بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل
(رومان)
ئاپتورى: مۇ رېن
279 | 278 | 277 | ||
284 | 283 | 282 | 281 | 280 |
(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)
ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (284): دۇرۇس ئەر
3-بۆلۈم 127-باب: ئوغرىلىقچە گەپ تىڭشاش
بۇ نازۇك تەننىڭ ئىگىسى ياڭ چىڭ بولۇپ، شۇ كۈنى، ياڭ چىڭ ۋۇ بونى قەھۋەخانىنىڭ 6-نومۇرلۇق ئايرىمخانىسىغا تەكلىپ قىلىپ، ساھىبجامال ھىيلىسى بىلەن ۋۇ بوغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان، ۋۇ بو بۇنى بايقىغاندىن كېيىن مۇددەتتىن بۇرۇن كېتىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتور ۋاڭ شياڭدۇڭ بىلەن تۈزگەن پىلانى سۇغا چىلاشقان، بۇ ئۇنى سەل بىئارام قىلغان.
بايا ئۇ ۋۇ بونىڭ جاڭ شىنيۈەننى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى، بۇنى باش مۇدىرنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىنى بايقاپ، سەل تېڭىرقاپ قېلىپ، خاتا ھالدا ۋۇ بونى جاڭ شىنيۈەننى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى دۇمبالىماقچى بولغان دەپ ئويلاپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغرىلىقچە باش مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، قۇلىقىنى ئىشىككە يېقىپ ئىچىدىكى گەپ-سۆزنى ئاڭلىغان.
ئويلىمىغان يەردىن ۋۇ بو تۇيۇقسىز ئىشىكنى ئىچىدىن ئاچقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدىنى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، بىر دەلدەڭشىگىنىچە سىرتتىن ئېتىلىپ كىرىپ، دەل ۋۇ بونىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان. ۋۇ بو ئۇنىڭ ئەۋرىشىم بەدىنىنى قۇچاقلاپ ئىشخانىدا چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭدىن سورىدى.
-ياڭ كاتىپ، سىزگە نېمە بولدى؟
ياڭ چىڭ شۇ كۈنى ۋۇ بو بىلەن قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن ئىشنى ئېسىگە ئېلىپ، يۈزلىرى قىزارغان ھالدا جاۋاب بەردى.
-مەن...جاڭ باش مۇدىرغا خىزمەت دوكلات قىلغىلى كەلگەن ئىدىم.
-سىز ئىشىك ئالدىدا مېنىڭ جاڭ باش مۇدىر بىلەن بولغان سۆھبىتىمنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاۋاتامسىز ياكى خىزمەتتىن دوكلات بەرگىلى كەلدىڭىزمۇ؟
ۋۇ بو ئەسلىدە ئۇنى ئېچىپ تاشلىماقچى بولغانىدى، لېكىن سەل مۇۋاپىق ئەمەستەك ھېس قىلىپ، دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى يۇتۇۋەتتى. جاڭ شىنيۈەن ۋۇ بونىڭ گەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىردىنلا ۋۇ بونىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالدى-دە، ئۇنىڭغا قولىنى پۇلاڭلاتتى.
-ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ!
-بولىدۇ.
ۋۇ بو بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، ياڭ چىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن باش مۇدىر ئىشخانىسىدىن ئايرىلدى. جاڭ شىنيۈەن ياڭ چىڭغا قول پۇلاڭلاتتى، ياڭ چىڭ ئۇنىڭ ئۈستىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندىن كېيىن، جاڭ شىنيۈەن چاندۇرماستىن سورىدى.
-قېنى دەڭە، ماڭا نېمە خىزمەت دوكلات قىلغىلى كەلگەنتىڭىز؟
-مەن...
ياڭ چىڭ دەماللىققا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدى. جاڭ شىنيۈەن خاپا بولغان ھالدا ئۇنى تەنقىدلىدى.
-سىز باش مۇدىر كاتىپى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مەن باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا كېلىپ ئاۋارە قىلسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئىشخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئوغرىلىقچە گەپ تىڭشىدىڭىزمۇ؟ قېنى دەڭە، سىز نېمىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىدىڭىز؟
ياڭ چىڭ كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى ئاقلىدى.
-مەن...ئوغرىلىقچە ئاڭلىمىدىم، ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدىم....
-شۇنداق بولسا تېخى ياخشى، ياڭ كاتىپ، سىزگە دەپ قوياي، ئەگەر سىزنىڭ بىرەر غەرىزىڭىز بارلىقىنى بىلىپ قالسام، قولىڭىزنى تېشىغا ئېگىپ قانداقتۇر بىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مەن ۋە شىركەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلغىنىڭىزنى بايقاپ قالسام، باش مۇدىر كاتىپلىق خىزمىتىنى قىلىشنى ئويلىماڭ!
ياڭ چىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ئاقلىدى.
-جاڭ باش مۇدىر، مەن سىزنىڭ كاتىپىڭىز بولغىلى شۇنچە يىل بولدى، مېنىڭ ئادىمىيلىكىمنى تېخى بىلمەمسىز؟ سىز ماڭا يۈز يۈرەك بەرسىڭىزمۇ، مەن سىزگە ۋە شىركەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن!
-ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقاي، مېنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغىنىمنى سىز ئاشكارىلىدىڭىزمۇ؟ كىم مېنىڭ بۇ باش مۇدىرلىق ئورنۇمغا تەمە قىلىۋاتىدۇ؟
ياڭ چىڭ بىردىنلا چۈشىنىپ ئالدىراپ جاۋاب بەردى.
-ئۇنداق ئەمەس، ۋۇ بو سىزنىڭ يېقىن ئادىمىڭىز بولغاچقا، مەن پەقەت سىزنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئۇنىڭ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن ئالدىنئالا ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى ئويلىغان ئىدىم، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە دېمىدىم...
جاڭ شىنيۈەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، ئۇدۇللا سورىدى.
-ماڭا دەڭە، ۋاڭ شياڭدۇڭ بۇ ئىشنى قانداق بىلدى؟
-بۇنى...ئۇقمايدىكەنمەن،-دېدى ياڭ چىڭ ئالدىراپ.
-ياڭ كاتىپ، سىزنىڭ باش مۇدىر كاتىپىلىق ئورنىڭىزنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئەگەر ھوشىڭىزنى تاپماي، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى بولسىڭىز، ھوقۇقنى چاڭگىلىڭىزغا كىرگۈزۈشنى ئويلاپ، پايدىنى كۆزلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە تۈزۈت قىلمايمەن، خالىغان ۋاقىتتا ئادەم تېپىپ ئورنىڭىزنى ئالماشتۇرۇۋەتسەم بولىدۇ، چۈشەندىڭىزمۇ؟-دېدى جاڭ شىنيۈەن سوغوق ئاۋازدا.
-چۈشەندىم!-دېدى ياڭ چىڭ ئالدىراپ.
-شۇنداق بولغان ئىكەن، قايتىپ ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ، ۋاقتى كەلگەندە مېنى سىزنى ئەسكەرتمىدى دەپ ئاغرىنماڭ!
جاڭ شىنيۈەن شۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭغا قولىنى پۇلاڭلاتتى.
-بولىدۇ...
ياڭ چىڭنىڭ يۈزى قىزىرىپ، بۇرۇلۇپ باش مۇدىر ئىشخانىسىدىن ئايرىلدى. جاڭ شىنيۈەن ياڭ چىڭنىڭ ئىشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا غايىب بولغان سىماسىغا قاراپ، كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى.
ئۇ بۇ ئايالنىڭ بايا ۋۇ بو بىلەن ئىشخانىدىكى پارىڭىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيتتى. ئەگەر ياڭ چىڭ ئۆزىنىڭ ۋۇ بونى قۇرۇلۇش نازارىتىگە بېرىپ، مۇئاۋىن نازىر ساۋ مىڭيىنى ئىزدەپ تەستىق ھۆججىتىنى ئېلىشقا بۇيرىغانلىقىنى، شۇنداقلا ساۋ مىڭيىگە پارا بەرمەكچى بولغان ئىشىنى ئاشكارىلىۋەتسە، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى جاڭ لۇڭنىڭ شىركەتنىڭ باش مۇدىرلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەتتى، ئەمما جاڭ لۇڭ كۈن بويى بىكار يۈرۈپ، بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالمايتتى.
جاڭ لۇڭ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى بولغان بىلەنمۇ، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ۋاڭ شياڭدۇڭنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچراپ، ئۇنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قېلىپ، شىركەت ھامان بىر كۈنى ۋاڭ شياڭدۇڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالاتتى. بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ بۇ شىركەتكە سىڭدۈرگەن قان-تەرى بىكارغا كېتەتتى.
شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن ۋۇ بونى باش دىرېكتورلۇق ئورنىغا چىقىرىپ، ۋۇ بونى مۇددەتتىن بۇرۇن شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا كىرگۈزۈپ، ئۆزى كۆز يۇمغاندىن كېيىن، ئاندىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىشى كېرەك ئىدى.
ئۇ ۋۇ بونىڭ پەزىلىتىگە ئىشىنىدۇ، ۋۇ بو بولسا شىركەتتە جاڭ لۇڭنىڭ ئورنى بولىدۇ، جاڭ لۇڭ باشقۇرۇشقا ماھىر بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ خەجلەيدىغان پۇلى كەم بولمايدۇ.
جاڭ شىنيۈەن مۇشۇلارنى ئويلاپ، مۇقىم تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئىچكى لىنىيەگە تېلېفون ئۇردى.
ياڭ چىڭ ياندىكى باش مۇدىر كاتىپىنىڭ ئىشخانىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆڭلىدە «بايا باش مۇدىرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان جاڭ شىنيۈەن بىلەن ۋۇ بونىڭ پارىڭىنى ۋاڭ شياڭدۇڭغا دەپ قويايمۇ؟» دەپ ئويلىدى.
شۇ كۈنى قەھۋەخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا ساھىبجامال ھىيلىسى ئىشلىتىپ، ۋۇ بوغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان ئىشىنى ۋۇ بونىڭ بىلىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ جاڭ باش مۇدىرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بايا جاڭ شىنيۈەننىڭ ئۇنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ياڭ چىڭدا بىر خىل كۈچلۈك كرىزىس تۇيغۇسى ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا بولدى.
شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئوبدان قىلىۋاتقان خىزمىتىنى يوقىتىپ قويۇشتىن، شۇنداقلا يامان ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇۋېلىشتىن ئەنسىرەپ، ۋاقتىنچە جاڭ باش مۇدىرنىڭ ۋۇ بونى قۇرۇلۇش نازارىتىگە بېرىپ تەستىق ئېلىشنى بۇيرىغانلىق ئىشىنى ۋاڭ شياڭدۇڭغا ئېيتماي، ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ تۇرۇشنى قارار قىلدى.
...
ۋۇ بو باش مۇدىر ئىشخانىسىدىن چىقىپ، لىفىتقا ئولتۇرۇپ پەسكە چۈشكەندىن كېيىن، دەرھال ماشىنا ھەيدەپ قۇرۇلۇش نازارىتىگە باردى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپ قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلدى.
ئۇ ئاۋۋال ساۋ مىڭيىگە تېلېفون قىلىپ، ساۋ مىڭيىنىڭ ئىشخانىدا ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ماشىنىدىن چۈشتى.
ۋۇ بو قاراۋۇلخانىغا بېرىپ زىيارەت ئۇچۇرىنى تىزىملاتقاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ ئىشخانا بىناسىغا كىرىپ، ساۋ مىڭيىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئىشىك ئوچۇق بولۇپ، ۋۇ بو ئىشىكنى ئاچتى. ساۋ مىڭيى ئىچىدىكى چوڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھۆججەتلەرنى رەتلەۋاتاتتى، ئۇ ۋۇ بونىڭ ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلاتتى.
ۋۇ بو ئىشخانىغا كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ، ساۋ مىڭيىنىڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى. ساۋ مىڭيى ئومۇم ئىشىنى بىجىرگەندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ۋۇ بودىن سورىدى.
-ۋۇ دېرىكتور، شىركىتىڭلارنىڭ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ؟
-ھە، ئېلىپ كەلدىم، بۇ شىركىتىمىزنىڭ مەلۇم قىلىش ھۆججىتى، كۆرۈپ بېقىڭ!-دېدى ۋۇ بو قولىدىكى ھۆججەت خالتىسىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ.
ساۋ مىڭيى خالتىدىكى ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، تەپسىلىي قاراپ، ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈستەلدىكى ئىمزا قەلىمىنى ئېلىپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويدى.
ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ھۆججەتنى ۋۇ بونىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا تاپىلىدى.
-شىركىتىڭلارنىڭ تەستىق ماتېرىيالىغا ئىمزا قويۇپ بولدۇم، ھازىر ياندىكى ئىشخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ.
ۋۇ بو يانچۇقىدىن جاڭ شىنيۈەننىڭ بايا ئۆزىگە بەرگەن بانكا كارتىسىنى چىقىرىپ، ساۋ مىڭيىنىڭ ئالدىغا سۇندى ۋە پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا ئېيتتى:
-يېزنە، بۇ جاڭ باش مۇدىر ماڭا سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھاۋالە قىلغان بانكا كارتىسى، كارتىدا 2 مىليون يۈەن بار، مەخپىي نومۇرى...
ۋۇ بونىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا، ئىشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 286-قىسىم