چۈشتە بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە ئوچۇق كىيىم كىيىۋالغان بىر ئايال كۆز يەتكۈسىز چىملىقتا ماڭا قاراپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.
شامالدا تەۋرىنىپ تۇرغان ئوت-چۆپلەرگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ كىيىملىرى لەپىلدەۋاتاتتى. مېنىڭ يۈرىكىم تۇيۇقسىز بىر نەرسە چىشلىۋالغاندەك ئازابلىق تۇيغۇنى ھېس قىلدى، ئۇ ئايالدىن قايسى ناخشىنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى سورىدىم، ئۇ ناخشىسى بىلەن مېنى داۋالايدىغانلىقىنى، ناخشىنىڭ ئىسمى يوق بولۇپ، ئەگەر چوقۇم ئىسمى بولۇشى كېرەك بولسا «يەتتىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇردۇم، ئاشۇ ئۇچۇق كىيىم ئۇنىڭ خۇددى قاشتېشىدەك ئاپئاق بەدىنىنى ئوراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدە ھەقىقەتەن قىلچە گۇمانغا ئورۇن يوق ئىدى، مەن تۇيۇقسىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.
قامچىنىڭ تارسىلدىغان ئاۋازى مېنى چۆچۈتۈۋەتتى، مەن كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ھاڭۋىقىپ قالدىم، ئۆي ئىچى قاراڭغۇ، پەقەت يول چىرىغىنىڭ نۇرى دېرىزىدىن كىرىپ دەل كارىۋات بېشىدىكى قوڭغۇراقلىق سائەتكە چۈشۈپ، كەچ سائەت 7 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. غىرىبسىنىشقا باشلىدىم، خۇددى بىر دېرىزە بىلەن سىرتقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەندەك بىلىنىۋاتاتتى.
غەمكىن ھالدا تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، ئاندىن دېرىزىنى ئېچىپ، بىنانىڭ ئاستىدىكى مەيداندا قامچا ئوينىتىۋاتقان بوۋاي ۋە شوخ بالىلارنى كۆردۈم، دۇنيانىڭ ئالدىراشلىقى ۋە شاۋقۇن ـ سۈرەنلىرى ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى ئارىسىغا، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن كوچىلارغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلار لەيلەپ يۈرگەن نۇرلارغا ئەگىشىپ يۈرىكىمگە سانجىلىپ، قەلبىمدىكى ئازاب ۋە مەنىسىزلىكنى پەيدا قىلدى.
بايىقى چۈشۈمنى ئەسلىدىم، ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بىر ئايال بولغان بولسا ياخشى بولاتتى، مەن ھېچقانداق نەرسىنى ئۇنىڭدىن ئايىماي بۇ ئۆيدە ئوچۇق-ئاشكارا ياشاپ، ناخشا ئېيتىپ، تاماق يەپ، ئۇخلاپ، مەڭگۈ بىر-بىرىمىزگە قانماي ئۆتكەن بولاتتۇق...
چىراغنى يېقىپ بىر قاچا چۆپ پىشۇرماقچى بولدۇم. ئىشىك چېكىلدى، ئېھتىمال ئۆي ئىگىسى ئىجارىنى سۈيلەپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى، مەن ئون نەچچە كۈن كەينىگە سۆرىۋەتكەنىدىم، ئۇ بۇ شەھەردە، مېنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بىردىنبىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى، ھەر كۈنى سائەت يەتتىدىن-سەككىزگىچە بولغان ئارىلىقتا، چوقۇم مېنىڭ ئىشىكىمنى چېكەتتى. شۇ خىيالدا ئىشىكنى ئاچسام ئىككى فورما كىيگەن ساقچى تۇراتتى. مەن سەل ھەيران قالدىم، گەرچە ئۆزۈم بۇ شەھەردە ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھالەتتە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولساممۇ، لېكىن بىرەر يامان ئىشقا ئارىلىشىپ قالمىغان ئىدىم، نېمىشقا ساقچىلار ئىزدەپ كېلىدۇ؟
ھاڭۋىقىپ تۇرغىنىمدا، بىر ساقچى مەندىن:
-ئىسمىڭىز يۈۋىي، شۇنداقمۇ؟- دەپ سورىدى.
-مەن...سىلەر...
-جىددىيلەشمەڭ، بىز بىر ئىقتىسادىي دېلونى تەكشۈرۈش ئۈچۈن سىزنى ئىزدەپ كەلدۇق، بۇ ئايالنى تونۇمسىز؟- ساقچى دېگىنىچە سومكىسىدىن بىر پارچە سۈرەتنى ئېلىپ ماڭا سۇندى.
-تونۇيمەن، ئۇ مېنىڭ خېرىدارىم، تەخمىنەن ئۈچ كۈن ئىلگىرى، شىركىتىمىزگە نىمكەش ئاپتوموبىلىنى ساتقان،- دېدىم.
-ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئىسمى ئېسىڭىزدىمۇ؟
-ئېسىمدە، چا شياۋچىڭ.
ساقچىلار گۇمان نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ يەنە:
-سىلەر بىر كۈندە كۈتۈۋالىدىغان خېرىدارلار ئاز ئەمەستۇ؟- دەپ سورىدى.
-خېلى كۆپ، لېكىن ئۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان...
-قانداق چوڭقۇر تەسىر؟ جىددىيلەشمەڭ، قولايلىق بولسا، ئۆيىڭىزگە كىرىپ پاراڭلىشايلى!
...
بۇ يەرنى بېسىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار