مەن پەقەت ئۇ ئادەمگە ياتلىق بولساملا ئائىلەمنى قۇتقۇزالايمەن

文摘   2024-11-08 20:02   新疆  

ئەمدىلا لۇ زىچىنى قۇچاقلاپ تۇرغان لى شياۋنىڭ «پاڭ» قىلغان قاتتىق ئاۋاز بىلەن تەڭ بېشى قاتتىق ئاغرىپ ھوشىدىن كەتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، ئۇ ئاستا-ئاستا يەنە ھوشىغا كەلدى.

ئارقىدىنلا ئۇ قېيىنئانىسى جاڭ ۋەنيۆنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا غەزەب بىلەن:

-زىچى، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ بىر چەتكە تۇر، ئۇنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن،-دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

لۇ زىچى ئىشىكنى تۇسۇۋېلىپ، جاڭ ۋەنيۆنى ھۇجرىغا كىرگۈزمەي:

-ئاپا، مەن ساراڭ بولۇپ قالمىدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن،-دېدى.

-سەن ساراڭ بولمىساڭ، ئەمىسە نېمىشقا بۇ دەلدۈش بىلەن تېنىڭنى بۇلغايسەن؟

-چۈنكى مەن بوۋامغا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن، بوۋاممۇ ئەگەر ئۇ ئوڭشىلىپلا قالسا، لۇ ئائىلىمىزگە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق مەن ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن، ھەرگىزمۇ...

جاڭ ۋەنيۆ سەكرەپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىپ:

-ئۇ قېرى ئەبلەخ يالغان گەپ قىپتۇ. توپتوغرا ئۈچ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىر دەلدۈش پېتى تۇرمامدۇ؟ ئۇنى بىزنىڭ لۇ ئائىلىمىزگە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ دېيىشىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ،-دېدى.

لۇ زىچى پەس ئاۋازدا:

-ئاپا، مەن بىردەم تىنىچلىنىۋالاي، بولامدۇ،-دېدى ۋە ئىشىكنى كۈچەپ يېپىۋەتتى.

ئۆي ئىچى يەنە باشقىدىن خىرەلەشتى.

لى شياۋنىڭ ئەسلىدىنلا ئېلىشىپ قالغان مېڭىسى بارغانسىرى سەگەكلىشىپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە باشلىغانىدى.

ئۇ غەربتىكى «ئەجدىھا ئوردىسى»نىڭ غوجىسى بولۇپ، نەچچە مىليارد بايلىقى بار، قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى ھېسابلىناتتى، ئۇنىڭ شەرتلىك بەلگىسى «جەسۇر ئەجدىھا» ئىدى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى لى شياۋ تاسادىپىي پۇرسەتتە لۇ زىچىنىڭ بوۋىسىنى قۇتقۇزىۋالغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا مېڭىسى زەخمىلىنىپ، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بالىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. لۇ بوۋاي ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىق شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، كىشىلەر تەرىپىدىن «يۈن خەينىڭ گۈلى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان لۇ زىچىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە ئىچ كۈيئوغۇل قىلىۋالغانىدى.

لۇ بوۋاينىڭ بۇنداق قىلىشىدا لى شىياۋنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن، يۈن خەي بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان لۇ ئائىلىسىگە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. ئەپسۇسكى، يېرىم يىل ئىلگىرى لۇ بوۋاي كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، لى شياۋمۇ باشتىن-ئاخىرى مۇشۇنداق دەلدۈش ھالەتتە يۈرۈپ، لۇ ئائىلىسىنىڭ ئىزا-ئاھانىتى ئاستىدا ياشاپ كەلمەكتە ئىدى.

ئۇنىڭدىن بىر ياش چوڭ بولغان لۇ زىچى ئۇنى ئىنىسىدەك كۆرۈپ، بار كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ ئۇنى بوزەك قىلىشىنى توسۇپ كەلگەنىدى. بىراق، لۇ بوۋاي نەچچە مىليون خەجلەپمۇ لى شياۋنىڭ ياخشىلانغىنىنى كۆرەلمىگەن، ئەمدىلىكتە قېيىنئانىسىنىڭ ئۇنىڭ بېشىغا قاتتىق بىر ئۇرۇشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئەس-ھۇشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغانىدى.

-مەن لى شياۋ، مەن ئېسىمگە كەلدىم.

لى شياۋنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولغانىدى، لۇ زىچى:

-لى شياۋ، سىز بايام بىزنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىمىزنى بىلدىڭىزمۇ؟ ئاچىڭىزنىڭ نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟-دېدى.

ئۇلار گەرچە قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن بولسىمۇ، ئەمما ئۈچ يىلدىن بۇيان لى شياۋ ئۇنى ئىزچىل ھالدا «ئاچا» دەپ چاقىرىپ كەلگەنىدى.

-سىز ھېچنىمىنى بىلمىدىڭىز، چۈنكى سىز بىر دەلدۈش ئادەم.

لۇ زىچى ئېغىر بىر خۇرسىنىپ قويۇپ، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كەلدى.

ئىككىسى توي قىلىپ بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، لۇ زىچى كارىۋاتتا، لى شياۋ بولسا يەردە ياتاتتى.

ئەمما ھەر كۈنى ئەتتىگەندە لۇ زىچى بۇ ئەقلى ئىقتىدارى بەش، ئالتە ياشلىق بالىدەك لى شياۋنىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ قوياتتى.

لۇ زىچى لى شياۋنىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزىۋېتىپ، ئۇنىڭغا:

-چۈنكى، مەن بۈگۈن باشقا بىر ئەر بىلەن كەتمەكچى بولىۋاتىمەن. مېنىڭ سىز بىلەن بىللە بولۇشۇم بوۋامنىڭ ۋەسىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇنى ئاپام بۇنىڭغا قوشۇلمىدى،- دېدى.

لى شياۋ ئاڭقىرالمىغان ھالدا:

-ئاچا، سىز نېمىشقا باشقا ئەر بىلەن كېتىسىز؟-دەپ سورىدى.

لۇ زىچى سوغۇققىنە تەلەپپۇزدا:

-مېنىڭ مەبلەغ سېلىشىم مەغلۇب بولۇپ، لۇ ئائىلىسىگە ناھايىتى زور زىيان سالدىم، مەن پەقەت ئۇ ئادەمگە ياتلىق بولساملا ئاندىن لۇ ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇپ قالالايمەن،-دېدى.

لى شياۋ چۈشەنگەندەك بولۇپ، قولىنى سۇزۇپلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ:

-مەن سىزنى كەتكىلى قويمايمەن،-دېدى.

لۇ زىچى گەپ قىلمىدى.

لى شىياۋ تىت-تىت بولغان ھالدا:

-مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچراڭ، مەن ھەممىنى ھەل قىلالايمەن. مەن لۇ ئائىلىسىگە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيمەن،- دېدى.

لۇ زىچى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ:

-نېمىڭىزگە تايىنىپ؟- دېدى.

لى شىياۋ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن:

-مېنىڭ غەربتىكى ئەجدىھا سارىيىنىڭ غوجىسى، قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشىلىق ئورنۇمغا تايىنىپ. مەن بىر تېلېفون ئۇرساملا، نەچچە مىليارد پۇلنى يۆتكىيەلەيمەن، سان-ساناقسىز كىشىلەر مەن ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرىشكە تەييار تۇرىدۇ،-دېدى.

ئۇ سۆزلەۋېتىپ دەرھال گېپىنى توختىتىۋالدى. گۇڭگا يۇرۇقلۇقتا ئۇ لۇ زىچىنىڭ چىرايىدىكى مەنسىتمەسلىك ئىپادىسىنى كۆرۈپ قالغانىدى.

لۇ زىچى ئۇنى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاش، خام خىيال ئىلكىدە دۇنيانى قۇتقۇزماقچى بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدى.

جاڭ ۋەنيۆ سىرتتا تۇرۇپ ئىشىكنى چىكىۋاتاتتى.

لۇ زىچى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:

-بۇندىن كېيىن، يۇۋاشلىق بىلەن ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ، ھەرگىز ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماڭ. پۇرسەت بولسىلا، مەن سىزنى كۆرگىلى كېلىمەن،-دېدى.

لى شىياۋ ئېغىزىنى ئۆمەللىدىيۇ، ئەمما گەپ قىلمىدى. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار

تەڭداشسىز ھۆكۈمران


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章