ئايالىمنىڭ يالغانچىلىقى (123): قوشنامنىڭ ئەندىشىسى

文摘   2024-11-09 20:01   新疆  

245-باب: قوشنامنىڭ ئەندىشىسى

بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ شۇئان غەزىپىم قايناپ تاشتى. ئايالىم ئۇ ئەبلەخ بىلەن نەگە ماڭغاندۇ؟ تاماق يېيىشكىمۇ ياكى ياتاق ئېچىشقىمۇ؟ ياكى ئۇنى يەنە بىرەر مۇھىم خېرىدار بىلەن كۆرۈشتۈرەمدۇ؟ مەن ئۇلارغا ئەگەشمەكچى بولۇۋىدىم، فاڭ لىتىڭ ئۈندىدارىمغا ئۇچۇر يوللاپتۇ: «لېي ئاكا، خې ئاچام بىلەن ۋېن دىرېكتور چۈشۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ!»

ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇردۇم: «ھېچقىسى يوق، تېز چۈشۈڭ!»

بىر مىنۇت ئۆتمەيلا فاڭ لىتىڭ بىنانىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، مەن قولۇمنى سوزۇپ ئۇنى تېزراق ماشىنىغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدىم. فاڭ لىتىڭ ماشىنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن:

-لېي ئاكا، خې ھەدەمنى كۆردىڭىزمۇ؟-دېدى.

-كۆردۈم، سىز بىلەن كۆرۈشمىگەن بولسام، بالدۇرلا ئارقىسىدىن ئەگەشكەن بولاتتىم!-دېدىم، ئاندىن يانفونۇمدىكى ئىز قوغلاش يۇمشاق دېتالىنى ئېچىپ قارىۋىدىم، تەلىيىمگە يارىشا ئايالىمنىڭ ئورنى تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىۋېتىپتۇ. مەن ئارتۇق گەپ قىلماستىن ماشىنىنى قوزغىتىپ، خەرىتە كۆرسىتىپ بەرگەن يول بويىچە ئىز قوغلاپ، بىر قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھېلىقى ئاۋدى A6نى كۆردۈم.

قارىغاندا ئايالىم خىزمەت ئۈچۈن چىققان ئوخشايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بانكىدا ئۇلارنىڭ باشقىچە ئىشى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بىراق گەرچە ئۇلار بانكىغا بارغان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا سەل خاتىرجەم بولالمىدىم، سەل تۇرۇپ بانكىدىن چىققاندا ئۇلارنىڭ باشقا يەرگە بارمايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. بۇنداق ئويلاپ، فاڭ لىتىڭ بىلەن ياخشىراق جاينى تېپىپ غىزالىنىش پىلانىمدىن ۋاز كەچتىم:

-لىتىڭ، بىز ئۇدۇلدىكى كىچىك ئاشخانىدا تاماق يەپ تۇرايلى، كېلەر قېتىم سىزنى ئوبدانراق يەردە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىمەن!

فاڭ لىتىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، ئەقىللىق قىز بولغاچقا، ئۇمۇ مېنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى چۈشىنەتتى:

-ھېچقىسى يوق لېي ئاكا، نەدە تاماق يېسەك ئوخشاش!

مەن ماشىنىنى ئۇدۇلدىكى بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ، ئاشخانىغا كىرىپ دېرىزە يېنىدىكى ئورۇننى تاپتىم ۋە بانكىغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرغاچ فاڭ لىتىڭغا ئالدىنقى كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم.

ئىككىيلەن تاماق يەپ ئەمدى يېرىمىغا كەلگەندە ئايالىم بىلەن ھېلىقى ۋېن باش دىرېكتور بانكىدىن چىقىپ، ئاۋدى A6 ماركىلىق ماشىنىغا چىقتى. مەن ئالدىراپ-تېنەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، فاڭ لىتىڭنى تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدىم، ئۇنىڭ: «توختاڭ، مەن تېخى تويمىدىم!» دېگىنىگىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. ماشىنامنى قوزغىتىپ يولغا چىققاندا ئايالىم ئولتۇرغان ماشىنام كۆز ئالدىمىزدىن غايىب بولغان بولۇپ، مەن يەنە ئىز قوغلاش سىستېمىسىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم، لېكىن مېنى ھەم خۇشال قىلىدىغان، ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش شۇ بولدىكى، ئايالىم بىلەن ۋېن باش دىرېكتور يول بويى باشقا تەرەپكە قاترىماستىن ئۇلارنىڭ شىركىتىگە قايتىپ كەلدى. ئايالىم بىلەن ۋېن باش دىرېكتورنىڭ ياتاق ئاچمىغانلىقىدىن خۇشال بولغان بولساممۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى بىرەر نەرسىنى تۇتالمىغان ئىدىم. لىتىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلگەندە، فاڭ لىتىڭ ماڭا قاراپ ئىككى قولىنى يايدى، مەنىسى «سىز بەك كۆپ ئويلاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟» دېگەنلىك ئىدى. مەنمۇ ئامالسىز كۈلۈپ قويدۇم:

-بولدى، قايتىپ ئارام ئېلىڭ، سىزنى كېيىنچە يەنە تاماققا تەكلىپ قىلىمەن!

-سىزدەك ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن، تاماققا تەكلىپ قىلسىمۇ يېرىم ۋاق مېھمان قىلىدىكەن!-فاڭ لىتىڭ كۈلۈپ قويغىنىچە شىركەتكە كىرىپ كەتتى.

چۈشتىن كېيىن باشقا ئىشىممۇ يوق ئىدى، سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا مەن چۈشلۈك ئۇيقۇمنى ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن جاڭ تاغامغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭغا پۇلنى تەييارلاپ قويغانلىقىمنى، ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتتىم. جاڭ تاغام تېلېفوندا ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتتى. سائەت تۆتتىن ئاشقاندا مەن نىڭئېرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، بىز تاماق يەۋاتقاندا، بىرسى ئىشىكنى چەكتى. بېرىپ مۈشۈك كۆزدىن قارىسام ئەسلىدە سىرتتىكى ئادەم بەي سەيشىيا ئىكەن.

ئەسلىدە مېنىڭ بەي سەيشياغا ئازراق ئاداۋىتىم بار ئىدى، لېكىن خوتۇنۇمنىڭ ئىلگىرى راستتىنلا ھاراققا ھەمراھ بولىدىغان قىز بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بەي سەيشياغا بولغان مىننەتدارلىقىم ئاشتى، ئۇ مېنى ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا يېقىنلاشتۇرغان ئىدى، بىراق مەن تۇيۇقسىز بەي سەيشيانىڭ ماڭا بەرگەن سۈرىتىنى ئەسلەپ قالدىم، ھازىر ئۇ سۈرەتنىڭ خوتۇنۇم ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ بوينىدىكى قارا مەڭ قانداق ئىش؟ چۈنكى مەن ئەزەلدىن ئايالىمنىڭ بوينىدا قارا مەڭ بارلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. بولدىلا، بۇلارنى ئويلاشقا ۋاقتىم يوق، بەي سەيشياغا ئىشىكنى ئېچىپ بەردىم.

-شياۋلېي، ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار ئىدى،-دېدى بەي سەيشىيا.

ئۇ يەنىلا ھېلىقى نېپىز يىپەك ئاسما كۆينەكنى كىيىۋالغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا قىزىقمايتتىم، شۇڭا تۈزلا قىلىپ:

-تاماق يەۋاتقان ئىدىم، سەل تۇرۇپ چىقسام بولامدۇ؟-دېدىم.

-بولىدۇ، ئەمىسە تاماق يەۋېرىڭلار، ئالدىرىمىساڭلارمۇ بولىدۇ، سىزنى ئۆيدە ساقلايمەن!-دېدى بەي سەيشىيا.

گەرچە ئۇنىڭ «ئۆيدە سىزنى ساقلايمەن» دېگەن سۆزى بىلەن تەن يۈخېنىڭ «مېھمانسارايدا سىزنى ساقلايمەن» دېگەن سۆزى كىشىنى خىيالىي تۇيغۇغا چۆمدۈرسىمۇ، لېكىن مەن بەي سەيشيانى رەت قىلغاندىن كېيىن، مېنىڭچە بەي سەيشيامۇ ئۆزىنى سورىشى، ئەمدى ماڭا ئۇنداق خىيالدا بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى.

بىز تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئەسلىدە نىڭئېرنى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلىگىن دېگەن ئىدىم، لېكىن نىڭئېر ئۆزى يالغۇز قورقىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بەي سەيشيانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.

-شياۋلېي، كەلدىڭىزمۇ؟-بەي سەيشيا ئىشىكنى ئېچىپ مېنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە قۇچىقىمدىكى نىڭئېرنى ئەركىلىتىپ قويدى. نىڭئېرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان لى جىڭمۇ ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ مەن بىلەن سالاملاشتى. لى جىڭنى كۆرگەن نىڭئېرمۇ قولۇمدىن پەسكە چۈشۈشكە ئۇرۇندى، ئۇنىڭ لى جىڭ بىلەن بىللە ئوينىغۇسى كەلگەن بولسا كېرەك.

-نېمە بولدى شيا ئاچا، كومپيۇتېردىن يەنە چاتاق چىقتىمۇ قانداق؟-دېدىم مەن.

-ياق، شياۋلېي، سىزگە قانداق دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم!-بەي سەيشيا ئالدى بىلەن مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، لى جىڭنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئۇنىڭغا قاراپ:

-شياۋجىڭ، سەن نىڭئېرنى ياتاق ئۆيۈڭگە ئەكىرىپ ئويناپ تۇرۇڭلار، مېنىڭ لېي تاغاڭ بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئىشىم بار ئىدى!-دېدى.

-ماقۇل ئاپا!-لى جىڭ شۇنداق دېگەچ نىڭئېرنى ئېلىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

-زادى نېمە ئىش بولدى؟-دېدىم مەن تاقەتسىزلىنىپ.

-ھە راست، لاۋلىنىڭ ئىشىنى سىزگە دەپ قويۇشۇم زۆرۈر، نېمىلا دېگەن بىلەن ئەينى چاغدا سىلەر ئەر-خوتۇن ئىككىڭلار قىزىمنى قۇتقۇزۇۋالغان ئىدىڭلار!-دېدى بەي سەيشيا.

-لاۋلىغا نېمە بولدى؟

-لاۋ لىغا كېلەر چارشەنبە كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ، ئادۋوكات ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويدى، لاۋ لى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئۇ نارەسىدە قىزلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلىنىپتۇ، شۇڭا ئېغىر جازا بېرىلىدىكەن!

بەي سەيشيانىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، يەنىلا ھەيران قالدىم. لاۋلى گەرچە ئاشۇ ناچار ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى زور دەرىجىدە لاۋلىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى بەي سەيشيا كەلتۈرۈپ چىقارغان، خۇددى خوتۇنۇمنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشى مېنى يېقىندىن بۇيان ئۇيقۇسىز ھەم گاراڭ قىلىپ قويغانغا ئوخشاش، بەي سەيشيانىڭ قىلمىشى لاۋلىدا بەزى ناچار خىياللارنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ مۇھىمى لاۋلى باسقۇنچىلىق قىلمىدى، پەقەت پەسكەشلىك قىلددى، مېنىڭچە بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ھۆكۈم قىلىنسا يەنىلا جازا ئېغىر بولۇپ كېتىدۇ، بىراق بۇنداق ئىشقا مەنمۇ بىر نېمە دېيەلمەيمەن، ئەڭ ئاخىرقى جازا ئۆلچەش سوتچىنىڭ ئىشى ئىدى.

-سىز يەنىلا لاۋلىنىڭ تۈرمىدە يېتىشىنى خالىمايدىغان ئوخشىمامسىز؟

-دەسلەپتە ئۇنىڭ شياۋجىڭغا ئۇنداق ئىش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن مەن بىلەن ئون نەچچە يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئادەم، ئۇنىڭ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، يەنىلا چىداپ تۇرالمىدىم!

-ئۇنداقتا سىز مېنى ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشتى دەپ ئاغرىندىڭىزمۇ؟

-بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ شياۋلېي، ئەر-خوتۇن ئىككىڭلار بولمىغان بولساڭلار، لاۋلى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بولاتتى. شياۋجىڭمۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىشقا ئۈلگۈرمىگەن تۇرسام، قانداقمۇ سىزدىن ئاغرىناي!

-بىزدىن ئاغرىنمىسىڭىزلا بولدى، لاۋلىنىڭمۇ بىزگە ئاداۋەت ساقلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

-خاتىرجەم بولۇڭ، لاۋلى مەيلى نەچچە يىل كېسىلسۇن، مەن ئۇنىڭغا ياخشى ئۆزگىرىپ، قايتىدىن ئادەم بولۇشنى ئېيتىمەن ھەم ئۇنىڭغا سىلەرگە ئاداۋەت ساقلىماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمەن.

-ئۇنداق بولسا ياخشى. شيا ئاچا، مېنى بۇ ئىشنى دېگىلى چاقىردىڭىزمۇ؟-دېدىم مەن.

مېنىڭچە بەي سەيشيا ماڭا بۇ ئىشنى دېمەكچى بولسا، مېنى ئۆيىگە چاقىرىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.

-ئۇنداق ئەمەس، مەن پەقەت تۇيۇقسىز بۇ ئىشنى ئېسىمگە ئالدىم، شۇڭا سىزگە دەپ قويۇش زۆرۈر دەپ ئويلىدىم!-دېدى بەي سەيشىيا بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەستە ئېغىز ئېچىپ:

-شياۋلېي، سىزمۇ بىلىسىز، مەن بىۋاسىتە كۆرسىتىمەن، بەزىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلۇم بىر قەدەر ئالاھىدە!-دېدى.

-شيا ئاچا، مەن سىزگە بىر قېتىم دېگەن، ئۆيگە يەنە ئادەم باشلاپ كەلمىگەنسىز؟-دېدىم مەن.

* * *

246-باب: جاندىن تويغان ساراڭ

-ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمىدىم!-بەي سەيشيا ئالدىراپ-تېنەپ بېشىنى چايقىدى.

-ئۇنداق قىلمىغان بولسىڭىزلا ياخشى، مەنمۇ سىزنى باشقىلارنىڭ پاش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن!

-شياۋلېي، سىزنىڭمۇ مەن ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، بۈگۈن سىزنى ماڭا ياردەم قىلامدىكىن دەپ چاقىرىپ كىرگەن ئىدىم.

-دەڭە، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن!

-بۈگۈن ئەتىگەن مەن پەسكە چۈشۈپ ئەخلەت تۆككىلى چىقسام، بىنادىكى ھېلىقى ئادەم-نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدا تېتىقسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقان ھېلىقى ئادەم مېنى كۆرۈپ، ماڭا بىر قېتىم ھەمراھ بولۇڭ، سىزنى رازى قىلىمەن، دېگەندەك قالايمىقان گەپلەرنى قىلدى،-دېدى بەي سەيشىيا.

-ئۇ بىر ساراڭ ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن!-دېدىم مەن پەرۋاسىز ھالدا.

-ئەگەر ئۇ شۇنداقلا دەپ قويغان بولسا مەنمۇ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان بولاتتىم، لېكىن ئۇ ئەگەر مەن ئۇنىڭغا قوشۇلمىسام، مېنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىمنى پۈتۈن ئولتۇراق رايونغا چاپلاپ، پۈتۈن ئولتۇراق رايوندىكى كىشىلەرگە مېنىڭ بىر پاھىشە ئايال ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى!-دېدى بەي سەيشىيا ئەندىشە قىلغان ھالدا.

-ئۇ ساراڭ سىزنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىڭىزنى نەدىن تېپىپتۇ؟

-سىزمۇ بىلىسىز، مەن بەزىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ھېسسىيات ئويۇنىنى ئوينايمەن، چۈنكى بەزى ئەرلەر بۇنىڭغا يۇقىرى باھا قويىدۇ، مېنىڭچە مەن دەل شۇنداق قىلىۋاتقاندا ئۇ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن!-دېدى بەي سەيشىيا. سۈرەتكە تارتىۋالسا قورقىدىغان ئادەم ئەينى چاغدا غىت قىسسا مۇشۇ ئىش يوق.

مېنىڭ گەپ قىلمىغىنىمنى كۆرگەن بەي سەيشيا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا:

-مەنمۇ ئۇنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىمنى نەدىن تاپقانلىقىنى بىلمەيمەن، شۇ چاغدا ئۇنى ئىككى ئېغىز تىللىسام، ئۇ مېنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىمنى كۆرسەتتى، يەنە ماڭا بىر كۈن ئويلىنىش ۋاقتى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۈگۈن كەچتە مېنى ئۆزىنى ئىزدەشكە بۇيرىدى، ئەگەر سائەت 12دىن بۇرۇن بارمىسام، ئەتە ئەتىگەندە ئۇ مېنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىمنى پۈتۈن ئولتۇراق رايونغا چاپلىۋېتىدىكەن!

-نېمە؟ ھېلىقى غەلىتە ئادەم راستتىنلا سىزنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىڭىزنى تارتىۋاپتىمۇ؟ ئېنىق كۆردىڭىزمۇ؟ بەلكىم سىز ئەمەستۇرسىز؟-دېدىم مەن.

بەي سەيشيا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا:

-ئېنىق كۆردۈم، سۈرەت ھەقىقەتەن مېنىڭ، كىيىم-كېچەكلىرىممۇ ئوخشاش، مېنىڭچە ئۇ ماڭا خېلى ئۇزۇن تىكىلىپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن!-دېدى.

بەي سەيشيا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، مەن تۇيۇقسىز بەي سەيشيانىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا ماڭا گەپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇ غەلىتە ئادەمنىڭ يىپەك ئاسما ئۇخلاش كىيىمى كىيگەن بەي سەيشياغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم، بەلكىم شۇ چاغدىن باشلاپ ئۇ بەي سەيشياغا تىكىلىپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەرلەرنىڭ ھەر كۈنى بىكارچىلىقتا قىلىدىغان ئىشى يوق، مەھەللىدىكى ئاياللارغا ئوغرىلىقچە قاراپ، ئاران تەستە بۇنداق پاسكىنا ئايالنى تېپىۋالغاندا، ئۇ ئەلۋەتتە بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ-دە!

-سىلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە نىقاب تاقىمامسىلەر؟

-ئادەتتىمۇ تاقايمەن، مەن ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئەر بىلەن پاراڭلاشقاندا تاقىمىغان، ئۇ ئەرنىڭ مېنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىمنى تارتىۋالغان ياكى تارتمىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

-سىز ئۇ ئەردىن سورىمىدىڭىزمۇ؟

-شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئالاقىلاشمىدۇق. ئەرلەر ئادەتتە بىر قېتىم ئوينىغان ئايالغا كېيىن قىزىقمايدۇ ئەمەسمۇ!

-سىز ھېلىقى بىنورمال ئادەمگە يەنە ئاۋارە قىلسا ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىڭىزنى دېمىدىڭىزمۇ؟

-مەن چۈشتە شۇنداق دېگەن، نەتىجىدە ئۇ سېنىڭ قىلغان ئىشىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ، سەن سېرىق مەزمۇننى بىۋاسىتە كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تېنىڭنى ساتتىڭ، دەيدۇ!-دېدى بەي سەيشيا قورقۇپ كەتكەن ھالدا.

قارىغاندا ئۇ بىنورمال ئادەمنىڭ بىلىدىغىنى ئاز ئەمەس ئىكەن، بىراق بۇمۇ بەي سەيشيانى قورقۇتۇپ قويۇش، خالاس. قانۇننى ئازراق بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلەتتى.

-مەن ئۈچۈنغۇ بەرىبىر، لېكىن مەن كىرىپ كەتسەم شياۋجىڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق، ئۇ ئەمدىلا 13 ياشقا كىردى!-بەي سەيشيا شۇنداق دېگەچ تۆۋەن ئاۋازدا يىغلاپ كەتتى.

-يىغلىماڭ، سىز مېنى ئۇنى ئۇرۇپ بېرىڭ دېمەكچىمۇ؟-دېدىم مەن بەي سەيشيانىڭ قاتتىق يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭغا بىر پارچە قەغەز سۇندۇم.

-توغرا، ئۇ يەنە ئۆيۈڭلارنىڭ ئىشىكىگە چىقىرىپ قويغان ھېلىقى ئىشنى چوقۇم مېنىڭ ئاشكارىلاپ قويغانلىقىمنى، شۇڭا مېنىڭ ئۇنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى!-دېدى بەي سەيشىيا.

مەن بەي سەيشيانىڭ بۇ گېپىنىڭ ئاساسەن مېنى ھېلىقى ئەبلەخنى ئۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش ئۈچۈن دېگەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ھېلىقى قېتىم ئۇنىڭ ئىشىكىمگە مەينەت بىر نېمىسىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى ئويلىساملا ھازىرمۇ شۇنچىلىك ئاچچىقىم كېلەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئەبلەخ ئىشىكنى زادىلا ئاچمىدى، كېيىنمۇ ئۇنى كۆرۈپ باقمىدى، چوقۇم مېنىڭ ئۇنى ئۇرۇپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىمدا پەيدا بولۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مېنىڭچە بۇ قېتىم بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا ئازراق ساۋاق بېرىپ قويسام، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئايالىم ياكى باشقا ئاياللارنى ئەسلەپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

-ئۇ سىزنى ئۆيىگە كىرسۇن دەمدۇ؟

-ھەئە.

-سىز مۇنداق قىلىڭ، سەل تۇرۇپ يالغاندىن ئىشىكنى چەككىلى بېرىڭ، مەن سىزگە ئەگىشەي، ئۇ ئىشىكنى ئاچقاندا مەن ئېتىلىپ كىرىپ ئۇنى راسا بىر ئەدەپلەپ قوياي، ئاندىن ئۇنى سۈرەتنى تاپشۇرۇشقا قىستاي!

-ناۋادا ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلسا قانداق قىلىمىز؟

-ئۇنىڭدا سىزنىڭ يالىڭاچ سۈرىتىڭىز بار، يەنە تېخى سىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان تۇرۇپ يەنە ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟-دېدىم مەن.

-بولىدۇ، ئەمىسە مەن ھازىرلا بېرىپ ئىشىكنى چېكەي!

-بولىدۇ، ئەمىسە ماڭايلى!

بەي سەيشيا لى جىڭنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ لى جىڭغا بىزنىڭ سىرتقا چىقىپ كىرىدىغانلىقىمىزنى، نىڭئېرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بىللە ئىشىكتىن چىقتۇق. بۇ چاغدا كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقان بولۇپ، ئايالىم تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. 11-قەۋەتكە چىققاندا بەي سەيشيا يەنىلا سەل قورقتى، مېنىڭ قايتا-قايتا رىغبەتلەندۈرۈشۈم بىلەن ئۇ ئاخىرى ئىشىكنى چەكتى. ئەلۋەتتە، ئۇ ئىشىكنى چەككەندە مەن ئىشىكنىڭ بىر تەرىپىگە مۆكۈۋالغان ئىدىم، ئۇ ئەبلەخ مۈشۈك كۆزىدىن سىرتقا قارىسىمۇ مېنى كۆرەلمەيتتى. بەي سەيشيا ئىشىكنى خېلى چەككەن بولسىمۇ، ئىچىدىن ئازراقمۇ شەپە چىقمىدى.

-ھەي، سىز بارمۇ؟ يوق بولسىڭىز مەن كەتتىم-ھە!-بەي سەيشيا غەيرەتكە كېلىپ بۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن، يالغاندىن بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولدى. بۇ چاغدا ئىشىك «قاراس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئېچىلدى-دە، ئىچىدىكى ھېلىقى پەسكەش ئۈچ بۇرجەك كالتە ئىشتان كىيگەن پېتى قولىنى سوزۇپ بەي سەيشىيانىڭ كىيىمىنى تارتقىنىچە:

-قوزام، كېلىڭە!-دېدى.

ئۇ ساراڭنىڭ قولى بەي سەيشيانىڭ كىيىمىگە تېگىپ كېتەي دەپ قالغاندا، ئۇ بىر تەرەپتە يوشۇرۇنۇۋالغان مېنى بايقاپ قالدى، مەن ئۇدۇللا بېرىپ ھېلىقى پەسكەش ئەرنى بىرنى ئىتتىرىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتتىم.

-سەن ئىكەنسەنغۇ؟-پەسكەش ئەر مېنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپ قالدى، مەن ئۇدۇللا ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇردۇم:

-ھۇ ئاناڭنى ساراڭ، ئادەمنى نېمانداق ئارامىدا قويمايسەن؟

-ئىپلاس قانجۇق، مېنى ئالداشقا پېتىندىڭمۇ؟ يالىڭاچ سۈرىتىڭنى ئولتۇراق رايونغا، چوڭ-كىچىك كوچىلارغا چاپلىۋېتىمەن، ئىشىنەمسەن؟-ساراڭ ئەر ئەمدىلا ئۆيىگە كىرگەن بەي سەيشياغا شۇنداق دېدى.

-سۈرىتىمنى نەدىن تاپتىڭ؟-دېدى بەي سەيشيا.

گەرچە مەن بۇ ساراڭنى يىقىتىۋەتكەن بولساممۇ، لېكىن بەي سەيشيا يەنىلا كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي، ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.

-شيا ئاچا، ئىشىكنى يېپىۋېتىڭ!-دېدىم مەن.

-شيا ئاچا؟ سەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئۆتتۈڭمۇ؟ ھەتتا ئۆز خوتۇنۇڭنىمۇ رازى قىلالمايدىغان ھالىڭغا يەنە باشقا خوتۇنلارغا قانات سۆرەۋاتامسەن؟-دېدى ساراڭ ئەر.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قاتتىق غەزەپلەندىم-دە، كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت ئۇرۇپ ئۇ ئەبلەخنىڭ بۇرنىنى قانىتىۋەتتىم...

-لېي ئىنىم، بۇ ياققا چىقىڭ، ئۇ كەتتى!-دېدى. بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:124-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章