بالنىستتا يېتىپ قالدىم. دوختۇر ئاز دېگەندە بىر ئايدا ئاندىن ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كۆڭلۈمدە بىر ئايدىن كېيىن ئوقۇش باشلايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە مەكتەپكە مۆكۈۋالسام بولىدۇ، نەتىجەم بەك ياخشى بولغاندىكىن، سىنىپ مەسئۇلىغا دەپ قويسام، سىنىپ مەسئۇلى ماڭا ياردەم قىلىدىغۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم.
قىسقىسى، مەن مۇرەسسە قىلسام بولمايتتى. ئەگەر مۇرەسسە قىلسام، قورقسام، ئۇنداقتا داشۆگە ئۆتەلمەيتتىم، ئۇ چاغدا بەي روشۈەننى قايتا ئۇچرىتىمەن دەپ خام خىيال قىلمىساممۇ بولىدۇ.
بەي روشۈەن مېنىڭ ياشاشتىكى روھىي تۈۋرۈكۈم ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن مەن بارغانسېرى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ كەتتىم.
مەن پەقەت پىكىرىمدە چىڭ تۇرۇپ، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلمىساملا چوقۇم پۇرسەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
پەقەت داشۆگە ئۆتەلىسەملا، ئىشلەپ ئۆزۈمنى باقالايمەن...
ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاكام دوختۇرخانىغا كەلدى. ئۇنىڭ دوختۇرغا نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلمەيمەن، پەقەت شۇ كۈنى مەن يەنە بىر قېتىملىق پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش ئوپېراتسىيەنى باشتىن كەچۈردۈم.
ئويغانغان چېغىمدا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا ئىكەنلىكىمنى بايقىدىم. ئولتۇرۇشقا تەمشەلگەن بولساممۇ، لېكىن ناركوز دورىسىنىڭ تەسىرى تۈگىمىگەن بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىم ماغدۇرسىز ئىدى.
-ۋەي؟ بىلىمەن، خەنچېڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ھېلىقى ساناتورىيە، توغرىمۇ؟ خاتىرجەم بولۇڭ، يەنە بىر سائەتتىن كېيىن يېتىپ بارىمىز.
چېن تاۋ ئاكامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمدا بىردىنلا سەگەكلىشىپ كەتتىم. بۇ ئەبلەخ! بۇ ئەبلەخ زادى نېمە قىلماقچىدۇ؟ نېمىشقا خەنچېڭغا بارىدىغاندىمىز؟
مەن بېشىمنى كۆتۈردۈم، ئۇنىڭ چىرايى شۇ ھامان ئۆزگىرىپ ئاستا ئېڭىشىپ قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە يېقىن كەلدى:
-سېنى پۇل تاپ دېسەم ئۇنىمىغاندىكىن، ئۇنداقتا مەن باشقا ئامال تاپماي بولمىدى. سەن دېگەن بىر گەپ قىلالمايدىغان نان قېپى، تېنىڭدىن باشقا قىممىتىڭمۇ يوقكەن. ھى ھى ھى... بىراق بالنىستتا ياتمىغان بولساڭ بۇ چارىلەرنى راستتىنلا ئويلاپ يېتەلمەيتتىم. ئاغرىنغۇڭ بولسىمۇ ئۆزۈڭدىن ئاغرىن!
مەن قورققىنىمچە ئۇنىڭغا قارىدىم. گەرچە ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ھەرگىز ياخشى ئىش بولمايدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيغان ئىدى.
-قورقما، بىر ئۇخلاپ قوپساڭلا ئىش تۈگەيدۇ،-ئۇ سۆزلەۋېتىپ مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىپ قويدى.
بىلىكىمدىن تارىغان چىدىغۇسىز ئاغرىق بىلەن تەڭ يەن ەھوشۇمدىن كەتتىم. ھوشۇمدىن كېتىشتىن بۇرۇن ئاكامنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ بىر نەرسىگە تەگكۈزگىنىنى، ئاندىن يەنە بىر قەغەزگە بارمىقىمنى باسقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدىم.
مەن ھوشىمغا كەلگەندە كېسەلخانىدا ياتاتتىم. ناركوز دورىسىنىڭ تەسىرى تۈگىگەن ئىدى. ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋىدىم، ئوڭ بىقىنىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. مەن دەرھال يوتقاننى قايرىپ، قورسىقىمنىڭ قېلىن داكا بىلەن ئورالغانلىقىنى بايقىدىم. يەنە بۇرۇلۇپ تامدىكى «خەنچېڭ شەھىرى چوڭجىڭ رايونى يۇقىرى دەرىجىلىك ساناتورىيە دوختۇرخانىسى» دېگەن خەتنى كۆردۈم.
خەنچېڭ شەھىرى؟ بۇ بەي روشۈەن تۇرۇشلۇق جاي، ئاكام مېنى بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى ئېلىپ كەلگەندۇ؟ قورسىقىمغا نېمە بولدى؟
ھودۇققىنىمچە تۆت ئەتراپقا قارىدىم، كارىۋات بېشىدا دۈم قىلىپ قويۇلغان بىر ۋاراق قەغەز تۇراتتى، ئۇنى دەرھال قولۇمغا ئالدىم.
ئەزا كۆچۈرۈش ماقۇلنامىسى؟
ئوڭ بۆرەك؟
ھۇ ئەبلەخ! نومۇسسىز!
ئۇلار مېنىڭ بۆرىكىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ...داۋامىنى ۋە تولۇق قىسمىنى بۇنى بېسىپ ئوقۇڭ1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا رومانلار