بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل
(رومان)
ئاپتورى: مۇ رېن
278 | 277 |
(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)
ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (278): ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرەمسىز؟
3-بۆلۈم 121-باب: ئۇنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بار ئىكەن
چېن بىڭ چياۋ لى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، لېفىتقا ئولتۇرۇپ پەسكە چۈشۈپ تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ۋۇ بونىڭ پەسكە چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاكسىغا ئولتۇرۇپ دۇڭمىي ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى. ئۇ ۋۇ شياۋشىنىڭ ليۇ شياۋيىڭنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئولتۇراق رايونغا كىرىپ، ساۋ مىڭيى بىلەن ليۇ شياۋيىڭنىڭ ئۆيى جايلاشقان 1-كورپۇس 1301-ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ ئىشىكنى چەككەندە، ليۇ شياۋيىڭ ئىشىكنى ئاچتى.
-نەۋرە ئاچا، شياۋشىنى ئالغىلى كەلدىم!
ساۋ مىڭيى بىلەن تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسىغا بېرىپ ئۇچراشقاندىن كېيىن ھەمدە ساۋ مىڭيىدىن ۋۇ بو بىلەن ليۇ شياۋيىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن بىڭ ليۇ شياۋيىڭنى كۆرگەندە سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدى.
ليۇ شياۋيىڭ چېن بىڭنى ئۆيگە باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، چېن بىڭنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سورىدى.
-چېن بىڭ، سىزگە نېمە بولدى؟
ئۇ ئېرى ساۋ مىڭيىنىڭ چېن بىڭنى تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسىغا بېرىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلارنى تېخىمۇ بىلمەيتتى، شۇڭا ئۇ خاتا ھالدا چېن بىڭنى دۇكاندا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، مۇشۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى دەپ ئويلىغان ئىدى.
-ھېچ...ئىش يوق، بەك ھېرىپ كەتتىم، شياۋشىچۇ؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ كۆپ سۆزلەشنى خالىماي.
-شياۋشى ئۇخلاپ قالدى، سىز بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ تەكلىپ قىلىپ.
-بولدى، مەن يەنىلا شياۋشىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتاي!
چېن بىڭ سەل تۇرۇپ ساۋ مىڭيىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قېلىپ، سەل ئوڭايسىزلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بېشىنى چايقاپ رەت قىلدى. ليۇ شياۋيىڭ ئاساسىي ياتاق ئۆيگە قاراپ قويۇپ، بىر تەكلىپ بەردى.
-بەرىبىر شياۋشىمۇ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمدە قونۇپ قالسۇن، سىزمۇ بەك ھېرىپ كەتتىڭىز، بالدۇرراق ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىڭ!
-ۋۇ بو بۈگۈن كەچتە ئۆيگە قايتىدۇ، ئەگەر ئۇ مېنىڭ شياۋشىنى ئۆيىڭىزدە قوندۇرغىنىمنى بىلسە، مېنى ئۆگەي ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغان دەپ ئەيىبلەيدۇ.
-بۇ تېخى ياخشى ئەمەسمۇ؟ شياۋشى ئۆيدە يوق چاغدا، سىلەر ئىككى كىشىلىك دۇنيانى ياخشى ئۆتكۈزسەڭلار بولىدىغۇ!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ چېن بىڭغا كۆزىنى چىمىلدىتىپ تۇرۇپ.
-ھەي، سىزدىن يوشۇرمايمەن، بىزدە ئۇنداق تۇيغۇ قالمىدى،-دېدى چېن بىڭ ئۇھ تارتىپ.
-سىلەر تېخى توي قىلغىلى ئۇزۇن بولمىدىغۇ؟ نېمىشقا ئۇنداق تۇيغۇ يوق؟-دەپ سورىدى ليۇ شياۋيىڭ چۈشەنمىگەن ھالدا.
-سىز تېخى بىلمەمسىز؟ ئاڭلىسام ۋۇ بونىڭ بۇرۇنلا سىرتتا ئاشنىسى بار ئىكەن، شۇنداق تۇرۇپ ئۇ نېمىشقا يەنە ماڭا كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ ئۇنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشتىكى مەقسىتى، پەقەت ئۆزىگە بىر خىزمەتكار تېپىپ بەرمەكچى بولغىنى خالاس،-دېدى چېن بىڭ چۈشكۈن ھالدا.
گەپ قىلىۋاتقاندا، چېن بىڭ ليۇ شياۋيىڭغا تىكىلىپ قارىدى.
«ئەجەبا مېنىڭ ۋۇ بو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى چېن بىڭ بايقاپ قالغانمىدۇ؟»
ليۇ شياۋيىڭنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە خۇدىكى بولغاچقا، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى سەل تەبىئىي ئەمەس ئىدى، ئۇ چېن بىڭغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، ئالدىراپ-تېنەپ يۈزىنى بىر چەتكە قايرىۋالدى.
چېن بىڭ ليۇ شياۋيىڭنىڭ چىراي ئىپادىسىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەردىن بەزى يىپ ئۇچلىرىنى كۆرۈپ، قەستەن ئۇنىڭدىن سورىدى.
-نەۋرە ئاچا، ۋۇ بونىڭ سىرتتىكى ئاشنىسىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
ليۇ شياۋيىڭ چېن بىڭنىڭ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، سالماقلىق بىلەن جاۋاب بەردى.
-ۋۇ بونىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارمىكەن؟ مەن نېمىشقا بىلمەيمەن؟
-مېنىڭ بىلىشىمچە، ۋۇ بونىڭ سىرتتا ئاشنىسى بولۇپلا قالماي، ھازىر ئۇنىڭ قېيىنسىڭلىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى ئېنىق ئەمەس!-دېدى چېن بىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
-قېيىنسىڭلىسى؟ سىزنىڭ سىڭلىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى ليۇ شياۋيىڭ ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن چېن بىڭغا قاراپ.
-ياق، ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى شياۋ لەن، تاۋ لىڭنىڭ سىڭلىسى، شياۋ لەننى كىچىك ۋاقتىدىلا ئادەم بېدىكلىرى ئېلىپ كەتكەن ئىكەن، ۋۇ بو تېخى يېقىندىلا ئۇنى تاپتى، سىز ۋۇ بونىڭ نەۋرە ئاچىسى بولغاندىكىن، ئۇنداقتا تاۋ لىڭنىڭ بۇ سىڭلىسىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئىشىنى بىلىدىغانسىز؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ قەستەن.
ليۇ شياۋيىڭ گاڭگىراپ قالدى، ئەمما چېن بىڭنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالدىراپ-تېنەپ جاۋاب بەردى.
-شۇنداق ئىش بار، مەن...
ليۇ شياۋيىڭنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاساسىي ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى بىرسى ئىچىدىن ئاچتى-دە، ۋۇ شياۋشى ئىچىدىن چىقىپ، چېن بىڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدى.
-ئاپا، نېمىشقا ئەمدى كەلدىڭىز؟
-مەن ئەمدىلا ئىشتىن چۈشتۈم، سىزنى ئۇزاق ساقلىتىپ قويدۇم، ھازىرلا سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن!
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ۋۇ شياۋشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ليۇ شياۋيىڭ بىلەن خوشلاشتى.
-نەۋرە ئاچا، مەن ھازىرلا شياۋشىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتاي، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا رەھمەت!
-تۈزۈت قىلماڭ، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ بېشىنى چايقاپ.
چېن بىڭ تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ئېسىگە ئېلىپ، ليۇ شياۋيىڭغا قارىدى.
-ھە راست، مەن بايا سىزگە دېگەن ئىشنى ۋۇ بوغا ئېيتماڭ، ئۇ مېنىڭ دېگىنىمنى بىلىپ قالمىسۇن...
-خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ھەرگىز ئېيتمايمەن!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
-رەھمەت!
چېن بىڭ ليۇ شياۋيىڭغا رەھمەت ئېيتتى، ئاندىن ۋۇ شياۋشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ليۇ شياۋيىڭ ئۇلارنى لېفىت ئېغىزىغىچە ئۇزىتىپ قويدى.
ليۇ شياۋيىڭ چېن بىڭ بىلەن ۋۇ شياۋشىنىڭ لېفىتقا چىقىپ، لېفىت تاقالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ لېفىتتا يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە پىچىرلىدى.
«ئەجەبا چېن بىڭ سىرتتا بىرەر پىتنە-پاساتنى ئاڭلاپ، مېنىڭ ۋۇ بو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى بىلىپ قالغانمىدۇ؟»
چېن بىڭ ليۇ شياۋيىڭنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ساۋ مىڭيى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ليۇ شياۋيىڭ ئۇنىڭدىن سورىدى.
-لاۋ ساۋ، سىز ماڭا تېلېفون قىلىپ، بۈگۈن كەچتە سىرتتا مېھماندارچىلىق بار دېگەنتىڭىزغۇ؟ نېمىشقا بۇنچە بالدۇر قايتىپ كەلدىڭىز؟
-مەن مېھماندارچىلىققا قىزىقماي، بالدۇرلا ئۆيگە قايتتىم، شياۋشى قېنى؟ ئۇ نەگە كەتتى؟-دەپ سورىدى ساۋ مىڭيى ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ.
-ئۇنى چېن بىڭ ئېلىپ كەتتى!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ راستچىللىق بىلەن.
-ھە؟ نېمە دېدىڭىز؟ چېن بىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدىمۇ؟-دەپ سورىدى ساۋ مىڭيى چۆچۈپ.
-شۇنداق، ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كەلمىسە، شياۋشىنى كىم ئېلىپ كېتىدۇ؟
ليۇ شياۋيىڭ تۇيۇقسىز ئېرىنىڭ گەپ-سۆزىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭدىن سورىدى.
-لاۋ ساۋ، سىزگە نېمە بولدى؟ مەن چېن بىڭنى تىلغا ئالساملا، سىز بەك ھاياجانلىنىسىز، ئاراڭلاردا مەندىن يوشۇرىۋاتقان بىرەر ئىش بارمۇ؟
ليۇ شياۋيىڭنىڭ بۇ گېپى بىلەن ساۋ مىڭيى سەل خۇدىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كەيپىياتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى.
-ئىلگىرى مەن چېن بىڭنى تونۇمايتتىم، ئۇنىڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتىم يوق تۇرسا، ئارىمىزدا قانداقمۇ بىرەر ئىش بولسۇن؟
-ئۇنداقتا مەن چېن بىڭنى تىلغا ئالساملا، سىز نېمىشقا بۇنچە ھاياجانلىنىسىز؟
ساۋ مىڭيى ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-مېنىڭچە، شياۋشىنى بىزنىڭ ئۆيگە قويۇپ، ۋۇ بونىڭ بالىسىنى بېقىشىغا ياردەملەشسىڭىز، سەل قاملاشمايدۇ...
-بۇنىڭ قاملاشمايدىغان نېمىسى بار؟-دەپ سورىدى ليۇ شياۋيىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.
-باشقىلاردىن ئاڭلىسام، سىز ۋۇ بو بىلەن نەۋرە ئاچا-ئىنى مۇناسىۋىتىدە ئەمەسكەنسىز، سىز ئۇنىڭ قىزىنى ئۆيدە تۇرغۇزسىڭىز، باشقىلارنىڭ قۇرۇق گەپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن!-دېدى ساۋ مىڭيى جاۋاب بېرىپ.
-قۇرۇق گەپ، قېنى دەڭە، سىز بۇنى زادى كىمدىن ئاڭلىدىڭىز؟ ئۇ ئادەمنى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە چاقىرىپ كېلىڭ، مەن ئۇنىڭ سېسىق ئاغزىنى يىرتىۋېتىمەن!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ قاتتىق غەزەپلىنىپ.
بايا، چېن بىڭ ليۇ شياۋيىڭنىڭ ئالدىدا ۋۇ بونىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ۋۇ بو بىلەن بولغان بۇنداق ئېنىق بولمىغان مۇناسىۋەتكە بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.
شۇڭا ھازىر ساۋ مىڭيى بۇ ئىشنى يۈز تۇرانە سورىغاندا، ليۇ شياۋيىڭ تەبىئىي ھالدا ئۇنچە جىددىيلىشىپ كەتمەستىن، بەلكى ئىنتايىن ئاچچىقلانغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ھەيۋە بىلەن ساۋ مىڭيىنى بېسىپ چۈشمەكچى بولدى.
بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 280-قىسىم