بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل
(رومان)
ئاپتورى: مۇ رېن
279 | 278 | 277 | ||
280 |
(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)
ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل (280): ئائىلىڭىزگە قايتىڭ
3-بۆلۈم 123-باب: ماڭا ئىشىنەمسىز؟
ۋۇ بو ھېساباتنى قىلىپ بولۇپ، لىفىتقا ئولتۇرۇپ پەسكە چۈشكەندە، شياۋ لەن كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇنىڭ كېتىپ بولغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ، چۈشكۈن ھالدا ئۆزىنىڭ ئاۋدى ماشىنىسىنى ھەيدەپ تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسىدىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتتى.
ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ، مېھمانخانىغا كىرگەندە، چېن بىڭ مېھمانخانىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ، تېلېۋىزور كۆرگەچ ئۇنى ساقلاۋاتاتتى. ۋۇ بو چېن بىڭنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى.
-شياۋشى قېنى؟
-ئۇ ئۇخلاپ قالدى!-دەپ جاۋاب بەردى چېن بىڭ.
-ئۇ قايسى ياتاقتا ياتتى؟
-شياۋشى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككىنچى ياتاق ئۆيگە بېرىپ، ئاساسىي ياتاق ئۆينى بىزگە قالدۇرۇپ قويدى،-دېدى چېن بىڭ چۈشەندۈرۈپ.
-بوپتۇ ئەمىسە، كەچ بولۇپ كەتتى، بالدۇرراق ئۇخلايلى!-دېدى ۋۇ بو ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ.
چېن بىڭ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئاندىن ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ۋۇ بوغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
-ئېرىم، ماڭا ئىشىنىڭ، مەن راستتىنلا سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلمىدىم، سىز مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ...
تولۇق دەلىل-ئىسپات تېپىلىشتىن بۇرۇن، ۋۇ بو چېن بىڭدىن يۈز ئۆرۈشنى خالىماي، چىرايىنى ئۆزگەرتمەي ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى.
-بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق بولغاندىكىن، بۇرۇنقى ئىشلارنى دېيىشمەيلى، ئەتە شياۋشىنى يەنىلا نەۋرە ئاچامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭ، ئۇ شياۋشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسۇن، سىز ئادەتتىكىدەك دۇكانغا بېرىپ ئىشلەۋېرىڭ!
-بىراق...
چېن بىڭ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدى. بىراق ۋۇ بو ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى.
-بولدى، مۇشۇنداق بېكىتتۇق، ھېرىپ كەتتىم، بۇلارنى دېيىشكۈم يوق، يۇيۇنۇپ ئۇخلايلى!
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ئاساسىي ياتاق ئۆيگە كىرىپ، ئالماشتۇرىدىغان كىيىملىرىنى ئېلىپ، مۇنچىغا كىردى. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋۇ بو ئاساسىي ياتاق ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، چېن بىڭ ئاساسىي ياتاق ئۆيدىكى چوڭ كارىۋاتتا مىدىر-سىدىر قىلماي ياتاتتى، ئۇنىڭ يۈزىگە ياش تامچىلىرى تولۇپ كەتكەنىدى.
ۋۇ بو چېن بىڭنىڭ ئۆزىنى سىرتتا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆزىمۇ ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ چۈشىنىشى ۋە كۆيۈنۈشىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىدى .
ۋۇ بو سەل چىدىيالماي قالدى، ھەم خىجىل بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوتقاننى ئېچىپ چېن بىڭنىڭ يېنىدا يېتىپ، ئۇنى يېنىك سىلاپ، سۆيۈپ قويدى.
چېن بىڭ يارىلانغان مۈشۈكئېيىققا ئوخشاش كۆزىنى يۇمۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ قۇچىقىغا قىستىلىپ، ئالقىنىنى ۋۇ بونىڭ كۆكرىكىگە قويدى. ۋۇ بو سەل تەسىرلىنىپ، ئۈن-تىنسىز بۇ گۈزەل مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلاندى. تۇيۇقسىز چېن بىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ ۋۇ بوغا قاراپ سورىدى.
-ئېرىم، ماڭا ئىشىنەمسىز؟
ۋۇ بو قولى بىلەن ئۇنىڭ مەڭزىنى يېپىۋالغان چېچىنى قايرىپ قويۇپ، ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا جاۋاب بەردى.
-سىز مېنىڭ خوتۇنۇم تۇرسىڭىز، سىزگە ئىشەنمىسەم كىمگە ئىشىنىمەن؟
چېن بىڭ گەپ قىلمىدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ ۋۇ بودىن سورىدى.
-كۆڭلىڭىزدە ئىزچىل تاۋ لىڭنى ياد ئېتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، شياۋ لەن تاۋ لىڭغا ئوپمۇ-ئوخشاش، ئەگەر سىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، شياۋ لەننى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
چېن بىڭ بۇ سوئالنى سورىغاندىن كېيىن، ۋۇ بونىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز ئاغرىشقا باشلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ شياۋ لەننىڭ كويىدا بولغان قىلمىشىنىڭ سەل نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنى ئاقلاپ جاۋاب بەردى.
-شياۋ لەن تاۋ لىڭنىڭ سىڭلىسى، مېنىڭ بۇرۇنقى قېيىنسىڭلىم، قىزىم شياۋشىنىڭ ھاممىسى تۇرسا، مەن قانداقسىگە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن؟
-ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭغا ئامراقمۇ؟
-ئامراق، بىراق بۇ پەقەت بىر خىل تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى ئامراقلىق، باشقا ھېسسىيات ئارىلاشمىغان،-دېدى ۋۇ بو چۈشەندۈرۈپ.
-ئۇنداقتا سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
چېن بىڭ يەنە سورىدى. ۋۇ بو ئۇنىڭ چاچلىرىنى يېنىك سىلاپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
-ئەخمەق، مەن سىزنى ياخشى كۆرمىسەم، كىمنى ياخشى كۆرىمەن؟
چېن بىڭ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ قالغاندەك گەپ قىلمىدى. بىر ھازا سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە سورىدى.
-مېنى ئىزچىل ياخشى كۆرەمسىز؟
ۋۇ بو ئۆزىنىڭ چېن بىڭنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ئىشلارنى يوشۇرۇنچە توپلىماقچى بولغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئامالسىز گەپ قىلالماي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. چېن بىڭ ئۆرۈلۈپ ۋۇ بوغا دۈمبىسىنى قىلىپ ياتتى.
ۋۇ بو خۇددى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك، ئۇنى كەينىدىن چىڭ قۇچاقلىدى. چېن بىڭ يېنىك تەلەپپۇزدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-بىلىمەن، سىز شياۋ لەننى ياخشى كۆرىسىز، بولمىسا ئۇنى تاۋ لىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپارمايتتىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز بىللە يۈرمەيتتىڭىز، ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، ماڭا دەڭ، مەن ئاجرىشىشقا ماقۇل بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىپ چىقىمەن!
ۋۇ بونىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ، ئۆزىنى ھايۋان دەپ تىللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى ئاقلىدى.
-مەن سىزگە چۈشەندۈرۈپ بولدۇم، بىز بۈگۈن كەچتە شىركەتنىڭ ھەمكارلىق ئىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاڭچېڭ مېھمانسارىيىنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ماشىنا بىلەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولدۇم، تۇڭلوۋەندىن ئۆتكەندە، سىزنىڭ ساۋ مىڭيى بىلەن بىللە بەزمىخانىغا كىرگىنىڭىزنى كۆرۈپ، ئاندىن كەينىڭلاردىن بىناغا چىققان.
-نەدىمۇ ئۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قالىدىغان ئىش بولسۇن؟
چېن بىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سورىدى.
-تاساددىپىيلىق كۆپىنچە ھالدا ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قالمىغان بولسا، مەن ساۋ مىڭيىنىڭ سىزنىڭ كويىڭىزدا بولىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟ ئەگەر مەن شىياۋ لەن بىلەن ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەن بولسام، سىز ئۇ قېرى ئەرنىڭ ئاياق ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىغان بولاتتىڭىز!
-قېنى ماڭا دەڭە، ليۇ شياۋيىڭ سىزنىڭ نەۋرە ئاچىڭىزمۇ ئەمەسمۇ؟
چېن بىڭ داۋاملىق سورىدى.
-ئۇ مېنىڭ نەۋرە ئاچام بولمسا كىم بولىدۇ؟ خوتۇن، مەن سىزنى ئالدىمىدىم، ليۇ شياۋيىڭ راستتىنلا مېنىڭ نەۋرە ئاچام، ئارىمىزدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت بولۇپ باقمىغان، مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم سىز، ئەگەر خالىسىڭىز، مەن سىزگە بىر ئۆمۈر ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن!-دېدى ۋۇ بو ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا.
-راست دەۋاتامسىز؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ ئۆرۈلۈپ ۋۇ بوغا قاراپ .
-ئەلۋەتتە!
ۋۇ بو يۈرىكى پوك-پوك ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى. ئالاقزادىلىك كەيپىياتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ۋۇ بو ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. چېن بىڭ ئىككى قولىنى سوزۇپ، ۋۇ بونىڭ بوينىدىن قۇچاقلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر-بىرىنى قىزغىن سۆيۈپ، كارىۋاتتا بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتتى.
...
ئەتىسى ئويغانغاندا تاڭ يورۇپ كەتكەن ئىدى. ۋۇ بو كۆزىنى ئېچىپ، يېنىدا ئۇخلاۋاتقان چېن بىڭنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. تۈنۈگۈن كەچتە ئۇلارغا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە، ۋۇ بو سەل ئالاقزادە بولۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئاساسىي ياتاق ئۆيدىن چىقىپ، ئاشخانىدىن قازان-قومۇچلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاماقنىڭ خۇش پۇرىقى مېھمانخانىنىڭ ھاۋاسىغا تارالغان ئىدى. ۋۇ بو ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، بىر قاراپلا چېن بىڭنىڭ پەرتۇق تاقاپ ئوچاق بېشىدا قورۇما قورۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. چېن بىڭ ۋۇ بونى كۆرۈپلا كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى.
-ئېرىم، ئويغاندىڭىزمۇ؟
-خوتۇن، نېمانداق بالدۇر تۇرۇۋالدىڭىز؟
چېن بىڭ قازاندىكى قورۇمىلارنى بىر تەرەپ قىلغاچ جاۋاب بەردى.
-سىز بۈگۈن ميەنچېڭغا ئىشقا بارماقچى ئىدىڭىزغۇ؟ مەن بالدۇرراق ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىزگە يەيدىغان نەرسە قىلىپ بېرەي دېدىم!
-بۇنىڭدىن كېيىن ميەنچېڭغا ئىشقا بارمايمەن، ئۆيدە قېلىپ سىزگە ياخشى قارايمەن، بولمىسا سىزنى باشقا ئەرلەر ئېلىپ قاچىدىغاندەك قىلىدۇ،-دېدى ۋۇ بو چاقچاق قىلىپ.
-نېمىشقا؟ ئەجىبا مېنى ئۆيدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شىركىتىڭلارنىڭ ميەنچېڭدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئىستېپا بەرمەكچى بولۇۋاتامسىز؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ۋۇ بوغا قاراپ.
بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 282-قىسىم