بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ
ئاپتورى: لاۋ مو
118-باب: كۈنلەمچى ئەر
106 | 105 | 104 | 103 | 102 |
111 | 110 | 109 | 108 | 107 |
117 | 116 | 115 | 114 | 113 |
ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (117): ھەيران قالارلىق ئۇچرىشىش
سۇ چىڭ ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن گالۋاڭ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەنمىدى، خۇددى ئەينى يىلى سۇ جىيەنچاڭ خۇ لىچىڭنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئائىلىسىنى تاشلاپ، قىزىنى تاشلىۋەتكەنگە ئوخشاش.
-بۇنى مەنمۇ ئاڭلىدىم، يې زىشۈەن ماڭا كۆپ قېتىم قاقشىدى، ھازىر بوۋاي ئۇنىڭغا تەھدىت سالغىلى تۇرۇپتۇ، ئەگەر پات ئارىدا خۇ پېي بىلەن توي قىلمىسا ئۇنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىكەن، شۇڭا يې زىشۈەن ھازىر بوۋاي بىلەن خۇ پېينى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولدى، ھېلىقى خۇ پېي يې زىشۈەننىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان چاغدىكى غەمكىن چىرايىنى كۆرەلمەي، ئەكسىچە خۇشال بولۇپ يۈرۈپتۇ.
گۇەن چىجېڭ سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇ چىڭ ئىشەنمىگەن ھالدا سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
-ئۇ ئۆزى مەينەتچىلىككە چاپلاشسىمۇ بوپتۇ، يەنە ئوغلىغا مەينەتچىلىكنى چاپلاپ بەرمەكچى بولغىنى قىزىق، قانداق ئويلىغانلىقىنى راستتىنلا بىلگىلى بولمايدىكەن.
-سىز يې شىچاۋ ئاتا-بالا ئىككىسىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدىغاندەك قىلىسىزغۇ؟-گۇەن چىجېڭ سەل ھەيران بولۇپ سورىدى.
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سۇ چىڭ ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ بولغانىدى.
-مەن كەيجيېنىڭ خامچوت لايىھەسىنى قولۇمغا ئالغانىدىم، بۇنىڭغا خۇ لىچىڭ مەسئۇلكەن، ئۇ خامچوتنى يۇقىرى قىلىپ بۇنىڭدىن پۇل ئۈندۈرمەكچى بوپتىكەن، شۇڭا ھازىر مەن قىسىلچىلىقتا قالدىم.
بۇنى ئاڭلىغان گۇەن چىجېڭ بېشىنى لىڭشىتتى:
-نورمال ئەھۋال، مەن يې زىشۈەندىن كۆپ قېتىم ئاغرىنغان، گەرچە يې زىشۈەن چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، راست گەپنى قىلسام ئائىلە شارائىتى ياخشى بولغاچقا، ئەزەلدىن جاپا تارتىپ باقمىغان، ئەگەر ئائىلە ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلالمىسا، ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى ناھايىتى تەستە ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ تەن بەرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە يې ئائىلىسىنىڭ بۇ ئائىلە ئىگىلىكىنى ئۇنىڭ ئانىسى قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ بۇنى باشقىلارغا بىكاردىن-بىكار سوۋغا قىلغۇسى يوق، شۇڭا ھازىر پەقەت بوۋاي بىلەن خۇ پېيلار بىلەن ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشىگە توغرا كېلىۋاتىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى. كۆڭلىدە «يەنىلا خۇ لىچىڭنىڭ ھۈنىرى بار ئىكەن، بۇ ياشقا كەلگەندە يەنە ئۆزىنى باي ئائىلىگە ياتلىق قىلىدىكەن، يەنە كېلىپ قىزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشىنى ھەل قىلالاپتۇ، سۇ جيەنچياڭ پەقەت ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىر سەكرەش تاختىسى بوپتۇ» دېگەنلەرنى ئويلىدى.
ئويلاپ باقسا ئەڭ ئازابلىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاپىسى ئىكەن، 20 يىل بولاي دەپ قالغانىدى، ئۇ ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنى يالغۇز بېقىپ، يەتكۈچە جاپا تارتقانىدى.
-سىزگە ياردەم قىلايمۇ؟
گۇەن چىجېڭ سۇ چىڭنىڭ قوشۇمىسىنىڭ تۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدى.
-بولمايدۇ!
سۇ چىڭ دەرھال بېشىنى چايقاپ رەت قىلدى.
-ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم ھەل قىلاي، سىز قول تىقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
-ھە...
گۇەن چىجېڭ ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى، لېكىن بېشىنى لىڭشىتتى.
سۇ چىڭ ئۇنىڭ بىلەن دېيىشكۈدەك گەپ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، زورىغا كۈلۈپ قويدى:
-سىز ئۇ تەرەپتە دوستۇم بار دېگەنتىڭىزغۇ؟ بېرىپ كېلىڭ.
گۇەن چىجېڭ بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئاندىن بېشىنى لىڭشىتتى:
-ئەمىسە مەن بېرىپ كېلەي!
ئۇ شۇنداق دەپلا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ھەسرەتلىك سىيماسىغا قاراپ، سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.
بۇ چاغدا، سۇ چىڭ تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولۇپ، تېز سۈرئەتتە كەينىگە بۇرۇلۇپ، قارا رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن بىر ئېگىز گەۋدە ۋە بىر سوغۇق چىراينى كۆردى. سۇ چىڭ گۇ مۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قوشۇمىسىنى تۈردى.
سۇ چىڭ تېخى گەپ قىلماي تۇرۇپلا گۇەن مۇ ئالدى بىلەن:
-ئۇ سىزگە نېمە دېدى؟-دەپ سورىدى.
گۇەن مۇنىڭ تەلەپپۇزىدا بىر خىل بىزارلىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىراي ئىپادىسى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى...
سۇ چىڭنى ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىپ:
-بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوقتۇ؟-دېدى زەردە بىلەن.
سۇچىڭنىڭ گېپى بىلەن گۇەن مۇنىڭ قاش-قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، خاپا بولغان ھالدا:
-ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ئۈزۈلگەنغۇ؟ نېمىشقا تېخىچە چاپلىشىۋالىدۇ؟-دەپ سورىدى.
گۇەن مۇنىڭ سۆزى ۋە پوزىتسىيەسىدىن سۇ چىڭ بىزار بولدى، ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان قولىنى قايرىۋەتتى ھەمدە سوغۇقلا:
-گۇەن مۇ، سىز ھازىر پەقەت بالىلىرىمنىڭ دادىسى، مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىڭىز يوق، شۇڭا مەن كىم بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىمەن، كىم بىلەن ياخشى ئۆتىمەن، ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ئىشى، سىزنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقىڭىز يوق!-دېدى.
بۇ گەپتىن ئۇزۇندىن بېرى چىداپ كېلىۋاتقان گۇەن مۇ سەل ئاچچىقلاندى.
-ئىككى بالىڭىز بارلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئوغلىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى بىر ھەپتە كۈتتى، قىزىڭىزمۇ بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان كېچىدىمۇ يىغلاپ توختىمىدى، سىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيمەن دەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقتىڭىز يوق، تېخى يەنە مۇشۇنداق زىياپەتكە قاتراپ يۈرگىنىڭىز قىزىق، يەنە سىزنىڭ بۇ كىيىمىڭىزنى پەسكەش چولپانلار كىيىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بۇنداق كىيىم كىيىپ يۈرۈپسىز، مەن زادى سىزنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بوينىدىكى گالىستۇكنى ئازراق تارتىپ، سول قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ، ناھايىتى ئاچچىقلانغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، لېكىن يەنىلا مۇۋاپىق سەۋر-تاقەت قىلدى، ئەگەر بۇ ئىش ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ چوقۇم بىر قاراپ قويۇشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ھالدا كېتىپ قالاتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئەڭ چوڭ سەۋر-تاقىتىنى ساقلاپ قالغانىدى.
گۇەن مۇنىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆزى سۇ چىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى، ئۇ كۆڭلىدىكى ئۇۋالچىلىقنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.
سۇ چىڭ يەنىلا گۇەن مۇ بىلەن داۋاملىق تاكاللىشىشنى توغرا كۆرمىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بۈگۈن كېلىشىدە يەنە ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىسى بار، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلمىگەن. كېيىنكى دەقىقىدە، سۇ چىڭ بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن، گۇەن مۇغا قاراپ:
-گېپىمىز بىر يەردىن چىقمايدۇ، سىز بىلەن دېيىشكۈدەك گېپىم يوق!-دېدى.
سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قالدى.
شۇ تاپتا گۇەن مۇ سۇ چىڭنىڭ قارىسىغا قاراپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى.
بۇ پاراۋانلىق زىياپىتىگە ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بىراق ئۇنىڭ ئەسلى پەقەتلا كەلگۈسى يوق ئىدى، ئالدىن ئويلىغىنى بىر پارچە پۇل چېكى ئىئانە قىلىش ئىدى، بىراق سۇ چىڭ بىلەن چياۋ لىنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلگەچكە، شۇڭا ئۇمۇ ئەتىگەندىلا كەلگەنىدى.
ئۇمۇ سۇ چىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىنى بىلەتتى، ئۇمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى، لېكىن ئۇنىڭ بۈگۈنكى كىيىنىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ زەردىسى قايناپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئايالى قانداقسىگە بۇنداق ئارتىسلار كىيىدىغان كىيىمنى كىيىپ سىرتقا چىقىدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن كەچتىكى ئەركەكلەرنىڭ نەزىرى سۇ چىڭنىڭ بەدىنىگە بىر نەچچە قېتىم چۈشتى، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن قاتتىق ئار-نومۇس ئىدى.
يەنە ھېلىقى گۇەن چىجېڭمۇ بۈگۈن تاماشا كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، ئەجەبا ئۇنىڭ بۈگۈن كەچتىكى كەيپىياتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگۈدەك كاللىسىمۇ يوقمىدۇ؟
ئەسلىدە ئۇ ئاچچىقىنى خېلى بېسىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى تۇتالمىغانىدى، نەتىجىدە بىر قارارغا كېلەلمەي، ئاچچىقىدا قېچىپ كەتتى.
بىر ھازادىن كېيىن، گۇەن مۇ خاپا بولۇشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ قولىدىكى قىزىل ھاراقنى بىراقلا ئىچىۋەتتى، ئارقىدىن يەنە كۈتكۈچىنىڭ قولىدىكى پەتنۇستىن بىر ئىستاكان ئالدى.
سۇ چىڭ ئالدىراپ چياۋ لىنىڭ ئالدىغا كەلدى، چياۋ لىنىڭ كۆزى يې شىچاۋغا تىكىلگەنىدى.
-يې شىچاۋ خۇ لىچىڭ بىلەن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي يۈرىدۇ، ئەمدى قانداق قىلارمىز؟-چياۋ لى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سورىدى.
-پەقەت پۇرسەت كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق.
چياۋ لى سۇ چىڭغا قارىدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن غەلىتە كۈلكە چىقىپ تۇراتتى.
-مېنىڭچە كاپىتالىست چوقۇم كۈنلەپ قالغان گەپ.
سۇ چىڭ چياۋ لىغا بىر قاراپ قويدى.
-ئۇنىڭ بىلەن ھازىر ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، ئۇ كۈنلەپ نېمە قىلىدۇ؟
-مۇناسىۋىتىڭلار خېلى قويۇقلىشىپ قاپتىغۇ؟ ئىككى بالىلىق بولغان تۇرساڭلار، يەنە كىم سىلەردىن يېقىن بولماقچىدى؟
چياۋ لى ئۇنىڭ پىكىرىنى توغرا دەپ قارىمىغانىدى.
-مەن ھازىر ئۇنىڭ بىلەن قايتا باشلاشنى راستتىنلا ئويلاپ باقمىدىم، قالايمىقان سۆزلىمەڭ.
چياۋ لى سۇ چىڭغا سىنچىلاپ قارىغاچ، قولىدىكى رومكىنى پۇلاڭلاتقىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
-ئۇنىڭغا باشقىچە قارىشىڭىز قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ سىزگە بولغان باشقىچە قارىشىنى توسۇپ قالالمايسىز، سىز ئۇنىڭ سىزگە قارىغان بىر جۈپ كۆزىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بىردەم ھاياجانلانغان، بىردەم ئوتقا ئوخشاپ قالغان، بىردەم ھەسەت قىلغان، يەنە بىردەم مەيۈسلەنگەن تۇرقىنى كۆرمەسكە سالمىدىم دەپ بېقىڭە؟ ئۇ بۈگۈن نەدىمۇ پاراۋانلىق كېچىلىكىگە قاتناشقىلى كەلگەن بولسۇن؟ ئۇنداق ئادەم چىرايىنى ئوتتۇز خىلغا ئۆزگەرتىپ نېمە قىلىدۇ؟.
-بولدى، بۇ قۇرۇق گەپلەرنى قويۇڭ، سىز تېزدىن ئامال قىلىپ ھېلىقى خۇ لىچىڭنى ئازدۇرۇڭ. بىردەمدىن كېيىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش باشلىنىدۇ، شۇ چاغدا بىزگە ئازراقمۇ پۇرسەت قالمايدۇ،-دېدى سۇ چىڭ تىت-تىت بولغان ھالدا.
چياۋ لى تۇيۇقسىز سۇ چىڭنى ئىتتىرىۋەتتى.
-ھېلىقى تاقىرباش بوۋاي ھاجەتخانىغا كىرىدىغاندەك قىلىدۇ، مەن بېرىپ ھېلىقى خۇ لىچىڭغا يېپىشىۋالاي، سىز دەرھال بېرىپ ئۇنى توسۇۋېلىڭ.
-ماقۇل،-سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن بىخەتەرلىك يولىغا قاراپ ماڭغان يې شىچاۋنى ئىزدەپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
چياۋ لى بولسا خۇ لىچىڭ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
خۇ لىچىڭنىڭمۇ ئەسلىدە تازىلىق ئۆيىگە بارغۇسى بار ئىدى، بىراق تۇيۇقسىز قىزىل يوپكا كىيگەن بىر ياش ئايال ئۆزىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغانىدى ھەمدە قولىدىكى قىزىل ھاراقنى ئۇنىڭ قىممەت چىپاۋرىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋەتتى، ئۇ ئىختىيارسىز چۆچۈپ كەتتى.
-قانداق قىلىق بۇ؟
-كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، بايا دىققەت قىلماي قولۇم تېيىلىپ كەتتى.-چياۋ لى دەرھال كەچۈرۈم سورىدى.
بەلكىم خۇ لىچىڭنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەچكىمۇ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا يۆتكەلگەنىدى.
خۇ لىچىڭنىڭ ھازىرىنى ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى، نەگىلا بارسا باش دىرېكتورنىڭ خانىمى دەپ ئاتىلىۋاتاتتى، گەرچە كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتى بەزى چوڭ گۇرۇھلارغا قارىغاندا خېلىلا ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر كۆلەملەشكەن شىركەت، يې شىچاۋمۇ دائىم ئۇنى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر يىغىلىشلىرىغا باشلاپ بارىدۇ، شۇڭا ئۇ چوقۇم بۇرۇنقى بىشەم، يولسىز قىلىقلىرىنى يىغىشتۇرۇشى كېرەك.
مۇلايىملىق، كۈلۈمسىرەش ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنى نىقابلاش ئەڭ ياخشى تاللاش، ئەمما تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەك تەس، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا، خۇ لىچىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ قوياتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، دەرھال داۋاملىق ياسالمىلىق قىلدى.
خۇ لىچىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئاپئاق چىپاۋ ئۈستىدىكى قىزىل رەڭلىك سۇيۇقلۇقنىڭ ئىزىغا قاراپ قويدى، گەرچە ناھايىتى خاپا بولغان ۋە ئىچى ئاغرىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.
-ھېچقىسى يوق، ھېچقىسى يوق.
-بولمىسا سىز قايتقاندىن كېيىن ئالماشتۇرۇپ ماڭا بېرىڭ، مەن كىر يۇيۇش دۇكىنىغا ئاپىرىپ يۇيدۇرۇپ بېرەي.
-نېمىگە يۇيۇپ بېرەتتىڭ؟ بۇ چىپاۋ سەككىز مىڭ يۈەن، قۇرۇق يۇيىدىغان كۆڭلەك ئەمەس.
خۇ لىچىڭ بۈگۈن كەچتىكى زىياپەتكە قاتنىشالايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى. شۇڭا پەقەت چىشىنى چىشلىمەي ئامالى يوق ئىدى.
-ئاپا، نېمە بولدى؟
بۇ چاغدا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
چياۋ لى بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، ئۇ خۇ پېي ئىدى، ئۇ كۆڭلىدە «ئويۇن باشلىناي دەپ قالدى» دەپ ئويلىدى.
-ھېچقىسى يوق، بىر قىز ئېھتىياتسىزلىقتىن قىزىل ھاراقنى چىپاۋغا چېچىۋەتتى.
خۇ لىچىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا خۇ پېيغا قاراپ قويدى.
خۇ پېي بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، چياۋ لىنىڭ كۆزىگە قارىدى.
خۇ پېي چياۋ لىنى كۆرۈپ، دەرھال قوشۇمىسىنى تۈردى، ئۇ ئاپىسى خۇ لىچىڭدەك ياسالمىلىق قىلالمايتتى، شۇڭا دەرھال سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:
-مەن كىمكىن دەپ قاپتىمەن، ئەسلىدە سۇ چىڭ دېگەن بۇزۇقنىڭ يېقىن دوستى ئىكەن، مەن بايا سۇ چىڭ دېگەن بۇزۇقنى كۆرۈپلا ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەنىدىم، سۇ چىڭ دېگەن بۇزۇق سىزنى ئاپامنىڭ چىپاۋسىنى قەستەن بۇزۇشقا بۇيرۇغان ئوخشىمامدۇ؟-دېدى.
چياۋ لى خۇ پېينىڭ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئازراقمۇ كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىنى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇۋالچىلىققا قالغان تەلەپپۇزىدا ئېغىز ئاچتى:
-خۇ خانقىز، نېمىلا دېگەن بىلەن سۇ چىڭ ئىلگىرى سىز بىلەن ئۆگەي ئاچا-سىڭىل ئىدى، ئۇنىڭ دادىسىمۇ سىزنى ئۆز قولى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان، بۇنداق گەپ قىلسىڭىز بەك سەت ئاڭلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپىڭىز بىلەن ئاداۋىتىم بولمىسا، ھاممامنىڭ چىپاۋسىنى قەستەن بۇزۇۋېتىپ نېمە قىلاي؟ مەن شۇ دەماللىققا دىققەت قىلماپتىمەن، ئەگەر ھاممانىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالسا، مەن قايتىپ بېرىپ سىلەرگە پۇل تۆلەپ بېرەي، پەقەت سىز بۇنداق يامان گەپلەر بىلەن ئادەمنى ھاقارەتلىمەڭ.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى زەردارلار بولغاچقا، خۇ پېينىڭ سەت گەپلىرىنى ئاڭلاپ، بەس-بەستە بېشىنى چايقىدى.
ئەگىشىپ كەلگەن يې زىشۈەن يۈزى تۆكۈلگەندەك ھېس قىلدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۇنى ئېلىپ چىقىشىمۇ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش ئىدى، شۇڭا چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى.
خۇ لىچىڭ قېرى مەككار بولغاچقا، ھازىرقى ئەھۋالنىڭ چياۋ لى بىلەن سوقۇشىدىغان چاغ ئەمەسلىكىنى تەبىئىيلا چۈشەندى، گەرچە ئۇمۇ چياۋ لىنىڭ قەستەن قىلغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چياۋ لىنىڭ ئۇۋالچىلىققا قالغان چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى، شۇنىڭ بىلەن خۇ لىچىڭ دەرھال ئەپلەشتۈرمەكچى بولدى.
-ھەي بالا، قالايمىقان سۆزلىمە، بۇ خانقىز قانداقسىگە قەستەن قىلىتى؟ ھېچقىسى يوق، كۆپچىلىك داۋاملاشتۇرۇڭلار، كۆپچىلىك داۋاملاشتۇرۇڭلار.
ئارقىدىن كۆپچىلىك ئويۇننىڭ قىزىقى چىقمايدىغاندەك ھېس قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇ لىچىڭ ئانا-بالىنى كۆزگە ئىلمىغاچقا، شۇڭا ھەممىسى تارقىلىپ كەتتى.
چياۋ لى خۇپېينىڭ ئالدىغا كېلىپ، مەنسىتمەسلىك بىلەن ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، ئاندىن بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.
-سەن...
خۇ پېينىڭ ھازىر ياش، غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان چاغلىرى ئىدى، شۇڭا يۈگۈرۈپ بېرىپ چياۋ لى بىلەن يۇقىرى-تۆۋەنلىكنى تالاشماقچى بولدى، بىراق خۇ لىچىڭ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ:
-نومۇس قىلمامسەن؟-دېدى بوش ئاۋازدا كايىپ.
-ئاپا، ئۇ ئېنىقلا قەستەن قىلدى، تېخى بىزنى بوزەك دەۋاتمامدۇ؟
خۇ پېي ئاۋازىنى زورىغا بېسىپ تۇرۇۋاتاتتى.
خۇ لىچىڭ چياۋ لىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قويۇپ، ئاندىن ئاستا:
-ئاپاڭ قانچە ياشقا كىردى؟ ئەجەبا ئۇنىڭ قەستەن قىلغانلىقىنى قانداقسىگە بىلمەي قالاتتى؟ خاتىرجەم بول، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىمەن،-دېدى.
-ھىم،-خۇ پېي ئۇھسىنىپ قويدى.
بىر چەتتە تۇرغان يې زىشۈەن بۇ ئانا-بالىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ، ئامالسىز بېشىنى چايقاپ، ئۆزى يالغۇز كېتىپ قالدى.
سۇ چىڭ ئەرلەر ھاجەتخانىسىنىڭ سىرتىدا ساقلاپ تىت-تىت بولۇپ، زالنىڭ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ، چياۋ لىنىڭ ھېلىقى خۇ لىچىڭنى تۇتۇپ تۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەۋاتاتتى، ئەگەر ئۇمۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرسە، يې شىچاۋ بىلەن پاراڭلىشىدىغان پۇرسىتىمۇ قالمايتتى.
بىر مىنۇتتىن كېيىن، يې شىچاۋ ئاخىرى تازىلىق ئۆيىدىن چىقتى.
سۇ چىڭ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، گەرچە كۈلۈمسىرىگەن بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى جىددىي تەلەپپۇزدا ئېغىز ئاچتى:
-يې ئەپەندى، مەن بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى سۇ چىڭ، سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار ئىدى، ماڭا بەش مىنۇت ۋاقىتڭىزنى بەرسىڭىز بولارمۇ؟
يې شىچاۋ سۇ چىڭغا بىر قۇر سەپسالغاندىن كېيىن سەل خاپا بولغان ھالدا:
-سۇ خانقىز، مەن بۈگۈن كەچ پاراۋانلىق كېچىلىكىگە قاتناشقىلى كەلدىم، خىزمەت ئىشى توغرىسىدا پاراڭلاشقۇم يوق، كەچۈرۈڭ،-دېدى.
يې شىچاۋ گېپىنى تۈگىتىپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا، سۇ چىڭ جىددىيلىشىپ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋالدى.
-نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
يې شىچاۋ سۇ چىڭنىڭ بۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقىنى كۆرۈپ سەل خاپا بولدى.
سۇ چىڭ دەرھال تەزىم قىلدى:
-كەچۈرۈڭ، يې ئەپەندى، مەن راستتىنلا ئامالسىزلىقتىن سىزنى ئىزدەپ كەلگەن، سىزنىڭ بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتىڭىزغا دەخلى قىلىدىغان بولدۇم، بىراق مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، سىز بىر قوللۇق قۇرغان كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتىگە ھەقىقەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەلكىم ئەمدى توسما سالمىسىڭىز، ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يې شىچاۋ سۇ چىڭغا بىر قۇر سەپسالدى، ئاندىن كەسكىنلىك بىلەن:
-قىزچاق، سىزنىڭ گېپىڭىز مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئاز ۋەھىمىلىك گەپ بولدى، يەنە كېلىپ سىز مېنى گېپىڭىزنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلاۋاتىسىز، مەن ھەرقانداق ئادەم مەجبۇرلىيالايدىغان ئادەم ئەمەس،-دېدى.
-يې ئەپەندى، سىزنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ بېقىشىڭىزنى ئۆتۈنۈۋاتىمەن،-دېدى سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ سەمىمىيلىك بىلەن.
يې شىچاۋ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئويلانغاندىن كېيىن، بېشىنى لىڭشىتتى.
سۇ چىڭ يې شىچاۋنىڭ ئۆزىگە بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا:
-رەھمەت يې ئەپەندى،-دېدى.
يې شىچاۋ كارىدورنىڭ يان ئىشىكىدىن چىقىپ، ئۈستى ئوچۇق بىر ئورۇنغا كەلدى.
يازنىڭ مەيىن شامىلى ئارىسىدا، شەھەرنىڭ چىراغلىرى يېنىپ، ئۆزگىچە تۈس بېرىۋاتاتتى.
يې شىچاۋ غۇۋا چىراغ نۇرى ئاستىدا سۇ چىڭغا قارىدى.
-ئېيتىڭە، مەن سىزگە پەقەت ئۈچ مىنۇتلا ۋاقىت بېرەلەيمەن، ئايالىم مېنى ساقلاۋاتىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈردى.
سۇ چىڭ كۆڭلىدە «بۇ يې شىچاۋ ھازىر خۇ لىچىڭنى ئالىقىنىدىكى گۆھەر دەپ بىلىدىكەن، ئۇ گېپىمگە ئىشىنەمدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدى. مەيلى ئۇ ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن، ئۆزىنىڭ پەقەت ئۈچ مىنۇتلا ۋاقتى بار، شۇڭا ئۇ چوقۇم «ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېگەندەك تىرىشىپ بېقىشى كېرەك.
سۇ چىڭ يې شىچاۋغا قارىدى:
-يې ئەپەندى، كەيجى يۇمشاق دېتال شىركىتى بىر ھۆججەت خام چوت لايىھەسىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.
-بۇ ئىشنى بىلىمەن، بۇ ئىشقا ئايالىم مەسئۇل.
يې شىچاۋ بېشىنى لىڭشىتتى.
سۇ چىڭمۇ بېشىنى لىڭشىتتى.
-شۇنداق، بۇ خام چوت لايىھەسىنى بىز ئالدى-كەينى بولۇپ، ئون نەچچە قېتىم يۆتكەپ بولدۇق، لېكىن خانىمىڭىز بۇ خام چوت لايىھەسىنى ماقۇللىمىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يې شىچاۋ قوشۇمىسىنى تۈردى.
-سىلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەمەلىي كۈچۈڭلارنى مەن بىلىمەن، ئون قېتىم قىلساڭلارمۇ ئۆتەلمىگەن بولساڭلار، قىزىق بوپتىغۇ؟
-بىزنىڭ شىركەتتىكى ھەرقانداق بىر بوغالتىرلىققا تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بوغالتىرنىڭ بۇ خامچوت لايىھەسىنى ياخشى ئىشلىشى ھېچ گەپ ئەمەس، مەسىلە دەل خانىمىڭىزنىڭ باشتىن-ئاخىر رازى بولماسلىقىدا.
سۇ چىڭ گەپنى ئەگىتتى، چۈنكى ئۇ ئۇدۇللا قىلىپ: «خوتۇنىڭىز بۇ تۈردە قۇسۇر تېپىپ پۇل ئۈندۈرمەكچى بولدى» دېسە، بۇنى ھېچكىم ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان يې شىچاۋ خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى.
-خانىم بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولمىدى، ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق، يەنە كېلىپ ئۇ ياخشى قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن، مۇنداق بولسۇن، مەن قايتىپ بېرىپ خانىمىمغا دەپ قوياي، ئۇ سىلەرنىڭ خامچوت لايىھەرىڭلار ئوبدان كۆرسۇن. قىزچاق، ئەنسىرىمەڭ، چوقۇم باشلىقنىڭ ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالمايسىز.
يې شىچاۋ سۇ چىڭغا يەنىلا ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن گەپ قىلدى.
سۇ چىڭ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئەگەر ئۇ بۈگۈن خۇ لىچىڭنى كۆرمىگەن بولسا، يې شىچاۋنىڭ يېڭى خوتۇنىنىڭ خۇ لىچىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولسا، بەلكىم ئۇ مۇشۇ يەردە توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن يې شىچاۋ يەنىلا ئۇنىڭغا كانىدەك چاپلاشقان تۇرسا...
بىراق بۇ خۇ لىچىڭ بەك يىرگىنىشلىك ئىدى، بۇ پۇلدار بوۋايغا ئېسىلىپ، سۇ جيەنچياڭنى بىر تېپىپلا كەتكۈزۈۋەتتى، سۇ جيەنچياڭ يەنە ئاپىسىغا يېپىشىۋالدى، ھازىر خۇ لىچىڭنىڭ پۇل تاپقۇسى كېلىۋاتاتتى.
دۇنيا ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، ئۇ مەقسىتىگە يەتسە ھەرگىز بولمايدۇ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:119-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار