بۇزۇقچىلىق (282): ئۇ ئۆز ھاممىڭىز

文摘   2024-11-09 20:01   新疆  

بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل

(رومان)

ئاپتورى: مۇ رېن

1

2

3

4

5

6

7

8

9

10

11

12

13

14

15

16

17

18

19

20

21

22

23

24

25

26

27

28

29

30

31

32

33

34

35

36

37

38

39

40

41

42

43

44

45

46

47

48

49

50

51

52

53

54

55

56

57

58

59

60

61

62

63

64

65

66

67

68

69

71

72

73

74

75

76

77

78

79

80

81

82

83

84

85

86

87

88

89

90

91

92

93

94

95

96

97

98

99

100

101

102

103

104

105

106

107

108

109

110

111

112

113

114

115

116

117

118

119

120

121

122

123

124

125

126

127

128

129

130

131

132

133

134

135

136

137

138

139

140

141

142

143

144

145

146

147

148

149

150

151

152

153

154

155

156

157

158

159

160

161

162

163

164

165

166

167

168

169

170

171

172

173

174

175

176

177

178

179

180

181

182

183

184

185

186

187

188

189

190

191

192

193

194

195

196

197

198

199

200

201

202

203

204

205

206

207

208

209

210

211

212

213

214

215

216

217

218

219

220

221

222

223

224

225

226

227

229

230

231

233

234

235

236

237

238

239

240

241

242

243

244

245

246

247

248

249

251

252

253

254

255

256

257

258

259

260

261

262

263

264

265

266

267

268

269

274

273

272

271

270

279
278
277

276

275




281
280

(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (281): ماڭا ئىشىنەمسىز؟

3-بۆلۈم 124-باب: ئۇ ئۆز ھاممىڭىز

-ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۈگۈندىن باشلاپ، مەن ئۆلكە مەركىزىدىكى باش شىركەتكە قايتىپ خىزمەت قىلىمەن!-دېدى ۋۇ بو بېشىنى چايقاپ.

-شۇنداقمۇ؟ سىز ميەنچېڭ تەرەپتىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن باش شىركەتكە يۆتكىلىپ ئىشقا چۈشىمەن دېگەنغۇ؟ نېمىشقا يەنە ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەتتى؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ چۈشەنمىگەن ھالدا.

ۋۇ بو جاڭ باش مۇدىرنىڭ ئۇنى ساۋ مىڭيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەستىق ھۆججىتى ئېلىشقا بۇيرىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى چېن بىڭغا ئېيتىشنى خالىماي، ئۇنىڭغا ئەپلەپ-سەپلەپ جاۋاب بەردى.

-ئاساسلىقى جاڭ تاغامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، مېنى ئالدىن باش شىركەتكە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشىشىمگە بۇيرىدى!

-بەك ياخشى بولدى، سىز ئۆلكە مەركىزىگە قايتىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كۈندە بىللە بولىمىز، ئۇنچە كۆپ ئۇقۇشماسلىق بولمايدىغان بولدى!-دېدى چېن بىڭ خوشاللىق بىلەن.

-شۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى بىللە بولىمىز، ئارىمىزدا ئۇنچە كۆپ ئۇقۇشماسلىق بولمايدۇ!

-توغرا دەيسىز!-دېدى چېن بىڭ خىيالغا چۆمگەن ھالدا.

تۇيۇقسىز ۋۇ بونىڭ كەينىدىن قىزى ۋۇ شياۋشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

-دادا، ئاپامغا نېمە دەۋاتىسىز؟

ۋۇ بو كەينىگە بۇرۇلۇپ، قىزىنىڭ ئۆزىگە خۇشاللىق بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سورىدى.

-شياۋشى، قاچان ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىز؟

-ياتاق ئۆيدە سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپلا ئورنۇمدىن تۇردۇم، دادا، ئاخشام قاچان ئۆيگە قايتىپ كەلدىڭىز؟-دەپ سورىدى ۋۇ شياۋشى.

-سىز ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئۆيگە كەلدىم!

-ئەمىسە نېمىشقا مېنى ئويغاتمايسىز؟

-قارىسام تاتلىق ئۇخلاۋېتىپسىز، شۇڭا سىزنى ئويغىتالمىدىم،-دېدى ۋۇ بو قىزىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.

-ھە، دادا، بۈگۈن مېنى ئويناتقىلى ئاپىرالامسىز؟-دەپ سورىدى ۋۇ شياۋشى دادىسىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ.

-بۈگۈن يەنە سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىقىمەن، ئىشىمنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ سىزنى ئويناتقىلى ئاپىراي، بولامدۇ؟

ۋۇ شياۋشى چېچەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى.

-بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، شياۋ لەن ئاچامنىمۇ چاقىرىپ كېلىڭ، بىز بىللە چىقىپ ئوينايلى، مەن...

ۋۇ شياۋشى تۇيۇقسىز چېن بىڭنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ خاتا گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ، داۋاملىق سۆزلىمىدى. ۋۇ بو قىزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى.

-بىلەمسىز؟ شياۋ لەن ھاممىڭىز سىزنىڭ ئۆز ھاممىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە، مەن تېلېفون قىلىپ ئۇنى چاقىرىپ كېلەي، ئۇ سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئوبدان ئوينىسۇن، بولامدۇ؟

-دادا، نېمە دېدىڭىز؟ شياۋ لەن ھاممام مېنىڭ ئۆز ھامماممۇ؟ ئۇ قانداقسىگە مېنىڭ ئۆز ھاممام بولسۇن؟-دەپ سورىدى ۋۇ شياۋشى ھەيرانلىق بىلەن.

-قانداقسىگە بولمىغۇدەك؟ ئۇ كۈنى چۈشتە مەن سىزنى فۇلېيۈ كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىغا ئوينىغىلى ئاپارغاندا، سىز ئۇنىڭ تاۋ لىڭغا بەك ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆز ئاپىڭىزدەك كۆرمىگەنمىدىڭىز؟ نېمىشقا ئۇ ئۆز ھاممىڭىز بولالمايدۇ؟-دېدى ۋۇ بو چاندۇرماستىن.

بەرىبىر چېن بىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام شياۋ لەن بىلەن كۆرۈشكەن بولغاچقا، ۋۇ بو شۇ كۈنى چۈشتە، ئۇلارنىڭ فۇلېيۈ كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىدا شياۋ لەننى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالغانلىقىنى قىلچە يوشۇرماستىن سۆزلەپ بەردى.

چېن بىڭ ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ پارىڭىنى ئېنىق ئاڭلىغاچقا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇن ۋۇ شياۋشىنىڭمۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا، شۇڭا شياۋ لەن بىلەن ۋۇ بو ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ھەيران قالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىدىن چىقىپ، قاچىنى تاماق ئۈستىلىگە قويۇپ، ۋۇ شياۋشىگە قاراپ ئېغىز ئاچتى:

-شياۋشى، دادىڭىزنىڭ دېگىنى توغرا، شياۋ لەن ھاممىڭىز ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئۆز ھاممىڭىز، سىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنسىز، ۋاقتى بولسا ئۇ كېلىپ سىز بىلەن بىللە ئوينىسۇن!

-بەك ياخشى بولدى، مەن كېيىن دادام، ئاپام، ليۇ ھاممام، يەنە شياۋ لەن ھاممام بىلەن بىللە ئوينىيالايدىغان بولدۇم،-دېدى ۋۇ شياۋشى چاۋاك چېلىپ.

-ئۇنداقتا سىز ئاۋۋال تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ يۈزىڭىزنى يۇيۇپ، ئاغزىڭىزنى چايقاپ كېلىڭ، ئاندىن دەرھال تاماق يەڭ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، دادىڭىز شياۋ لەن ھاممىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ بۈگۈن سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئوينايدىغان ۋاقتى بارمۇ-يوق سوراپ باقسۇن!-دېدى چېن بىڭ چۈشەندۈرۈپ.

-شياۋ لەن يۈنتيەن دورىگەرلىك گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، ئادەتتە بىر قەدەر ئالدىراش، شۇڭا ئېھتىمال ۋاقتى يوق، ئۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دېيىشەيلى!-دېدى ۋۇ بو گەپنى تۈزىتىپ.

-بۇنداق بولسىمۇ مەيلى، مەن بىردەمدىن كېيىن بازارغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋېلىپ كېلەي، شياۋ لەننى بۈگۈن كەچتە ئۆيگە كېلىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلايلى، سىزنىڭچە قانداق؟-دېدى چېن بىڭ تەكلىپ بېرىپ.

-سىز ئىشقا بارماقچى ئىدىڭىزغۇ؟ كۆكتات سېتىۋالغىلى قانداق بارىسىز؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو.

-مەن تۈنۈگۈن كەچتە سىزگە ئۆيدە شياۋشىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، دۇكانغا ئىشقا بارمايمەن دېگەنغۇ؟ ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ ئەسكەرتىپ.

-مېنىڭچە بولدى قىلايلى، مەن سىزنىڭ بىر خىزمەت مەستانىسى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئۆيدە بىكار تۇرمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، ئەگەر سىزنى راستتىنلا ئائىلە ئايالى قىلىپ قويسام، ئۇ چاغدا سىزگە ئۇۋال قىلغان بولىمەن!-دېدى ۋۇ بو بېشىنى چايقاپ.

-سىز مېنىڭ خوجايىنىم بىلەن غەيرى مۇناسىۋىتىم بارلىقىدىن گۇمانلانغانتىڭىزغۇ؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ.

-بۇ بىر چاقچاق تۇرسا، راست دەپ قالغىنىڭىز نېمىسى؟-دېدى ۋۇ بو چاندۇرماي.

-دادا، ئاپا، نېمە دەۋاتىسىلەر؟ مەن نېمىشقا چۈشىنەلمەيمەن؟-دەپ سورىدى ۋۇ شياۋشى گەپ قىستۇرۇپ.

-ھېچ...ھېچنېمە دېمىدۇق، تېز بېرىپ يۈز-كۆزىڭىزنى يۇيۇپ، ئاغزىڭىزنى چايقاپ كېلىپ تاماق يەڭ، سىز تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن سىزنى ليۇ ھاممىڭىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي!-دېدى ۋۇ بو گەپنىڭ تېمىسىنى بۇراپ.

-ماقۇل.

ۋۇ شياۋشى ماقۇل بولۇپ، دەرھال تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ۋۇ بو قىزىنىڭ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا غايىب بولغانلىقىنى كۆرۈپ، چېن بىڭغا قاراپ تاپىلىدى.

-بۇنىڭدىن كېيىن، قىزىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلارنى دېيىشمەيلى!

-ھە، گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن!

چېن بىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا ئاشخانىغا كىردى. ۋۇ بو تۇيۇقسىز بۈگۈن قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئېسىگە ئېلىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاساسىي ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ، دەرھال ساۋ مىڭيىغا تېلېفون قىلدى. تېلېفون ئۇلىنىپ، ساۋ مىڭيى ھېچ ئىش بولمىغاندەك سورىدى.

-ۋۇ بو، ماڭا تېلېفون قىلىپ، شىركىتىڭلارنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى يەر قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاش ئىشىنى دېمەكچى بولۇۋاتامسىز؟

-شۇنداق، ئىشقا چۈشكەندە شىركىتىمىزنىڭ مەلۇم قىلىش ھۆججىتىنى ئېلىپ، قۇرۇلۇش نازارىتىگە بېرىپ سىزنى ئىزدەيمەن، سىزنىڭچە قانداق؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو.

-چاتاق يوق، ۋاقتى كېلىپ مەن تەستىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن كەچتىكى ۋەدىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!-دېدى ساۋ مىڭيى خۇشاللىق بىلەن.

-ئەلۋەتتە، بىز تونۇشقىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى، ئەجىبا مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى تېخى بىلمەمسىز؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو سەمىمىيلىك بىلەن.

-بولىدۇ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەن قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئىشخانىسىدا سىزنى ساقلايمەن!

ساۋ مىڭيى گېپىنى تۈگىتىپ، دەرھال تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ساۋ مىڭيىنىڭ تېلېفونىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ۋۇ بو جاڭ شىنيۈەنگە يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلدى.

ۋۇ بو تېلېفوندا ئۆزىنىڭ شىنيۈەن ئۆي-زېمىن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى يەر تەستىق ھۆججىتىنى ھەل قىلىپ بولغانلىقىنى ئۇنىڭغا دوكلات قىلدى ھەمدە جاڭ شىنيۈەننى ئۆزىگە بىر يۈرۈش تەستىق ماتېرىيالى تەييارلاپ بېرىشنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاساسىي ياتاق ئۆيدىن چىقتى.

بۇ چاغدا، چېن بىڭ بىلەن ۋۇ شياۋشى تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇراتتى. ۋۇ بو ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، چۈشەنمىگەن ھالدا سورىدى.

-سىلەر نېمىشقا تېخىچە تاماق يېمىدىڭلار؟

-سىز بۇ ئائىلىنىڭ باشلىقى، سىز تېخى ئۈستەلگە كەلمىگەن تۇرسىڭىز، بىز چوكا تەۋرىتىشكە قانداقمۇ جۈرئەت قىلالايمىز؟-دېدى چېن بىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

-نېمە ئائىلە باشلىقى؟ ھازىر دېگەن قايسى دەۋر بولۇپ كەتتى؟ سىلەر يەنە بۇلارغا ئەھمىيەت بېرىپ نېمە قىلىسىلەر؟ تېز تاماق يەڭلار، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى!-دېدى ۋۇ بو تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ.

تۇيۇقسىز، ئۇ بىر نەرسىنى ئېسىگە ئېلىپ، چېن بىڭغا قاراپ سورىدى.

-ھە راست، سىزنىڭ توكسىكلىتىڭىزنى باشقىلار سوقۇپ بۇزۇۋەتمىگەنمۇ؟ مەن بىردەمدىن كېيىن كارتىڭىزغا 10 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بېرەي، سىز ۋاقتىنچە بىر يېڭى توكسىكلىت سېتىۋېلىپ، ۋاقىت چىقىرىپ پىراۋا ئىمتىھانى بېرىڭ، ۋاقتى كەلگەندە، مەن سىزگە بىر باۋما ماشىنا ئېلىپ بېرەي!

-مەن...

چېن بىڭ ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشىغا، مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال دېمەكچى بولغان گېپىنى يۇتۇۋەتتى.

بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 283-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章