەللىملەرنىڭمۇ چۈشىدىكى ئاشىقى ئىدى.ۋۇ نېڭ ماي كىلاپانىغا ئەمدى دەسسەي دەپ تۇرۇشىغا بىردىنلا ئۆزىنىڭ ئىشتىنى تارتىلغاندەك ھېس قىلىپ، بېشىنى تۆۋەنگە قىلىپ قارىۋىدى، لىن مېينىڭنىڭ سول قولى ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى، ۋۇ نېڭ دەرھال ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ غودۇڭشىپ: -قارىغاندا سىز ئاشۇ قىلىشقا بەكلا تەقەززا بولۇپ كەتكەندەك قىلىسىز، بىراق مەن ئالدى بىلەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويمىسام بولمايدۇ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئەمدى ئىشتىنىمغا چېقىلماڭ بولامدۇ!ۋۇ نېڭ ئاپتوموبىلنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ لىن مېيلىنىڭ ئۆيىنىڭ يەر ئاستى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا كەلدى، ئۇ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندىن كېيىن ئاپتوموبىلنى ئىچىگە توختاتماقچى بولۇپ ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ھەيدەپ بۇ قىممەت باھالىق ئاپتوموبىلنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانماقچى بولدى، لېكىن ئاپتوموبىل ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا كىرىپ بولىدىغانغا ئازلا قالغاندا، تۇيۇقسىز لىن مېيلى ۋۇ نېڭنىڭ مۈرىسىگە يۆلىنىپ قالدى. لىن مېيلىنىڭ بىر جۈپ يۇمران قولىمۇ يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ۋۇ نېڭغا ئېتىلىپ كەلدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ قولى قىلچە رەھىم قىلىپ تۇرماستىن ۋۇ نېڭنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا بىۋاسىتىلا قول سالدى.-ھەي! سىز نېمە ئىش قىلۋاتىسز؟ تېز قولىڭىزنى تارتىڭ! ۋۇ نېڭ بۇ ئىشتىن بىردىنلا ئالاقزادە بولۇپ، ئۆزىنى باشلىقىلارنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ لىن مېيلىنىڭ قولىنى تارتىۋەتمەكچى بولدى، لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى لىن مېيلىنىڭ بۇ بىر قېتىملىق قالتىس ماھارىتى بىلەن گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز قوشۇلۇپ ۋۇ نېڭنىڭ بېشى رولغا قاتتىق سوقۇلۇپ كەتتى. ۋۇ نېڭ بېشىنى تۇتقىنىچە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا قارىغىنىدا، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى تەرىپى ئىسكىلاتقا سوقۇلۇپ پۈتۈنلەي ماكچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.-چاتاق! ۋۇ نېڭنىڭ كاللىسىدا دەرھال سان-ساناقسىز ئوي-خىياللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى: -ناۋادا شىركەت بۇنى بىلىپ قالسا، مېنى ئىشتىن بوشىتىلىپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىلنى تۆلەيدىغان پۇلنىمۇ چوقۇم ماڭا ئارتىپ قويىدۇ، ئەمدى مەن پۈتۈنلەي تۈگەشتىم!
داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ