توردا تۇنۇشتۇم دەپلا كۆرۈشۈشكە چىققان بارمۇ؟

文摘   2024-11-08 20:02   新疆  

-ئاكا، مېنى ھەمراھلىرىم تاشلاپ كېتىپ قالدى، ئۇلار مەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ تەرەت قىلغان ۋاقتىمدا ماشىنىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتتى، خاپا بولماي مېنى لىتاڭ ناھىيەسىگە ئاپىرىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟ بۈگۈن كەچتە مېنى نېمە قىل دېسىڭىز شۇنى قىلاي.

28 ياشقا كىرگەن ساڭ يۈنفېڭ تېخىچە بويتاق ئىدى، ئۇنىڭ ئەڭ بەرداشلىق ئېزىقتۇرۇش دەل ئاياللار ۋە ھاراق بولۇپ، بۇ نازىنىن ساھىبجامال ئالدىدا رەت قىلغۇدەك باھانە تاپالماي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئوۋ مىنجۈنگە ئىشارەت قىلدى.

-قېنى ماشىنىغا چىقىڭ.

-رەھمەت ئاكا!

ئوۋ مىنجۈن رەھمەت ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يولدىلا باشقىچە ئويدا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، ياردەمچى شوپۇر ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ، ئارقا ئىشىكنى ئاچتى. ساڭ يۈنفېڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ناھايىتى بىئارام بولغىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئېغىز ئاچتى:

-قىزچاق، ئىش ئۇقامسىز يوق؟ ئارقا رەتتە ئولتۇرۇپ نېمە قىلماقچى؟ مەن سىزنىڭ مەخسۇس شوپۇرىڭىزما؟ ئولتۇرسىڭىز ئالدىغا چىقىڭ، ئولتۇرمىسىڭىز مەيلى.

ئوۋ مىنجۈن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىزارلىق ھېس قىلغان بولسىمۇ، بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن يەنىلا ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردى.

ساڭ يۈنفېڭ بىر تال تاماكا چىشلەپ ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قولى بىلەن ماشىنا ھەيدەپ، يەنە بىر قولى بىلەن ئوۋ مىنجۈننىڭ يوتىسىنى سىيلىغاچ گەپ باشلىدى.

-قىزچاق، سىز نەلىك؟ ئىسمىڭىز نېمە؟ كىملەر بىلەن ئوينىغىلى كەلگەن؟ ئۇلار سىزنى نېمىشقا تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ؟

ئوۋ مىنجۈن ساڭ يۈنفېڭنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپكە بەدىنىنى يۆتكەپ جاۋاب بەردى.

-ئىسمىم ئوۋ مىنجۈن، اپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تور بېكىتىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان، يولدا شوپۇر بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاچقا، ئۇلار مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.

ساڭ يۈنفېڭ قىزنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، سەل بىئارام بولدى، ئۇ ئاللىقاچان ماشىنىغا چىقىپ بولدى، ئەمدى ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوۋ مىنجۈن بىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدى.

-توردا تونۇشقان ئادەملەر ھەقىقەتەن ئىشەنچسىز ئىكەن، بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر ئەسكى ئادەمگە ئۇچراپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

-ئاكا، سىز ئەسكى ئادەم ئەمەسسىز؟ قاراڭ، مەن مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم، سىزگە بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈن كەچتە سىز بىلەن بىر كېچە بىللە بولاي،-دېدى ئوۋ مىنجۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن.

-سىز ماڭا مۇشۇنداق ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىۋاتسىڭىز قانداقمۇ ئەسكى ئادەم بولاي؟-دېدى ساڭ يۈنفېڭ سەت ھېجايغىنىچە.

ئوۋ مىنجۈن تارتىنغان ھالدا:

-گاندون ئىشلىتەيلى،-دېدى.

ساڭ يۈنفېڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئوۋ مىنجۈنگە قارىدى.

-ئالدىڭىزدىكى ساندۇقىنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ، قانداق ماركىلىقنى ياخشى كۆرىسىز، ئۆزىڭىز قاراپ ئىككىنى تاللاڭ.

ئوۋ مىنجۈن ساندۇقنى ئاچتى، ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ ئالتە-يەتتە تال گاندون بار بولۇپ، بۇنى كۆرگەن ئوۋ مىنجۈن ساڭ يۈنفېڭنىڭ ئىستىلىنىڭ قانداقلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدى.

لىتاڭ ناھىيە بازىرىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ساڭ يۈنفېڭ ئاپتوموبىلنى ئۆزى دائىم چۈشىدىغان بىر مېھمانسارايغا ھەيدەپ باردى، ئۇ دائىم مۇشۇ يولدا ماڭغاچقا، شۇ جايدىكى بىر قىسىم مېھمانسارايلار بىلەن يېقىن تونۇشاتتى، بۇ مېھمانساراي تىرانسپورت شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان مېھمانسارايلارنىڭ بىر ئىدى.

ياتاققا كىرگەندىن كېيىن، ساڭ يۈنفېڭ چامادانىنى بىر چەتكە تاشلاپ، ئوۋ مىنجۈنگە قارىدى.

-يۇيۇنۇپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىۋېلىڭ.

ئوۋ مىنجۈن قەستەن ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈشكە باشلىدى.

-ئاكا، تازىلىق ئۆيى بەك كىچىك ئىكەن، سىز ئاۋۋال يۇيۇنۇۋېلىڭ، مەن سىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇناي.

ساڭ يۈنفېڭمۇ كۆپ ئويلىماي، يۇيۇنۇش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

ئوۋ مىنجۈن جۈمەكتىن سۇ چۈشكەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يانفونىنى چىقىرىپ دەرھال ياتاق ئۇچۇرىنى يوللىۋەتكەندىن كېيىن، يانفونىنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ، دالا چاپىنى ۋە پادىچىلار ئىشتىنىنى سېلىپ، چېچىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى، يەنە تېخى گاندوننى ئېچىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.

نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا سىرتتىن ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئوۋ مىنجۈن ئاخىرى ئۇھ تارتتى، ئۇ تېز سۈرئەتتە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئىشىك سىرتىدا ئۈچ ئەر كىشى بولۇپ، ئەڭ ئالدىدا يوغان باش بىرسى تۇرغان بولۇپ، ئىككى بىلىكىگە چەكمە چېكىۋالغان ئىدى، ئىككىنچى ئەر دۈمچەك بولۇپ، تاماكا چېكىپ تۇراتتى، ئەڭ ئاخىرىدىكى ئەرنىڭ بويى پاكار بولۇپ، بىر مېتىر 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى.

ئۇلار ياتاققا كىرگەندىن كېيىن، ئوۋ مىنجۈن تازىلىق ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، بېشىنى لىڭشىتقىنىچە، ئۇدۇل بىر ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردى، يوغان باش بولسا ئىشىك ئالدىنى توسۇپ، ساڭ يۈنفېڭنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ساڭ يۈنفېڭ سىرتتىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى قويمىچىلارغا يولۇققاندەك ھېس قىلدى، شۇ دەقىقىدە ساڭ يۈنفېڭ يەنىلا سەل تەمتىرەپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق قاراملىق قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. لېكىن بولىدىغان ئىش بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا بۇ ئىشقا يەنىلا سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى توغرا تاپتى.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章