ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى كۈچلۈك تۇرسا مەن ئۇنىڭدىن قانداق ئۆچ ئالىمەن؟

文摘   2024-11-07 20:00   新疆  

ئىسمىم جۈن ياۋ، بۇ ئىسىمنى ماڭا مومام قويغان، «قاشتېشىدەك گۈزەل» دېگەن مەنىدە. ئەكىسچە مەن ئىنتايىن سەت، ھەتتا سەتلىكىمدىن غەلىتە مەخلۇققا ئوخشايمەن. ئاڭلىشىمچە، مەن تۇغۇلۇپ ئۈچ ئاي بولغاندىن باشلاپ يۈزۈمدە ئۆسمە ئۆسۈشكە باشلاپتىكەن. دادام-ئاپام مېنى دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن، دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بۇنىڭ فىبروما ئۆسمىسى ئىكەنلىكىنى، ياخشى سۈپەتلىك بولغاچقا ھاياتىمغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، كېسىپ ئېلىۋەتكەندىمۇ يەنە ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقىنى ھەتتا يامان سۈپەتلىككە ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، دادام ئاپامنى گېنىڭ ياخشى بولمىغاچقا مۇشۇنداق كېسەلمەن ھەم كۆرۈمسىز غەلىتە مەخلۇقنى تۇغدۇڭ دەپ، كۈندە ئۇرىدىغان بولىۋاپتۇ.

ئىككى يىل بولمايلا، دادام خىزمەتتە ئۆستۈرۈلۈپ ئاپام بىلەن زورمۇ-زور ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن دادام مېنى ئەزەلدىن يوقلاپ كېلىپ باقماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپاممۇ ناھايىتى تېزلا باشقا بىر ئەرنى تېپىۋاپتۇ، ئۇ ئەر مېنى  سەت دەپ ياراتماي، يەنە تېخى مېنى كېسەل يۇقتۇرىدۇ دەپ تۇرىۋېلىپ، ئاپامنى زورلاپ يۈرۈپ يېزىدىكى مومامنىڭ ئۆيىگە ئاپارغۇزىۋېتىپتۇ. مەن شۇنچە چوڭ بولغىچىمۇ ئاپامنى پەقەت بىر نەچچە قېتىملا كۆرۈپ باققان.

مەن تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىققا چىققان يىلى ئۆگەي دادام باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، خەققە خۇن قىساس بولۇپ قالغاچقا تۈرمىگە كىرىپ كەتتى، بەلكىم بۇ ھاياتىدا ئۇ يەردىن چىقالىشى ئەمدى مۇمكىن بولماس. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپاممۇ كېسەلمەن بولۇپ قېلىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئەمما مەن ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە نىسبەتەن ئازراق ئېچىنىش ياكى قىيالماسلىق تۇيغۇسىدا بولۇپ باقمىدىم، ماڭا نىسبەتەن ئۇ ئادەتتىكى ناتونۇش كىشىلەردىن ھېچقانچە پەرقى يوقلا بىر ئادەم ئىدى.

ئاپام تۈگەپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، مەندىن ئۈچ ياش كىچىك بىر ئوغۇل بالىمۇ مومامنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ قويۇلدى، ئۇنىڭ ئىسمى شېن ئەنيى بولۇپ، ئۆگەي دادام بىلەن ئالدىنقى ئايالىنىڭ بالىسى ئىدى. ئۆگەي دادامنىڭ بىرمۇ تۇغقىنى ئۇنى ئېلىپ قېلىشنى خالىمىغاچقا، ساقچىلار ئامالسىز مومامنى ئىزدەپ كەلگەنىدى.

باغرى يۇمشاق مومام بىر ئادەم كۆپەيسە ناھايىتى شۇ بىرجۈپ چوكىنى ئارتۇق يۇيىدىغان ئىش، بىچارە بالا مۇشۇ يەردە قېپ قالسۇن دەپ ئۇنى ئېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ بىر ئۇكام كۆپىيىپ قالدى. ئۇكامنى ئاپام ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلغاچقا، ئۇنىڭ مىجەزى ئاپامغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتى. ئۇ تۇنجى قېتىم مېنى كۆرگەندە قورقۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ماڭا ئاستا-ئاستا كۆنۈپ كەتتى. كېيىن ئەتىدىن كەچكىچە «ئاچا، ئاچا» دەپ چاقىرىپ ئارقامدا ئەگىشىپلا يۈرىدىغان بولدى.

يۈزۈمدە ئۆسمە بولغاچقا مەن سىرىتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقاپ، باش كىيىمى كىيىۋالاتتىم، مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم بوزەك قىلغاننى ئاز دەپ مۇئەللىملەرمۇ ماڭا ئۆچ ئىدى، ھېچكىم مەن ئۈچۈن بىر ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىشنى خالىمايتتى. شۇنداق قىلىپ، مەنمۇ ئاستا-ئاستا ھەممىگە چىدايدىغان بولۇپ كەتتىم.

بىر قېتىم سىنىپىمىزدىكى بىر ئوغۇل بالا پۈتۈن سىنىپتىكىلەرنىڭ ئالدىدىلا ماسكامنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ، چېچىمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ:«ھا...ھا...ھا، قاراڭلار ئۇنىڭ كۆرۈمسىز تۇرقىغا، ئەگەر مەن بولغان بولسام ئاللىقاچان بېرىپ ئۆلۈۋالاتتىم» دېدى.

پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم مېنى ئورىۋېلىپ، قاقاھلاپ كۈلۈشكىنىچە قوللىرىنى ماڭا شىلتىپ تۇرۇپ، ھەرخىل ھاقارەتلەرنى ياغدۇرىۋەتتى. مەن گەرچە ئەزەلدىن بۇنداق خورلۇققا ئۇچراپ باقمىغان بولساممۇ، يەنىلا بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ھېچنىمە دېمىدىم.

دەل شۇ ۋاقىتتا نەدىندۇر شېن ئەنيى پەيدا بولدىدە، ھېلىقى ئوغۇل بالىنى ئۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئوغۇل بالىمۇ بوش كەلمەي شېن ئەنيىنى قايتۇرۇپ ئۇردى، شېن ئەنيى تاياق يەپ يۈز-كۆزلىرى كۆكۈرۈپ كېتىۋاتسىمۇ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «ئاچا، مەن سېنى قوغدايمەن» دېدى. ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، مەن ئۇنى ئۆز ئۇكام قاتارىدا كۆرىدىغان بولدۇم.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم


 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار



Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章