سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆل، بالىنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرەلمەيمەن!

文摘   2024-11-07 20:00   新疆  

سىز بىر غەلىتە خوجايىننىڭ خېرىدارلارنى چاناپ قىيما قىلغاندىن كېيىن، گۆشىدە مانتا تۈگۈپ، قاسقاندا پىشۇرۇپ ساتقىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ بىر غەلىتە دوختۇرنىڭ رەقىبىنى ھۆسىن تۈزەش ئارقىلىق ئېشەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، باقمىچىلىق مەيدانىغا سولاپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ كىچىكىدىن شەپەرەڭ بېقىپ چوڭ قىلغان بىر غەلىتە يېتىم بالىنىڭ ئادەم قېنىنى شوراپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باققاممۇ؟....نېمە؟ ياق دېدىڭىزمۇ؟ لېكىن مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باققان. مېنىڭ ئىسمىم سۇڭ ياڭ، ھازىر h ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، ھەقىقىي سالاھىيىتىم بىر يازغۇچى.

بەزى دوستلار نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى پەرەز قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن، ماڭا ئوخشاش كىشىلەر قەدىمكى ئۇسۇلنى قوللىنىلىدىغان جەسەت تەكشۈرگۈچىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى سېرىق ھاراق، كۈمۈش يىڭنە، قىزىل كۈنلۈك، دېۋىرقاي قاتارلىق ئەل ئىچىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، ئۆلگۈچىنىڭ قەبرىسىنى قومۇرۇپ ئاچقاندىن كېيىن، قانلىق دېلودىكى قاتىلنى تېپىپ چىقىمىز!

خەۋپسىزلىك نازارىتى ئۈچۈن توپتوغرا 30 يىل خىزمەت قىلغان بۇ مەزگىلدە، مەن ئۆزۈمنىڭ ئاجايىپ ماھارىتىمدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىنى زىلزىلىگە سالغان سانسىزلىغان چوڭ دېلولارنى پاش قىلدىم، بۇ دېلولارنىڭ بەزىلىرى بىنورمال، بەزىلىرى قورقۇنچلۇق، بەزىلىرى رەھىمسىز، يەنە بەزىلىرى ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ. كېيىنكىلەرگە بۇ كەسىپنىڭ سىرلىقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كۆپچىلىككە تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى قارار قىلدىم. لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش پىرىنسىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇرغۇن شەھەر ۋە شەخسلەرگە ساختا ئىسىم ئىشلەتكەنلىكىمنى كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن سىلەرگە شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى، بۇ كىتاب رەسمىي تەرجىمىھالغا تەۋە!

مەن جەنۇبتىكى بىر كىچىك ناھىيە بازىرىدا تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن تارتىپلا ئاتا-ئانامنى كۆرۈپ باقمىغان، بوۋام بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان بىر قەدىمىي ھەم كونا ئۆيدە تۇراتتىم. گەرچە ئاتا-ئانام بولمىسىمۇ، لېكىن بوۋامنىڭ ماڭا بولغان كۆيۈنۈشىنى ھەممىدىن ئېشىپ چۈشكەن دېيىشكە بولاتتى. كىچىك ۋاقتىمدا ئۇ ماڭا تولىمۇ ئېنىق قىلىپ:

-ياڭئېر، ئېسىڭدە بولسۇن، سەن چوڭ بولغاندىن كېيىن نېمە قىلغۇڭ كەلسە مەن سېنى توسمايمەن، پەقەت ئۈچ خىل كەسىپكە يېقىن يولىساڭ بولمايدۇ، بىرىنچىسى ئەمەلدار بولۇش، ئىككىنچىسى ساقچى بولۇش، ئۈچىنچىسى قانۇن دوختۇرى بولۇش!-دېگەن.

ئەينى چاغدا مەن تېخى كىچىك، ھەتتا قانۇن دوختۇرىنىڭ نېمە قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم، شۇڭا پەقەت ھاماقەتلەرچە بېشىمنى لىڭشىتقىنىم ئېسىمدە. لېكىن يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مەندە بارا-بارا بىر خىل غەلىتە تۇيغۇ پەيدا بولدى. يەنى، قانداقلا ئويلىسام بوۋامنىڭ سالاھىيىتى ئىنتايىن ئاددىي ئەمەستەك قىلاتتى.

بۇنداق ھېس قىلىشىمدىكى سەۋەب، بوۋام ھەر كۈنى بىكار يۈرىدۇ، ئەزەلدىن ئېتىزغا بېرىپ ئىشلىمەيدۇ، ئەمما ماڭا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ بېرىپ، مېنى ئوقۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر مەزگىلدە چوڭ رەھبەرلەر بىر توپ ساقچىلارنى باشلاپ كېلىپ بوۋامنى يوقلاپ تۇرىدۇ، بوۋامغا ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدۇ، يەنە دائىم ماۋتەي ھارىقى، مۈشۈكئېيىق تاماكىسى دېگەندەك قىممەتلىك سوۋغاتلارنى ئالغاچ كېلىدۇ. ئۇلار دائىم بوۋام بىلەن بىر سائەت، بىر نەچچە سائەت، بەزىدە ھەتتا ئەتىگەندىن كەچكىچە پاراڭلىشىپ ئاندىن كېتەتتى. يەنە كېلىپ ھەر قېتىم بۇ رەھبەرلەر كېتىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۆلكىدە بىر چوڭ دېلو پاش بولاتتى. بۇلار سىچۇەن قورۇمىخانىسىدىكى قەغەز پۇل دېلوسى، غەربىي جەنۇب داشۆسىدىكى جەسەت پارچىلاش دېلوسى قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان دېلولار بولۇپ، ھەتتا كىچىك ناھىيە بازىرىدا تۇرىدىغان مەنمۇ بۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. كېيىنچە بارا-بارا بۇ دېلولارنىڭ پاش قىلىنىشىنىڭ بوۋام بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ماڭا بىر ئېغىزمۇ ئاشكارىلاشنى خالىمىدى!

لېكىن بوۋامنىڭ بۇنداق غايەت زور مۇناسىۋەت چەمبىرىكىنى پۈتۈن جەمەتىمىزدىكىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈردى دېيىشكە بولاتتى. ھاممامنىڭ سىرتتىكى سودىسى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق ئىدى، بىر قېتىم ھاممام يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بىر ماشىنا مالنى يىتتۈرۈپ قويغاندا، ساقچىلار بىر كۈندىلا ئۇ ماشىنىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئەكىلىپ بەردى. ھەتتا مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە نەچچە ئون نومۇر كەملەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئارزۇيۇم بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم.

مەن 12 ياشقا كىرگەن يىلى ناھىيە بازىرىدا بىر چوڭ يول ياسىماقچى بولدى، بۇ يول دەل بىزنىڭ سۇڭ ئائىلىسىنىڭ كونا ئۆيىدىن ئۆتەتتى. ئەتراپتىكى قوشنىلار چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ قاتتىق-يۇمشاق ۋاستىلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈپ كەتتى. پەقەت بوۋاملا ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان كونا ئۆيدىن ۋاز كېچىشنى خالىماي، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ «جاھىل ئائىلە» بولماقچى بولدى. ئەلۋەتتە بۇ يول قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپمۇ ئۇنداق يۇمشاقباشلاردىن ئەمەستە، ئۆي ئۆرۈشتە ئىشلىتىدىغان ماشىنىدىن ئىككىنى ھەيدەپ كېلىپ، بىۋاستە بىر تېمىمىزنى ئۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى ئىپادىلىدى. ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرگەندە مەن قورقۇپ يىغلاپ كەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىم. لېكىن بوۋام يېنىك ئۇھ تارتىپ قويغاندىن كېيىن، تېلېفوننى ئېلىپ بىر نومۇرغا تېلېفون قىلدى ۋە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. كىم بىلسۇن، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا ئىككى ماشىنا ئالدىراپ كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىسى ئەتىگەندە، نۇرغۇن رەھبەرلەر ۋە ھېلىقى ھۆددىگەر ئۆزى بوۋامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ناماقۇل بولدى ۋە يېنىدىن يۈز تۇرانە 100 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، گۇناھىنى تىلىدى. بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىدا ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن غايەت زور پۇل بولسىمۇ، بىراق بوۋام قولىنى يېنىك پۇلاڭلىتىپلا، ئۇنىڭ بۇ كۆڭلىنى رەت قىلدى. چوڭ يول ئەلۋەتتە داۋاملىق ياسالدى، پەقەت بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا بىر چوڭ ئەگمە پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ ئىش شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ گۆدەك قەلبىمگە كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان ۋە بوۋامنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كارامەت ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغان ئىدىم.

15 ياشقا كىرگەن يىلىم، بىر قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن كونا ئۆيدىكى ساندۇقتىن ئىككى پارچە ئەسكى كىتابنى ئاختۇرۇپ تاپتىم. بۇنىڭ بىرى  «ناھەقچىلىكنى يۇيۇش خاتىرە توپلىمى» ناملىق كىتاب بولۇپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، چۈنيۇنىڭ يەتتىنچى يىلى سۇڭ سى ئىسىملىك بىر ئادەم يازغان ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى «جازاغا ھۆكۈم قىلىش» بولۇپ، ئۈستىدە ئاپتورى خاتىرىلەنمىگەن ئىدى. ئەينى چاغدىكى كىلاسسىك ئەدەبىياتقا بولغان سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ئىككى قەدىمىي كىتابنى كۆرۈپ چۈشىنىشتە ھەقىقەتەن بەك قىينالغان، پەقەت ئىككى كىتابقا سىزىلغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرۇلما خەرىتىسى، جەسەتنى تەكشۈرۈش دېگەندەك نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلىگەن ئىدىم.  نېمىشقىكىن، بۇ ئىككى كىتاب ماڭا ئاجايىپ بىر خىل سېھرىي كۈچ ئاتا قىلدى، ۋاراقلاپ كۆرگەندىن كېيىن زادىلا ئۆزۈمنى تارتالمىدىم ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ بوۋامدىن يوشۇرۇپ، ھەجىلەپ يۈرۈپ دېگۈدەك بۇ ئىككى چۈشىنىكسىز قەدىمىي كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.

بۇ ئىككى كىتاب ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇددى بىر يېڭى دۇنيانىڭ دەرۋازىسىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، گەرچە كىتابتا تىلغا ئېلىنغانلىرى قەدىمكى زاماندىكى مەخسۇس جەسەتنى تەكشۈرۈپ دېلو پاش قىلىش ۋە يىپ ئۇچى ئىزدەشكە ئائىت بايانلار بولسىمۇ، لېكىن مەن ئازراقمۇ قورقۇنچلۇق ھېس قىلمىدىم، ئەكسىچە يېڭىلىق، قىزىقارلىق ۋە ئىنتايىن رىقابەتكە تولغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم.

16ياشقا كىرگەن يىلىمدا ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. شۇ چاغدا تومۇز كۈنلىرى بولۇپ، بوۋامنىڭ ئەتىگەندىلا بىر ئىشى چىقىپ قېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى، يازلىق تەتىل بولغاچقا ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ، بىر تال بامبۇك تاياق بىلەن دەرەخ ئۈستىدىكى تومۇزغىنى تۇتۇپ ئويناۋاتسام، توساتتىن بىر قارا رەڭلىك جېدا ماركىلىق پىكاپ جىددىي تورمۇز قىلىپ، سۇڭ ئائىلىمىزنىڭ كونا ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئارقىدىن ماشىنىدىن بەستلىك بىر ئادەم چۈشكەن بولۇپ، چاسا يۈز، قاشلىرى قويۇق، كۆزلىرى يوغان، تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ كۈل رەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭگە كىرىپ قالغان بۇ ئادەم ھاپىلا-شاپىلا ھويلىغا كىرىپ كەلدى. مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىم بوۋامنى ئىزدەپ كەلگەن ساقچى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇنىڭ فامىلىسى سۈن ئىدى.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章