-ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈڭ!-دېدىم مەن گەرچە قىسقىچە تەرجىمىھالىدىن بۇ قىزنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن بولساممۇ، لېكىن يەنىلا بۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن تېخىمۇ پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى ئويلاپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كەلگەنلەر ئادەتتە بىر قەدەر گۇمانلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار بارلىق ئۇچۇرلىرىمىز قىسقىچە تەرجىمىھالدا بار تۇرسا، يەنە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئارتۇقچە ئىش ئەمەسمۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى سىزگە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقماقچى، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ تونۇشتۇرالىسىڭىز، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى چوقۇم سىزگە يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدۇ. يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسىنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ، ھەمىشە بۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى كەسپىي ئەمەس ئىكەن دەپ قاراپ قالىدۇ.
-ئىسمىم ۋاڭ زىتۇڭ، بۇ يىل 25 ياش، شەھىرىمىزنىڭ xx ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن، يۇرتۇم xx ....
بۇ قىزنىڭ يۇرتىنىڭ xx ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز بېشىمنى تۆۋەن سالغىنىمچە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىغا قارىدىم. قىسقىچە تەرجىمىھالىدا ئۇنىڭ يۇرتىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى يېزىلمىغان، ئەسلىدە بۇ قىز مەن بىلەن بىر يەرلىك يۇرتداش ئىكەن.
-مەن داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن فېيياڭ ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، ئۈچ يىل باش دىرېكتور ياردەمچىسى بولدۇم، بۇ ئۈچ يىلدا مەن ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان قىزدىن لاياقەتلىك باش دېرىكتور ياردەمچىسىگە ئايلاندىم...
كېيىن ۋاڭ زىتۇڭ ئۆزىنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇردى، ئۇ بىر شىركەتتە نۇرغۇنلىغان ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشكەن ئىكەن ھەمدە ئۇ شىركەتكە كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىشقىلىپ تۇيغۇم ماڭا بۇ قىزنىڭ خېلى يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. لېكىن بىر نۇقتا شۇكى، بۇ قىز ناھايىتى مۇنەۋۋەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بار بولسىمۇ مەن يۇقىرى مائاش بېرەلمەيمەن، شۇڭا مەن خالىساممۇ ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشى ناتايىن ئىدى.
-سىز ئۇ شىركەتتە شۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلغان تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇ يەردىن ئىستېپا بېرىسىز؟
-بۇ شىركەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، دېمىسەممۇ بولامدۇ؟-دېدى قىزچاق. مەنمۇ نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىكى بارلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى سورىماستىن:
-مېنىڭ بىلىشىمچە، سىزنىڭ ئالدىنقى شىركىتىڭىز چوڭراق شىركەت ھېسابلىنىدىكەن، سىز نېمىشقا بىزنىڭ بۇ كىچىك شىركەتكە كېلىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىشنى تاللىدىڭىز؟-دەپ سورىدىم.
-مېنىڭچە ھەر بىر مۇھىت ئالماشسا بىر يېڭى باشلىنىش بولىدۇ، شۇڭا شىركەتنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشى بەرىبىر، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى شىركەت بولسىلا بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىلگىرى تۇرغان شىركەت ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە تەرەققىي قىلاتتى، بۇ شىركەت يۇمشاق دېتال شىركىتى، مەن باشتىن باشلاپ ئۆگىنىشنى خالايمەن!-دېدى قىزچاق. مەن بۇ قىزنىڭ خىزمەتكە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، شىركىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم، ئاندىن:
-سىزمۇ كۆردىڭىز، شىركىتىمىز چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچى تىپىدىكى شىركەتكە تەۋە، شۇڭا سىز ئالىدىغان مائاشنى ئۇنچە كۆپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن!-دېدىم. چۈنكى مەن ۋاڭ زىتۇڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدا بەش مىڭ يۈەن مائاش تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆردۈم، چياۋ يۆرەننىڭ ئەسلىدىكى مائاشىمۇ ئۈچ مىڭ بەش يۈز يۈەن ئىدى، شۇڭا مەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۇنىڭغا تۆت مىڭ يۈەن بېرەلەيتتىم. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ۋاڭ زىتۇڭ ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر بولسا، مەن ئۇنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى ئويلىشىپ باقسام بولىدۇ. مەن مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئەگەر مەن بەرگەن مائاش بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، شىركەتتىكى باشقا خىزمەتداشلىرىمنىڭ پىكرى چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
-قانچىلىك بېرەلەيسىز؟-
-تۆت مىڭ يۈەن، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بەش خىل سۇغۇرتا بار، بىر يىلدىن كېيىن بىر فوند قېتىلىدۇ.
-لېي باش دېرىكتور، بىزنىڭ ئۆي بۇ يەرگە يېقىن، ئەسلىدىكى شىركىتىم سەل يىراق، بۇمۇ مېنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىشىمدىكى بىر سەۋەب ئىدى. بۈگۈن لېي باش دېرىكتور سىزنى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭچە سىز خېلى يامان ئەمەس ئادەم ئىكەنسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن، شۇڭا لېي باش دېرىكتور يەنە ئازراق قوشۇپ بەرسىڭىز، مەن سىزنىڭ بۇ يەردە ئىشلەشنى خالايمەن!
-4200يۈەن، بۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، لېكىن سىز سىرتقا چىققاندا باشقىلارغا مېنىڭ سىزگە بەرگەن مائاشىمنىڭ سوممىسىنى دېسىڭىز بولمايدۇ!
-بولىدۇ، پۈتۈشتۇق!
بىراق شىركەتنىڭ ئۈچ ئايلىق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بار، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئالىسىز!
-بۇ مەسىلە ئەمەس!
-ئۇنداقتا ياخشى، سىز قاچان ئىشقا كېلەلەيسىز؟
-ھازىر بولسىمۇ بولىدۇ!
-ئۇنداقتا ياخشى، مەن كادىرلار بۆلۈمىدىكىلەرنى سىزگە خىزمەتكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشكە بۇيراي، بۈگۈندىن باشلاپ سىز شىركىتىمىزنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولدىڭىز، مەن شىركەتتىكى بارلىق ئىشچىلارغا ۋاكالىتەن سىزنىڭ بىزنىڭ بۇ كىچىك ئەترەتكە قېتىلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمەن!-دېدىم مەن بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قولۇمنى سوزغىنىمچە، ۋاڭ زىتۇڭ بىلەن قول ئېلىشىپ باقماقچى بولدۇم. ۋاڭ زىتۇڭمۇ ناھايىتى ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئۇنداقتا مەن بۇنىڭدىن كېيىن لېي باش دېرىكتورنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەم بولدۇم، لېي باش دېرىكتور بىلەن بىللە جەڭ قىلىمەن، لېي باش دېرىكتورنىڭ ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت!-دېدى. ئارقىدىن مەن تېلېفوندا كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورىنى چاقىرىپ كەلدىم، ئاندىن ۋاڭ زىتۇڭنى ئېلىپ خىزمەتكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئېيتتىم ھەمدە كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورىغا ۋاڭ زىتۇڭنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتتىم. كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ زىتۇڭنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، كەيپىياتىم خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ئارقىدىن يەنە قىسقىچە تەرجىمىھالنى ئېلىپ ۋاڭ زىتۇڭنىڭ ئۇچۇرىنى كۆردۈم.
ۋاڭ زىتۇڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدا بىر پارچە سۈرەت بار بولۇپ، ئۇ ناھايىتى تاتلىق كۈلۈپ چۈشكەن ئىدى. ۋاڭ زىتۇڭ خىزمەتكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا شىركەتنىڭ كەسپى بىلەن تونۇشۇشنى ئېيتتىم ھەمدە ئۇنىڭغا ئالدىنقى ئۈچ كۈندە كەسىپ بىلەن ئوبدان تونۇشۇشتىن باشقا ئىشلارنى ۋاقتىنچە قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.
ئىلگىرىكى چياۋ يۆرەن بولغان بولسا، مەنمۇ ئۇنى كەسپىي ئىشلار بىلەن ئۇچراشتۇرمىغان بولاتتىم. لېكىن ۋاڭ زىتۇڭ ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچى ھېسابلىنىدۇ، كېيىن چوقۇم كەسپىي ئىشلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، شۇڭا كەسىپنى ئالدىن پىششىق بىلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن يامان ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى دائىم چاي دەملەپ بېرىدىغان ئۇششاق ئىشلارنى قىلدۇرسام، ئادەمنى ئۆز لايىقىدا ئىشلەتمىگەنلىك بولۇپ قالىدۇ.
سائەت 10 دىن ئاشقاندا، مەن فاڭ لىتىڭغا تېلېفون قىلدىم، تۈنۈگۈن تاماقنىڭ يېرىمىنى يېگەچكە، بۈگۈن چۈشتە ئۇنى يەنە بىر قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلماقچى بولدۇم.
-ۋەي، لېي ئاكا، نېمە بولدى؟ مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟
-شۇنداق! سىزنى سېغىندىم، يەنە كېلىپ بەك سېغىندىم!
بۇنداق دېگىنىمنى ئاڭلاپ، تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدىكى فاڭ لىتىڭ خىرىلداپ كۈلۈپ كەتتى-دە:
-لېي ئاكا، تولا چاقچاق قىلماڭ، چوقۇم بىرەر ئىش بولغاچقا مېنى ئىزدىدىڭىز!-دېدى.
-بۈگۈن ھېچ ئىش بولمىدى، تۈنۈگۈن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلالمىغان بولغاچقا، بۈگۈن چۈشتە سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي دەپ ئويلىدىم.
-راستمۇ، يالغانمۇ؟-دېدى فاڭ لىتىڭ ئازراق ئىشەنمىدى.
250-باب: تار يولدا ئۇچراشقان رەقىبلەر
-ئەلۋەتتە راست، چىقامسىز ياكى چىقمامسىز؟ چىقمىسىڭىز يانچۇقۇمدىكى پۇلۇمغا پايدا جۇمۇ!
-ئەلۋەتتە چىقىمەن، نېمىشقا چىقمىغۇدەكمەن؟ چىقمىسام ئەخمەق بولىمەن!
-بولىدۇ، سائەت ئون بىر يېرىمدا شىركىتىڭلارنىڭ ئالدىغا سىزنى ئالغىلى باراي...
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن مەن جاڭ تاغامغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەتە قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. جاڭ تاغامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەتە ئەتىگەن سائەت ئالتىنىڭ پويىزىغا ئولتۇرۇپ، سائەت توققۇزلاردا ئۆلكە مەركىزىگە بارىدىكەن، شۇ چاغدا بىز پويىز ئىستانسىسىدا كۆرۈشۈپ، ئاندىن بىللە پايتەختكە بارىدىكەنمىز. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ كىملىك نومۇرىنى سورىدىم، ئاندىن ئىككىمىزگە ئەتە پايتەختكە بارىدىغان بېلەت ئېلىپ بەردىم.
سائەت 11 دە، مەن بىنادىن چۈشۈپ ماشىنا ھەيدەپ ئۇدۇل فاڭ لىتىڭنىڭ شىركىتىگە باردىم. ئەلۋەتتە، ماڭىدىغان چاغدا مەن يەنە ۋاڭ زىتۇڭغا بىرەر ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ دەپ قويدۇم.
فاڭ لىتىڭنىڭ شىركىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى ساقلاش جەريانىدا مەنمۇ يان تېلېفونۇمدىكى خوتۇنۇمنىڭ ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قىزىل چېكىتنى كۆردۈم، ئۇ قىزىل چېكىت ئىزچىل خوتۇنۇمنىڭ شىركىتىدە بولغاچقا، مەنمۇ خېلى خاتىرجەم بولدۇم.
-لېي ئاكا، ئەجەپ بالدۇر كەپسىزغۇ!-دېدى فاڭ لىتىڭ خۇشال ھالدا ماشىنىغا چىقتى.
-ياق، مەنمۇ ھازىر كەلدىم!-دېدىم مەن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ، ئاندىن ئۇدۇل سىچۇەن قورۇمىخانىسىغا باردىم. ئاشخانىغا بارغاندىن كېيىن جىمجىتراق ئايرىمخانا تاپتۇق، ئاندىن فاڭ لىتىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تۆت خىل قورۇما بۇيرۇتتى. تاماق جەريانىدا مەن فاڭ لىتىڭغا تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەينەن سۆزلەپ بەردىم ھەمدە ھېلىقى بىنورمال ئادەمنىڭ نېمىشقا ھەر كۈنى ئايالىمغا تىكىلىپ قاراپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئايالىمغا قانداق يىرگىنىشلىك گەپلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدە ھېلىقى مەينەت نەرسىسىنى چىقىرىپ قويىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسەم، فاڭ لىتىڭنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى.
-ئۇنداق ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك!-دېدى فاڭ لىتىڭ ئۆچمەنلىك بىلەن.
-مېنىڭمۇ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكۈم بار، لېكىن ئۇنداق قىلالمايمەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەم بۈگۈن سىز بىلەن بۇ تاماقنى يېيەلمىگەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېيەلمىگەن بولاتتىم!-دېدىم مەن.
-لېي ئاكا، ھېلىقى ئايال قوشنىڭىز راستىنلا شۇنداق قىلامدىكەن؟
-ئىلگىرى قىلىپ باققان ئىكەن، ھازىر قىلمايدىغان بولدۇم دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ بىلەن ئانچە تونۇش ئەمەس!
-ئۇنچە تونۇش ئەمەس تۇرۇپ يەنە باشقىلارغا ياردەم قىلامسىز؟-دېدى فاڭ لىتىڭ. ئۇنىڭ بۇ گېپىدە ئازراق كۈندەشلىك پۇرىقى بار ئىدى.
-قولۇم-قوشنا ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەسلىدە ئۇ ھايۋاننى ئەدەپلەپ قويماقچى ئىدىم، كېيىن ئۇ ئەبلەخنى ئىزدەپ بارسام ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىدى، بولمىسا ئۇنى ئاللىبۇرۇن ئەدەپلەپ قويغان بولاتتىم! كېلەر قېتىم ئۇنى يەنە كۆرسەممۇ چوقۇم ئەدەپلەپ قويىمەن!-دېدىم مەن. ئارقىدىن ئۇنىڭغا يەنە باشقا گەپلەرنى قىلماقچى بولغان ئىدىم، لېكىن بۇ چاغدا مەن ئىشىك ئالدىدىن تۆت-بەش ئادەمنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەقىبلەر تار يولدا ئۇچراشتى دېگەن مۇشۇدە، كەلگەن ئادەم دەل چياۋ يۆرەننىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى قىرقىم چاچ، ۋۇ جيەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچ شوركىسى ئىدى. مەن ۋۇجيەننى كۆرگەندە، ۋۇجيەنمۇ بىزنى كۆردى-دە:
-ۋوي بۇ لېي ئاكام ئەمەسمۇ؟ يەنە ھېلىقى قىزچاقنى ئېلىپ تاماق يېگىلى چىقتىڭمۇ؟-دېگىنىچە ھىجايدى. مەن تېخى گەپ قىلماي تۇرۇپلا، ھېلىقى قىرقىم چاچ ئېتىلىپ كېلىپ:
-لېي تيەنلېي، سەن يۆرەننى نەگە يوشۇرۇپ قويدۇڭ؟-دەپ ۋارقىرىدى.
-سەن ساراڭمۇ؟ ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلماي ئەمدى يۆ رەننىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى مەندىن سوراۋاتامسەن؟ ئۇنى نەگە كەتكەنلىكىنى مەن نەدىن بىلەي؟-دېدىم مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۈرپەيدىم. بۇ چاغدا فاڭ لىتىڭمۇ ئورنىدىن تۇردى، مەن ئۇنىڭ قولىدا بىر قاچا مىفەننى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە ئۇ ھەرقانچە بولسىمۇ قولىدىكى قاچىنى قىرقىم چاچنىڭ بېشىغا ئاتماس دەپ ئويلىدىم.
قىرقىم چاچ مېنىڭ ئۇنىڭغا ھۈرپەيگەنلىكىمنى كۆرۈپ ئېتىلىپ كەلمەكچى بولغان ئىدى، دەل شۇ چاغدا قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟!
بۇ چاغدا مەن سېمىزرەك بىر ئەرنىڭ بىر نەچچە ئەر مۇلازىمەتچىنى باشلاپ ئېتىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇ بۇ يەرنىڭ خوجايىنى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ھېلىقى سېمىز ئادەم بىز تەرەپكە كېلىپ، مەن بىلەن قىرقىم چاچقا قاراپ قويغاندىن كېيىن سوغۇق تەلەپپۇزدا:
-سىلەر تاماق يېمەكچى بولساڭلار ئەلۋەتتە قارشى ئالىمەن! لېكىن ئەگەر جېدەل چىقارساڭلار، ئۇنداقتا سەت بولدى، بۇ ئىشىكتىن چىققاندىن كېيىن كىمنىڭ بېشىنى يېرىۋەتسەڭلار، ھەتتا كىمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلارمۇ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق، لېكىن مېنىڭ دۇكىنىمدا يەنىلا قائىدىلىكرەك بولۇڭلار!-دېدى.
خوجايىننىڭ گېپىدە ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتمىدى، تۆۋەنمۇ كۆرمىدى، پەرىزىمچە ئۇمۇ بۇرۇن لۈكچەك بولۇپ باققان ئادەمدەك قىلاتتى. قىرقىم چاچلىق ئەر نوچىلىقىنى خوجايىنغا قىلماقچى بولغاندا ۋۇ جيەن ئالدىراپ-تېنەپ ئۇنى تۇتۇۋالدى، ئاندىن خوجايىنغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-خوجايىن، كەچۈرۈڭ، بىز ھەممىمىز تونۇشىمىز، بۇ بىر مەيدان ئۇقۇشماسلىق، ئۇقۇشماسلىق!-دېدى ۋە شۇنداق دېگەچ قىسقا چاچلىق ئەرنى تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى، قىسقا چاچلىق ئەر پات-پات كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ قويىدىغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن غەزىپ چىقىپ تۇرغان، خۇددى مېنى يەۋەتكۈسى كېلىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ۋۇ جيەنلەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، خوجايىن بىزگە قاراپ:
-سەت بولدى، سىلەر ئىشىڭلارنى چىقىپ ھەل قىلامسىلەر ياكى؟-دېدى.
-بىزنىڭ تامىقىمىز تېخى تۈگىمىگەن، ئۇ ئەبلەخلەر ئۆزى كېلىپ ئاۋارە قىلدى. خاتىرجەم بولۇڭ، مەن بۇ يەردە جېدەل چىقارمايمەن!-دېدىم مەن.
-ئۇنداقتا ياخشى، ئەمىسە بەھۇزۇر تاماققا بېقىڭلار!-دېدى خوجايىن گېپىنى تۈگىتىپ ئادەملىرىنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. مەن لىتىڭ بىلەن تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن سىچۇەن قورۇمىخانىسىدىن چىقىپ، ۋۇ جيەن قاتارلىقلارنىڭ ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، قارىغاندا ئۇلار بىزنى ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى.
-لى تىڭ، سىز ئاۋۋال ماشىنىغا چىقىڭ، مەن بېرىپ قاراپ باقاي!-دېدىم مەن.
-ياق، لېي ئاكا، مەن سىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىمەن!-دېدى فاڭ لىتىڭ شۇنداق دېگەچ ئىشىك ئالدىدىكى بىر تال تۆمۈر كالتەكنى ئالدى. مەن فاڭ لىتىڭنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ سەل كۈلكىلىك ھېس قىلدىم، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئىرادىسىگە يەنىلا قايىل بولدۇم. ئىككىمىز ۋۇ جيەنلەردىن ئۈچ مېتىر يىراقلىقتىكى يەرگە كەلگەندە، قىرقىم چاچلىق ئەر بىزگە قاراپ:
-لېي تيەنلېي، سەن يۆرەننى زادى نەگە يوشۇرۇپ قويدۇڭ؟ ئەگەر بۈگۈن دېمىسەڭ، بۇ يەردىن كېتىمەن دەپ خام خىيال قىلما!-دېدى.
-سەن داشقال خىجىل بولماي مەندىن يۆرەننى نەگە يوشۇرۇپ قويدۇڭ دەپ سوراۋاتامسەن؟ سىلەر تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاڭ شياۋفېي چياۋ يۆرەننىڭ ھازىرقى ئوغۇل دوستى، سىلەر ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭلار، مەن يا چياۋ يۆرەننىڭ لايىقى بولمىسام!-دېدىم مەن. ۋۇ جيەن بىلەن قىرقىم چاچلىق ئەر گۇمانلانغان ھالدا بىر-بىرىگە قاراپ قويدى، ئاندىن ۋۇ جيەن:
-لېي ئاكا، سەن يۆرەننىڭ ھازىر ۋاڭ شياۋفېي دېگەن سولتەك بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسەن؟-دەپ سورىدى.
ئاناڭنى، بۇلار تېخى جەمئىيەت ئوينايدىغان ئادەممۇ؟ چياۋ يۆرەننىڭ ھازىر يۇرتىغا قايتىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كىم بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەنلىكىنىمۇ بنىلمەيدىكەن! بىراق مەن ئەلۋەتتە ئۇلارغا چياۋ يۆرەننىڭ يۇرتىغا قايتقانلىقىنى ئېيتالمايمەن، ئەگەر ئۇلار چياۋ يۆرەننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى ئىزدىسە، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان بولمامدىم... مەن سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:
-چياۋ يۆرەننىڭ شىركىتىمدىن ئىستېپا بەرگىنىگە خېلى ئۇزۇن بولدى، مەن پەقەت ۋاڭ شياۋفېينىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭ لايىقى دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى بىلىمەن، باشقىلىرىنى بىلمەيمەن، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھازىر بىر يەردە ياكى ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيمەن. سىلەر بېرىپ ۋاڭ شياۋفېيدىن سوراپ بېقىڭلار، ھەممە نەرسە شۇ چاغدا ئېنىق بولىدۇ!-دېدىم. قىرقىم چاچلىق ئەر ۋۇ جيەنگە بىر نەچچە ئېغىز پىچىرلىدى، ئاندىن ماڭا:
-يۆرەننىڭ ئىشىنى بىر ياققا قويۇپ تۇرايلى، ئىككىمىزنىڭ ئاداۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلىمۇ؟-دېدى.
-ئىككىمىزنىڭ ئاداۋىتى؟ سولتەك، ساڭا دەپ قوياي، سەن قانداق ھېساب كىتاب قىلماقچى بولساڭ مېنىلا ئىزدە ياكى بىز ۋاقىت ۋە ئورۇننى كېلىشىپ قويايلى!-دېدىم مەن سوغۇق ئاۋازدا.
-مەن ...دېدى قىرقىم چاچلىق ئەر بىر مەھەل گەپ قىلالماي، كېلىپ ماڭا قول سالماقچى بولغاندا، ۋۇ جيەن ئالدىراپ-تېنەپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. ۋۇ جيەن بەلكىم ئۇلار بىر نەچچەيلەنگە تايىنىپلا ئۇرۇشسا ماڭا تەڭ كېلەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگە بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
-لېي ئاكا، ۋۇزى ئاكام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىمەن، بۈگۈن باشقا مەقسىتىمىز يوق، لېي ئاكا، چياۋ يۆرەننىڭ خەۋىرى بولسا خاپا بولماي ئىنىمغا خەۋەر قىلىپ قويارسەن!-دېدى ۋۇ جيەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ھې، ھې، نوچى بولساڭلار ئۆزۈڭلار ئىزدەڭلار، مېنىڭ سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشقۇدەك بىكار ۋاقتىم يوق!-دېدىم مەن سۆزلەۋېتىپ فاڭ لىتىڭنى ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇم. قىرقىم چاچلىق ئەر يەنە ئېتىلىپ كەلمەكچى بولغاندا، ۋۇ جيەن ئۇنى يەنە تۇتۇۋالدى. لى تىڭ ئىكككىمىز ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ماڭدۇق. چۈنكى ۋۇ جيەن قاتارلىق بىر نەچچەيلەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا تۇرغان بولۇپ، شۇڭا مەن كەتمەكچى بولسام چوقۇم ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشۈم كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇلار ماڭغىلى قويمىسا، مەنمۇ ماڭالمايتتىم.
مەن سوغۇق كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن، ماي كلاپانىنى بىر دەسسەپلا ھېلىقى بىر نەچچە ئەبلەخنى سوقىۋەتمەكچى بولغان ئەلپازدا ھەيدىدىم، فاڭ لىتىڭمۇ قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتى. مەن بۇ بىر نەچچەيلەننىڭ ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، تورمۇزنى دەسسىمىدىم، ماشىنام ئۇلارنى سوقۇۋېتەي دەپ قالغاندا، ۋۇ جيەن قاتارلىقلار ئاغزىنى بۇزغىنىچە ئۆزىنى چەتكە ئالدى، يەنە تېخى ماشىنامنى قوغلاپ «پاق-پاق» قىلىپ نەچچە قېتىم ئۇردى. مېنىڭمۇ ئۇلار بىلەن كارىم يوق، فاڭ لىتىڭنى شىركەتكە ئاپىرىپ قويدۇم. ماشىنىنى توختاتقان چاغدا، فاڭ لىتىڭ بايىقى ھاياجاندىن ئېسىگە كېلىپ بولالمىغان بولۇپ، مېنى يىنىك ئۇرۇپ قويغىنىچە:
-لېي ئاكا، مېنى قورقىتىۋەتتىڭىز، ئۇلارنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن قورقمامسىز؟-دېدى.
-ئۇلارمۇ ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس؟ مېنى سوقۇۋېتىشىمگە قاراپ تۇرامدۇ؟-دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
-بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلماڭ، ناۋادا بىرەر ئىش بولۇپ قالسىچۇ! ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا خۇن تۆلەيدىغان ئىش بار!-دېدى فاڭ لىتىڭ.
-مەندىن بەك ئەنسىرەۋاتامسىز نېمە؟-دېدىم مەن ھىجىيىپ تۇرۇپ سورىدىم.
-نەدىكىنى، خې ئاچامنىڭ تۇل قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن!-دېدى فاڭ لىتىڭ سۆزلەۋېتىپ يۈزى قىزىرىپ كەتتى-دە، ئارقىدىنلا ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى.
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:126-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار