بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ
ئاپتورى: لاۋ مو
122-باب: ئارقىڭىزدىكى ئادەم كىم؟
106 | 105 | 104 | 103 | 102 |
111 | 110 | 109 | 108 | 107 |
117 | 116 | 115 | 114 | 113 |
121 | 120 | 119 | 118 |
ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (121): غەزەپلەنگەن شىر
بىر ھازادىن كېيىن، قاتتىق تاياق يېگەن لەن رېن بېشىنى كۆتۈرۈپ، بايىقى ئىككى ئادەمنىڭ قارىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاندىن غەزەپ بىلەن تىللىدى:
-ئاناڭنى، بۈگۈن راستىنلا نەس باستى!
ۋايجان!
ئارقىدىن لەن رېن ئاغزىنى ئېتىۋالدى، ئۇ ئېغىزىدىن قان كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى سېسىق تىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تېخىمۇ بىئارام بولدى.
ئارقىدىنلا، لەن رېن بىر قاتتىق نەرسىنى قولىغا تۈكۈردى.
ئالىقىنىدىكى ھېلىقى نەرسىنى كۆرۈپ، لەن رېننىڭ چىراي ئېچىنىلشىق تۈسكە كىرىپ قالدى.
-ئاپلا، چىشىم چۈشۈپ كېتىپتۇ!
قولىدىكى قانغا بويالغان بىر تال چىشنى لەن رېن قوبۇل قىلالماي، كۆكىرىپ كەتكەن بېشىنى قاماللىغىنىچە، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
-مەن كىم بىلەن قېرىشىپ قالغاندىمەن؟ ھېلىقى ئىككى ئەبلەخ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، لەن رېن دەرھال ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ، كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا قاراپ، بايىقى ئىككى ئادەمنىڭ يەنە كېلىپ ئۇنى ئۇرۇشىدىن قورقتى.
يېرىم كۈنگىچە كوچىدا باشقا ئادەم كۆرۈنمىگەچكە، لەن رېن ئاندىن ئۇھ دېدى.
ئارقىدىن لەن رېن يەردىكى ئاق رەڭلىك قولياغلىقنى كۆرۈپ، قولىنى سوزۇپ ئېلىپ، ئۈستىدىكى داڭلىق ماركا لايھەسىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى.
بۇ قول ياغلىق قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنسىمۇ، لېكىن خەلقئارادىكى داڭلىق ماركا، ھەر قانچە بولسىمۇ نەچچە يۈز يۈەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەر سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارىغا كىرمەيتتى.
لەن رېن بايىقى ئىككى ئادەمنى ئويلاپ باقسا، كىيىنىشى ھەقىقەتەن ئادەتتىكىچە ئەمەس ئىدى، لەن رېن بېشىنى يارغۇدەك ھالەتكە كېلىپ قېلىپمۇ، ئۆزىنىڭ قاچان بۇنداق ئىككى ئادەمنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى!
تۇيۇقسىز، لەن رېن بايىقى سالاپەتلىك ئەرنىڭ گېپىنى ئېسىگە ئالدى.
-بۇنىڭدىن كېيىن سېسىق ئېغىزىڭىزنى ۋە سېسىق قولىڭنى ياخشى باشقۇر، ھەر قانداق ئايال كىشىگە يامان غەرەزدە بولما!
بۇ گەپ بەك غەلىتە ئىدى، ئاياللارغا يامان غەرەزدە بولما؟
دېمىسىمۇ، نەچچە يىلدىن بېرى شىركەتتە ئۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئاياللارنى «تىتىپ باقماقچى» بولغانىدى. لېكىن تىتىپ باقالىغانلارنى يوق دېيەرلىك ئىدى. يېقىندىن بېرى ئۇ سۇ چىڭغا چاپلىشىۋالغاندەك قىلاتتى.
سۇ چىڭنى ئويلاپ، لەن رېننىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز يۇمۇلۇپ كەتتى.
ئەجەبا بايىقى ئىككىسى سۇ چىڭ ئۈچۈن ئۆزىدىن ئۆچ ئالغىلى كەلگەنمۇ؟
سۇ چىڭنىڭ تەقى-تۇرقى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن يەيدىغان، كىيىدىغان، ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرى ئادەتتىكىچە ئىدى، ئادەتتە ئۇنىڭ زەردارلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغىنىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا، لەن رېن ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىدىكى توپىنى قېقىپ، ئۆزىنىڭ سېسىق بېشىنى سىلاپ، تەستە كوچىدىن چىقتى.
سۇ چىڭ بىلەن يې زىشۈەن خامچوت لايىھسىنىڭ ئىشىنى سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يې زىشۈەن:
-سۇ چىڭ، خۇ لىچىڭ بىلەن خۇ پېي ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بۇنداق مۇناسىۋىتىڭلار بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن،-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ مەخپىيەتلىك ئەمەس، تېگى-تەكتىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇ لىچىڭ، خۇ پېي ئانا بالا بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى بىلەتتى.
-سەت بولدى.
سۇ چىڭ سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
-سەت بولغىنى سىز ئەمەس! ھەي، ئەينى ۋاقىتتا مەن ھەقىقەتەن كورلۇق قىپتىكەنمەن، ئاشۇ خۇ پېيغا يېقىنلىشىپ يۈرگىنىمنى قاراڭ.
يې زىشۈەننىڭ كۆڭلى غەش بولدى.
گەرچە يې زىشۈەن بەگزادە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئادەم يەنىلا بىر قەدەر تەربىيە كۆرگەن، شۇڭا سۇ چىڭ ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن ھېسداشلىق قىلدى.
سۇ چىڭمۇ يې زىشۈەننىڭ ھەسرىتىگە نېمە دېيىشنى بىلەلمەي، سۇس كۈلۈپ قويدى.
كېيىن يې زىشۈەن تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى:
-بىراق مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، چۈنكى سىز مېنىڭ قىيىن مەسىلەمنى ھەل قىلىدىغان ياخشى ئامال تەپ بەردىڭىز؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سورىدى:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن ماڭا رەھمەت ئېيتىسىز؟
ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ مەسىلىسىدىمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج تۇرسا، يې زىشۈەننىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا نەدىمۇ ئۇنچىلىك زور كۈچى بولسۇن.
يې زىشۈەن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ناھايىتى سىرلىق ھالدا:
-كەچۈرۈڭ، مەن بۇ ئىشنى سىزگە ئاشكارىلىماسلىققا ۋەدە بەرگەن، شۇڭا ۋەدەمگە ئەمەل قىلىشىم كېرەك،-دېدى.
سۇ چىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يې زىشۈەننىڭ زادى نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى.
بۇ ئادەم كىم؟
ئارقىدىنلا يې زىشۈەن ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇ چىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:
-سۇ خانقىز، بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ھەمكارلىقىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،-دېدى.
-ھەمكارلىقىمىز كۆڭۈللۈك بولسۇن.
سۇ چىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كۈلۈمسىرەپ خوشلاشتى.
لەن رېن ئاقساپ مېڭىپ 6-گۇرۇپپىنىڭ ئىشخانىسىدا پەيدا بولدى، كۆپچىلىك ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال ھەيران بولۇپ ئاغزىنى يوغان ئاچتى.
-لەن رېن، بۇ نېمە ئىش؟ سوغۇق ئىچىملىكنى بۇنداق سېتىۋالسا قانداق بولىدۇ؟
شياۋلى ھەدە ئالدىغا بېرىپ لەن رېنغا سەپسالدى.
لەن رېن ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ مەڭزىنى سىلاپ تۇرۇپ:
-مەن يولدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتۈم، سوغۇق ئىچىملىك بىلەن ماروژنى سۇغا چىلاشتى!-دېدى.
لەن رېن بىرلىشىپ كەتكەن قول سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە كۆرسەتتى.
بايا ئۇ يولدا ئويلاپ قويغانىدى، گەرچە يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئىشخانىغا قايتىپ ئۇلارغا بۇنى كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك ئىدى. بولمىسا بۇ كىشىلەر ئۇنى ئۇلارغا سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ بېرىشكە كۆزى قىيماپتۇ، دەپ ئويلاپ، يەنە بىر قېتىم خاپا بولۇپ جېشكانى تىللىغان ئىشنى جېشكاغا دەپ قويسا چاتاق بولاتتى.
ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىسى ياخشى بولمايۋاتاتتى، جېشكا بەك نارازى ئىدى، ئۇ تېخى بۇ خىزمەتكە مۇھتاج، مۇشۇ خىزمەت بىلەن ئائىلىسىنى باقمىسا بولمايتتى.
-يىقىلغان ھالەتتىمۇ مۇشۇنداق يىقىلىپ كېتەمدۇ كىشى؟
كۆپچىلىكنىڭ كۆزلىرى لەن رېنغا تىكىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن گۇمانلىنىپ قېلىۋاتاتتى.
-مەن… مەن يىقىلىپ چۈشۈپ، يۈزۈم بىر تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتتى، شۇ… شۇنىڭ بىلەن بىر تال چىشىم چۈشۈپ كەتتى، بولمايدۇ، مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ باقاي، سىلەر ماڭا ۋاكالىتەن جېشكادىن رۇخسەت سوراپ قويۇڭلار، مەن راستىنلا ھورۇنلۇق قىلمىدىم، بۇ قېتىم راست… راستىنلا يارىلاندىم!
لەن رېن گېپىنى تۈگىتىپ، سومكىسىنى ئېلىپ ئاقساپ مېڭىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى.
دەل شۇ چاغدا، سۇ چىڭ سىرتتىن كىرىپ، لەن رېن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
لەن رېن سۇ چىڭنى كۆرۈپ ناھايىتى ئوڭايسىزلاندى، ئاندىن قەدەملىرى توختاپ قالدى.
سۇ چىڭ لەن رېننىڭ بۇرۇن-يۈزلىرىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى، جاۋغىيىدا قان دېغى بارلىقىنى، ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنىڭ چاڭ-توزان بىلەن قاپلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزلىرىدىن قورقۇنچ چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھاڭۋېقىپ قالدى.
ئارقىدىن لەن رېن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ سۇ چىڭدىن ئۆتۈپ، بۇرۇلۇپلا تېز قەدەم بىلەن كېتىپ قالدى.
تۇيۇقسىز لەن رېننىڭ بۇنداق رەسۋا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئاقساپ تۇرغان سىماسىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالدى.
كۆڭلىدە: «بۇ نېمە ئىش؟» دەپ ئويلىدى.
لەن رېن قانداقسىگە بۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟ قارىغاندا تاياق يېگەن ئوخشايدۇ.
ئۇنى كىم ئۇردى؟
بۇ چاغدا، ئارقا ئىشخانىدىكى ئاياللار لەن رېننىڭ كەتكىنىنى كۆرۈپ، قىلچە ھەزەر ئەيلىمەي مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.
-بۇ قانداقمۇ يىقىلىش بولسۇن، ئېنىقلا تاياق يېگەن، ھەتتا چىشىمۇ چۈشۈپ كېتقپتۇ، كىم بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلغاندۇ؟
-غەلىتە ئەمەس، لەن رېن ئادەتتە ياخشى ئىش قىلمايدۇ، مېنىڭچە ئۇ چوقۇم بىرە قىز ياكى كىچىك كېلىنلەرنى پاراكەندە قىلغان گەپ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ دادىسى كېلىپ ئۇرغاندۇ؟ ھا ھا ھا…
بۇ گەپ چىقىشى بىلەن، ئىشخانىدىكى ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
سۇ چىڭ گۇمان بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ گۇمانلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
قارىغاندا ئۇنىڭ قارغىشى ھەقىقەتەن توغرا چىققان ئوخشايدۇ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇ ئۇنى باشقىلار ئۇرۇپ چىشىنى تۆكىۋەتسىكەن دېگەنىدى، بۈگۈن ئۇنىڭ چىشىنى راستىنلا باشقىلار ئۇرۇپ تۆكۈۋەتكەنىدى.
سۇ چىڭ بىر مەھەل كۈلكىسىنى باسالماي قالدى.
ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق كۆرەڭلەپ يۈرەلەرمۇ؟
ئارقىدىن سۇ چىڭ سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى چەكتى.
ئۇنىڭ خامچوت لايىھىسىنى كەيجيې تەرەپ ئېتىراپ قىلدى، ئۇ باشلىققا دوكلات قىلىشى كېرەك ئىدى.
-كىرىڭ.
ناھايىتى تېزلا ئىچىدىن سۈن فېيفېينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
سۇ چىڭ ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ، خىزمەت ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ، سۈن فېيفېيغا:
-جېشكا، كەيجې شىركىتىدىكى يې مۇئاۋىن باش دىرېكتور ئىمزا قويۇپ بولدى، بۇ بىزنىڭ ھېلىقى ھۆججىتىمىز،-دېدى.
سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ قولىدىكى بىر ھۆججەتنى سۈن فېيفېينىڭ ئالدىغا قويدى.
بىراق، بۇ ھەرىكەت سۈن فېيفېينىڭ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئالدىدىكى ھۆججەتكە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ:
-سۇ چىڭ، سىز بۇ قېتىم ماڭا ھەيۋە قىلماقچىمۇ؟-دەپ سورىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى.
-جېشكا، نېمە دېگىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم.
سۈن فېيفېي كەينى تەرەپتىكى ئايلانما ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ، ئىككى قولىنى جۈپلەپ مەيدىسىگە قويۇپ ئېغىز ئاچتى:
-مەن سىزنىڭ كەينىڭىزدە كاتتا ئەربابنىڭ سىزگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، بىراق بۇ ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىدىن بولمىغان، چۈشەندىڭىزمۇ؟
سۇ چىڭ تەبىئىي ھالدا ئازراق غەزەپلەندى.
-ئەگەر مېنىڭ ئارقامدا چوڭ ئەرباب بولغان بولسا بۇ يەرگە كېلىپ سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدا ئىشلىمەيتتىم، ئىشقىلىپ ھازىر سىز ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولدۇم، مەن سىزگە دوكلات قىلغىلى كىرگەن، باشقا ئىش بولمىسا، مەن چىقىپ كەتتىم.
سۇ چىڭ شۇنداق دەپ بولغاندىن كېيىن بۇرۇلۇپ سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتى.
ئىشىك تاقىلىشى بىلەن سۈن فېيفېي ئاچچىقلانغان ھالدا قولىدىكى ھۆججەتنى يەرگە تاشلاپ، ئاندىن پېشانىسىنى تۇتۇۋالدى.
بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا چۈشۈپلا، سۈن فېيفېينى بىۋاستە باشلىقى لىندالىن ئىشخانىسىغا چاقىرغانىدى.
لىندالىن ئۇنىڭغا، كاتتا ئەربابنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم سۇ چىڭ قول سالغان خامچوت لايىھىسىنى، بۇ كاتتا ئەربابنىڭ راۋانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، سەل تۇرۇپ كەيجيې تەرەپتىن ئادەم كېلىپ خامچوت لايىھىسى توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىشنى، چوقۇم خاتالىق سادىر قىلماسلىقنى تاپىلىغانىدى.
ئەسلىدە سۈن فېيفېي بۇ قېتىمقى خامچوت لايىھىسىدىكى ئىشتىن پايدىلىنىپ سۇ چىڭنى ئوچۇق-ئاشكارا چەتكە قاقماقچى بولغان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن سۇ چىڭنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ قويغانىدى، بۇ چىرايلىق نەتىجە قەغىزى بولغاچقا، سۇ چىڭ ئوڭۇشلۇق رەسمىيلىشىپلا قالماي، يەنە لىندانىڭ دىققىتىنى تارتتى، تېخىمۇ مۇھىمى لىندا ئۇنىڭ كەينىدە چوڭ ئەرباب بارلىقىنى ئېيتقانىدى.
ئەگەر سۇ چىڭ بۇ شىركەتتە ئۇزاق مۇددەت ئىشلىسە، يەنە كېلىپ چوڭ ئەربابلار يار-يۆلەك بولسا، ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ ئورنىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن، سۈن فېيفېينىڭ بېشى قاتتى.
سۇ چىڭ ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەر قانچە ئويلانسىمۇ يېشەلمىدى.
بايا مەيلى يې زىشۈەن بولسۇن ياكى سۈن فېيفېي بولسۇن، گەپنى مۈجمەل قىلىپ قويدى، ئەجەبا راستىنلا بىرەرسى ئۆزىگە ياردەم قىلىۋاتامدىغاندۇ؟
ئويلاپ باقسا، يې زىشۈەن تۇيۇقسىز خۇ لىچىڭنىڭ ئورنىدا ۋەكىل بولۇپ كېلىپ، ئۆزى بىلەن خامچوت لايىھىسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، بۇ ھەقىقەتەن ئويلىمىغان يەردىن چىقتى، چۈنكى پاراۋانلىق كەچلىك زىياپىتى كۈنىدىكى يې شىچاۋنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىنكاسى بويىچە، ئۇ خۇ لىچىڭنىڭ ئۆز چۆنتىكىنى تولدۇرىدىغان ئىشىغا ئىشەنمەيتتى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئەجەبا بىرسى كەينىدە ھەرىكەت قىلىۋاتامدۇ؟
ئۇ ئادەم كىمدۇ؟
تۇيۇقسىز، سۇ چىڭ گۇەن چىجېڭنى ئېسىگە ئالدى.
توغرا، گۇەن چىجېڭ شۇ.
ئۇ كۈنى پاراۋانلىق كەچلىك زىياپىتىدە ئۆزى ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغاندا، ئۇ ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، ئەجەبا ئۇ شۇمۇ؟
گەرچە گۇەن چىجېڭ بىلەن يې زىشۈەن دوست بولسىمۇ، لېكىن گۇەن چىجېڭ پەقەت بىر ئادۋوكات، ئۇ يې شىچاۋنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟
سۇ چىڭ بىر قارارغا كېلەلمەي قالدى.
سۇ چىڭ گۇەن چىجېڭنىڭ بۇ قېتىم ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۇنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن باشقىچە بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ گۇەن چىجېڭ بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى قالمىغانىدى، لېكىن ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىگە ياردەم قىلىۋاتاتتى، يەنە كېلىپ يوشۇرۇن ياردەم قىلغانىدى، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە يې زىشۈەن سۇ چىڭغا بۇ ئادەمنى ئاشكارىلىماسلىققا ماقۇل بولغانىدى.
راست گەپنى قىلغاندا، گەرچە گۇەن چىجېڭ ئالدىنقى قېتىم ئىككى قېتىم ئالدامچىلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ چىڭنىڭ ئۇنى چۈشىنىشىدە، ئۇ راستىنلا ئەسكى ئادەم ئەمەس، ھەم مەقسەت ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئادەم ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ئىشى سۇ چىڭنى يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىللە بولۇشقا ئامالسىز قويغانىدى.
ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى قالمىدى دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ يەنىلا بارلىق تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، يەنىلا ئۇنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانىدى، بۇنىڭغا قارىتا، سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى غەش بولدى، يەنە بىر ئادەمگەرچىلىككە قەرز بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى، يەنە كېلىپ ئۇ بۇ قېتىمقى ياردەم سەۋەبىدىن گۇەن چىجېڭغا يەنە بىر قېتىم چاپلىشىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
شۇڭا، سۇ چىڭ يان تېلېفونىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ گۇەن چىجېڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەپ قىلغاندا چوقۇم سوغۇق مۇئامىلە قىلىشنى، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھەر قانداق ئوينى رەت قىلىشنى ئويلىدى، چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇ قايتىدىن مۇھەببەتلىشىپ، قايتىدىن تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ روھىي بېسىمىمۇ يېنىكلەيدۇ.
سۇ چىڭ يان تېلېفۇنىنى ئېلىپ سىرتقا چىقماستىنلا، ئىشخانىدىكى شياۋلى ئاچا تۇيۇقسىز بىر ئىچكى لىنىيە تېلېفۇنىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن سۇ چىڭنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ:
-سۇچىڭ، لىندا سىزنى ئىشخانىسىغا كىرسۇن دەيدۇ!-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، ئىختىيارسىز ھاڭۋېقىپ قالدى.
ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ:
-لىندا مېنى چاقىردىمۇ؟-دەپ سورىدى.
-شۇنداق، سىز دەرھال بېرىڭ.
شياۋلى ئاچا بېشىنى لىڭشىتتى.
-ماقۇل.
گەرچە لىندانىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، سۇ چىڭ يەنىلا دەرھال بېرىشنى ئويلىدى، گۇەن چىجېڭغا تېلېفون قىلىدىغان ئىشنىمۇ تاشلاپ قويدى.
لىندانى پۈتكۈل بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ كەسپىي باش نازارەتچىسى، سۈن فېيفېينىڭ بىۋاستە باشلىقى دېيىشكە بولاتتى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇ ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلمايتتى، بىرەر چوڭ ئىش بولمىسىلا. سۇ چىڭ كۆڭلىدە يەنىلا سەل دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى، ئۇ لىندا ئۆزىنى نېمە ئىش قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلمەيۋاتاتتى.
لىندانىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرغاندا، لىندا سۇ چىڭنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە بىر قۇر سەپسالدى.
سۇ چىڭ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بولۇپ قالدى، لىندانىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىدى.
سۇ چىڭ گەپ قىلىش نىيىتىگە كېلىشىگە لىندا كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
-بۇ قېتىمقى كەيجېنىڭ خامچوت لايىھىسىدە سىزنىڭ ئىپادىڭىز ناھايىتى ياخشى بولدى، شۇڭا مەن سىزنىڭ رەسمىيلىشىڭىزنى ئالدىن تەستىقلىدىم.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ ھاڭۋېقىپ قالدى.
ئاندىن:
-رەھمەت،-دەپ كۈلدى.
بىراق، كۆڭلىدە ھېچقانچە خۇشاللىق بولمىدى، چۈنكى ئۇ يەنىلا بۇ خىزمەتنى داۋاملىق ئىشلەش-ئىشلىمەسلىكنى بىلەلمەيۋاتاتتى.
6-گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس، باشلىقى سۈن فېيفېي، خىزمەتدىشى لەن رېن، يەنە رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ ئۆزىگە قاراۋاتقان نۇرغۇن ئايال خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا بېسىم ھېس قىلدۇرغانىدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق مۇرەككەپ مۇھىتتا خىزمەت قىلىپ باقمىغان، لېكىن ئۇ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئاي ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئىدى، قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئايلىق مائاشنى ئۇ قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئاندىن بىر گەپ بولسۇن دەپ ئويلىغانىدى.
ئارقىدىن لىندا ئۇنىڭغا مۇلايىم نەزەردە قارىدى، سۇ چىڭ گەرچە ناھايىتى تېڭىرقاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلاشتى.
لىندا ئىقتىدارلىق ئايال، ئادەتتە خىزمەتنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىشلەيتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا «كەسپىتە پىشقان تەنناز» دەپ لەقەم قويۇپ قويغانىدى، ئۇنىڭ ئىشخانىدا ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش ئىدى.
-سۇ چىڭ، سىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزغا قارىسام، سىز بۇرۇن شېڭشىدا ئىشلىگەن ئىكەنسىز، شۇنداقمۇ؟
لىندا كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى.
سۇ چىڭ گەرچە قارشى تەرەپنىڭ بۇ گېپىنىڭ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ، بىراق يەنىلا بېشىنى لىڭشىتتى:
-شۇنداق، ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىشلىگەن.
-ئەينى چاغدا سىز شېڭشىدا نېمە خىزمەت قىلغان؟
-بۆلۈم دىرېكتور ياردەمچىسى بولغان.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ لىندا بېشىنى لىڭشىتتى:
-سىز شېڭشىدىكى گۇەن دىرېكتور بىلەن ئادەتتە كۆپ ئۇچرىشامتىڭلار؟
-ھە؟
تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇچىڭ گۇمانلانغان ھالدا لىنداغا قارىدى. ئاندىن لىندانىڭ چىرايىنىڭ سەل تەبىئىي ئەمەسلىكىنى كۆردۈم.
-ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەڭ، مۇنداقلا سوراپ قويدۇم، قولىڭىزدىكى بۇ ماتېرىيالنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىدە گۇەن باش دەرېكتور نۇرغۇن ياردەمدە بولدى.
-سىز گۇەن مۇنى قولۇمدىكى ھۆججەتكە قول تىققان دېمەكچىمۇ؟
سۇ چىڭ بىردىنلا ھاڭ-تاڭ قالغانىدى.
ئەسلىدە ئۇ گۇەن چىجېڭنى ئۆزىگە ياردەم قىلدى دەپ قارىغانىدى، ئەجەبا گۇەن چىجېڭ بولماي، گۇەن مۇ بولۇپ قالدىمۇ؟
سۇ چىڭ تېخى ئېسىگە كېلىپ بولالمىغاندا، لىندا كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
-گۇەن دىرېكتور ئۆزى ئوتتۇرىغا چىققانىكەن، مېنىڭچە سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز چوقۇم ئادەتتىكىچە ئەمەسقۇ دەيمەن.
لىندانىڭ كۆزلىرىدىن روشەن سىناش نەزىرى چىقىپ تۇراتتى، سۇ چىڭ ئىچىدە ئۇنى ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقىنىنى، دەپ تىللىدى.
لېكىن ئۇ لىندانىڭ ئۆزىنىڭ گۇەن مۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلىشىنى خالىمايتتى، قانداقلا بولمىسۇن، ئەگەر ئۇ بۇ يەردە داۋاملىق ئىشلىمەكچى بولسا، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە قالقان بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
شۇڭا، كېيىنكى دەقىقىدە، سۇ چىڭ بېشىنى چايقىدى:
-لىندا، ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق.
لىندا بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتتى، خۇددى ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك.
-ھە، قارىغاندا ئۇ دوستلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كەلگەن ئوخشايدۇ.
سۇ چىڭ شۇ تاپتا كۆڭلىدە: «ئۇ ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۆزىگە ياردەم قىلغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى.
ئالدىنقى قېتىم ئۆزى ئۇنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بىر نەچچە ئاي ئۆزىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولمىدى.
سۇ چىڭ لىندانىڭ گۇەن مۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلدى، گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ گۇەن مۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دېسە ھېچقانداق چوڭ تەسىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ گۇەن مۇ بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلسا توغرا بولاتتى.
-بەلكىم شۇنداقتۇ، بەلكىم دوستۇممۇ مېنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى، ئۆزۈم يالغۇز بالا بېقىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ياردەم قىلماقچى بولغاندۇ،-دېدى سۇ چىڭ ئويلانغاندىن كېيىن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ لىندا ھەيران بولغان ھالدا سۇ چىڭغا قارىدى:
-سىز… ئاجرىشىپ كەتكەنمۇ؟ يەنە بالىڭىز بارمۇ؟
-شۇنداق، شۇڭا مەن جان تىكىپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن، سىزمۇ بىلىسىز بىر تويدىن ئاجراشقان ئايالنىڭ بالا بېقىشى بەك تەس.
سۇ چىڭ لىندانىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشمەكچى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ گۇمانىنى يوقاتماقچى بولغانىدى.
ئارقىدىن لىندا ئۆزىگە تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلدى، يەنە تېخى سۇ چىڭنىڭ بالىنى يالغۇز بېقىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، جېشكانىڭ ئۇنىڭغا كۆپرەك ياردەم قىلىشىنى دەپ قويىدىغانلىقىنى، كېلەر قېتىم ئۆسۈش پىلانى چۈشۈپ قالسا، ئۆزىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاندىن سۇ چىڭنى قويۇپ بەردى.
سۇچىڭ لىندانىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ، لىندانىڭ كاتىپىنىڭ تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئەمما تېلېفون مەزمۇنى ئۇنىڭغا يېڭى بايقاش ئاتا قىلدى.
-سىز لىندا بولامسىز؟
-مەن لىندانىڭ كاتىپى، مەن لىنداغا ۋاكالىتەن خەلقئارا ئاشخانىنىڭ ئايلانما ئاشخانىسىنىڭ ئورنىنى زاكاز قىلىپ قويدۇم، خاپا بولماي گۇەن باش دىرېكتورغا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز، بۈگۈن كەچ سائەت يەتتىدە لىندا خەلقئارا ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدۇ.
سۇ چىڭ بىر تەرەپتىن ئالدىغا ماڭغاچ بىر تەرەپتىن پاراڭ مەزمۇنىنى ئاڭلىدى.
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:123-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار