100 كۈنلۈك سىناق توي (1): تۇنجى كېچە ۋە ناتۇنۇش ئەر
جىنلىڭ مېھمانسارىيىنىڭ ھەشەمەتلىك بايۋەتچىلەر يۈرۈشلۈك ئۆيىدىكى، ئوتتۇرىدىكى چوڭ كارىۋاتتىن چۇ مويوۋ ئويغاندى.
ئۇ كۆزىنى ئاچقان شۇ دەقىقىدە، بىردىنلا چۆچۈپ سوغۇق تەرگە چۆمۈپ كەتتى.
ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئالدىدا ئېگىز، قاۋۇل ئەركىشىدىن تۆتى تۇراتتى.
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭ تىپتىكى سىن ئېلىش ئاپراتى قويۇلغان بولۇپ، فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسى ئۇنىڭغا قارىتىلغان، كارىۋاتقا ھەتتا بەزى سايمانلار قالايمىقان چېچىپ قويۇلغان ئىدى.
شۇ تاپتا، بىر نەچچە ئەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
- ئۇ ئويغاندى، ئەمىسە باشلايلى،- مېھمانخانا ئۆيدىن تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ شاللاقلىق بىلەن كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ ئايال يەنە:
- ياخشى ئويۇن قويۇڭلار، ئەتە مەن پۈتۈن جىنچېڭدىكىلەرگە ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ قويىمەن،-دېدى.
ئۇ ئايال ماسكا بىلەن قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بولۇپ، چىرايىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى.
-خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنى رازى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن،-دېدى بىر ئەر قولىدا مېۋە ئاقلايدىغان پىچاقنى تۇتۇپ، زوراۋانلىق قىلىدىغاندەك قىياپەتتە.
باشقا ئەرلەرمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سوغۇق كۈلدى، ئۇلارنىڭ كۈلكىسى يۈرەكنى شۈركەندۈرەتتى.
تۆت ئەر كىشى بىرلىكتە چۇ مويوۋغا يېقىنلاپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ھەتتا ئالدىراپ تېنەپ كارىۋاتقا سەكرەپ چىقتى.
چۇ مويوۋ يىنىك نەپەس ئېلىپ، چىرايىدا ئازراقمۇ قورقۇنچ پەيدا بولمىدى، ئۆزىنى قاچۇرمىدى، كالپۇكى سەل-پەل كۆتۈرۈلۈپ:
-سىلەر ماڭا بۇنداق قىلساڭلار، ئەگەر مويەن بىلىپ قالسا، قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟- دېدى.
جىنچىڭدا مويەن دېگەن بۇ ئىسىم ئەزەلدىن ھەرقانداق كىشىنى چۆچىتىدىغان بولۇپ، بۇ نەچچە كىچىك لۈكچەكلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.
ئۇنىڭ ئاۋازى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما تەھدىت كۈچى كۈچلۈك ئىدى، شۇ تاپتىكى ئۇنىڭ تەمكىن، سالماق ھالىتى كىشىنى ئۇنىڭ گېپىدىن گۇمانلاندۇرمايتتى.
-مويەن، سەن مويەننى تونۇمسەن؟ سېنىڭ مويەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟- دېدى بايا سۆزلىگەن ئەر. شۇنىڭغا قوشۇلۇپ قالغانلارنىڭمۇ چىرايى ئۆزگىرىپ، ئەمدىلا كارىۋاتقا چىقىپ بولغان ئىككى ئەر قورققىنىدىن دومىلاپ چۈشۈپ كەتتى.
بىراق، چۇ مويوۋ مويەننى تۇنۇمايتتى، ئۇنىڭ بايىقى گېپى يالغان بولۇپ، پەقەت ئۇلارنى چۆچۈتۈپ قويۇشىنلا مەقسەت قىلغان ئىدى.
ئۇ بەدىنىدە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان، ئەرلەرگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش سېزىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى، ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ باشقىلار دورا سېلىۋەتكەن نەرىسنى ئىستىمال قىلغان ئىدى، شۇڭا ئۇ چوقۇم سەگەك تۇرۇپ، تېزدىن بۇ يەردىن ئايرىلىشى كېرەك ئىدى. بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.
تۆت ئەر ھاڭۋېقىپ تۇرغان ئاشۇ پەيتتە، چۇ مويوۋ تېز سۈرئەتتە كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇدۇل بالكونغا قاراپ يۈگۈردى، ئۇ بايىلا ئۇلارنىڭ ئارىسالدى بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بالكون تەرەپنى كۈزەتكەن بولۇپ، دەرىزىنى ئاچسىلا قېچىش پۇرستىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى.
ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ دېرىزىدىن قارىدى، كۆز ئالدىدا ناھايىتى ئېگىز بىر بوشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكى مۇزلاپ كەتتى، ئەگەر بۇ ئېگىزلىكتىن سەكرەپ چۈشۈپ كەتسە، بەدەنلىرى چۇل-چۇل بولۇپ كېتەتتى. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ