پۇلنى قوبۇل قىلغانكىن مەسئۇليىتىڭىزنى ئادا قىلىڭ

文摘   2024-11-08 20:02   新疆  

-ليۇ مۇدىر، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،-دېدى ليۇ مۇدىرنىڭ ئالدىدا تۇرغان ياش ئايال يېلىنغان ھالدا ئېغىز ئېچىپ،- يولدىشىمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سىزمۇ بىلىسىز، ئەمدى يەنە كەينىگە سۆرەۋەرسەك بولمايدۇ، ماڭا ياردەم قىلىپ ئوپېراتسىيەنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلەرسىزمۇ؟

بۇ ھالنى كۆرۈپ يې خاۋشۈەننىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى. دوختۇرخانا خىزمەتچىلەرنىڭ بىمارلارنىڭ قىزىل بولىقىنى ئېلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن بولغاچقا، ليۇ مۇدىرنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە خۇپىيانە ئىش قىلىشى ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلتۈرگەنىدى.

ئۈستەلنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئولتۇرغان ليۇ مۇدىر ئۈستەل ئۈستىدىكى بولاققا قاراپ قويۇپ، بىر نەرسە دېمەستىن سۇس كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇردى.

-سىزگە ياردەم قىلغۇمغۇ بار، لېكىن ھازىر ئوپېراتسىيەخانىغا بىمارلار توشۇپ كەتتى،-دېدى ليۇ مۇدىر،-بۇ پۇلنى...يەنىلا يېنىڭىزغا سېلىپ قويۇڭ.

گەپنىڭ ئۇرانىدىن ليۇ مۇدىرنىڭ پۇلنى ئاز كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. بۇ ئايال 18-كارىۋاتتىكى بىمارنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭ يولدىشى كېسەلدىن ساقىيالمىغاچقا، شۇنداقلا بالىلىرىمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، تۇرمۇشى نامراتلىقتا ئۆتۈۋاتقان ئۇنىڭ بۇ 10 مىڭ يۈەن پۇلنى غەملىشىمۇ خېلى تەسكە توختىغانىدى. شۇغىنىسى، بۇ ليۇ مۇدىر ئادەتتىكى مېھرىبان تۇرقىغا پۈتۈنلەي يات ھالدا قىلچىمۇ ئىچ ئاغرىتماستىن ئايالنىڭ كىچىككىنە ئىلتىماسىنى رەت قىلىۋەتتى.

-ليۇ مۇدىر، قولۇمدا بارىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شۇ،-دېدى ئايال بىردىنلا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆز يېشى قىلىپ،-يولدىشىمنى داۋالىتىمەن دەپ تاپقان-تەرگىنىمنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بولدۇم، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!

ليۇ مۇدىر بەدىنىنى بىر ئاز قىمىرلىتىپ قويدى.

-بولدى يىغلىماڭ، ھەر قانداق ئىشنىڭ چارىسى ھامان تېپىلىدۇ،-دېدى ليۇ مۇدىر كۈلۈپ قويۇپ،-ئائىلىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى مەنمۇ چۈشىنىمەن، دوختۇرخانىنىڭغۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بار، شۇغىنىسى سان چەكلىك بولغاچقا، بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىش بىر قەدەر قىيىن.

ليۇ مۇدىر شۇنداق دەۋېتىپ، غەرەزلىك ھالدا ئۈستەلدىكى پۇلنى ئايال تەرەپكە سۈرۈپ قويدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ پۇلنى ئاز كۆرۈۋاتقانلىقى مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇراتتى.

يې خاۋشۈەن ئايالنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلنى غەملىشىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىمار ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، قالدۇق داۋالاش ۋە ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا كېتىدىغان پۇلمۇ خېلى كۆپ بولغاچقا، ليۇ مۇدىرنىڭ بۇ ئىشلارنى بىلمەسكە سېلىۋالغانلىقى يې خاۋشۈەننىڭ بىردىنلا ئوغىسىنى قاينىتىۋەتكەنىدى.

ئۇ يېنىك بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ، ئىشىكنى يەڭگىل چەكتى.

-ليۇ مۇدىر، ھازىر ۋاقتىڭىز بارمۇ؟-دېدى ئۇ.

-كىم؟ ئىشىكنى چەككەن زادى قايسىڭ؟-ليۇ مۇدىر بەكلا چۆچۈپ كەتكەچكە، ئۈستەلدىكى پۇلنى دەرھاللا تارتمىسىغا سېلىۋېتىپ، شۇ ھامان چىرايىنى سۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزدى.

-بۇ مەن!-يې خاۋشۈەن شۇنداق دېگىنىچە ئىشىكنى ئېچىپ ئىشخانىغا كىردى. ئۇنى كۆرۈپ ليۇ مۇدىرنىڭ چىرايىنى بىردىنلا ئالاقزادىلىك قاپلىدى.

-كېسەلخانىلارنى ئارىلىماي نېمە دەپ كەلدىڭ؟

ليۇ مۇدىر ئاچچىقىنى يوشۇرالماي قالدى، چۈنكى ئۇ يې خاۋشۈەننىڭ بايىقى ئەھۋاللارنى زادى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىكىگە جەزم قىلالماي قالغانىدى.

-ليۇ مۇدىر، مۇنداق ئىش ئىدى، 18-كارىۋاتتىكى بىمارنىڭ كېسىلى ھازىر بەكلا ئېغىر بولغاچقا، ئۇنى دەرھال ئوپېراتسىيە قىلايلىمىكىن دېگەنىدۇق،-دېدى يې خاۋ شۈەن.

-بىلدىم، سەن چىقىپ تۇرغىن،-دېدى ليۇ مۇدىر يې خاۋشۈەنگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ،-مەن ھازىر بىمارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق بىمارنىڭ تۇغقىنى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن.

-ليۇ مۇدىر، بىمارنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن بەك ئېغىر، تېزراق قاراپ باققان بولسىڭىز، ئۇنى ھازىرلا ئوپېراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ،-يې خاۋشۈەن شۇلارنى دەپ بولۇپ «بايىقى ئىشىڭنى كۆرۈپ قالدىم، ئەگەر بارمايدىغان بولساڭ ئەدىپىڭنى بېرىمەن» دېگەن مەنىدە ليۇ مۇدىرغا قاراپ قويدى.

يې خاۋشۈەننىڭ چىرايىدىكى ئىپادىنى چۈشەنگەن ليۇ مۇدىرنىڭ چىرايى قاتتىق تاتىرىپ كەتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ ئېنىقلا يې خاۋشۈەننىڭ «خەقنىڭ پۇلىنى ئالغاندىكىن دەرھال بىمارنى ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇر، بولمايدىكەن كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن» دەۋاتقىنى ئىدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ليۇ مۇدىر ھېلىقى بىمارنى ئۆزى ئوپېراتسىيە قىلدى، ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، بارلىق داۋالىنىش خىراجىتىنى كۆتۈرىۋەتتى. ئىشلار شۇ تەرىقىدە بولغان بولسىمۇ، لېكىن يې خاۋشۈەن دەرھاللا ئۆزىنىڭ بۇ سەۋەبلىك ليۇ مۇدىرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار



تەنناز قوغدىغۇچۇم


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章