بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ
ئاپتورى: لاۋ مو
124-باب: گۇەن مۇ، قايتىپ كېلىڭ!
106 | 105 | 104 | 103 | 102 |
111 | 110 | 109 | 108 | 107 |
117 | 116 | 115 | 114 | 113 |
122 | 121 | 120 | 119 | 118 |
123 |
ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (123): رەشىك ئوتى
سۇ چىڭ تېلېفوننى قويغانچە ئولتۇراق رايوننىڭ سىرتىغا قاراپ يۈگۈردى.
ئولتۇراق رايوندىن يۈگۈرۈپ چىققاندا، سۇ چىڭ تەقەززالىق بىلەن ئەتراپقا قارىدى، لېكىن بىرمۇ تاكسىمۇ كۆرۈنمىدى، ئۇ ئىختىيارسىز پۇتى كۆيگەن توخۇدەك جىددىيلىشىپ كەتتى، كۆڭلىدە: «ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ سۇ زىغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، يۆيۆ شۇنچە كىچىك تۇرسا، ناۋادا دەرياغا سەكرىۋالسا، قۇتقۇزۇپ قېلىش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس بولمامدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى.
بۇ چاغدا، سۇ چىڭ لىن فېڭنىڭ ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ھېلىقى قارا رەڭلىك بىېنتېلىنىڭ ئولتۇراق رايوننىڭ بىر تەرىپىدە توختىغانلىقىنى كۆردى.
سۇ چىڭ ئارتۇق ئىشنى ئويلاشماي، دەرھال يۈگۈرگىنىچە ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ماشىنىغا چىقتى.
شۇ تاپتا، شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان گۇەن مۇ سۇ چىڭنىڭ تۇيۇقسىز ماشىنىغا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھاڭۋېقىپ قالدى.
-دەرھال مېنى دەريا بويى باغچىسىدىكى چوڭ كۆۋرۈككە ئاپىرىپ قويۇڭ،-دېدى سۇ چىڭ ئۇدۇللا.
بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گۇەن مۇ ئۇنىڭ سەل باشقىچە بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، بىراق، بايىقى ئوت تېخى يانمىغاچقا، سوغۇق ئاۋازدا:
-مەن يا سىزنىڭ شوپۇرىڭىز بولمىسام، نېمىشقا سىزنى ئاپىرىپ قويغىدەكمەن؟-دېدى.
سۇ چىڭ شۇ تاپتا بۇ ئاداۋەت ساقلايدىغان ئەرنى چايناپ پۈركىۋەتكۈدەك بولۇپ كېتىپ باراتتى. لېكىن ھازىر نېمىلا دېگەن بىلەن جىددىي پەيت، شۇڭا ئۇ ئۆتۈنۈش نەزىرىدە گۇەن مۇغا قارىدى.
-مېنىڭ جىددىي ئىشىم بار ئىدى، دەرھال دەريا بويى باغچىسىغا بىر قېتىم بېرىشىم كېرەك.
-ئۇ دېگەن سىزنىڭ ئىشىڭىز، مەن يەنە ئۇچرىشىشقا بارىمەن.
گۇەن مۇ ئاجىزلاپ كەتكەن سۇ چىڭغا قاراپ قويدى، گۇەن مۇنىڭ كۆڭلى يۇمشاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا راست گېپىنى دېمىدى.
سۇ چىڭ سۇ زى بىلەن يۆيۆنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر ۋاقىت خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپ، تەبىئىيلا گۇەن مۇغا ئاچچىقلىنىشنى ئويلاشماي، جىددىيلەشكەن ھالدا قولىنى سوزۇپ گۇەن مۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا:
-سىڭلىم بالىسىنى كۆتۈرۈپ دەرياغا سەكرىمەكچى بوپتۇ، دەرھال مېنى ئاپىرىپ قويسىڭىز،-دېدى.
بۇ چاغدا، سۇ چىڭ تىت-تىت بولغىنىدىن يىغلاپ كەتتى.
گەرچە بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، سۇ زى ئۇنى ئۆز ئاچىسى دەپ قارىمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى كۆپ قېتىم ئىزدەپ ئاۋارە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىق ھېسسىياتى ئاساسەن يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قان بىلەن گۆشتەك قويۇق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، سۇ چىڭ شۇ تاپتا يۈرىكىنىڭ قاتتىق سوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەندىشە ۋە قورقۇنچقا تولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گۇەن مۇ دەرھال ماتورنى ئوت ئالدۇرۇپ، ماي كلاپانىنى بىر دەسسىۋىدى، ماشىنا ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.
بۇ چاغدا، ماشىنىنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇرغان لىن فېڭ ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى، ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى ئىككى ئادەمگە قالدۇرۇپ قويماقچى بولغانىدى، لېكىن ئۇ ئىككىسى ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ، ئۇنى تاشلاپ قويدى.
ماشىنا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى، كۈن ئاللىقاچان خىرەلەشكەنىدى، بۇ دەل قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى ئىدى، بىراق گۇەن مۇ ئايىغى ئاستىدىكى ماي كلاپانىنى ئىزچىل قاتتىق دەسسىدى.
ئۇ پات-پات بېشىنى بۇراپ ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان سۇچىڭغا قاراپ قوياتتى، ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، ئىككى قولى جىددىيلەشكەن ھالدا چىرمىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆز چاناقلىرىدىكى ياش تامچىلىرى توختىماي ئېقىپ تۇراتتى.
-سىڭلىڭىز نېمە ئۈچۈن دەرياغا سەكرىمەكچى بوپتۇ؟
گۇەن مۇ بىر تەرەپتىن ماشىنا ھەيدەپ بىر تەرەپتىن قاپىقىنى تۈرۈپ سورىدى.
سۇ چىڭ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي، مۇنداقلا:
-مەسئۇلىيەتسىز ئەرگە يولۇققاچقا،-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇەن مۇ بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن:
-ئۇنداق بولغان ھالەتتىمۇ بالىنى قۇچاقلاپ دەرياغا سەكرەشكە بولمايدۇ-دە؛ ئۇ ئانا بولۇشقا پەقەت ماس كەلمەيدىكەن،-دېدى.
گەرچە شۇ تاپتا سۇ چىڭنىڭ كۆڭلىدە گۇەن مۇغا ئوخشاش ئوي بولسىمۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بالىدا خاتالىق يوق، سۇ زى ھەر قانچە چوڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ھالەتتىمۇ، ئۇ بالىنىڭ ھاياتىغا چاقچاق قىلسا بولمايتتى!
سۇ چىڭ يۆيۆنى بىردىنلا بىچارە ھېس قىلىپ قالدى. ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ھەر كۈنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇرۇشۇپ، ئۆزىنى سەرسان-سەرگەردان تۇرمۇشقا قويغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدىكەن، ھازىر سۇ زى بالىسىنى كۆتۈرۈپ دەرياغا سەكرىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى، ئەگەر سۇ زى ھازىر بۇ يەردە بولغان بولسا، سۇ چىڭ ئۇنىڭ كاچىتىغا نەچچىنى ئۇرۇۋەتكەن بولاتتى.
-گۇەن مۇ، تېز ھەيدەڭ بولامدۇ؟
گەرچە گۇەن مۇنىڭ ماشىنىنى ناھايىتى تېز ھەيدەۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن سۇ چىڭ يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ۋارقىرىدى.
گۇەن مۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلەتتى.
ماشىنا دەريا بويىغا جايلاشقان باغچىدىكى چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا توختىدى، سۇ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، چوڭ كۆۋرۈككە نۇرغۇن ئادەمنىڭ توپلانغانلىقىنى كۆردى.
كېيىنكى دەقىقىدە، سۇ چىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ماشىنىدىن چۈشتى.
-مەن سىز بىلەن بىللە باراي.
گۇەن مۇمۇ ئالدىراپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
-ھاجىتى يوق، ئۇچرىشىشىڭىزغا دەخلى قىلماي، سىز كېتىڭ، مېنى ئەكىلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!
سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ كەينىگە قاراپمۇ قويماي چوڭ كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گۇەن مۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. كۆڭلىدە بايا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدى، بىراق يەنىلا ماشىنىدىن چۈشۈپ، سۇ چىڭنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ تېز قەدەم بىلەن كۆۋرۈككە قاراپ ماڭدى.
سۇ چىڭ كىشىلەر توپىغا قىسىلىپ كىرىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، ئۇزۇن كۆۋرۈك ئاسماننى قاپلىغان شەپەق ئاستىدا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرۈنەتتى، لېكىن رېشاتكىدا بىر ياش قىز ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ قۇچىقىدا يىغلاپ قورقۇپ كەتكەن بىر كىچىك قىز بار ئىدى.
-چىڭچىڭ، سەن دەرھال ئازىغا نەسىھەت قىل، ئۇ سەكرىمىسۇن، يۆيۆ قورقۇپ كەتتى…
كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان چۇ فېن بۇ چاغدا سۇ چىڭنىڭ كىيىمىنى تۇتۇۋالدى، بەلكىم بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، شۇڭا قولى بەكلا كۈچەپ كەتكەنىدى.
سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، كۆۋرۈك يېنىدا تۇرۇپ سۇ زىغا نەسىھەت قىلىۋاتقان جېڭ خاۋرەنگە قاراپ قويدى، يەنە كۆۋرۈك يېنىدا تۇرغان سۇ جيەنچياڭغا قاراپ قويۇپ، كۆڭلىدە: «چوقۇم ئۇ سۇ زىغا ئەقىل كۆرسەتتى، سۇ زى كىچىكىدىن تارتىپلا ئېگىزدىن قورقاتتى، بولمىسا ئۇ بۇنداق ئېگىزگە يامىشىپ دەرياغا سەكرەشكە ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايتتى» دەپ ئويلىدى.
-سۇ زى، سىز ئاۋۋال چۈشۈڭ، ماقۇلمۇ؟
ئېنىقكى، جېڭ خاۋرەننىڭ يۈرىكى لەختە بولۇپ كەتكەن بولۇپ، جىددىيلەشكەن ھالدا سۇ زى بىلەن يۆيۆگە تىكىلىپ تۇراتتى.
-پەقەت سىز مەن بىلەن ئاجراشماسلىققا ماقۇل بولسىڭىزلا، كېيىن مەن بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز، مەن يۆيۆنى ئېلىپ چۈشىمەن،-دېدى سۇ زى قەتئىيلىك بىلەن.
سۇ زى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپكە جېڭ خاۋرەن قوشۇلمايتتى، ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
-سۇ زى، سىزنىڭچە بىز بىللە بولساق بەختلىك بولالامدۇق؟ بىز توي قىلغىلى نەچچە يىل بولدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ باقتىمۇ؟-دەپ سورىدى.
بۇ دەقىقىدە، سۇزى جاۋاب بەرمىدى.
جېڭ خاۋرەن يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:
-بىز بىللە بولساق بەختلىك بولالمايمىز، سىز نېمىشقا ئۆزىڭىزنى ماڭا باغلىۋالماقچى بولىسىز؟ يۆيۆنى ئېلىپ چۈشسىڭىزلا ھەر قانداق شەرتىڭىزگە قوشۇلىمەن. مەن ھازىر ئولتۇرۋاتقان ئۆينى سىزنىڭ نامىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرەي، ھەر ئايلىق بېقىش خىراجىتىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بۇيىچە بېرەي. مەن پەقەت ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت بىر قېتىم كېلىدۇ يەنە يۆيۆمۇ بار، ئۇ دېگەن سىزنىڭ ئۆز قىزىڭىز، قاراڭ، ئۇ ھازىر بەكلا قورقۇپ كەتتى، سىز بالىنىڭ قورقۇپ تۇرۇشىغا چىداپ تۇرماقچىمۇ؟
جېڭ خاۋرەننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سۇ زى ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ قورققىنىدىن تاتىرىپ كەتكەن قىزىغا قارىدى، ئۇ ھازىر يىغلاپ، ئاۋازىمۇ پۈتۈپ قالغانىدى.
سۇ زىنىڭ ئىچ ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جېڭ خاۋرەن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالدىغا باردى.
-سۇ زى، يۆيۆنى ماڭا بېرىڭ.
بۇ چاغدا، سۇ چىڭ قاتارلىقلار «ئۇھ »تارتىپ قويۇپ، جېڭ خاۋرەننى سۇ زىنى قايىل قىلدى دەپ قارىغانىدى.
بىراق، جېڭ خاۋرەن يۆيۆنىڭ قولىنى تۇتماقچى بولغاندا، سۇ زى يۆيۆنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالدى ھەم كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا بىر قەدەم يېقىنلاشتى، يەنە كەينىگە ئازراق ماڭسا، ئۇ يۆيۆ بىلەن دەرياغا چۈشۈپ كېتەتتى.
سۇ زىنىڭ ھەرىكىتى ئەتراپتىكىلەرنى چىرقىرىتىۋەتتى، سۇ چىڭنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالدى!
-ماڭا ماقۇل بولمىسىڭىز، مەن ھازىرلا يۆيۆنى قۇچاقلاپ سەكرەيمەن!
سۇ زى جېڭ خاۋرەنگە قاراپ ۋارقىرىدى.
-نېمىشقا مېنى زورلايسىز؟
جېڭ خاۋرەننىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ، مۇشتۇمى تۈگۈلۈپ كەتكەنىدى.
شۇ تاپتا، چۇ فېن قورققىنىدىن يەردە ئولتۇرۇپ قالدى.
سۇ جيەنچياڭ شۇ تاپتا قۇرۇق گەپ سېتىپ، سۇ زىنىڭ قۇچىقىدىكى يۆيۆنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ گەپ قاتتى:
-جېڭ خاۋرەن، ئۇ دېگەن سىزنىڭ ئۆز پۇشتىڭىز، ئەمدىلا ئىككى ياشتىن ئاشقان، يولۋاس جېنىدا بالىسىنى يېمەيدۇ، سىز راستىنلا بالىڭىزنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرماقچىمۇ؟
سۇ چىڭ سۇ جيەنچاڭنىڭ ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، غەزەپلەنگەن ھالدا ئالدىغا بېرىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى.
-ئىككى ئېغىز گەپنى ئاز قىل!
-مەن راست گەپ قىلغان تۇرسام،-دېدى سۇ جيەنچاڭ غۇدىراپ.
سۇ چىڭ رېشاتكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇشىغا، سۇ زى ئۇنى كۆرسىتىپ:
-يېقىن كەلمە!-دەپ ۋارقىرىدى.
شۇ تاپتا سۇ زىنىڭ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ دەرھال قەدىمىنى توختاتتى:
-بولىدۇ، مەن بارمايمەن، ئازى، سەن ئۆزۈڭ ۋە بالاڭنىڭ ھاياتىغا چاقچاق قىلما. يۆ يۆ تېخى كىچىك، ئۇ ھەرقانداق كېلىشمەسلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
-بۇ يەردە تولا ياسالمىلىق قىلما، سەن بولمىغان بولساڭ يۆيۆ ئىككىمىز قانداق بولۇپ ئۆي-ماكانسىز قالغان بولاتتۇق؟ نېمىشقا ھازىرقىدەك بۇنداق ئېچىنىشلىق كۈنگە چۈشۈپ قالاتتۇق؟
سۇ زىنىڭ كۆزلىرىدىن سۇ چىڭغا بولغان نەپرىتى تېشىپ تۇاتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى.
سۇ زى يەنىلا جېڭ خاۋرەن ئىككىسىنىڭ تويىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايتتى، بەلكىم ئۆزى نەسىھەت قىلغانسېرى ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇ يەنىلا ئاغزىنى يۇمۇشنى تاللىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، سۇ چىڭ جېڭ خاۋرەنگە كۆز ئىشارىسى قىلىپ، پەقەت ئىككىسىلا ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازدا گەپ قىلدى:
-سىز ھازىر ئۇنىڭغا ماقۇل بولسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ ئالدى بىلەن ئۇنى ۋە يۆيۆنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن بىر گەپ بولمىسۇنمۇ؟
سۇ چىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، جېڭ خاۋرەن قوشۇمىسىنى تۈردى.
ئۇ بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى، شۇنداقلا ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيدىغان ئادەم، بىراق بۇ قېتىم ئۇ قىزىنىڭ ھاياتى ئالدىدا ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىدى.
كېيىنكى دەقىقىدە، جېڭ خاۋرەن ئەمدىلا گەپ قىلماقچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن سۇ زى:
-جېڭ خاۋرەن، مەن سىزنىڭ گېپىڭىزدە تۇرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، سىزنىڭ گېپىڭىز چوقۇم ھېساب، شۇڭا بۈگۈن سىز يالغان گەپ بىلەن مېنى ئالدىسىڭىز مەنمۇ قورقمايمەن، بۇ قېتىم ئۆلەلمىسەم، كېلەر قېتىم يۆيۆنى قۇچاقلاپ بىللە ئۆلىمەن، بىراق كېلەر قېتىم دەرياغا سەكرىمەيمەن، بىز ماشىنىغا ئۆزىمىزنى ئېتىپ، رېلىستا يېتىپ، بىنادىن سەكرىسەك بولىدۇ، ھا ھا ھا… ئۆلۈشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ، ئۆلۈشنى ئويلايدىغان نىيەت بولسىلا، ئۆلەلمەسلىكتىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق!
سۇ زىنىڭ سوغۇق كۈلكىسى خۇددى جاننى ئالغۇچى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندەك ئادەمنى شۈركۈندىرەتتى.
جېڭ خاۋرەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ قالدى، دېمەكچى بولغان گېپى ھەقىقەتەن گېلىغا تۇرۇپ قالدى.
سۇ چىڭ بولسا شۇ تاپتا سەل ساراڭ بولۇپ قالغان سۇ زىغا قاراپ، ئىنتايىن ئازابلاندى ۋە كۆڭلى يېرىم بولدى، ئۇ نېمىشقا بۇنداق بولۇپ قالدى؟
ئۇنىڭ ئىچى تار، باغرى تاش بولۇپلا قالماي، ھازىر ئۆزىنىڭ ۋە يۆيۆنىڭ ھاياتىنىمۇ بالىلار ئويۇنى قاتارىدا كۆرۈۋاتاتتى.
جېڭ خاۋرەننىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن سۇ زى سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
-ھىم، مەن سىزنىڭ مېنى ئالدىماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم!
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە سۇ چىڭغا قولىنى تەڭلىدى:
-ھەممىنى سەن ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويدۇڭ، توغرىمۇ؟ بولىدۇ، جېڭ خاۋرەن، قەلبىڭىزدە يۆيۆ ئىككىمىزگە ئازراقمۇ ئورۇن يوقلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنداقتا مەن سىزنى بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالدۇرىمەن!
سۇ زى گېپىنى تۈگىتىپ، يۆيۆنى قۇچاقلاپ كەينىدىكى دەريا سۈيىگە سەكرەپ چۈشتى.
-ئاھ….
سۇ زىنىڭ يۆيۆنى قۇچاقلاپ سەكرىگىنىنى كۆرۈپ، چۇ فېن نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتتى.
سۇ چىڭ يا ئاپىسىغا يا سىڭلىسىغا قاراشنى بىلەلمەي، تىت-تىت بولۇپ، ئىككى پۇتى بوشىشىپ كەتتى، بولۇپمۇ سۇ زى بىلەن يۆيۆنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە سەكرەپ چۈشكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە دەريا سۈيىگە غەرق بولىدىغانلىقىنى، ھايات قېلىشىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى ھېس قىلىپ، يۈرىكى ئاغرىپ كەتى.
بۇ چاغدا جېڭ خاۋرەن دەرياغا سەكرىمەكچى بولغاندا، جېڭ خاۋرەن بىلەن بىللە كەلگەن دوستلىرى ئۇنى تارتىۋالدى.
-سەن يا سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسەڭ، ئۇنى قانداق قۇتقۇزىسەن؟
-كىم سۇ ئۈزەلەيدۇ؟
-قۇتقۇزۇڭلار!
سۇ چىڭ ئەتراپتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى ئۇرغۇزدى، ئاندىن رېشاتكىنىڭ ئالدىغا يامىشىپ چىقىپ ۋارقىرىدى.
بىراق كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەس-مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتى.
-دەريا سۈيى بەك شىددەتلىك، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر ئەمەسلەر سۇغا سەكرىسە ئادەم قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆزىنىڭ جېنىنىمۇ ساقلاپ قالالماسلىقى مۇمكىن!
شۇڭا نەق مەيداندىكى سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغان كىشىلەر سۇغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا جۈرئەت قىلالماي، 119 غا تېلېفون قىلىپ قۇتقۇزۇشقا چاقىردى.
بىراق كەسپىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كېلىشىنى ئون مىنۇت ساقلىغان ھالەتتە، دەريادا تىركىشىۋاتقان ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ جېنىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى.
-ئازى، يۆيۆ…
سۇ چىڭ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، بۇ ئىككى جانلىق ھاياتنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا غايىب بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالغاندا، بىر ئادەمنىڭ سايىسى كىشىلەر توپىغا قىسىلىپ كىرىپ، جىددىي ھالدا بوينىدىكى گالىستۇكنى ئېلىۋېتىپ، پۇتىدىكى خۇرۇم ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، ئاندىن رېشاتكىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا سەكرىمەكچى بولغاندا، سۇ چىڭ جىددىيلىشىپ ۋارقىرىدى.
-گۇەن مۇ؟ سىز سۇ ئۈزۈشنى بىلەمسىز؟
سۇ چىڭ گۇەن مۇنىڭ سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزىدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى، ئۇ چوقۇم سۇ ئۈزەلەيتتى، لېكىن ئۇ راستىنلا ئۇنىڭ سۇ ئۈزۈش ماھارىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيتتى، ئاستىدىكى دەريا سۈيى بەك شىددەتلىك، ئۇ راستىنلا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتى، ئەگەر ئۇلارنى قۇتقۇزالمىسا، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى.
سۇ چىڭنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، گۇەن مۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى، چىرايىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى، ئاندىن تەسەللى بېرىپ:
-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئالىي مەكتەپتە سۇ ئۈزۈش چېمپىيونى بولغان،-دېدى.
گۇەن مۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپلا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە سەكرەپ چۈشتى.
-گۇەن مۇ!!!
سۇ چىڭ كۆۋرۈكنىڭ رېشاتكىسىنى تۇتۇپ، ئازابلانغان ھالدا ۋارقىرىدى.
كۆپچىلىكنىڭ كۆزى دەريادا كۈچەپ ئۈزۈپ يۈرگەن گۇەن مۇغا تىكىلدى، ھەممەيلەننىۇ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغانىدى.
ناھايىتى تېزلا گۇەن مۇ يۆيۆنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئۇ كۈچلۈك بىلىكى بىلەن يۆيۆنى كۆتۈرۈپ قىرغاققا قاراپ ئۈزدى.
بۇ چاغدا، كۆپچىلىك قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، گۇەن مۇنى بىر قەھرىمان دەپ قارىدى.
جېڭ خاۋرەن بىلەن سۇ چىڭ دەرھال قىرغاققا يۈگۈرۈپ باردى، قىرغاقتا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر گۇەن مۇنىڭ قولىدىن يۆيۆنى ئېلىۋالدى.
يۆيۆنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھايات ئىدى، ئىككى قېتىم يۆتىلىپ، بىر نەچچە يۇتۇم سۇنى ياندۇردى.
گۇەن مۇ يۆيۆگە بىر قاراپ قويۇپلا، ئاندىن بۇرۇلۇپ يەنە دەرياغا قاراپ ئۈزۈپ كەتتى.
سۇ چىڭ يۆيۆنىڭ دۈمبىسىگە ئىككىنى شاپىلاقلاپ قويدى، ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىپ بولغان گۇەن مۇغا قارىدى، ئۇ ئىنتايىن قورققان ھالدا دەرياغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ، ئۇنىڭ قارىسىغا قاراپ:
-گۇەن مۇ، سىڭلىمنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىڭ!-دېدى.
بۇ چاغدا، سۇ زىنىڭ يۆيۆنى قۇچاقلاپ دەرياغا سەكرىگىنىگە تەخمىنەن 10 مىنۇت بولغان ئىدى، سۇ زى سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتى، ھازىر ئەھۋال ھەقىقەتەن خەتەرلىك بولۇپ، سۇ زىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى.
سۇ چىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا تۇرغان گۇەن مۇ بېشىنى بۇرىدى ھەمدە ئوڭ بىلىكىنى چىقىرىپ، بارمىقىنى ئىشارەت قىلدى.
بۇ قول ئىشارىتىنى كۆرۈپ سۇ چىڭ سەل خاتىرجەم بولدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ماقۇل بولسىلا، چوقۇم قىلالايتتى، بۇ جەھەتتە ئۇ يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى.
ئۇ ھازىر ئۇ نېمىلا دېسە ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئەجەبا بۇ ھازىر ئۇ جاننى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان ئۈمىدكە ئايلانغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
سۇ چىڭ ئۆزىمۇ ئېنىق دەپ بېرەلمىدى، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدى.
-دىققەت قىلىڭ!
سۇ چىڭ دەريا سۈيىگە قاراپ ۋارقىرىدى.
تەخمىنەن ئون نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، سۇ چىڭ ئاخىرى گۇەن مۇنىڭ قولىدا بىر ئادەمنى سۈرەپ دېگۈدەك يىراقتىن ئۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئۇنىڭ ئاخىرى سۇ زىنى قۇتقۇزۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ ھاياجانلىنىپ، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.
بۇ چاغدا، ئىككى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلدى.
بىرى ھوشىدىن كەتكەن چۇفېن بىلەن يۆيۆنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقتى.
يەنە بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسى قىرغاقتا بۇيرۇق كۈتۈپ، قىرغاققا چىقماقچى بولغان ئادەمنى ساقلاۋاتاتتى.
گۇەن مۇ ناھايىتى تېزلا سۇ زىنى قىرغاققا ئىتتىرىپ چىقاردى، سۇ چىڭ يۆتىلىۋاتقان سۇ زىغا قاراپ، ئۇنىڭدا چوڭ چاتاق يوقلىقىنى بىلدى، ئاندىن نەزىرى گۇەن مۇغا چۈشتى، ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن بولۇپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
قىرغاقتىكىلەر ئۇنى تارتىپ چىقارماقچى بولۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر دولقۇن كېلىپ، ئۇنى يەنە دەرياغا ئىتتىرىۋەتتى، ئۇنىڭ بەدىنى دەريادا ئايلىنىپ، سۇدا ئوڭدىسىغا ياتاتتى، بايا دەريا سۈيىدە ماھىرلىق بىلەن ئۈزۈپ يۈرگەن ھېلىقى ئادەم يوقاپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئۇمۇ دەريا سۈيىدە تىركىشىپ قالدى.
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن سۇ چىڭ گۇەن مۇغا قاراپ ئالاقزادە بولۇپ:
-گۇەن مۇ، تېز چىقىڭ، قىرغاققا چىقىڭ،-دەپ ۋارقىرىدى.
بىراق، شۇ دەقىقىدە سۇ چىڭنىڭ كۆزلىرىگە نەزىرى چۈشكەن گۇەن مۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇ بېشىنى چايقىدى، خۇددى ئامالسىز قالغاندەك قىلاتتى!
-ئادەم بارمۇ، تېز قۇتقۇزۇڭلار، ئۇنىڭ كۈچى قالمىدى!
سۇ چىڭ بۇرۇلۇپ دەريا بويىدىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ ۋارقىرىدى.
گۇەن مۇنى دەريا سۈيى ئىتتىرىپ بارغانسېرى يىراقلاپ، ئاستا-ئاستا پەقەت بېشىلا چىقىپ قالدى.
سۇ چىڭ ئارقىسىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تايانچىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى.
كۆڭلىدىكى ۋەھىمە خۇددى چەكسىز دېڭىز تاشقىنىدەك ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى.
ياق!
بولمايدۇ، ئۇ گۇەن مۇنىڭ ھەر قانداق ئىش قىلىشىغا يول قويمايدۇ، ئۇنىڭغا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ، دۇڭدۇڭ بىلەن چۈنچۈنگىمۇ دادىسى بولمىسا بولمايدۇ!
كېيىنكى دەقىقىدە سۇ چىڭ ساراڭلارچە دەرياغا قاراپ يۈگۈردى ھەمدە بىر تەرەپتىن يۈگۈرۈپ بىر تەرەپتىن يىغلىدى:
-گۇەن مۇ، قايتىپ كېلىڭ!
دوختۇرنىڭ سۇ زىنى قۇتقۇزۇشىغا قاراپ تۇرغان جېڭ خاۋرەن سۇ چىڭنىڭ ئەخمىقانە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئالدىغا بېرىپ، بىر نەچچە قەدەم مېڭىپلا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى.
بۇ چاغدا دەريا سۈيى جېڭ خاۋرەن بىلەن سۇ چىڭنىڭ بېلىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ چىڭ ئازراقمۇ قورقمىدى، گەرچە ئۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمدى گۇەن مۇنى كۆرەلمەسلىكتىن بەكرەك قورقۇپ كەتكەنىدى.
-سۇ چىڭ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئەخمىقانە ئىش قىلماڭ!
جېڭ خاۋرەن سۇ چىڭنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى.
-مېنى قويىۋېتىڭ!
سۇ چىڭ بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن جان تالاشتى.
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:125-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار