247-باب: كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ساراڭ
گەرچە مەن بۇ ساراڭنى يىقىتىۋەتكەن بولساممۇ، لېكىن بەي سەيشيا يەنىلا كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي، ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.
-شيا ئاچا، ئىشىكنى يېپىۋېتىڭ!-دېدىم مەن.
-شيا ئاچا؟ سەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئۆتتۈڭمۇ؟ ھەتتا ئۆز خوتۇنۇڭنىمۇ رازى قىلالمايدىغان ھالىڭغا يەنە باشقا خوتۇنلارغا قانات سۆرەۋاتامسەن؟-دېدى ساراڭ ئەر.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قاتتىق غەزەپلەندىم-دە، كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت ئۇرۇپ ئۇ ئەبلەخنىڭ بۇرنىنى قانىتىۋەتتىم...
-ئاناڭنى، خوتۇنۇمنى رازى قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىمنى سەن بىلەمتىڭ؟-ئۇنىڭ بىقىنىغا يەنە بىر مۇشت ئۇردۇم.
-خوتۇنۇڭنى رازى قىلالىغان بولساڭ، خوتۇنۇڭ ئاشۇ نەرسىلەر بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەپ يۈرەرمىدى؟ تولا ئالدىمدا خۇپسەنلىك قىلما!-ھېلىقى ساراڭ سۆزلەۋېتىپ ياندىكى سافاغا قاراپ قويدى.
سافادا ئاياللار ئۆزىنى قانائەتلەندۈرىدىغان بۇيۇملار بار ئىكەن. يەنىمۇ سىنچىلاپ قارىسام، بۇلار ئىلگىرى سىرلىق ئادەم ماڭا ئەۋەتكەن نەرسىلەر بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇلار ماڭا بۇ نەرسىلەرنى ئايالىڭ ئىشلىتىپ باققان، دېگەن ئىدى، لېكىن ئايالىم بۇ نەرسىلەرنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ساراڭ ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كۆپ قېتىم پۇراپ ئۆزىنىڭ ئىپلاس نەپسىنى قاندۇرغاندەك قىلاتتى. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مېنىڭ تېخىمۇ بەك ئاچچىقىم كەلدى.
-قانداق؟ گەپ قىلالماي قالدىڭمۇ؟ مەن بۇرۇنلا ئايالىڭغا مېنى ئىزدەپ كەلسىڭىز سىزنى چوقۇم رازى قىلىمەن، دېگەن. بۇرۇنقى ئايالىممۇ ئىقتىدارىمنىڭ بەك كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە چىداپ بولالماي ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى، ئايالىڭ مېنى ئىزدەپ كەلسۇن، مەن چوقۇم ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن...
ساراڭنىڭ سەت كۈلگەن چىرايىنى كۆرگەنسېرى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچلىكىم كېلىپ كەتتى-دە، مۇشتۇمنى چىڭ تۈگۈپ، ئۇنىڭ يۈزىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم. بۇ قېتىم ئۆزۈممۇ خېلى زور كۈچ ئىشلەتتىم، ساراڭغىمۇ تاياق ئۆتكەن بولسا كېرەك، يۈزىنى تۇتقىنىچە داۋاملىق قالايمىقان گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى.
-سەن باشقىلارنىڭ خوتۇنىنى شۇنچە ياخشى كۆرگەن ئىكەنسەن، مەن بۈگۈن سېنى ئاختا قىلىپ، ئارمانىغا تۇشلۇق دەرمانى يوق ئاغۋاتقا ئايلاندۇرۇپ قوياي!-مەن شۇنداق دەپ يېنىمدىن خەنجىرىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئۇزىتىپ تىقماقچى بولغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدىم. ئۇ قورققىنىدىن ئالدىراپ:
-ياق! بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلمايمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا رەھىم قىلغىن!-دېدى.
بەي سەيشيامۇ قورقۇپ كەتكىنىچە:
-شياۋلېي، ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولماڭ!-دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
مۇشۇنداق چاغدىمۇ بەي سەيشيا مۇشۇنداق گەپ قىلىۋاتاتتى.
-مېنى ئاختا قىلىۋەتسەڭ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايسەن!-ھېلىقى ساراڭ بەي سەيشىيانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئەقىل تاپقاندەك بولدى.
مەن بەي سەيشياغا پەرۋا قىلماي، يەنىلا ھېلىقى ساراڭغا:
-ھۇ ئۆلگۈر ساراڭ، سۈرەتنى تاپشۇر، بولمىسا سېنى راستلا ئاختا قىلىۋېتىمەن!-دېدىم.
-نېمە سۈرەت؟ مەن بىلمەيمەن، مەن بىلمەيمەن!-ساراڭ ئەمدى خۇپسەنلىك قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
-راستتىنلا بىلمەمسەن؟ ئەمسە خەنجىرىم سەندىن سوراپ باقسۇن!-مەن خەنجەرنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىغا تەگكۈزدۈم.
--ياق...ياق، مەن دەي، مەن دەي، سۈرەت كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپنىڭ ئىككىنچى تارتمىسىدا، ئىككىنچى تارتمىسىدا!-ساراڭ قورققىنىدىن دەرھال ئىقرار قىلدى.
مەن بەي سەيشيانى ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ قاراپ بېقىشقا ئىشارەت قىلدىم، بەي سەيشيا دەرھال ئۇ ئەبلەخنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى-دە، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر نەچچە پارچە سۈرەتنى ئېلىپ چىقتى:
-شياۋلېي، تاپتىم!
-يەنە بارمۇ؟-مەن يەنە خەنجەرنى ئۇنىڭ قورسىقىغا بەكرەك سانجىپ قويدۇم.
-يوق، راستتىنلا يوق، بۇنىمۇ مەن 500 يۈەنگە ئالغان!
-كىمدىن ئالدىڭ؟
-ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققان ھېلىقى ئەردىن، مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدىم، شۇڭا مەن ئۇ ئەر چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن بۇ ئايال پاھىشىمىكەن دەپ سورىسام، ئۇ ئەر دەسلەپتە دېگىلى ئۇنىمىدى، كېيىن مەن ئۇنىڭغا پۇل بەرسەم ئۇ ئاندىن دېدى، يەنە كېلىپ مەن ئۇنىڭغا 500 يۈەن بەرسەملا، ئۇ ماڭا بىر نەچچە پارچە يالىڭاچ سۈرەت بېرىدىغانلىقىنى، مۇشۇنى دەستەك قىلىپ ئۇنى ھەقسىز ئوينىسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان!-دېدى ساراڭ قورقۇپ تۇرۇپ.
ئاناڭنى، دەرۋەقە ئۇ ئەبلەخ ئىكەن، بۇ چاغدا مەن بەي سەيشياغا قارىدىم، شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىمۇ شۇنچىلىك سەت تۈسكە كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۆزى ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى ھېس قىلغاندەك قىلاتتى.
-شياۋلېي، ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ قاراپ بېقىڭ!-بەي سەيشيا بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك قىلىپ ماڭا شۇنداق دېدى.
ئۇ بايا ساراڭنىڭ ھۇجرىسىدىن چىققاندا چىرايىنى سەل غەلىتە ھېس قىلغان ئىدىم، ھازىر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گۇمانلانغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم-دە، ئاندىن ساراڭنى قويۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم. ساراڭنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەندە، مېنى تېخىمۇ بەك ھەيران قالدۇرىدىغان نەرسىلەرنى كۆردۈم.
ئاناڭنى، ھېلىقى ساراڭ ياتاق ئۆيىگە ئايالىمنىڭ نۇرغۇن يالىڭاچ سۈرىتىنى چاپلاپ قويغان بولۇپ، توغرىسىنى ئېيتقاندا، خوتۇنۇمنىڭ باش سۈرىتى بىلەن باشقا ئاياللارنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كىرىشتۈرۈپ قويغان ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ ئەبلەخنىڭ كارىۋىتىدا يەل قاچىلانغان جىنسىي قونچاقنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، پەرىزىمچە ئۇ يەل قاچىلانغان جىنسىي قونچاق بىلەن ئوينىغاندا خوتۇنۇمنى ئەسلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم-دە، مېھمانخانىغا قايتىپ چىقىپ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ھېلىقى ساراڭنىڭ گەجگىسىدىن تۇتقىنىمچە ھۇجرىغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن تامدىكى سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنى بىر كاچات سالدىم:
-ئاناڭنى ساراڭ! جاھاندا سەندەكمۇ ھايۋان بولامدۇ؟ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىمغا ئىشىنەمسەن؟
يەنە بىر مۇشت ئېتىپ، ئۇ ئەبلەخنى يەرگە يىقىتىۋەتتىم.
-بۇ سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئەمەس، سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئەمەس...-ساراڭ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولۇۋىدى، مەن ئۇنى ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم تەپتىم. ساراڭ ئاغرىققا چىدىيالماي يىغلاشقا باشلىدى. ھۇجرىغا بەي سەيشيامۇ ئەگىشىپ كىردى، ئۇ مېنىڭ ساراڭنى قىلچە ئايىماي ئۇرۇۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ئالدىراپ-تېنەپ كېلىپ مېنى توسۇۋالدى:
-شياۋلېي، بولدى ئۇرماڭ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ بالادا قالماڭ يەنە!
-ساقچىغا مەلۇم قىلايلى! دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ!-دېدىم مەن.
-راستتىنلا ساقچىغا مەلۇم قىلامدۇق؟-بەي سەيشيا سەل ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى.
مەن تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدىم. يەردىكى ھېلىقى ئەبلەخ مېنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلغىنىمنى كۆرۈپ، دەسلەپتە قورقۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئارقىدىن سوغۇق كۈلگىنىچە:
-ساقچىغا مەلۇم قىلساڭلار سىلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، مېنى ئۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىۋېتىشمۇ ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش،-دېدى.
ئاچچىقىمدا ئۇ ساراڭنى يەنە بىر نەچچە مۇشت ئۇرۇۋىدىم، ھېلىقى ئەبلەخ يەنە غىڭ قىلىشقا پېتىنالمايلا قالدى.
20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى ئىشىكنى چەكتى، بەي سەيشيا چىقىپ ئىشىكنى ئاچسا، ئەسلىدە ساقچىلار كەلگەن ئىكەن. مەن ساقچىلارغا ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردىم، ئاندىن ھۇجرىنىڭ تېمىغا چاپلانغان ئايالىمنىڭ «يالىڭاچ سۈرىتى» بىلەن بەي سەيشيانىڭ تارتمىدىن ئاختۇرۇپ تاپقان يالىڭاچ سۈرىتىنى ساقچىلارغا كۆرسەتتىم. جەمئىي تۆت ساقچى كەلگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۇدۇللا ھېلىقى ئەبلەخنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ كەتتى، قالغانلىرى سۈرەتكە تارتىپ ئىسپات ئالدى. مەن بەي سەيشيا بىلەن بىللە تامدىكى ئايالىمنىڭ «يالىڭاچ سۈرىتى»نىڭ ھەممىسىنى يىرتىۋەتتىم، ئۇ ئەبلەخ ساقچىغا مېنى ئۇردى، بەي سەيشيانى تېنىنى ساتتى، دەپ دەۋا قىلغان بولغاچقا، ساقچىلارمۇ بىزدىن خىزمەتكە ماسلىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ ئەبلەخ قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەمدە بەي سەيشيانىڭ شەخسىي سىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، ئۆز ئالدىغا ئايالىمنىڭ «يالىڭاچ سۈرىتى»نى بىرىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇڭا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالايدىغان بولدى.
مەن ئۆز ئالدىمغا باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ ئادەم ئۇرغانلىقىم ئۈچۈن ئەسلىدە ئۈچ كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، قوشۇمچە ئىككى مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەيدىغانغا بۇيرۇلغان ئىدى، لېكىن بەي سەيشىيا مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا ئۆزىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا، جەرىمانىنى تۆلىگەندىن كېيىن خاتالىقىمنى تونۇپ، شۇ كۈنى كەچتە قويۇپ بېرىلدىم. بەي سەيشيانىڭ تېنىنى سېتىشىغا كەلسەك، ساقچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىسپاتى يوق، شۇڭا ئۇلارمۇ ئامالسىز بەي سەيشيانى قويۇپ بەردى، لېكىن بەي سەيشيانى تېنىنى سېتىش سودىسىغا قەتئىي يېقىن يولىماسلىقنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردى. بەي سەيشيامۇ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، مەن بىلەن بىللە ئۆيگە قايتتى.
ساقچىخانىغا بارىدىغان يولدا ئايالىم تېلېفون قىلىپ مېنىڭ نەدىلىكىمنى سورىغان ئىدى، مەن ئۇنىڭغا نىڭئېر بەي سەيشيانىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىمنى دەپ قويغان ئىدىم. بەي سەيشيا ئىككىمىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە بەي سەيشيا ماڭا:
-شياۋلېي، بۈگۈن كەچتە سىزگە كۆپ رەھمەت! سىز بولمىغان بولسىڭىز، ئۇ ئەبلەخ مەقسىتىگە يەتكەن بولاتتى!-دېدى.
مەن كۈلۈپ قويۇپ:
-ھېچقىسى يوق، شيا ئاچا، ئەمسە بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ!-دېدىم، ئاندىن ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچماقچى بولۇۋىدىم، ئايالىم تۇيۇقسىز ئىشىكنى ئىچىدىن ئاچتى-دە، ئاندىن ماڭا سوغۇق نەزەردە تىكىلىپ قاراپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. بەي سەيشيامۇ شۇ تاپتا ئىشىكنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى ۋە دەل ئايالىمنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن:
-شياۋخې، ۋاقتىڭىز بولسا بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ!-دېدى.
ئايالىم بەي سەيشياغا پىسەنت قىلماي، ماڭا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ قويغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپلا كىرىپ كەتتى.
* * *
248-باب: يېڭى خىزمەت ئىزدىگۈچى
-شياۋخې خاتا چۈشىنىپ قالدىمۇ؟ شياۋلېي، بولمىسا مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ قويايمۇ؟-دېدى بەي سەيشيا يېنىمغا كېلىپ شۇنداق دېدى.
-بولدى، مەن ئۇنىڭغا دەي. شيا ئاچا، كەچ بولۇپ كەتتى، سىز قايتىپ ئارام ئېلىڭ!-مەن شۇنداق دېگەچ ئۆيگە كىردىم.
-ئىككىڭلار نېمە قىلغىلى باردىڭلار؟-ئايالىم سافادا ئولتۇرغىنىچە سوغۇق ئاۋازدا سورىدى.
مەن خوتۇنۇمنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئۇنىڭ چوقۇم مېنى بەي سەيشيا بىلەن بىر ئىش قىلدى دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، بۈگۈن كەچتىكى ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇنىڭغا ئەينەن سۆزلەپ بەردىم، ئاندىن سومكامدىن ھېلىقى تامدىن يىرتىۋەتكەن بىر نەچچە پارچە ئايالىمنىڭ «يالىڭاچ سۈرىتى»نى ئېلىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم، ئايالىم ئۇ «يالىڭاچ سۈرىتى»نى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى خاپا بولدى، ئاندىن ماڭا نەچچە قېتىم بىنانىڭ ئاستىدا ھېلىقى ساراڭنى ئۇچرىتىپ قالغانلىقىنى، ئۇ ساراڭنىڭ ئۆزىگە كەلسە-كەلمەس گەپلەرنى قىلغانلىقىنى، مېنىڭ ھاياجانلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ ماڭا دېمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
-ئەگەر سىز ماڭا بالدۇرراق دېگەن بولسىڭىز، مەن بۇ ئىشنى بۇرۇنلا ھەل قىلغان بولاتتىم!-دېدىم مەن غەزەپ بىلەن.
-ناۋادا قاتتىقراق ئۇرۇپ قويۇپ بالاسى سىزگە يۇقۇپ قالسىچۇ؟ ھازىر ئۇرالىغاندىن تاياق يېگەن نوچى تۇرسا!-دېدى ئايالىم، ئاندىن ئۇ ساراڭنى بىر نەچچە ئېغىز تىللىدى ۋە ماڭا قاراپ:
-كەچ بولغاندا ئۇ باشقىلارنى چاقىرسا بولمامدۇ؟ نېمىشقا قېرىشقاندەك سىزنى چاقىرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز نىڭئېرنىمۇ ئېلىپ كىرىپسىز، ئۇنىڭ نىڭئېرنى يامان يولغا باشلاپ قويۇشىدىن قورقمامسىز؟-دېدى.
خوتۇنۇمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم كەلدى:
-سىز شۇنچە كەچ قايتىپ كەلسىڭىز مەن يەنە قانداق قىلالايمەن؟ قانداقلا بولمىسۇن ئۇدۇلدىكى قوشنىمىز، باشقىلارنىڭ بىرەر ئىشى چىقىپ قالغاندا مېنى ياردەم قىل دېسە مەن قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرسام بولماس؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن بەي سەيشياغا ياردەم قىلمىغان بولسام، ئۇ ساراڭنىڭ سىزنىڭ شۇنچە كۆپ سۈرىتىڭىزنى بىرىكتۈرگەنلىكىنى قانداقمۇ بايقىيالايتتىم؟-دېدىم. ئايالىم ئاچچىقلانغانلىقىمنى كۆرۈپ:
-سىز دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرەمسىز؟-دېدى.
-شۇنداق، مەن ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن قانداق؟-دېدىم.
-سىز..سىز ماڭا تۈزۈكرەك گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ؟
-تۈزۈك گەپ قىلمىدىممۇ؟ سىز مېنى ھەر كۈنى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ دېدىڭىز، مەنمۇ ئىقرار بولدۇمغۇ، يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولاتتى؟
-تازىمۇ بىر، مەن سىزنى كۈندە ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ دېدىممۇ؟
-بايا دېگەن گېپىڭىزنىڭ مۇشۇنداق مەنىسى بولماي يەنە نېمە مەنىسى بار؟
-مەن نەدىمۇ ئۇنداق مەقسەتتە دەيمەن؟ سىز قەستەن يولسىزلىق قىلىپ ماجىرا تۇغدۇرۇۋاتىسىز!-ئايالىم شۇنداق دېگەچ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.
مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزۈمنى يۇيدۇم، ئاندىن ھۇجرىغا كىرىپ ئۇخلىماقچى بولدۇم. مەن ھۇجرىغا كىرگەندە، ئايالىم ماڭا كەينىنى قىلىپ ياتقان بولۇپ، بىردەمدىن كېيىن ئۇ بۇرۇلغىنىچە:
-بەي سەيشيا راستتىنلا تېنىنى ساتامدىكەن؟-دەپ سورىدى.
-مەن نەدىن بىلەي؟-دېدىم مەن سوغۇقلا قىلىپ.
-ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن يىراقراق تۇرۇڭ، بۇنداق ئايالنى سىزنى ئازدۇرمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ!-دېدى ئايالىم.
ئۇنىڭ گېپى مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى. ئەگەر مەن بەي سەيشياغا قىزىققان بولسام، پۇرسەت دېگەن كۆپ ئىدى، خوتۇنۇمنىڭ بۇنداق گۇمانخورلۇق قىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ لېكىن ئايالىم بىلەن يەنە ئۇرۇشقۇم كەلمىدى:
-بىلدىم!
ئايالىم مېنىڭ پوزىتسىيەمنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ:
-ساقچىلار ھېلىقى ساراڭنى نەچچە يىل قاماپ قويىدىغانلىقىنى دېدىمۇ؟-دەپ سورىدى.
-دېمىدى،-دېدىم مەن.
ئايالىم «ھە» دەپ قويغاندىن كېيىن قايتا گەپ قىلمىدى، مەن يەنە بىر ئىشنى ئېسىمگە ئېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئايالىمغا ئۇ ئەبلەخنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىگە مەينەت نەرسىسىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى ئېيتتىم. ئايالىم بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قالدى:
-مەن نەچچە قېتىم ئۆيگە قايتىپ ئىشىك ئالدىدا شۇنداق نەرسىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرگەن، ئەينى چاغدا ئانچە كۆپ ئويلاپ كەتمىگەن ئىكەنمەن، ئەسلىدە ئۇ ئەبلەخنىڭ مەينەت نەرسىسى ئىكەندە؟ ئۆلمەيدىغان ئىپلاس!-دېدى.
-بولدى، ئەمدى ئۇخلايلى!-دېدىم مەن.
-ھە، ئۇخلايلى!-ئايالىم بۇرۇلۇپلا مېنى قۇچاقلاپ، ناھايىتى تېزلا ئۇيقۇغا كەتتى. مەنمۇ بەك ھېرىپ كەتكەن بولغاچقا بىردەمدىلا ئۇخلاپ قالدىم.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرغاندا، خوتۇنۇمنىڭ تاماق ئۈستىلىگە ناشتىلىقلارنى تىزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دىلىم سۆيۈنگەن بولسا، ئارقىدىنلا يەنە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئېسىمگە كېلىپ، كۆڭلۈم يەنە بىئارام بولدى. تاماق يەپ بولۇپ نىڭئېر بىلەن خوتۇنۇمنى ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن شىركەتكە قايتىپ كەلسەم، كادىرلار بۆلۈمىدىكى ليۇ دىرېكتور كېلىپ، بۈگۈن چۈشتە باش دىرېكتور ياردەمچىسىلىك ئورنىغا يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار مۇۋاپىق دەپ قارىسا ھەم مېنىڭ ۋاقتىم بولسا، مۇنداقلا قاتنىشىپ باقسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
چياۋ يۆرەننىڭ كەتكىنىگە بىر ھەپتە بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە بىر ئادەمنىڭ ماڭا ياردەملىشىپ پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىشى تولىمۇ مۇھىم ئىدى. بۇ قېتىم كادىرلار باشقارمىسىغا قايتا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندە ھەر ھالدا بىر ئادەم يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا تىزىملىتىپتۇ. قارىغاندا كادىرلار باشقارمىسىدىكى بۇ بىر نەچچەيلەننىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى بەك ناچار ئىكەن، ۋاقىت بولسا ئۇلارغا دەرس ئۆتۈپ، تېخنىكا بۆلۈمىدىكىلەرنى ئوبدانراق ماختاپ بەرسەم بولغۇدەك. دەل چۈشتە مېنىڭمۇ باشقا ئىشىم يوق بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورىغا كۆرۈشسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.
سائەت توققۇز يېرىم بولغاندا، كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى 25-26 ياشلىق بىر قىزنى باشلاپ كەلدى، كۆز ئالدىمدىكى بۇ قىز ئانچە مودا ئەمەس، ئۇچىسىغا سېرىق رەڭلىك مايكا، بەدىنىگە چىپ كېلىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى، پۇتىغا بىر جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىۋالغان بولۇپ، چېچىنى ئۆرۈۋالغان، چاچلىرىنىڭ قارىلىقى ھېلىقى تەبىئىي چىرايلىق ئايال چولپان ۋاڭ لىكۇنگە ئوخشايتتى. ئاپئاق، زىلۋا چىرايى ۋە ئېگىز بويى كىشىگە ناھايىتى قابىلىيەتلىك ۋە راھەت تۇيغۇ بېرەتتى. راست گەپنى قىلسام، مەن بۇ قىزنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم. دېمىسىمۇ كىم گۈزەل قىزلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەيسىلەر؟ بىر گۈزەل قىز ھەر كۈنى ئۆزىگە چاي قۇيۇپ، نەرسە-كېرەكلىرىنى رەتلىسە، ئادەمنىڭ كەيپىياتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەينى چاغدا چياۋ يۆرەننى تاللىغاندىمۇ مەن ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قارىغان، لېكىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.
يۈزتۇرانە ئىمتىھان بولغاندىكىن، تەرتىپنى يەنىلا بىر قېتىم مېڭىش كېرەك ئىدى.
-بۇ شىركىتىمىزنىڭ باش دىرېكتورى لېي باش دىرېكتور!-كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئۇ قىزغا مېنى تونۇشتۇردى.
-لېي باش دىرېكتور، ياخشىمۇسىز!-ئۇ قىزچاقنىڭ ئاۋازى خۇددى بۇلبۇلدەك يېقىملىق ئىدى.
-ئولتۇرۇڭ!-دېدىم مەن، ئاندىن كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سۇنغان قىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئالدىم،
قىزنىڭ ئىسمى ۋاڭ زىتۇڭ، 25 ياش، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، توي قىلمىغان، مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئۈچ قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا، بىر قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن؛ يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى بولۇپ، قارىماققا خېلى مۇنەۋۋەر ئىكەن. ۋاڭ زىتۇڭنىڭ بۇرۇنقى خىزمىتى مۇشۇ شەھەردىكى بىر ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىدە بولۇپ، خىزمەت ئورنىمۇ باش دىرېكتور ياردەمچىسى، ئۈچ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بار ئىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ كۆز ئالدىمدىكى بۇ قىزنىڭ ئاددىي ئۇچۇرىنى ئاساسەن چۈشەندىم...
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:125-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار