بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ
ئاپتورى: لاۋ مو
120-باب: ئوت كەتكەن لەۋ
106 | 105 | 104 | 103 | 102 |
111 | 110 | 109 | 108 | 107 |
117 | 116 | 115 | 114 | 113 |
119 | 118 |
ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (119): ئۇ باللىرىمنىڭ ئاپىسى
سۇ چىڭ يۈرىكىنىڭ ناھايىتى تېز سوقۇۋاتقانلىقىنى، خۇددى ھېلىلا گېلىدىن سەكرەپ چىقىدىغاندەك سوقۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
بۇ خىل ھاياجانلىق تۇيغۇنى گۇەن مۇ ئۇنىڭغا بەرگەن، گۇەن چىجېڭ ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بېرىپ باقمىغانىدى، بۇرۇنقى تۇنجى مۇھەببىتى خو تيەنمىڭ بىلەن گەرچە ئۇزۇن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۈرىكى ئەزەلدىن بۇنداق قاتتىق سوقۇپ باقمىغانىدى.
سۇ چىڭ بۇ يۈرەك سىقىلىشتىن ئۆزىنىڭ قەلبىنى ئېنىق چۈشەندى. ئۇ يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەمدى باشقىلارنى ياخشى كۆرەلمەيتتى، بۇ نېمىدېگەن ئازابلىق چۈشىنىش؟
مۇھەببەت بولسا نېمە بوپتۇ؟
ئۇ باشتىن-ئاخىر خاتىرجەم بولالمىدى ھەم ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشەلمىدى، ئۇ ئىككىسىنىڭ قىسمىتىگە ئۆتمۈشكە قايتالماسلىق يېزىلىپ بولۇنغانىدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا نېمىشقا ئۇنى ئىتتىرىشكە كۆزى قىيمايدۇ؟
سۇ چىڭ ئىككى قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، شۇنداق يۇمشاق، ماغدۇرسىز ھېس قىلدى.
ئەقىل جەھەتتە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنى ئىتتىرىۋېتىشى كېرەكلىكىنى بىلەتتى، لېكىن تۇغما قابىلىيەت جەھەتتە، ئۇنىڭ قولى كۈچىيەلمىدى.
بولدى، بولدى، ئىشقىلىپ ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ، ئۇنى ئىتتىرىۋەتسىمۇ قورقۇپ كېتىدۇ، بولمىسا بۇ قېتىم ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن ياخشى.
بۇ سۆيۈش توپتوغرا بەش-ئالتە مىنۇت داۋاملاشتى، تاكى ئۇ ئۇنى سۆيۈپ تۇنجۇقۇپ قالاي دېگەندە، تۇيۇقسىز ھەممە يەر يورۇپ كەتتى.
توك كەلدى!
ئۇلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن بىر پەس شادلىق ئاۋازى ئاڭلاندى، لېكىن ئۇلار خۇددى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ، يەنىلا بۇ سۆيۈشنى داۋاملاشتۇردى.
سۇ چىڭ كۆزىنى ئېچىپ، چاقناپ تۇرغان نۇر كۆزىنى ئاغرىتقاندىن كېيىن، ئاندىن ئەقلى ئەسلىگە كېلىپ، ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتى.
گۇەن مۇ بەلكىم ئازراق ئۈلگۈرەلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كەينىگە بىر قەدەم چېكىندى، بەدىنىمۇ سەنتۈرۈلۈپ كەتتى.
سۇ چىڭ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ سۆيۈپ قىزارتىۋەتكەن لەۋلىرىنى سۈرتتى، شۇ تاپتا ئۇ بەك خىجىل بولۇۋاتاتتى.
ئۇ بايا نېمە ئىش قىلدى؟
كاللىڭىزغا سۇ كىرىپ كەتتىمۇ؟
ئۇنى توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى بەك ھۇزۇرلانغاندەك قىلاتتى.
سۇ چىڭنىڭ ھالىتىگە قارىغاندا، گۇەن مۇنىڭ چىرايى ھاياجانغا تولغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن ئۈمىد، چىرايىدىن قانائەت چىقىپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن سۇ چىڭنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى، ئۇ ياۋۇزلۇق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى:
-نېمىگە كۈلىسىز؟ بەك قىزىقمىكەن؟!
-مەن...-گۇەن مۇ قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە ئەمدىلا چۈشەندۈرمەكچى بولۇۋىدى. سۇ چىڭنىڭ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغۇسى كەلمىگەن بولسا كېرەك، بېشىنى بۇراپلا كېتىپ قالدى.
سۇ چىڭ كېتىشىگە گۇەن مۇنىڭ لەۋلىرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى بىردىنلا غەش بولۇپ قالدى. كىشىلەر ئەرلەرنى ئاسانلا ئاياللارنى سۆيۈشكە مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ، دەيتتى. ئەسلىدە ئاياللارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەسكەن، ئۇنىڭغا بايا نېمە ئىش بولدى؟
نېمىشقا شۇنچە ئېچىرقاپ كېتىدۇ؟
ئەجەبا بەك ئۇزۇنغىچە ئەرسىز يۈرگەچكە شۇنداق بولدىمۇ؟
سۇ چىڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلدى.
قايتىدىن زىياپەت زالىغا كىرگەندە، سۇ چىڭ ئىختىيارسىز كۆزىنى يوغان ئاچتى.
زىياپەت زالى ۋەيرانچىلىققا تولغان بولۇپ، يېمەكلىك ۋە ھاراق، ئۈستەل-ئورۇندۇق ۋە گۈل-گىياھلار قىڭغىر-قىيسىق بولۇپ چۇۋۇلۇپ كەتكەنىدى، كۈتكۈچىلەر تىرىشىپ يىغىشتۇرۇۋاتاتتى، ھەتتا دەسسىلىپ يارىلانغان ۋە سوقۇلۇپ يارىلانغان ئەر-ئاياللارمۇ باشقىلارنىڭ يۆلىشى بىلەن زىياپەت زالىدىن چىقىپ كەتكەنىدى.
ئەمەلىيەت گۇەن مۇنىڭ گېپىنى ئىسپاتلىغانىدى.
دەل شۇ چاغدا، بىرەيلەن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويدى.
سۇ چىڭ كەينىگە بۇرۇلۇپلا، تۇيۇقسىز قىزىل كۆڭلەك كىيگەن چياۋ لىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.
-قانداق ئەھۋالىڭىز؟ يارىلاندىڭىزمۇ؟
سۇ چىڭ چياۋ لىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا باشتىن-ئاياغ سەپسالدى.
چياۋ لى مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، بىراق بەزى كىشىلەر ئۇنداق تەلەيلىك چىقماي قالدى،-دېدى.
چياۋ لىنىڭ بىر تەرەپكە قاراپ ئىچى قارىلىق قىلىۋاتقان كۆزلىرىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ نەزىرىگە ئەگەشتى.
سۇ چىڭ ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئاق چىپاۋ كىيگەن بىر ئايالنىڭ پولدا ۋەيرانە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى، ئەتراپتا يې شىچاۋ، خۇ پېي ۋە يې زىشۈەن قاتارلىقلار بار ئىدى، مېھمانخانىنىڭ كۈتكۈچىلىرى نوسىلكىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى، قارىغاندا خۇ لىچىڭ يارىلانغان ئوخشايدۇ.
-ئۇ يارىلاندىمۇ؟-سۇ چىڭ كۆزىنى قىسقىنىچە سورىدى.
چياۋ لى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
-بايا توك توختىغاندا قىستىلىشىپ يۈرۈپ، پەتنۇس كۆتۈرۈۋالغان كۈتكۈچىگە سوقۇلۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن پەتنۇستىكى ھاراقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بېشىغا تېگىپ چېقىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ بېشىدىن قان ئاققانلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بۇ يىقىلىشنىڭ كارايىتى چاغلىق، يەنە بىرى دەسسىۋەتتى تېخى، بەلكىم پۇتى قايرىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ ھەيران بولغىنىدىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.
سۇ چىڭ گۇەن مۇ دېگەن قىستىلىشىپ يارىلىنىدىغان ئادەمنىڭ خۇ لىڭچىڭ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئوويلاپ باقمىغانىدى.
-بۇ ھەقىقەتەن يامانغا يامانلىق يانىدۇ دېگەندەكلا بىر ئىش بولدى، نېمىشقا ئۇنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋەتمەيدىغاندۇ؟-دېدى چياۋ لى كۆرەڭ ھالدا.
-ھەي...-سۇ چىڭ ئامالسىز بېشىنى چايقىدى.
-ھە راست، ئىشنى قانداق قىلدىڭىز؟-چياۋ لى ئارقىدىنلا دەرھال سورىدى.
سۇ چىڭ بېشىنى چايقىدى.
-مېنىڭ ھۆكۈمۈم بىلەن ئوخشاش بولدى، يې شىچاۋ خۇ لىچىڭنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىكەن، مېنىڭ گېپىمگە پەقەتلا ئىشەنمىدى، ھېلىمۇ ياخشى...ھېلىمۇ ياخشى مەن تېز يۈگۈرۈپ چىقىۋالدىم، بولمىسا ئۇ بىر شاپىلاق سېلىپ مېنى يىقىتىۋەتكەن بولاتتى.
سۇ چىڭ گۇەن مۇنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى دەپ قويغىلى تاس قالغانىدى، ئۇ تىلىنى چايناپ، يەنىلا بۇ ئىشنى يوشۇرۇپ قالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن بايىقى ئىش ئانچە شەرەپلىك ئىش ئەمەس ئىدى، شۇ تاپتا ئۇ ئىختىيارسىز كالپۇكىنى سىلاپ قويدى.
-ھەي، مانا بۇ ئاشنىدارچىلىقنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچىنىڭ زورلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. قاراڭ ئاۋۇ تاز قېرى خۇ پېيدىنمۇ بەك جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ!
چياۋ لىنىڭ كۆزلىرى خۇ لىچىڭنىڭ يۆنىلىشىگە تىكىلدى.
سۇ چىڭ بۇرۇلۇپ قارىدى، بىر نەچچە كۈتكۈچى خۇ لىچىڭنى نوسىلكا بىلەن ئېلىپ كەتتى، ئەڭ ئالدىدا ماڭغىنى يې شىچاۋ، خۇ پېي يې شىچاۋنىڭ كەينىدە ماڭدى، يې زىشۈەن دېگەن شورى قۇرىغۇر ئامالسىزلىقتىن خۇ پېيگە ئەگىشىپ ماڭدى.
سۇ چىڭ چوڭقۇر تىنىپ قويدى.
-ئەمەلىيەتتە بىز كەلگەن چاغدىمۇ ئۈمىد چوڭ ئەمەسلىكىنى بىلەتتۇق، بولدىلا، كېلەر دۈشەنبە ئىشقا بارغاندا سۈن فېيفېينىڭ مەسخىرىسىگە قالسام قالارمەن، مەن ئەتە ئىستېپانامە يازسام بولغۇدەك.
-شۇنداق، ئۇ يەر سىزنى ئىشلەتمىسە، سىزنى ئىشلىتىدىغان يەر چىقىدۇ.-چياۋ لى تەسەللىي بېرىپ سۇ چىڭنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويدى.
-بىزمۇ ماڭايلى.-سۇ چىڭ چياۋ لىنىڭ قولىنى تارتتى.
-توختاڭ، بۇ يەرنىڭ پېچىنە-پىرەنىكلىرى بەك ئېسىل، بەك يېيىشلىككەن، بىز ئىككى پارچە يەۋېلىپ ئاندىن ماڭايلى.
-مېنىڭ ئىشتىھايىم يوق، يۈرىڭە!
ئۇنىڭ تورت، پېچىنە-پىرەنىك يېيىشكە قانداقمۇ ئىشتىھاسى بولسۇن؟
سۇ چىڭ چياۋ لىنىڭ قولىنى كۈچەپ تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.
زىياپەت زالىدىن چىقىپ، لىفىتنى ساقلاۋاتقان چاغدا، سۇ چىڭ خۇ پېينىڭمۇ لىفىتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ لىفىتنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى، بەلكىم خۇ لىچىڭنى كۈتكۈچى لىفىتقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، لىفىت بەك كىچىك بولغاچقا، بىر قېتىمدا ئۇنچە كۆپ ئادەم سىغمايتتى، شۇڭا ئۇ يې زىشۈەن بىلەن كېيىنكى قېتىملىق لىفىتنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتقان بولسا كېرەك.
سۇ چىڭنىڭ ئەسلىدە خۇ پېي بىلەن كارى يوق ئىدى، لېكىن سۇ چىڭ خۇ پېيغا نىسبەتەن چياۋ لى ئىككىسىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ، بەدىنىگە سانجىلغان تىكەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى.
خۇ پېي ئالدىغا بېرىپ غەزەپ بىلەن سورىدى:
-سىلەر قەستەن قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغىلى كەلگەن ئوخشىمامسىلەر؟
بۇنداق باش-ئايىغى يوق گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ ئىختىيارسىز سوغۇقلا:
-مەن سىزنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەنمىدىم، بىز نېمە قالايمىقانچىلىق چىقىرىپتۇق؟ سىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىڭلارنى كىم بىلىپتىكەن؟-دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان خۇ پېي ھىجىيىپ تۇرۇپ:
-ھە، بىلدىم، سىلەرنىڭ بۈگۈن خۇددى ساتىدىغان قىزلاردەك كىيىنىپ، بۇ يەرگە كېلىپ پۇلدار ئەرلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلىقىڭلار ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەندە؟ سۇ چىڭ، گۇەن چىجېڭ سىز بىلەن توي قىلمايدىغان بوپتۇ، شۇڭا سىز يەنە بىر خوجايىن تېپىشقا ئالدىراپ كەتكەن ئوخشىمامسىز؟-دەپ سورىدى.
بۇ گەپ بىلەن ياندىكى چياۋ لى تاقەت قىلالماي، ئالدىغا بېرىپ خۇ پېيغا قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ گەپ قاتتى.
-ھەي، بۇ قايسى ئۆينىڭ ئىتى؟ زەنجىرنى ياخشى باغلىماي، قويۇپ بېرىپ قالايمىقان ئادەم چىشلەپ يۈرىدۇ!
-سەن كىمنى ئىت دەۋاتىسەن؟-خۇ پېيمۇ ئاچچىقىدا چياۋ لىغا قولىنى تەڭلىدى، بىر مەھەل ئىككىيلەن جىددىي ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
ئۇلارنىڭ ئۇرۇشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سۇ چىڭ قولىنى سوزۇپلا چياۋ لىنى بىر چەتكە تارتتى، خۇ پېي ئۇنىڭ دۈشمىنى، ئۇنىڭ چياۋ لىنى بۇ ئىشقا چېتىۋالغۇسى يوق ئىدى.
كېيىنكى دەقىقىدە، سۇ چىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-خۇ پېي، باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئويى بىلەن ئۆلچىمەڭ، زادى كىمنىڭ پۇلدار ئەرلەرنى ئازدۇرغۇسى بارلىقىنى، كىمنىڭ ئاستىرتىن سېتىۋاتقانلىقىنى ئۆزىڭىز بەك ئوبدان بىلىدىغانسىز؟-دېدى.
سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ، خۇ پېينىڭ كەينىدە تۇرغان يې زىشۈەن تەرەپكە قاراپ قويدى.
سۇ چىڭ يې زىشۈەن دېگەن بۇ نەس باسقۇرغا ئىچ ئاغرىتىۋاتاتتى، ئۇ ھازىر كۈندە خۇ پېي بىلەن بىللە يۈرۈپ قانداقمۇ بەرداشلىق بېرىۋاتقاندۇ؟
غەلىتە يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئادەم تونۇش ئىقتىدارى بەك ناچار ئىدى، خۇ پېيدەك مەلھەمگە ئوخشاش ئايالنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇش ئاسان، ئۇنى تاشلىۋېتىش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۈرگەنىدى.
يېغىرى ئېچىلغان خۇ پېي تېخىمۇ غەزەپلىنىپ، ئالدىغا بېرىپ بىر تەرەپتىن تىللاپ، بىر تەرەپتىن سۇ چىڭنى شەرمەندە قىلماقچى بولدى.
-سەن دەل ئۆزۈڭنى ساتقىلى كەلگەن نېمە شۇ! مەن ساڭا تەنبىھ بەرمىسەم، سەن تېخى مېنى كېسەل مۈشۈك چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟
خۇ پېينىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرىغا قاراپ، سۇ چىڭ تەبىئىي ھالدا كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىپ، ئۇنىڭ سېسىق تىرنىقىدىن ئۆزىنى قاچۇردى، بىراق خۇ پېي يەنىلا نىيىتىدىن يانماي، ئالدىغا بېرىپ ئۇرۇشماقچى بولدى، بۇ چاغدا يې زىشۈەن ئاخىرى ياندىكى كىشىلەرنىڭ مۇلاھىزىسى ۋە خۇ پېينىڭ ئەسكىلىك قىلىشىغا چىداپ تۇرالماي، ئالدىغا بېرىپ خۇ پېينىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنى كۈچەپ بىر چەتكە تارتتى.
-نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟-خۇ پېي سەل گاڭگىرىغان ھالدا ئاچچىقىدا يې زىشۈەندىن سورىدى.
يې زىشۈەننىڭ چىرايى بىردەم ئاقىرىپ، بىردەم قىزىرىپ پەس ئاۋازدا:
-غەلۋە قىلماڭ، بولامدۇ؟ يۈز تۆكۈلۈشتىن قورقمامسىز؟-دەپ سورىدى.
يې زىشۈەن كىچىكىدىنلا باي ئائىلىدە چوڭ بولغان، يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىدىكى ئەدەپلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان، نەدىمۇ ھازازۇل خوتۇننىڭ كوچىلاردا تىللىشى ۋە ئۇرۇشۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسۇن! شۇڭا ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ، ئابرۇيى يەر بىلەن يەكسان بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغانىدى، بىراق خۇ پېينىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر يارىماس ئىدى، ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا يې زىشۈەنگە قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ چالۋاقىدى:
-يې زىشۈەن، سىزمۇ ئەر كىشىمۇ؟! ئايالىڭىزنى باشقىلار بوزەك قىلسا، مېنىڭ ئورنۇمدا خەقنى ئۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىپ بەرمەي، يەنە تېخى مېنى تارتىپ يۈرىيسىز، سىز نېمانداق يارىماس؟
خۇ پېي خۇددى گېپىنى باشقىلارنىڭ ئاڭلىيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ۋارقىراپ گەپ قىلىۋاتاتتى.
كارىدوردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، يې زىشۈەن چىداپ تۇرالماي، بىر ئېغىز گەپ قىلدى.
-مەن يارىماس تۇرسام، يەنە كۈندە ماڭا يېپىشىۋېلىپ نېمە قىلىسىز؟-ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا، بۇرۇلۇپلا ئاچچىقلانغان ھالدا كېتىپ قالدى.
نەق مەيداندا تاشلاپ قويۇلغان خۇ پېي ئاچچىقىدا تېپىرلاپ كەتتى، ئاندىن بۇرۇلۇپ بۇ يەردە ئويۇن كۆرۈۋاتقان سۇ چىڭ بىلەن چياۋ لىغا قاراپ قويدى، ئاندىن سوغۇق «ھىم» قىلىپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ يې زىشۈەننىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.
خۇ پېي كەتكەندىن كېيىن، چياۋ لى بىر ئۇھ تارتىپ، مەيدىسىنى سىلاپ تۇرۇپ:
-ۋايجان، ھەر ھالدا كەتتى، مەن تېخى بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قاتتىق جەڭ قىلىدىغان ئوخشايمەن دەپتىكەنمەن،-دېدى.
سۇ چىڭمۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، بۇرۇلۇپ چياۋ لىغا قارىدى.
-بىز ماڭايلى.
چياۋ لى بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن سۇ چىڭ بىلەن لىفىتقا چىقتى، يول بويى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇپېي بىلەن يې زىشۈەننىڭ قانداق قىلىپ بىللە بولۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، يې زىشۈەننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا خۇپېينى ئالىدىغان ئالمايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشتى.
بۇ كۈنى كەچتە، سۇ چىڭ كىرېسلودا يېتىپ، خىيالغا پاتقان ھالدا تورۇسقا قارىدى. ئايرىمخانىدىكى چوڭ كارىۋاتتا ياتقان چياۋ لىمۇ ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماي:
-سۇچىڭ، سىز قانداق قىلاي دەيسىز؟-دەپ سورىدى.
بۇ چاغدا سۇ چىڭنىڭ كاللىسىدا مېھمانخانىنىڭ ھېلىقى يېرىدە توك توختاپ قالغان كۆرۈنۈش پەيدا بولدى.
-قانداق قىلاتتىم، دۈشەنبە كۈنى لەشكەر كەلسە قوشۇن باشلايمەن، سۇ كەلسە تۇغان سالىمەن.
سۇ چىڭ ناھايىتى ئەپچىل جاۋاب بەردى، ئاندىن يەنە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ خىيالغا پېتىپ كەتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان چياۋ لى سۇ چىڭغا قاراپ تۇرۇپ:
-بولمىسا سىز دۈشەنبە كۈنى بارماي، ئىستېپانامەنى بىۋاسىتە شىركەتكە يوللاپ بەرسىڭىز بولارمىكى،-دېدى.
-بولمايدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بىر ئاي، رەسمىيلەشمىگەن ھالەتتىمۇ، شىركەت ماڭا سىناپ ئىشلىتىش مائاشى بېرىدۇ، مەن ئۈچ ھەپتە ئىشلىدىم، يەنە بىر ھەپتە بەرداشلىق بەرسەم بىر ئايلىق مائاشىمنى ئالالايمەن، دۈشەنبە كۈنى بارمىسام، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە بۇ ئۈچ ھەپتىلىك جاپايىممۇ يوققا چىقىدۇ!-سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ جاۋاب بەردى.
بۇنى ئاڭلىغان چياۋ لى بېشىنى لىڭشىتتى:
-شۇنداق دېسەكمۇ بولىدىكەن، سىز بۇ ئۈچ ھەپتىدە كۆپ جاپا تارتتىڭىز، سۈن فېيفېينىڭ تەڭقىسلىقتا قويۇشى، لەن رېننىڭ پاراكەندىچىلىكى، يەنە كەيجيې خامچوت لايىھەسىنىڭ جاپاسى، ئەگەر سىزگە يەنە بىر تىيىنمۇ بەرمىسە، زىيان تارتقۇدەكسىز!
-زىيان تارتامدىم يوق، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، مەن پەقەت ھازىر پۇلغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن.
سۇ چىڭ ھازىر قولىدا پۇل بولسا ئاندىن ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلاتتى، ئەگەر قولىدا يېتەرلىك پۇل بولسا، ئۇنىڭ دۇڭدۇڭ ۋە چۈنچۈنگە ھەمراھ بولىدىغان يېتەرلىك ۋاقتى چىقاتتى.
دۇڭدۇڭنى كۆرەلمىگىنىگە يەنە بىر ھەپتە بولغانلىقىنى ئويلاپ، سۇ چىڭنىڭ يۈرىكى ئىختىيارسىز ئاغرىپ كەتتى.
يەنە چۈنچۈنمۇ بار، ئۇ ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن بىللە قونۇپ باقمىغانىدى، خۇڭ ئاچا ئۇنى ئېلىپ كەلسە، ئۇ يىغلاپ كېتەرمۇ؟
سۇ چىڭ يەنە دېلىغۇل بولۇپ قالدى، ئاندىن كۆڭلى يەنە قەيەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى، پەقەت بارمىقى ئىختىيارسىز كالپۇكىنى سىلاپ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئىزى باردەك ھېس قىلدى.
تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا، چياۋ لى بىر قىسىم شاۋقۇندىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۇيقۇلۇق كۆزىنى ئېچىپ، بېشىنى بۇراپ قاراپ، تار مېھمانخانىدا بىر ئادەمنىڭ سايىسىنىڭ يېرىم تىزلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ شۇ تاپتا پولدا تېز يوللانمىنى ئوراش بىلەن ئالدىراش ئىدى. چياۋ لى تامدىكى سائەتكە قارىدى، سائەت بەشتىن ئاشقانىدى، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا:
-ئاچا، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ ئەمدى سائەت بەشتىن ئاشقان تۇرسا، ئۇخلىماي يەنە بۇ نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىۋاتامسىز؟-دېدى.
-كەچۈرۈڭ، سىزنى ئويغىتىۋەتتىم.
-سىزمۇ ئۇخلاڭ، بولامدۇ؟ تۈنۈگۈن كېچە سائەت بىر ئىككىلەردىمۇ ئۇخلىمىغانىدىڭىز، ھازىر نەچچە سائەت ئۇخلىدىڭىز، كۈندۈزدە يەنە چارچاپ كېتىسىز، يەنە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەيسىز،-دېدى چياۋ لى ئەنسىرىگەن ھالدا.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولدى، لېكىن بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
-ھېچقىسى يوق، مەن چىدىيالايمەن! مەن يەنە ئىشسىز قالىدىغان بولدۇم، ھېلىمۇ ياخشى تور دۇكىنىم يامان ئەمەس تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، قارىغاندا بۇ تور دۇكىنىنى داۋاملىق ئىشلەپ تۇرسام بولغۇدەك، ئۇ پۇل بىزنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىمىزگە يېتىدىكەن، يەنە كېلىپ يەنە ئېشىنالايدىكەنمەن.
-ھەي، سىز يېقىندىن بۇيان پۇلغا دۈم چۈشتىڭىزمۇ نېمە؟-ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ئۇخلىماستىن، ئىچ كىيىمىنى كىيىپلا كارىۋاتتىن چۈشتى.
چياۋ لى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تېز يەتكۈزۈش يەشىكىنى ئېلىپ، پىششىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئوراپ قاچىلاشقا باشلىدى.
سۇ چىڭ كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، چياۋ لى تاماقتىن كېيىن سۇ چىڭغا ياردەملىشىپ تېز يوللانمىنى ئوراپ بېرەتتى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ ھازىر بىر كەسپىي ماھىر بولۇپ قالغانىدى.
-نېمىگە ۋالاقلايدىغاندۇ بۇ؟ دەرھال ئۇخلاڭ!
سۇ چىڭ قولىنى سوزۇپ چياۋ لىنىڭ قولىدىكى تېز يەتكۈزۈش يەشىكىنى تارتىۋالدى.
-سىز بۇنداق شاۋقۇن پەيدا قىلسىڭىز مەن ئۇخلىيالامدىم؟
چياۋ لى يەنە بىر قېتىم سۇ چىڭنىڭ قولىدىكى تېز يەتكۈزۈش يەشىكىنى تارتىۋالدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ ناھايىتى خىجىل بولدى.
چياۋ لى خىجىل بولۇپ كەتكەن سۇ چىڭغا قارىغىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بولدى، تېز قىلىڭ، كەچ بولغاندا چۈنچۈننى ئەكېلىپ بېرىدۇ، بىز بۇ ئىشلارنى بالدۇرراق تۈگىتەيلى، سىز يەنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئارام ئالسىڭىز بولىدۇ، ھېرىپ ئاغرىپ قالسىڭىز، سىزگە قارىشىمغا توغرا كەپ قالىدۇ،-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ سۇس كۈلۈپ قويدى.
...
سۇ چىڭ بايا تېز يوللانمىلارنىڭ ھەممىسىنى ئوراپ، تالوننى تولدۇرۇپ، تېز يوللانما شىركىتىگە ئاپىرىپ بەردى. تېز يوللانما شىركىتىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىشىغىلا يان تېلېفون جىرىڭلىدى. تېلېفون ئاپىسىدىن كەلگەنىدى.
ئاپىسى سۇ چىڭنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى، سۇ چىڭ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.
يېقىندا ئۇلارنىڭ ئانا-بالا كۆرۈشۈشى باغچىغا ياكى تېز تاماقخانىغا تەرەققىي قىلغانىدى.
چۈنكى ئۆينى سۇ زى بىلەن سۇ جىيەنچاڭ ئىككىسى ئىگىلىۋالغانىدى، سۇ چىڭ ئۇلار بىلەن زادىلا چىقىشالمايتتى، كۆرۈشۈپ قالسا ئېنىقلا ئۇرۇشاتتى، شۇڭا ئاپىسى ھازىر سۇ چىڭنى ئۆيگە كەلمەسلىكنى ئېيتاتتى، سۇ چىڭمۇ قايتىشقىمۇ ئېرىنەتتى، ئۇ ئىككى ساراڭنى كۆرسىلا بىزار بولاتتى.
بىر ئېغىزلىق پاكىز، رەتلىك چايخانىدا، چۇ فېن بىلەن سۇ چىڭ ئانا-بالا ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈستەلگە بىر تەخسە كىچىك قاسقان مانتىسى ۋە بىر نەچچە خىل قورۇما قويۇلغانىدى.
سۇ چىڭ ئاپىسىنىڭ غەمكىن چىرايىنى كۆرۈپ، چوقۇم ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ كەتتى.
-ئاپا، ئەگەر سىز خۇشال بولمىسىڭىز سۇ جيەنچاڭنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىڭ!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان چۇ فېن ئۇھسىنىپ قويدى.
سۇ چىڭ ئاپىسىنىڭ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جىددىيلەشكەن ھالدا ئېغىز ئاچتى:
-ئاپا، سىز سۇ جيەنچاڭنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز قايتىپ بېرىپ سىزدىن ئەپۇ سورىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى...
-خۇ لىچىڭ پۇلدار كىشى بىلەن تېپىشىپ قالغاچقا، سۇ جيەنچياڭنىڭ قوڭىغا تېپىپتۇ.
چۇ فېن سۇ چىڭنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ ھەيران بولغان ھالدا چۇ فېنغا قاراپ، كۆڭلىدە «چوقۇم لى چوڭ ئانا گەپنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگەن گەپ» دەپ ئويلىدى.
-ھازىر مەن سۇ جيەنچياڭنى قوغلاشقا بەل باغلىمىدىم، ھازىر ئا زى ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، ئۇلار ئىككىسى ناھايىتى ياخشى ئاتا-بالىغا ئايلانغان تۇرسا، ماڭا نېمە ئامال؟
سۇ چىڭ ئاپىسىنىڭ غەمكىنلىكىنى كۆرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ:
-سۇ زى ھازىر قانداقراق؟-دەپ سورىدى.
-يەنە قانداق بولماقچىدى؟ ھەر كۈنى يۆيۆنى قۇچاقلاپ جېڭ خاۋرەننى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىدۇ.
-جېڭ خاۋرەن مەكتەپتىن ئىستېپا بەرگەنغۇ؟
-ئىستېپا بەرگىنى راست، لېكىن ئا زى ھازىر جېڭ خاۋرەننىڭ ئۆيىگە ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ جېدەل قىلىدۇ، ھەر كۈنى شۇ يەردىن كەلمەيدۇ، مەن ئۇنىڭ يۆيۆنىمۇ يامان يولغا باشلىشىدىن قورقىمەن، ھازىر ئۇ قىلىۋاتقان يامان ئاماللارنى سۇ جيەنچاڭ ئويلاپ تاپقان، ئەگەر مەن سۇ جيەنچاڭنى قوغلىۋەتسەم، ئا زىمۇ يۆيۆنى ئېلىپ، سۇ جيەنچاڭغا ئەگىشىپ بىللە كېتىدۇ، نېمىلا بولسۇن ھازىر ئۇلارغا قاراپ تۇرالايمەن، ئەگەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالسام، نېمىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
چۇ فېن سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپ كەتتى.
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:121-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار