بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (119): ئۇ باللىرىمنىڭ ئاپىسى

文摘   2024-11-07 20:00   新疆  

بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ

ئاپتورى: لاۋ مو

119-باب: ئۇ باللىرىمنىڭ ئاپىسى

1

2

3

4

5

6

8

9

10

11

12

13

14

15

16

21

20

19

18

17

26

25

24

23

22

31

30

29

28

27

36

35

34

33

32

41

40

39

38

37

46

45

44

43

42

51

50

49

48

47

56

55

54

53

52

61

60

59

58

57

66

65

64

63

62

71

70

69

68

67

76

75

74

73

72

81

80

79

78

77

86

85

84

83

82

91

90

89

88

87

96

95

94

93

92

101

100

99

98

97

106
105
104
103
102
111
110
109
108
107
117
116
115
114
113




118

ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (118): كۈنلەمچى ئەر

يې شىچاۋ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ كەتمەكچى بولغاندا، سۇ چىڭ دەرھال ئالدىغا بىر قەدەم ئالدى.

-يې ئەپەندى، سىز بۇ يېڭى خانىمىڭىزنى چۈشەنمەيسىزغۇ دەيمەن؟

«يېڭى خانىم» دېگەن سۆز ھۆرمەتسىزلىك بىلەن ئېيتىلغاچقا، يې شىچاۋنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم قېتىپ كەتتى ۋە سۇ چىڭغا تىكىلىپ:

-بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟-دەپ سورىدى.

سۇ چىڭ يې شىچاۋنىڭ كۆزلىرىدىكى گۇماننى كۆرۈپ:

-ئايالىڭىز خام چوتنى بىر ھەسسە كۆپەيتمەكچى، سىز دېگەن كونا سودىگەر، مەقسىتىمنى چۈشەنگەنسىز؟-دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يې شىچاۋنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى.

-سىزمۇ بىلىسىز، بىزدەك بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قولىمىزدىكى ماتېرىيالدا چوڭ پەرق كۆرۈلۈپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ قالىمىز، شۇڭا بۇمۇ ماتېرىياللارنىڭ نۇرغۇن بوغالتىرنىڭ قولىدىن قولغا ئۆتكۈزۈشىنىڭ سەۋەبى.

سۇ چىڭنىڭ دېگىنى بىر قەدەر مۇجمەل گەپ بولۇپ، خۇ لىچىڭنىڭ قەستەن پۇل ئۈندۈرگەنلىكىنى بىۋاسىتە ئېيتمىغانىدى.

-خانقىز، سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم، سىز مېنىڭ خانىممنى قەستەن خام چوتنى كۆپ مەلۇم قىلىپ، شىركەتتىن پۇل ئۈندۈرمەكچى دېمەكچى، شۇنداقمۇ؟-يې شىچاۋ غەزەپلەنگەن ھالدا سورىدى.

يې شىچاۋنىڭ ئاۋازى ناھايىتى يۇقىرى چىقىپ كەتكەچكە، سۇ چىڭنىڭ قۇلاقلىرى بىئارام بولدى، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئۇ ئاللىبۇرۇن ئويلىغان ئەھۋال ئىدى.

-يې ئەپەندى، خۇ لىچىڭنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنەمسىز؟ سىز ئۇنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ مېنىڭچە سىز ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلسىڭىز، بۇنداق ھەيران قالمايتىڭىز، ئۇنىڭ بۈگۈنكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئادەتتىكى ئىش دەپ قارايتىڭىز،-سۇ چىڭ تەمكىنلىك بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

بىراق، سۇ چىڭنىڭ گېپى يې شىچاۋنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى، ئۇ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن سۇ چىڭنى بۇلۇڭغا قىستاپ كەلدى.

-قىزچاق، خانىمىم بىلەن زادى قانداق ئۆچمەنلىكىڭىز بار؟ سىز خانىمىمغا مۇشۇنداق ئېغىر زەربە بەرمەكچىمۇ؟ سىزگە شۇنى دەپ قوياي، ئايالىم مېنىڭ قەلبىمدە ئىنتايىن مۇھىم، مەن ئۇنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى قايتا كۆرگۈم يوق!

يې شىچاۋ گېپىنى تۈگىتىپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى، ئىككى قەدەم مېڭىپلا يەنە تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىپ، سۇ چىڭغا غەزەپ بىلەن:

-شۇنىڭدەك سىلەر بىلەنمۇ قايتا ئالاقە قىلمايمەن، بوغالتىرلىق ئورنىنى ئالماشتۇرىمەن!-دېدى.

يې شىچاۋ گېپىنى تۈگىتىپ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇ چىڭ سەل تىت-تىت بولۇپ، ئالدىغا ئىككى قەدەم مېڭىپ گەپنى ئۇدۇللا قىلدى:

-خۇ لىچىڭ ئەينى يىلى ئۈچىنچى شەخس ئىدى، ئۇ بۇرۇنقى ئېرىنى باشقىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان. ئاندىن بۇرۇنقى ئېرى بىلەن بىر كىچىك سۇغۇرتا شىركىتىنى ئاچقانىدى، ئۇنىڭ سۇغۇرتا سېتىش ۋاسىتىسى ئىنتايىن غەلىتە ئىدى، ھەتتا ئازراق پۇل-مېلى بار ئەر خېرىدار ئۇنىڭ يېنىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۆيدىكى ئايالى بىلەن ئاجرىشىمەن دەپ جېدەل قىلاتتى. ھازىر ئۇ سىزدەك ئېگىز شاخقا يامىشىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا 20 نەچچە يىل ھەمراھ بولغان بۇرۇنقى ئېرىنى تېپىۋەتتى، مەن ئۇنىڭ سىزگە ھەقىقىي كۆڭلى بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇ چوقۇم سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدى، بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت.

سۇ چىڭنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەستىنلا، يې شىچاۋ ئالدىغا بېرىپ غەزەپ بىلەن:

-ھەي قىز، سىزنىڭ تاياق يېگۈڭىز كەپتۇ ھە؟ قارىغاندا ئەدىبىڭىزنى بەرمىسەم يەنە جۆيلۈيدىغان ئوخشايسىز!-دېدى.

يې شىچاۋ شۇنداق دەپلا يوغان ئالىقىنىنى كۆتۈرۈپ سۇ چىڭنىڭ يۈزىگە ئۇرماقچى بولدى.

سۇ چىڭنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى، ئۇ يې شىچاۋغا ئوخشاش ئادەملەرنىڭمۇ ئاياللارنى ئۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى، «ئۇ بۇ بىر شاپىلاق بىلەن چىشىمنى چۈشۈرۋەتمىسىلا بولاتتىغۇ» دېگەنلەرنى ئويلىدى.

سۇ چىڭ ئۆزىنىڭ سىرتقا قاچالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر قارا كۆلەڭگە پەيدا بولۇپ، يې شىچاۋنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. ئاندىن ئۇ گاراڭلىق ئىچىدە تۇرغاندا، بىر كۈچلۈك بىلەك تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ بېلىنى قۇچاقلىدى ھەمدە ئۇنى بىر ئىللىق قۇچاققا ئېلىپ كىردى.

ئارقىدىن قۇلىقىغا تونۇش بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

-يې باش مۇدىر، قانداق گەپ بولسا چىرايلىق دېمەمسىز؟ سىز مۇشۇنداق ئاجىز بىر ئايالنى ئۇرماقچىمۇ؟

سۇ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ غۇۋا چىراغ نۇرى ئاستىدىكى سۈرلۈك چىرايىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى، ئۇ نېمىشقا كەلگەندۇ؟

يې شىچاۋ ھېلىقى چىراينى ئېنىق كۆرگەندىن كېيىن، ئىختىيارسىز چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى:

-ئەسلىدە گۇەن باش دىرېكتور ئىكەنغۇ، بۇ قىزچاق ئايالىمنى ھاقارەتلىمەكچى بولغانىدى، شۇڭا مەن تاقەت قىلالماي ئۇنى ئەدەپلەپ قوياي دېگەنىدىم.

بۇ چاغدا گۇەن مۇ ئازراق كۈچەپ قويىۋېدى، يې شىچاۋ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.

-گۇەن باش دىرېكتور، قولىڭىز بەك كۈچلۈك ئىكەن، مەن ياشىنىپ قالدىم، بەرداشلىق بېرەلمەيمەن.

يې شىچاۋ قوشۇمىسىنى تۈردى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم شۇ تاپتا يىغلىغاندىمۇ سەتلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گۇەن مۇ ئاندىن يې شىچاۋنىڭ بىلىكىنى بوشىتىپ، مىيىقىدا سوغۇق كۈلۈپ قويدى.

-يې باش مۇدىر، بىلىشىمچە بۇ خانقىزنىڭ دېگەنلىرى خاتا ئەمەس، مېنىڭچە سىز يەنىلا خانىمىڭىزنى چۈشەنمەيدىكەنسىز!

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يې شىچاۋ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، گۇەن مۇغا تىكىلىپ، خۇددى ئۇنىڭ گېپىگە ئازراق ئەھمىيەت بېرىۋاتقاندەك قارىدى. ئارقىدىنلا يې شىچاۋنىڭ كۆزلىرى يەنە سۇ چىڭنىڭ يۈزىگە چۈشتى. گۇەن مۇنىڭ بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى قۇچاقلىغانلىقىنى، ئۇنى قوغداۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا:

-گۇەن باش دىرېكتور، بۇ خانقىز…-دەپ سورىدى.

-بالامنىڭ ئاپىسى!

بۇ ناھايىتى قالتىس جاۋاب بولغانىدى.

گۇەن مۇ قۇچاقلىۋالغان سۇ چىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قوشۇمىسىنى تۈردى.

ئاندىن چۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، بۇ ھەقىقەتەن بەك سەت بولغانىدى، شۇڭا ئۇ ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى پولات ئىستىھكامغا ئوخشايتتى، ئۇ ئازراقمۇ تەۋرىتەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يىراقلاشماقچى بولسا بۇ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ يې شىچاۋ بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن كېكەچلەپ:

-كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، گۇەن باش دىرېكتور، مەن بايا بىر مەھەل ھاياجانلىنىپ قاپتىمەن،-دېدى.

يې شىچاۋنىڭ گۇەن مۇدىن بەكلا ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ يېشىمۇ كىچىك ئەمەس، گۇەن مۇ ئۇنى ھۆرمەتلىشى كېرەك ئىدى. بىراق سۇ چىڭ چېڭشى گۇرۇھنىڭ تۈرلۈك يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنى يې شىچاۋنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاتا ـ ئانىسى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

-ھاياجانلىنىشنىڭ كارايىتى چاغلىق، پەقەت سىز كېيىن ئۇنىڭ بالامنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە تۇتسىڭىزلا بولدى!

-چوقۇم ئېسىمدە تۇتىمەن، چوقۇم ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن! ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم، ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم.

يې شىچاۋ يانچۇقىدىن قولياغلىقىنى چىقىرىپ، پارقىراق كەتكەن پېشانىسىنى ئىككى قېتىم سۈرتۈپ، ئوڭايسىزلانغان ھالدا چىقىپ كەتتى.

يې شىچاۋ كەتكەندىن كېيىن، سۇ چىڭ ناھايىتى بىزارلىق بىلەن:

-ئەمدى مېنى قويۋەتسىڭىز بولامدۇ؟-دېدى.

گۇەن مۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇرغان سۇ چىڭغا قاراپ، قوشۇمىسىنى تۈردى، ئاندىن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى. ئارقىدىن سۇ چىڭ گەرچە بىر مەھەل نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاچچىقلانغان ھالدا قولىنى سوزۇپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى. لېكىن، گۇەن مۇنىڭ ئىككى قولى قېرىشقاندەك ئۇنىڭ ئىنچىكە بېلىنى تۇتۇۋالغانىدى.

-لۈكچەك!

سۇ چىڭ ئۇنى تەۋرىتەلمەي، شۇنداق دەپ تىللىدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۇەن مۇ خاپا بولمايلا قالماستىن، يەنە كۈلۈپ كەتتى:

-سىزمۇ بۇرۇن لۈكچەكنى ياخشى كۆرگەنىدىڭىزغۇ؟

گۇەن مۇنىڭ سۆزى سۇ چىڭنى خاپا قىلىپ قويغانىدى.

-مەن پەقەت ئەينى چاغدا كور بولۇپ قالغانىكەنمەن، سىزمۇ تۇتقۇن قىلغۇچى جىنايەتچىنى ياخشى كۆرۈپ باققانغۇ؟

سۇ چىڭنىڭ سۆزى گۇەن مۇنىڭ قوشۇمىسىنى تۈرگۈزدى، بايا سەل قىزىقچىلىق ئەكس ئەتكەن چىرايىمۇ سۈرلۈك تۈسكە كىردى. تۇتقۇن قىلغۇچى دېگىنى فاڭ يى بولۇپ، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك ئازاب ئىدى، شۇنداقلا گۇەن مۇنىڭ سۇ چىڭغا بولغان ئەڭ خىجىللىقى ئىدى. بۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن، سۇ چىڭ سەل پۇشايمان قىلدى، شۇنداقلا گۇەن مۇنىڭ كۆز قارىچۇقىدىكى ئازابنى كۆردى. ئىش ئۆتۈپ كەتكىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغانىدى، سۇ چىڭ ئەسلىدە ئۆزىنى ئەركىن تۇتسا بولاتتى ھەم بۇنى قايتا تىلغا ئالماسلىقى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئويلىسىلا كۆڭلى يېرىم بولاتتى.

-مېنى قويۇۋېتىڭ!-دېدى ئارقىدىن سۇ چىڭ سوغۇقلا.

گۇەن مۇنىڭ ئىككى بىلىكى ئۇنىڭ گېپى بىلەنلا بوشاپ كەتمىدى، بىر جۈپ غەمكىن كۆزلىرى قۇچىقىدىكى ئۆزىگە غەزەپ بىلەن ھومىيىۋاتقان سۇ چىڭغا تىكىلدى.

-مېنى قويۇۋېتىڭ، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

ئۇنىڭ مىدىر-سىدىر قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈردى، ئاۋازىمۇ چىڭ چىقىپ كەتتى.

بۇ قېتىم گۇەن مۇ يەنە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاستا-ئاستا بىلىكىنى بوشاتتى.

سۇ چىڭ بېلىنىڭ بوشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇردى. بايا بەك ئوڭايسىزلىنىپ قالغانىدى، ئۇلارنىڭ بەدىنى قىسقىلا ئۇچراشقان بولسىمۇ، نېمە بولدىكىن، ئۇنىڭ يۈرىكى شۇ تاپتا ناھايىتى تېز سوقۇپ كېتىپ باراتتى.

شۇ چاغدا گۇەن مۇ غەمكىن نەزەر بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:

-سىز ماڭا شۇنچىلىك ئۆچمۇ؟-دەپ سورىدى.

سۇ چىڭ چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن باشقا ياققا قارىۋالدى، ئۇنىڭ گۇەن مۇنىڭ كۆڭۈلنى پاراكەندە قىلىدىغان كۆزلىرىنى كۆرگۈسى يوق ئىدى.

-مەن سىزگە ئۆچ ئەمەس، پەقەت ھازىر سىزگە ھېچقانداق ھېسسىياتىم قالمىدى.

گۇەن مۇنىڭ بەدىنى بىردىنلا تىترەپ كەتتى، ئۇ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، ئاندىن تۇيۇقسىز ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى:

-سىزنىڭ ئاددىيلا بىر ئېغىز گېپىڭىزنىڭ ماڭا نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

-ئۇ دېگەن سىزنىڭ ئىشىڭىز!-سۇ چىڭنىڭ ئاۋازى يەنىلا سوغۇق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قولى چىڭڭىدە سىقىلىپ كەتكەنىدى.

-مەن ھازىر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆلۈپ قالساممۇ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېرىم بولمامدۇ؟-گۇەن مۇ سۇ چىڭغا تىكىلىپ قاراپ سورىدى.

سۇ چىڭنىڭ شۇ تاپتا راستتىنلا ئادەم تىللىغۇسى كېلىۋاتىدۇ، ئۇ بىر چوپچوڭ ئەر كىشى تۇرۇپ، ئۆلۈش-ئۆلمەسلىكنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۈۋاتاتتى. ئۇ ئەگەر ئايال كىشى بولۇپ قالمىغان بولسا، ئۇنى ياندۇرۇپ بىر مۇشت سالغان بولاتتى. بىراق سۇ چىڭ ئۆزىنىڭ ھازىر ئۇنى ئۇرىدىغان سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ:

-مەن ئەلۋەتتە ئازابلىنىمەن،-دېدى سوغۇقلا.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گۇەن مۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

-مەن ئوغلۇم بىلەن قىزىمنىڭ بىر پۇلدار دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا قايغۇرىمەن، ئەگەر بۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ كۈنلىرى كېيىن ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئۆتىدۇ.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە شۇ تاپتىكى چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان گۇەن مۇغا قارىدى.

ئۇ چوقۇم ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئوغلى بار، يەنە قىزىمۇ بار، ئۇنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت بەك ئېغىر، ھە دېسىلا ئۆلۈمنى تىلغا ئالسا بولمايدۇ!

گۇەن مۇنىڭ چىرايى ئىنتايىن چۈشكۈن بولۇپ، قولىنى سوزۇپ پېشايۋاننىڭ ئۈستىدىكى رېشاتكىنى تۇتتى. شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ھېس قىلغانىدى. ئىلگىرى ئۇمۇ قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم ئىدى، لېكىن ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئازراقمۇ كونترول قىلالمىدى، سۇ چىڭنىڭ ئالدىدا ئۇ بارغانسېرى ئامالسىز قالغانىدى.

-مەن قايتىپ كېتەي،-دېدى سۇ چىڭ ئارقىدىن.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، ئەمدىلا بىر پۇتىنى ئېلىشى بىلەن تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇققا پېتىپ قالدى. قۇلاق تۈۋىدىن چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، پۈتكۈل مېھمانساراي، ھەتتا پۈتكۈل جياڭجۇ شەھىرىدە توك توختاپ، ھەممە يەر قاراڭغۇلىشىپ، بىر پەس ۋەھىمە پەيدا بولغاندەك بولدى.

-نېمە ئىش بولدى؟

چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئالدىدا سۇ چىڭ ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى، ئۇ «بۈگۈن كەچ يەنە ئاي ۋە يۇلتۇز يوق كېچە بوپتۇ» دەپ ئويلىدى ھەم جىددىي تۈستە:

-چوقۇم پۈتۈن شەھەردە توك توختاپ قالدى،-دېدى.

-نېمە؟ پۈتۈن شەھەردە توك توختاپ قالدىمۇ؟

سۇ چىڭنىڭ ئاۋازىدىن ۋەھىمە چىقىپ تۇراتتى.

جياڭجۇ خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەر، توك ناھايىتى ئاز توختايتتى، پۈتۈن شەھەردە توك توختاش نەچچە يىلدا بىر قېتىممۇ كۆرۈلمەيدىغان ئىش ئىدى.

سۇ چىڭ ئىختىيارسىز تىت-تىت بولۇپ كەتتى ھەم قورقۇپ كەتتى، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا قاراڭغۇدىن قورقاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قېتىم كوچىدا يۈز بەرگەن ئىش ئۇنى قاراڭغۇلۇققا نىسبەتەن بىر خىل غەلىتە ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانىدى. شۇڭا بىردىنلا ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغانىدى.

-قاچان توك كېلىدۇ؟

سۇ چىڭ ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى، بۈگۈن كىيگەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ پاشنىسى بەك ئېگىز بولغاچقا، ئۇ ئىختىيارسىز تېيىلىپ كەتتى.

كېيىنكى دەقىقىدە، بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، يىقىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى، سۇ چىڭ بۇ قېتىم چوقۇم «ئىت پوقى يەيدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ قالغانىدى، بۈگۈن سىرتقا چىققىنىنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بولمىغانىدى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايلا قالماي، يەنە يارىلىنىپ قايتىپ كېتىشى مۇمكىن بولۇپ قالغانىدى.

بۇ چاغدا، بىر كۈچلۈك بىلەك تۇيۇقسىز ئۇنى يۆلىۋالدى. سۇ چىڭمۇ يىقىلىپ كېتىشتىن قورقۇپ، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى قولى بىلەن ئۆزىنى يۆلىۋالغان ئادەمنى تۇتۇۋالدى.

گۇەن مۇ ئۇنى يۆلىگەچ:

-پەخەس بولۇڭ،-دېدى.

-مەن نەدە بىخەستەلىك قىپتىمەن؟ مەن شۇ يولنى ئېنىق كۆرەلمىگەن تۇرسام…

سۇ چىڭ تىت-تىت بولغان ھالدا ئاغرىندى.

ئۇ گۇەن مۇنىڭ كاستۇمىنى چىڭ تۇتتى ۋە ئاستا-ئاستا مەزمۇت تۇرۇپ، بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

-قاچان توك كېلىدۇ؟

سۇ چىڭ مەزمۇت تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سورىدى.

-بۇنى بىر نېمە دېمەك تەس، نېمە كاشىلا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

گۇەن مۇ دەل ۋاقتىدا ئۇنى يۆلەپ تۇرغان قولىنى بوشاتتى، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تېگىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن خاپا بولۇپ قېلىشىدىن قورقاتتى.

-ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە تۇرىۋەرسەك بولماس،-دېدى سۇ چىڭ يەنە.

بىر ئاز ئارىسالدى بولغاندىن كېيىن، گۇەن مۇ:

-بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز مۇشۇ يەردە توك كېلىشىنى كۈتۈش، چۈنكى زىياپەت زالى ھازىر بەك قالايمىقان، ئادەملەرنىڭ يىقىلىپ يارىلىنىش ياكى قىستىلىپ يارىلىنىشى ئېنىق، چۈنكى ئۇ يەردە ئادەم بەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىلا يەردە تاماق ئۈستىلى ۋە ھەر خىل گۈل دەستىلەر بار،-دېدى.

-بىز لېفىتقا ئولتۇرۇپ بىنادىن چۈشسەك بولىدىغۇ؟

سۇ چىڭنىڭ ھازىر بۇ يەردىن كەتكۈسى بار ئىدى.

-توك بولمىسا، لىفىت قانداق ماڭىدۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ پېشانىسىگە شاپىلاقلاپ قويدى، ئۇنىڭ بېشى ھەقىقەتەن قېيىپ قالغانىدى، بۇنداق ئاددىي لوگىكىلىق مەسىلىنىمۇ بىلمەي يۈرگەنىدى.

-ئۇنداق بولسا بىز پەلەمپەيدىن ماڭايلى.

-خانقىز، بۇ يەر 30-قەۋەتكە يېقىنلىشىدۇ، سىز يەنە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋاپسىز، داۋاملىق مېڭىۋەرسىڭىز مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قايرىۋالغان پۇتىڭىزنى كۆرسەتسەم بولىدۇ.

گۇەن مۇنىڭ گەپلىرى بارغانسېرى پەسىيىشكە باشلىغانىدى.

ئىشقىلىپ ھازىر ئۇمۇ ئۇنى كۆرەلمەيدۇ، شۇڭا سۇ چىڭ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپلا، ئارقىدىن گەپ قىلمىدى.

بۇ چاغدا، سۇ چىڭ تۇيۇقسىز چياۋ لىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىختىيارسىز ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئۇ ھازىر زالنىڭ قانداق ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى، گۇەن مۇنىڭ گېپىنىڭ پەقەت پوپوزا گەپ بولۇپ، ئۇنچە ئېغىر بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىۋاتاتتى.

ئىككىيلەن بىر-بىرىگە گەپ قىلماي ئۆزلىرىنىڭ سايىسىگە قاراپلا تۇرۇۋاتاتتى.

سۇ چىڭغا بىر مىنۇت بىر يىلدەك ئۆتۈۋاتاتتى.

شۇ تاپتا، گۇەن مۇنىڭ نەزىرى ئىزچىل سۇ چىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى، ھېلىمۇ ياخشى ھازىر توك يوق، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆز نۇرىنى ئەسلا كۆرەلمىدى.

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، تۇيۇقسىز ئەتراپتىكى چىراغلار ۋە مېھمانساراينىڭ دېرىزىسىدىن بىردىنلا يورۇق نۇر چاقنىدى.

بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، سۇ چىڭنىڭ كۆزى يورۇق نۇرغا ماسلاشقاندا ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا:

-توك كەلدى، ماڭساق بولىدۇ!-دېدى.

سۇ چىڭ ھاياجانلانغان ھالدا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەمدىلا قەدەم ئالاي دەپ تۇرۇشىغا، «پاق» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممە يەر يەنە قاراڭغۇلۇققا پېتىپ قالدى.

سۇ چىڭ قورقۇپ كېتىپ، دەرھال چىرقىراپ كەتتى.

-ئا…نېمە ئىش بولدى؟

گۇەن مۇ دەرھال ئالدىغا بېرىپ ئۇنى يۆلىدى.

-پەخەس بولۇڭ!

بۇ چاغدا قاياقتىندۇر بىر غەلىتە ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز خۇددى قۇشلارنىڭ سايرىشى ياكى ھايۋانلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. قىسقىسى، ئۇ ئاۋاز ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا لياۋجەي تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەن چاغدىكى ئاۋازغا ئوخشايتتى.

-نېمە ئاۋاز بۇ؟

سۇ چىڭ گۇەن مۇنىڭ ئىككى بىلىكىنى تۇتۇۋالدى، شۇ تاپتا ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كىچىك ۋاقتىدا لياۋجەي تىياتىرلىرىنى كۆرگەن چاغدىكى مەنزىرە كۆز ئالدىدىن كەتمەيۋاتاتتى، كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى لياۋجەينىڭ باش مۇزىكىسى ئىدى.

-بىلمىدىم.

-ھۇۋ...

كېيىنكى دەقىقىدە، ئۇ ئاۋاز يەنە تۇيۇقسىز كۈچەيدى.

سۇ چىڭ قورققىنىدىن گۇەن مۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلىۋالدى، ئاۋازىدىن چەكسىز قورقۇنچ چىقىپ تۇراتتى.

-بۇ يەردە مەخلۇق بار ئوخشىمامدۇ؟

-مەخلۇق؟

ئۇ بىر چوڭ ئەر كىشى، ئۇ ئۇنداق نەرسىگە ئەزەلدىن ئىشەنمەيتتى ھەم قورقمايتتى.

-مەن...مەن قورقۇۋاتىمەن.

سۇ چىڭنىڭ كاللىسىدا لياۋجەي تىياتىرىنى كۆرگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشلەر تۇيۇقسىز يەنە پەيدا بولۇپ، گۇەن مۇنىڭ بوينىنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالدى. گۇەن مۇ تۆت ئەتراپقا نەزەر سېلىپ، ھاشارات ياكى قۇشلارنىڭ ئاۋازى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈردى، شۇڭا قۇچىقىدىكى ئادەمگە بىر نەچچە ئېغىز تەسەللىي بەرمەكچى بولدى. بىراق، شۇ تاپتا قۇچىقىدىكى ئايالنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، يەنە ئۇنىڭ ئۆزىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان بىر جۈپ بىلىكىگە قاراپ، جىمىپ قالدى.

گۇەن مۇ ئۆزىگە بىر قېتىم شەخسىيەتچى بولۇشىغا يول قويۇشنى ئېيتتى، چۈنكى ئۇنىڭغا بۇنداق يېقىنلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. گەرچە «قارىغۇنى ياردا قىستىغان» بولسىمۇ، لېكىن گۇەن مۇ ئۆزىنىڭ پەسكەشلىكىنى ئازراقمۇ ھېس قىلمىدى.

كېيىنكى دەقىقىدە گۇەن مۇنىڭ ئىككى بىلىكى سۇ چىڭنى چىڭ قۇچاقلىدى ھەمدە ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا تەسەللىي بەردى:

-قورقماڭ، مەن سىزگە ھەمراھ بولىمەن.

-نېمىشقا تېخىچە توك كەلمەيدۇ؟-سۇ چىڭ تىت-تىت بولغان ھالدا سورىدى.

-ئازراق كاشىلا چىققان ئوخشايدۇ، ئۇنداق بولمىسا پۈتۈن شەھەردە توك توختاپ قالمايتتى، خاتىرجەم بولۇڭ،-دېدى گۇەن مۇ تەسەللى بېرىپ.

-ھۇۋ...

بۇ چاغدا، ھېلىقى ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى.

سۇ چىڭ قورقۇپ گۇەن مۇنىڭ بوينىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ:

-زادى نېمىدۇ؟-دەپ ۋارقىرىدى.

گۇەن مۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئاندىن كەسكىنلىك بىلەن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدى.

-ھۇۋۋۋ...

سۇ چىڭ كېيىنكى گەپلىرىنى يۇتىۋەتتى.

ئۇنىڭ سۆيۈشى ناھايىتى سىلىق بولدى، سۇ چىڭنىڭ كاللىسى بىردىنلا قېتىپ قالدى، ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۇنتۇپ، ئۇ ئۇنىڭ سۆيۈشىگە قاراپ تۇردى.

بۇ سۆيۈش ئاستا-ئاستا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ئېرىق سۈيىدىن ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دېڭىز دولقۇنىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ سۆيۈشى بىلەن سۇ چىڭنىڭ قەلبىدىكى ئوت ئاستا-ئاستا تۇتاشتى. يەنىلا ئۇ پىششىق بىلىدىغان پۇراق، يەنىلا ئۇنى پۈتۈنلەي قاپلاپ كەتكەن پۇراق…

شۇ تاپتا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى سىرتقا بولغان سېزىمىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:120-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章