ئۇكام، سەنمۇ توي قىلغاندىن كېيىن بىلىپ قالىسەن

文摘   2024-11-09 20:01   新疆  

گەرچە خىزمىتى يوق بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قورقمايتتى، «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دەپتىكەن، ئەر كىشىنىڭ كاللىسى ئوچۇق، تىرىشچان بولسىلا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى تەس ئەمەس. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن تۈرمىدىن چىقىشىغا ئىسسىق «يېشىل بۆك» ۋاڭ خۇينىڭ بېشىغا كىيىلىپ قالدى.

ۋەنخاۋ مېھمانخانىسى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي بولۇپ، چوڭ كارىۋات بەك يۇمشاق ھەم بەك راھەت بولۇشى مۇمكىن، يۆ چىنىڭ يالىڭاچ گۈزەل بەدىنى ئۇنىڭ كاللىسىدا توختىماي پەيدا بولۇپ تۇراتتى. ئەگەر ئۇ راستتىنلا باشقىلار بىلەن بىللە بولسا ۋاڭ خۇي ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ قويىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ يېتەلمەيتتى:

-ئاكا، چىقتى!-دېدى ئىككىنچى ئىنىسى پەس ئاۋازدا. ۋاڭ خۇينىڭ بەدىنى تىترەپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. دەرۋەقە، يۆ چى 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئەر بىلەن لىفىت ئىشىكىدىن چىقتى. يۆ چىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەرنىڭ قۇچىقىدا ئىدى. يۆ چى ئايالچە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، تۈپتۈز ئىككى ئۇزۇن پۇتى، ئىنچىكە بېلى، تومپىيىپ تۇرغان مەيدىسى ئوغۇللارنىڭ قانلىرىنى قىزىتاتتى، بۇ جاي بولسا يۆ چىنىڭ دائىم ۋاڭ خۇينى خۇش قىلىدىغان، ئەرلىك جاسارىتىنى نامايان قىلدۇرىدىغان جايى ئىدى، ۋاڭ خۇي بىلەن تەڭ ياشتىكى يۆ چى يېشى قانچە چوڭ بولغانسېرى شۇنچە ئاياللىق پۇرىقى كۈچلىنىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى، ۋاڭ خۇينىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ كەتتى. ئايالىنىڭ بۇ ھالىتىنى، ئۇ تېخىمۇ پىششىق بىلىدۇ. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يۆ چى تۈرمىگە ۋاڭ خۇينى يوقلاپ ئىككى قېتىملا باردى، بۇ ئىككى قېتىمنىڭ ھەممىسىدە يۆ چىنىڭ پوزىتسىيەسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ۋاڭ خۇي ئەسلىدە ئۇنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر دەپ ئويلىغانىدى، لېكىن ئۆزى سۆيگەن ئايالىنىڭ سىرتتا ئۆزىنىڭ ئاياللىق ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى بىر قېتىممۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان بولۇپ قېلىشىنى ناھايىتىمۇ بەك ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ ئايال يۆ چى بولمىغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى! يۆ چى ۋاڭ خۇينىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئالدىغا قاراپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىكى ئەڭ زور ئىنتىلىشى ئىدى، بۇ چاغدا ئەر قەدىمىنى توختىتىپ، يۆ چىنىڭ قۇلىقىغا بىر نەرسىلەرنى دېدى. يۆ چى ئەركىلىگىنىچە ئۇنىڭ مەيدىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويدى، ئاندىن بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ، ئەرنى قۇچاقلاپ قىزغىن سۆيۈشتى. ئەرنىڭ قولى يۆچىنىڭ ساغرىسىدا ئەركىن پىرقىراپ يۈرەتتى، بۇ كۆرۈنۈش ۋاڭ خۇينىڭ يۈرىكىنى پىچاقتا تىلغاندەك ئاغرىتىۋەتتى، ئۇنىڭ قەلبىدە غەزەپ ئوتى يالقۇنجىدى. ئۇنىڭ بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى، ھەتتا نەپەس ئېلىشىمۇ قىيىنلاشتى. ئىللىق ئائىلە مانا مۇشۇنداقلا يوق بولدى، ھەممىسى يوق بولدى! ۋاڭ خۇينىڭ كۆزى قىزىپ، كۆز ياشلىرى تۆكۈلدى، ئۇ چىشىنى چىشلەپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ساراڭ بولۇپ قالغاندەك ھەممە يەرگە قالايمىقان قارىدى.

-ماڭا پىچاق بەر، مەن بۇ ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن!-دېدى ۋاڭ خۇي پەس ئاۋازدا، ھازىرقى ۋاڭ خۇي بولسا بەئەينى ئورمانلىقتىكى ياۋۇز شىرلارغا ئوخشايتتى:

-ئاكا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ!-دېدى ئىنىسى ۋاڭ چياۋ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ:-سىز قىزىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ.-دېدى.

-قىزىم!-بۇ سۆز ۋاڭ خۇينى بىردىنلا سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېلىقى ئەر بىلەن يۆ چى ئاۋدى ماركىلىق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ۋاڭ خۇينىڭ ئالدىدىن كېتىپ قالدى، ۋاڭ خۇي يۆ چىنىڭ شوپۇرنىڭ يېنىدا كۈلۈپ ئولتۇرغانلىقىنى ئېنىق كۆردى، قارشى تەرەپنىڭ ماشىنا نومۇرى تۆت دانە ئالتە بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ئەستە ساقلىۋالغىلى بولاتتى.

ئاۋدى ماشىنا يەر ئاستى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا غايىب بولغاندا ۋاڭ خۇي ۋارقىراپ تۇرۇپ ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۈسسۈشكە باشلىدى ھەمدە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىق نالىسى ھېسابلىنىدۇ، «ئەركەك يىغلىمايدۇ، ئەركەك ياش تۆكمەيدۇ، لېكىن ياش تۆككەن ئەركەك، ئورنىدىن دەس تۇرغان ھامان، ئۇ بەئەينى كۆندۈرگىلى بولمايدىغان ياۋا ئاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ» بۇ سۆز دەل مۇشۇنداق مەغلۇپ بولۇپ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان ئەرلەرگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ، ۋاڭ خۇينىڭ ئىنىسى ۋاڭ چياۋ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ۋاڭ خۇي ئاستا ئولتۇردى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى، ۋاڭ خۇي ئۆزىنى قاتتىق بىر شاپىلاق سالدى.

-ئاكا!-دېدى ۋاڭ چياۋ چۆچۈپ.

-ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى!-دېدى ۋاڭ خۇي يۈزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:-بايا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم!-دېدى، ئۇنىڭ قولى ئازراق تىترەپ تۇراتتى، ئاندىن مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى، بۇنى كۆرگەن ۋاڭ چياۋ بىر بوتۇلكا سۇنى ئاكىسىغا سۇنۇپ:

-ئاكا، مەن بىر نەچچە ئادەمنى تېپىپ ئۇ ئەرنى ئەدەپلەپ قوياي.-دېدى.

-قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلساق بولمايدۇ! ئاكاڭنىڭ ساۋىقى تېخى يەتمىدىمۇ؟ بۇ ئىش بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئۆزۈم ھەل قىلاي!-دېدى.

-ئۇنداقتا، ئاجرىشىپ كېتىڭ!-دېدى ۋاڭ چياۋ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:

-يۆ چى دېگەن بۇ بۇزۇق، پاھىشەنى كەچۈرسەك بولمايدۇ!-دېدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئاتا-ئانىسى بالدۇر ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكەن، ئاكا-ئۇكا ئىككىسى كىچىكىدىن تارتىپلا بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ ياشاپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى بەكلا چوڭقۇر ئىدى، ۋاڭ خۇي ئېغىر ئۇھ تارتىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ھالدا:

-ئاجرىشىپ كەتسەم، قىزىم يېتىم قالىدۇ!-دېدى.

-لېكىن ئۇ رەسۋا بىلەن يەنە ئۆي تۇتسىڭىز بولمايدۇ-دە!-ۋاڭ چياۋنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم ئىدى، ۋاڭ خۇي ئاچچىق كۈلۈپ:

-ئۇكام، سەنمۇ توي قىلغاندىن كېيىن بىلىپ قالىسەن.-دېدى. توي كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنى ئەمەس. ئەر-خوتۇن بولۇشمۇ شېرىكلىشىپ سودا قىلىدىغان سودا ئىشى ئەمەس. لېكىن مۇشۇنداق ئەھۋالدا ناھايىتى تېزلا ئاجرىشىپ كېتىدىغانلار بارمۇ؟ بولۇپمۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىل ئىچىدە توي قىلغانلار ئارىسىدا بۇنداق ئىشلار كۆپ، ئەمما بىزنىڭ ئاتىلىرىمىز، ئانىلىرىمىز دەۋرىدە بۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنىلا پەرزەنتلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بىر-بىرىنى كەچۈرۈپ، يەنە شۇ ئۆينى تۇتۇپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بىراق، ئادەمدە ھېسسىيات بولىدۇ، ئەندىشە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرىدا بىر پەرزەنت بولسا، بۇ ئىش ئون ھەسسە، يۈز ھەسسە ئاۋارىچىلىك بولىدۇ. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章