بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل (280): ئائىلىڭىزگە قايتىڭ

文摘   2024-11-07 20:00   新疆  
بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل
(رومان)
ئاپتورى: مۇ رېن

1

2

3

4

5

6

7

8

9

10

11

12

13

14

15

16

17

18

19

20

21

22

23

24

25

26

27

28

29

30

31

32

33

34

35

36

37

38

39

40

41

42

43

44

45

46

47

48

49

50

51

52

53

54

55

56

57

58

59

60

61

62

63

64

65

66

67

68

69

71

72

73

74

75

76

77

78

79

80

81

82

83

84

85

86

87

88

89

90

91

92

93

94

95

96

97

98

99

100

101

102

103

104

105

106

107

108

109

110

111

112

113

114

115

116

117

118

119

120

121

122

123

124

125

126

127

128

129

130

131

132

133

134

135

136

137

138

139

140

141

142

143

144

145

146

147

148

149

150

151

152

153

154

155

156

157

158

159

160

161

162

163

164

165

166

167

168

169

170

171

172

173

174

175

176

177

178

179

180

181

182

183

184

185

186

187

188

189

190

191

192

193

194

195

196

197

198

199

200

201

202

203

204

205

206

207

208

209

210

211

212

213

214

215

216

217

218

219

220

221

222

223

224

225

226

227

229

230

231

233

234

235

236

237

238

239

240

241

242

243

244

245

246

247

248

249

251

252

253

254

255

256

257

258

259

260

261

262

263

264

265

266

267

268

269

274

273

272

271

270

279
278
277

276

275

(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (279): ئۇنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بار ئىكەن

3-بۆلۈم 122-باب: ئائىلىڭىزگە قايتىڭ
ساۋ مىڭيى ليۇ شياۋيىڭنىڭ ئۆزىگە تىت-تىت بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى.
-خوتۇن، كەچۈرۈڭ، مەنمۇ ئەپقاچتى گەپلەردىن ئاڭلىدىم، راست دەپ قالماڭ!
ليۇ شياۋيىڭ ساۋ مىڭيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا يۇمشاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ مەردانە بولۇپ، ئاغرىنىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-سىزنىڭ كاللىڭىز جايىدىمۇ؟ باشقىلار نېمە دېسە شۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟ سىزنىڭ بۇ ئەقىل-پاراسىتىڭىز بىلەن، يەنە قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولالامسىز؟ بولمىسا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىڭ!
-خوتۇن، توغرا دەيسىز، مەن پىتنە-پاساتلارغا ئىشەنمەسلىكىم، سىزدىن گۇمانلانماسلىقىم كېرەك ئىدى!
ساۋ مىڭيى شۇنداق دېگىنىچە قولىنى سوزۇپ ليۇ شياۋيىڭنى قۇچاقلىدى. بايا، ئۇ تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسىنىڭ KTV ئايرىمخانىسىدا، باشتا چېن بىڭغا باسقۇنچىلىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، كېيىن چياۋ لىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قانلىرى قىزىپ، كۆڭلىدىكى يامان ئوت باشتىن-ئاخىر ئۆچمىگەن بولغاچقا، خوتۇنى ئارقىلىق ئىچ-پۇشۇقىنى چىقارماقچى بولدى. ليۇ شياۋيىڭ بولسا ئۆزىنى چەتكە ئالدى.
-مەينەت قولىڭىزنى تارتىڭ، بېرىپ باشقا ئاياللارنى ئىزدەڭ!
-ھەي، سىز مېنىڭ خوتۇنۇم تۇرسىڭىز، مەن باشقا ئاياللارغا قىزىقمايمەن، سىزنىلا ئىزدەيمەن!-دېدى ساۋ مىڭيى قاقاقلاپ كۈلۈپ.
ئۇ سۆزلىگەندىن كېيىن، ليۇ شياۋيىڭنى يەنە بىر قېتىم قۇچىقىغا ئالدى. ليۇ شياۋيىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى ئىتتىردى، ئۇ بىر خىل ئەيىبلەش تەلەپپۇزىدا ئېرىدىن ئاغرىندى.
-پۈتۈن بەدىنىڭىز سېسىق ھەم مەينەت ئىكەن، نېمىشقا يۇيۇنغىلى بارمايسىز؟
ساۋ مىڭيى ليۇ شياۋيىڭنىڭ بۇ گېپىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.
-خوتۇن، مەن ھازىرلا يۇيۇنغىلى بارىمەن، مەن پاكىز يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىمىز ئاندىن ياخشى كۆڭۈل ئاچايلى ھە!
-ئىشىڭىزنى قىلىڭ، كىم سىز بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا خۇشتار ئىكەن!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ ئۇنىڭغا كۆزىنى ئالايتىپ.
-مەن خۇشتار-دە!-دېدى ساۋ مىڭيى سىرلىق كۈلۈپ.
-لۈكچەك!
ليۇ شياۋيىڭ پەس ئاۋازدا تىللىدى. ساۋ مىڭيى سۇس كۈلۈپ قويۇپ، دەرھال تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ليۇ شياۋيىڭ ساۋ مىڭيىنىڭ مۇنچىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۇھ تارتىپ قويدى، ئاندىن مېھمانخانىدىكى سافادا ئولتۇردى.
ئۇ كۆزىنى تېلېۋىزور ئېكرانىغا تىككەن بولسىمۇ، كۆڭلىدە ئىلگىرى ۋۇ بو بىلەن بولغان ئىشلارنى ئويلىدى.
«ۋۇ بو ئىككىمىز ئارىمىزدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى خېلى مەخپىي قىلغان تۇرساق، ساۋ مىڭيى بۇنى قانداق بىلگەندۇ؟ زادى كىم ئۇنىڭغا دېگەندۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى مېنىڭ بۇرۇنلا تەييارلىقىم بولغاچقا، ئىنكاسىم خېلى تېز بولۇپ قاپتۇ، بولمىسا ئۇنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلاپ قويغان بولاتتىم!»
ئۇ يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ۋۇ بوغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭغا ساۋ مىڭيىنىڭ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولدى، لېكىن بايا چېن بىڭ ۋۇ بونىڭ بۈگۈن كەچتە ئۆيگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا ۋۇ بوغا ئۇچۇر قىلسا، چېن بىڭنىڭ ئۇچۇرنى بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇچۇر ئەۋەتمىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي، ساۋ مىڭيى يۇيۇنۇپ بولۇپ، مۇنچا لۆڭگىسىگە ئورالغان ھالدا تازىلىق ئۆيىدىن چىقتى. ئۇ ليۇ شياۋيىڭنىڭ يەنىلا مېھمانخانىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى.
-خوتۇن، مەن سىزنى كارىۋاتقا چىقىپ مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ دېمىدىممۇ؟ نېمىشقا تېخىچە بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىسىز؟
ليۇ شياۋيىڭ شۇندىلا چوڭقۇر خىيالىدىن ئويغاندى.
-ھە؟ نېمە دېدىڭىز؟
-مەن ساقلاپ بولالمىدىم، مەن سىز بىلەن ھېلىقى...
ساۋ مىڭيى بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مۇنچا لۆڭگىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن ليۇ شياۋيىڭغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنى مېھمانخانىدىكى سافاغا بېسىۋالدى.
...
تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسى 408-ئايرىمخانىدا، ۋۇ بو شياۋ لەننى ئاستا-ئاستا ئۇزۇن ئورۇندۇقلۇق سافاغا قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ خىل مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولغاندا، چاي ئۈستىلىدىكى تېلېفون سايراپ كەتتى.
ئۇ ئالدىراپ-تېنەپ شياۋ لەننى قويۇپ بېرىپ، يانفونىنى ئېلىپ قارىۋىدى، چېن بىڭدىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى.
ئۇ چېن بىڭنىڭ تېلېفونىنى رەت قىلماقچى بولغاندا، شياۋ لەن ئورنىدىن تۇرۇپ سافادا ئولتۇرۇپ، ۋۇ بودىن سورىدى.
-يېزنە، كىم تېلېفون قىپتۇ؟
-چېن بىڭ!-دەپ جاۋاپ بەردى ۋۇ بو.
-ئۇنداقتا نېمىشقا تېلېفوننى ئالمايسىز؟ ئۇنىڭ سىزگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىغا قاراپ باقمامسىز؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن قىزىقىپ.
-ماقۇل...ئەمىسە!
ۋۇ بو بېرىپ ئايرىمخانىدىكى ياڭراتقۇنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، تېلېفوننى ئېلىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چاندۇرماي سورىدى.
-بىرەر ئىش بارمۇ؟
تېلېفوندىن چېن بىڭنىڭ جىددىي ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئېرىم، سىز قاچان ئۆيگە قايتىسىز؟
-سىز سىرتتا ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلغان تۇرسىڭىز، مېنىڭ يەنە ئۆيگە قايتىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارامسىز؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو ئاۋۋال ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ.
چېن بىڭ كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى.
-مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى يۈزەكى ئەھۋال، مەن مەجبۇرلاندىم!
-ئالدىمدا تولا ئاپئاق قىياپەتكە كىرىۋالماڭ، چىۋىن يوچۇقسىز تۇخۇمغا قونمايدۇ، ئەگەر سىز ئۇلارغا پۇرسەت بەرمىسڭىز، ئۇلار سىزنى قىستامدۇ؟-دېدى ۋۇ بو خاپا بولۇپ.
چېن بىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋۇ بودىن سورىدى.
-دېمەكچى بولغىنىڭىز، سىز مېنى سىزگە ئاسىيلىق قىلدى دەپ قاراپ، ئۆيگە قايتقۇڭىز كەلمەيۋاتامدۇ؟
-مەن ئۇنداق دېمىدىم، ھەم ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن!-دەپ جاۋاب بەردى ۋۇ بو.
-ئۇنداق بولسا ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ، مەن ئىشنىڭ جەريانىنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي، سىز ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر يەنە مېنى سىزگە ئاسىيلىق قىلدى دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا مېنىڭمۇ دېگۈدەك گېپىم يوق!-دېدى چېن بىڭ ئازابلانغان ھالدا.
-مېنىڭ ھازىر ئۆيگە قايتقۇم يوق، مېنىڭچە، بىز يەنىلا ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشىمىز كېرەك!-دېدى ۋۇ بو تاقەتسىزلىك بىلەن.
-سىز ئۆيگە قايتىپ مەن بىلەن كۆرۈشمىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن شياۋشىنى تاۋ لىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۆيگە قويۇپ قويۇپ كارىڭىز بولمىسا بولمايدۇ!-دېدى چېن بىڭ ئاچچىقىدا.
-شياۋشى نەۋرە ئاچامنىڭ ئۆيىدە ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ قانداقسىگە ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىغۇدەك؟-دېدى ۋۇ بو قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.
-مەن ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتىم!-دېدى چېن بىڭ جاۋاب بېرىپ.
-ھە؟ سىز شياۋشىنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتىڭىزمۇ؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو چۆچۈپ.
-ئۇ ھازىر مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتىدۇ، مەندىن بۈگۈن كەچتە ئۆيگە قايتىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۇ بەك خۇشال بولدى، سىز مېنى خوجايىنى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلمىدىڭىزمۇ؟ مەن ئويلىنىپ بولدۇم، ئەتىدىن باشلاپ، مەن ئۇ يەرگە ئىشقا بارمايمەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆيدە شياۋشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، سىز ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، بىز ياخشىراق مەسلىھەتلىشىپ باقايلى!
-مەن...
ۋۇ بو گەپ قىلاي دەپ تۇرغاندا، چېن بىڭ ئاللىقاچان تېلېفوننى قويۇۋەتتى. شياۋ لەن ئىككىسىنىڭ سۆزلىشىش مەزمۇنىنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدى، ۋۇ بونىڭ چېن بىڭ بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن سافادا ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ۋۇ بوغا قاراپ ئېغىز ئاچتى:
-يېزنە، چېن بىڭ سىزنىڭ گۇمانلانماسلىقىڭىز ئۈچۈن، ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇنى ئەپۇ قىلىڭ، ئەكسىچە، بىزنىڭ بۇنداق ئېنىق بولمىغان مۇناسىۋىتىمىز ئۇنىڭغا نىسبەتەن سەل ئادالەتسىزلىك!
-دېمەكچى بولغىنىڭىز، ئىككىمىز ئۈزۈل-كېسىل ئادا-جۇدا بولدۇق، مېنى ئائىلىڭىزگە قايتىڭ دېمەكچىمۇ؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو رەنجىگەن ھالدا.
-سىز مېنىڭ يېزنەم، مەن شياۋشىنىڭ ھاممىسى، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز قانداقسىگە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ؟ پەقەت سىز ئائىلىگە قايتقاندىن كېيىن، بىز ئەمدى ھېچقانداق چەكتىن ئېشىپ كېتىدىغان ئىشنى قىلساق بولمايدۇ!-دېدى شياۋ لەن ناھايىتى ئاقىلانىلىك بىلەن.
-بىراق...
ۋۇ بو گەپ قىلىشتىن توختاپ قالدى.
-يېزنە، ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ، بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشكىنىڭىز بەلكىم گۈزەل بولۇشى ناتايىن، ئۆزىمىز ئىگە بولغان ھەر قانداق نەرسىنى ياخشى قەدىرلىشىمىز كېرەك، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، بىز يەنىلا قايتىپ كېتەيلى!
شياۋ لەن دەرھال سافادىن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۇدۇل ئايرىمخانىنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى. ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا غايىب بولغان شياۋ لەننىڭ سىماسىغا قاراپ، ۋۇ بونىڭ پۈتۈن بەدىنى خۇددى بىر نەرسىسى كەملەپ قالغاندەك، كۆڭلى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغاندەك بولدى. بۇنىڭدا ئازراق ئۈمىدسىزلىنىش، ئازراق كۆڭلى يېرىم بولۇش بار ئىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 281-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار




Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章