بۇ ئۇنىڭ غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقان ئاۋازى...

文摘   2024-11-10 20:38   新疆  

گۇاڭدې بىناسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئايرىمخانىسىدا سۇڭ شى چۈشكۈن ھالەتتە ئولتۇراتتى. كاتتا سورۇندا بىر-بىرىگە رومكا سۇنۇپ ھاراق زورلاشلار، ئىس-تۈتەك قاپلىغان ئايرىمخانا ھاۋاسى ئۇنى گاراڭ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ئۇ بۇ سورۇندىكى بىردىنبىر ئايال بولۇپ، نەچچە ئاي ئىلگىرى دەل مۇشۇ ئايرىمخانىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ چاغدا ئۇمۇ مۇشۇ ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپ ئالاھىدە مېھمان قاتارىدا كۈتۈلگەن، ئەمدىلىكتە پەلەك تەتۈر چۆرگۈلەپ خۇددى ھايات ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغاندەك بۈگۈن ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئالمىشىپ قالدى.

-سۇڭ شى نېمىگە ھاڭۋىقىپ ئولتۇرىسىز؟ چىن دىرېكتورغا ھاراق تۇتۇڭ.

مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئاۋازى ئۇنى خىيالدىن سەگىتتى.

ئۇ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى قاراپ تۇرغان تەرەپكە قارىۋىدى، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يېقىن جايدا يىدا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىدىكى چىن خاۋ ئولتۇراتتى.

ئەسلىدە دوختۇرخانا ئىمپورت قىلىنغان بىر تۈركۈم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، يىدا گەرچە بىردىنبىر تاللاش بولمىسىمۇ، لېكىن چىن خاۋ ئۇنى ياخشى كۆرگەچكە، دوختۇرخانىغا قايتا-قايتا كېلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى چوڭ كىچىك ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. شۇڭا دوختۇرخانا مۇشۇ پۇرسەتتە چىن خاۋنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تېخىمۇ ئەرزان باھادا سېتىۋالماقچى بولدى. ئەلۋەتتە بۇ سورۇندا سۇڭ شى كەم بولسا بولمايتتى. بۇنداق بولغاندا چىن خاۋمۇ باھانى ئۇنچە ئۆرە قويالمايتتى. سۇڭ شى سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىيۇ يەنە چاندۇرماستىن دەرھال رومكىنى قولىغا ئېلىپ چىن خاۋغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى:

-چىن دىرېكتور مەن سىزگە بىر رومكا تۇتاي.

چىن خاۋ سۇڭ شىغا قارىدى. سۇڭ شى بايىلا دوختۇرخانىدىن ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل بۇ يەرگە كەلگەن بولۇپ، چىن خاۋ ئۇنىڭ مۇشۇنداق گىرىمسىز ساپ ھالىتىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭغا سۇڭ شىنىڭ مۇشۇنداق ھالىتى سىرتتىكى گىرىم بىلەن يۈزىنى بويىۋالغانلاردىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق كۆرۈنەتتى .

چىن خاۋ خوشلۇقتىن ئاغزىنى پۈرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:

-ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ مېنى يەنە چىن دىرېكتور دەپ مۇشۇنداقلا چاقىرامسىز؟ مەن سىزنى شياۋ شى دەپ چاقىرىدىغان تۇرسام، ياكى بولمىسا سىز مېنى ئاكا دەپ چاقىرىڭ.

سۇڭ شى مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ھېچنېمە دېمىدى. پەقەت رومكىنى يەنە ئازراقلا كۆتۈرۈپ:

-دوختۇرخانىمىز بۇ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە بەك ئېھتىياجلىق، كۆپرەك ياردەم قىلارسىز. مەن كۆتۈرۈۋېتەي، سىز ئىختىيارىڭىزچە ئىچىڭ،-دېدى. ئۇ شۇنداق دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ رومكىدىكى ئاق ھاراقنىڭ يېرىمىنى ئىچىۋەتتى. چىن خاۋ بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇش بولۇپ كەتتى.

-سىز ئىچىۋەتكەن يەردە، مەن سىزگە ھەمراھ بولمىسام بولماس، مەنمۇ كۆتۈرۈۋەتتىم.

چىن خاۋ شۇنداق دەپلا قولىدىكى ھاراقنىڭ ھەممىنى ئىچىۋەتتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈستەلدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا قوشۇلدى.

بۇ سۇڭ شى ئىچكەن تۆتىنچى رومكا ئاق ھاراق. ئۇ ئادەتتە خېلى ھاراق كۆتۈرەلىسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ مەست بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ رومكىنى قويۇپ تۇرۇشىغا ئۈستەلدىكى بىرەيلەن:

-سۇڭ دوختۇر بىلەن چىن باش دىرېكتورنى بىلىكىنى گىرەلەشتۈرۈپ ئىچىشكە تەكلىپ قىلساق قانداق؟-دېدى.

بۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا ھەممەيلەن ھاياجانلىنىپ كېتىشتى. سۇڭ شى بۇنداق سورۇندا «ياق» دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ئۇ ئوغرىلىقچە يېنىدىكى مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقىغا قارىدى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولسا ئۇنىڭغا «ياردەم قىلىڭ» دېگەن مەنىدە يېلىنىپ قارىدى. شۇ دەقىقىدە سۇڭ شنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ كەتتى. كېلىشتىن بۇرۇن مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى دېگەن بۇ ئەبلەخ ئۇنىڭغا زىياپەتتە ئۇنى چوقۇم قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟ ئەمدىچۇ؟ بۇ بىر توپ خۇشامەتچىلەر چىن خاۋغا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ ئۆزىنى يەمچۈك قىلىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قېلىۋاتسا ئۇنى قوغدامتى؟ چىن خاۋچۇ؟ چىن خاۋ ئەلۋەتتە خۇش بولىدۇ دە. ھەتتا بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا يېرىم رومكا ھاراقنى قويۇپ بېرىشكە ئۈلگۈردى. ئۇلار سۇڭ شىغا لىق بىر رومكا ھاراق قويۇپ بېرىپ ئاغزىدا كۈلۈپ تۇرۇپ:

-سۇڭ دوختۇر، چىن دىرېكتور بىزنىڭ ساھىبجامالنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ. سىز ئۇنىڭغا نەچچە ئېغىز يۇمشاق گەپ قىلىپ قويسىڭىز ئۇ باھانى تۆۋەنلىتىش ئەمەس بىكارغا بېرىۋېتىشىمۇ مۇمكىن،-دېدى.

بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. چىن خاۋ بولسا كۈلۈپ ئاغزى يۇمۇلماي، كۆزلىرى كۆرۈنمەي قالغان ئىدى. ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن سۇڭ شىنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:

-شياۋ شى، بۈگۈن ئاخشام گەپنى ئوچۇق دەپ قوياي، مەن بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ ئىچىدىغان بولسىڭىز باھانى تۆۋەنلىتىپ بېرىمەن، قانداق؟

سۇڭ شى جاۋاب بەرمەي سول تەرىپىدە يېقىنلا يەردە ئولتۇرغان مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقىغا قارىدى. مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سۇڭ شىنىڭ بۇ ئىشنى قىلماي قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالغان بولۇپ دەرھاللا:

-چىن دىرېكتورغا رەھمەت! چىن دىرېكتورغا رەھمەت!-دەۋەتتى .

چىن خاۋ رومكىنى قولىغا ئالدى، ھەممەيلەننىڭ كۆزى سۇڭ شىغا چۈشتى. بۇ چاغدا سۇڭ شىنىڭ كاللىسىدا مۇرەككەپ ئويلار كەچتى. ئۇ خىيالىدا «مۇشۇ يەردىن يۈزۈمنى ئۆرۈپلا چىقىپ كەتسەم، بۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىمىسەم قانداق بولار؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى-يۇ يەنە شۇئان كاللىسىغا «بولمايدۇ» دېگەن جاۋاب كېلىپ بولدى. ئۇ بۇ خىزمەتكە ئېھتىياجلىق، شۇڭا چىشىنى چىشلەپ ئىچىۋەتسە نېمە بوپتۇ؟ يۈز دېگەن قانچىلىك نېمىتى؟ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ يۈزى ئاز چۈشتىمۇ؟ لېكىن...

ئۇ بېشىنى كۆتۈرمەي ئىختىيارسىز ھالدا ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان ئەرگە قاراپ قالدى. ئۇ ئەر قارا رەڭلىك كۆينەك كىيىپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تاماكا چېكىپ ئولتۇرغان بولۇپ، بىر قارىغان ئايال يەنە قايتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغۇدەك دەرىجىدە كېلىشكەن ئادەم ئىدى. سۇڭ شى ئۇنىڭدىن سەل ئەيمىنىپ قالدى، ئۇ ئۇنى كۆرمەسلىككە سېلىۋالمايتتى.

سۇڭ شى بۇ يەرگە كىرىشتىن بۇرۇن چياۋ جىشېڭنىڭمۇ بۇ سورۇنغا كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ بۈگۈن مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقىدىن ئۆزلىرىنىڭ چىن خاۋ بىلەن باھا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان لېكىن بۇ يەرگە چياۋ جىشېڭنى كىم تەكلىپ قىلغان بولغىيدىكىن شۇئان تۆردە كېرىلىپ ئولتۇرۇپتۇ، بۇ ئادەم بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىغان بىلەن چىن خاۋ بىلەن سۇڭ شى ئىككىسىنىڭ مايمۇن ئويۇنى ئويناپ سەتلىشىشىنى ساقلاپ تۇرغاندەك پەرۋاسىز ھەم مەغرۇر ئىدى .

چىن خاۋ قولىدىكى رومكىنى خېلى ئۇزاق كۆتۈرۈپ تۇردى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سۇڭ شىنىڭ سەل ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىنى بايقاپ، يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتاتتى. مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ئۇنىڭغا كۆز ئىشارىسى قىلىپ ئالدىراتتى.

ئادەمنىڭ بىر قارارغا كېلىشى ھەقىقەتەنمۇ تېز بولىدىكەن. ھېچكىم ساڭا ياردەم قىلمىغان چاغدا پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭگە ياردەم قىلىسەن، كىملا بولسۇن باشقىلارنىڭ ئالدىدا باش ئېگىشكە مەجبۇر بولىدىغان گەپ.

شۇنىڭ بىلەن چىن خاۋ ۋاز كېچەي دېگەن پەيتتە، سۇڭ شى قولىغا رومكىنى ئېلىپ، بەدىنىنى چىن خاۋ تەرەپكە سەل بۇراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-پەقەت بىر قېتىم، ئازراقلا ئىچسەكلا بولدى،-دېدى.

چىن خاۋ خۇش بولۇپ كەتتى .

-ماقۇل، گېپىم گەپ!

ئۇ شۇنداق دەپلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىنى سوزۇپ سۇڭ شىنىڭ بىلىكىدىن بىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ ھاراقنى ئىچىشكە تەييارلاندى. سۇڭ شىنىڭ بىلىكىلا ئەمەس پۈتۈن بەدىنى قېتىپ قالغاندەك، گويا قۇلاق تۈۋىدە غوڭۇلدىغان ئاۋازلار ئاڭلانغاندەك تويۇلدى. بۇ ئۇنىڭ غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقان ئاۋازى ئىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


سىرلىق ئېرىم


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章