خىزمەت تېپىش قىيىن بولسىمۇ يۈزۈم چۈشىدىغان ئىشنى قىلسام بولمايدۇ

文摘   2024-11-11 13:00   新疆  

بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن تېز يوللانمىلارنى بىنا نومۇرى بويىچە ئايرىۋالغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە خەرىتىدە بىنالارنىڭ ئورنى ئېنىق بەلگىلەنگەچكە ناھايىتى ئاسانلا تارقىتىشقا كىرىشتىم.
بۇ بىناغا يەتكۈزىدىغان ئىككى يوللانما بار، بىرى ئىككىنچى قەۋەتتە، بىرى بەشىنچى قەۋەتتە ئ‍ىدى. ئىككىنچى قەۋەتتە ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر چىقىپ تېز يوللانمىنى قولىغا ئېلىپ ئىمزا قويۇپ ئۈستىدىكى تالونىنى يىرتىپ ماڭا تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بەشىنچى قەۋەتكە چىققاندا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلدى. بەشىنچى قەۋەتتىكى ئۆيدە 20 نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىز تۇرىدىكەن، ئىشىكنى ئېچىپ مېنى كۆرۈپلا سەل ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى ھەمدە:«تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئالماشتىمۇ؟ ئېسىمدە قېلىشىچە بىر ئاچاش ئىدىغۇ؟»-دېدى.
چىن دايوۋ ماڭا بۇ رايونغا جەمئ‍ىي ئۈچەيلەننىڭ تېز يوللانما يەتكۈزگەنلىكى، ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ ئەر ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇلار ئۇچرىغان قىسمەتنى سۆزلەپ بەرگەن، ئۈچىنچىسىنى دېمىگەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۈچىنچىسى ئايال بولسا كېرەك.
بۇ ئىش ماڭا بىر ئاز غەلىتە بىلىندى، تېز يەتكۈزۈش خادىمىنىڭ كۆپىنچىلىرى قاۋۇل ئەر ياكى ياشانغان ئەرلەر بولاتتى، ئاياللار ئاساسەن ئاز ئۇچرايتتى. مەن سەل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردۇم: ئۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بەردى، ئورنىغا مەن كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ رايونغا مەن مەسئ‍ۇل.
-ھە شۇنداقمۇ؟-قىزچاق بېشىنى لىڭشىتتى، قارىماققا ئۈمىدسىزلەنگەندەك قىلاتتى. ئارتۇق گەپ قىلماي تالونغا ئىمزا قويدى، تالوننى قولۇمغا ئېلىپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا قىزچاق تۇيۇقسىز كۈلۈپ تۇرۇپ: ئاكا قالتىس ئىكەنسىز، تېز يوللانما يەتكۈزگەچ بالىڭىزنىمۇ باقىدىكەنسىز،-دېدى.
—بالا؟
مەن ھەيرانلىقتا قىزغا قارىدىم، ئۇ قولى بىلەن يېنىمنى كۆرسىتىپ قويۇپلا ئىشىكنى يېپىپ كىرىپ كەتتى. ئەتراپىمغا قارىدىم، ئېنىقلا ھېچكىم يوققۇ، نەدىن كەلگەن بالا بولسۇن، بۇ قىز چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، مەن كۈلۈپ قويۇپلا ئارقىمغا بۇرۇلۇپ بىنادىن چىقىپ كەتتىم.
ئىشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولسا كېيىن ياخشى يۈرۈشىدۇ. ئ‍ۇزاق ئۆتمەيلا يۈز نەچچە تال تېز يوللانمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يەتكۈزۈپ بولدۇم. راستىنى ئېيتسام تېز يەتكۈزۈش خىزمىتى ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەن، توختىماي پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈپ ماغدۇردىن كېتىدىكەن، ھەر ھالدا ئىلگىرى قىسىمدىكى ۋاقتىمدا بەدەن چېنىقتۇرغاچقا خېلى كۈچ ماغدۇرۇم بار ئىكەن، بۇ جاپا قورقۇتالمىدى.
سۆسۈن بامبۇكزارلىق ئائ‍ىلىلىكلەر قورۇسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىدى، توكسىكلىتىمنى بىردەم مىنىپ بىردەم توختاپ دېگۈدەك   خېلى كۆپ ماللارنى تارقىتىپ بولدۇم، ئەمما قورۇنىڭ ئۇ چېتى كۆرۈنىدىغاندەك ئەمەس. 44-بىنا 401-ئ‍ۆي، تېز يوللانمىدىكى ئادرېس ۋە بىنا نومۇرىغا قاراپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن بىناغا كىردىم. بۇ پوسۇلكا باشقىلىرىغا قارىغاندا كونىراق ئىدى، بەلكىم دۇكاندا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەچكە كونىراپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. 401-نومۇرلۇق ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ چەكتىم، «ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟ مەن تېز يەتكۈزۈش خادىمى»-دەپ توۋلاپ قويدۇم، ئۆيدىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى، كۆڭلۈمدە ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا ئۆيدىكىلەر سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ   تېز يوللانمىنىڭ ئىگىسىگە تېلېفون ئۇردۇم، قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئالمىدى. تىت-تىت بولۇپ تۇرغىنىمدا تۇيۇقسىز يانفوننىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، دەرھال كەينىمگە قاراپ بىر بوۋاينى كۆردۈم، ئۇ قاچانلاردا پەيدا بولۇپ قالىدىكىن قولىدا ياشانغانلار يانفونى تۇتۇپ تۇراتتى. بوۋاي مۇشۇ ئۆيدە تۇرسا كېرەك، مېنى كۆرۈپ: «يىگىت تېز يوللانما ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ؟»-دېدى.
-بوۋا، سىز 401-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرامسىز؟-بوۋاينىڭ ئۈستى بېشىغا قارىۋېتىپ سورىدىم. بوۋاينىڭ بېلى دۈمچەيگەن چاچلىرى ئاقارغان 60 ياشلار چامىسىدا ئىدى، ئۇنىڭ چىرايى خۇددى ئاق قەغەزدەك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
بوۋاي ئۆزىنىڭ 401-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاچقۇچىنى چىقىرىپ ئىشىكنى ئاچتى.
-بوۋا، بۇ سىزنىڭ تېز يوللانمىڭىز ئىمزا قويۇپ بېرىڭ. ئۇ تېز يوللانمىنى قولىغا ئېلىپ بېشىنى لىڭشىتقان ھالدا: «يىگىت مەن خەت يازالمايمەن، سەن ماڭا ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇپ بەرسەڭ بولامدۇ؟-دېدى.
مەن ئىككىلەندىم، تۇنجى قېتىم تېز يوللانما يەتكۈزۈشۈم بولغاچقا ئۆزۈم ئىمزا قويسام بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.
بوۋاي مېنىڭ ئىككىلەنگىنىمنى كۆرۈپ مېھرىبانلىق بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: ئەمىسە مۇنداق بولسۇن، ئۆيۈمدە سۇرۇخ بار، پەقەت بولمىسا مەن بارمىقىمنى بېسىپ بېرەي.
-شۇنداق قىلايلى بوۋا.
بوۋاي كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كىرىپ كەتتى ھەمدە بىردەمدىلا ئىشىك ئالدىغا كەلدى، بوۋاينىڭ بىر قولىدا سۇرۇق يەنە بىر قولىدا پوسۇلكا تۇراتتى. بوۋاي كۆز ئالدىمدا تالونغا بارمىقىنى باستى، ئاندىن قولىغا پوسۇلكىنى ئېلىپ: بۇنى ئوغلۇمغا ئەۋەتمەكچى ئىدىم ئالغاچ كېتەمسىز؟-دەپ سورىدى.
داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章