239-باب: قېرىنداشلىق مېھرى
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، مەن يەنە ئۆزۈم يالغۇز ئىشخانىدا خېلى ئۇزۇن بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتۇردۇم. چۈش سائەت 11 دىن ئاشقاندا، مەن ماشىنا ھەيدەپ پويىز ئىستانسىسىغا باردىم ۋە بالدۇرلا بېكەتتىن چىقىش ئېغىزىدا چياڭزىنىڭ دادىسى جاڭ جۈنيىنى ساقلاپ تۇردۇم. سائەت 12 دىن ئاشقاندا، چاچلىرى ئاقارغان، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن بىر بوۋاي بىر سومكىنى كۆتۈرگىنىچە چىقىش ئېغىزىدىن كىشىلەر توپىغا ئەگىشىپ چىقتى.
گەرچە بىر نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ، بىراق مەن يەنىلا بىر قاراپلا ھېلىقى چېچى ئاقارغان بوۋاينىڭ دەل چياڭزىنىڭ ئۆز دادىسى، سابىق «خېڭيۈەن گۇرۇھى»نىڭ باش مۇدىرى ۋە قوشۇمچە قۇرغۇچىسى جاڭ جۈنيى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدىم. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قارىماققا شۇنچىلىك ھەيۋەت ۋە ساغلام كۆرۈنىدىغان جاڭ جۈنيىنىڭ ھازىرقىدەك چاچلىرى ئاقارغان، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، يەنە كېلىپ قارىماققا دۈمچەك بوۋايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيلا قالغان ئىدى. بىر نەچچە يىل كۆرۈشمىگەنگە، ناھىيىمىزدىكى داڭلىق پۇقراۋى كارخانىچى قانداقسىگە بۇنداق بولۇپ قالدى؟
-تاغا!-دېدىم مەن كۆزۈمدىكى ياشنى كۈچەپ كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بىر تەرەپتىن قول پۇلاڭلاتقاچ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتىم.
-شياۋلېيزى، خېلى بۇرۇن كېلىپ بولغانمىدىڭ؟-دېدى جاڭ تاغام.
-ياق، ياق، مەنمۇ ھازىر كەلدىم، جاڭ تاغا، مەن كۆتۈرۈشۈپ بېرەي!-دېدىم مەن شۇنداق دەپلا جاڭ تاغامنىڭ دۈمبىسىدىكى سومكىنى ئالدىم، جاڭ تاغاممۇ ماڭا تۈزۈت قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئېلىپ پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ كوچىدىكى بىر قەدەر پاكىز ئاشخانىغا باردىم.
-جاڭ تاغا، تاماق يېگەچ پاراڭلىشارمىز. قاراپ بېقىڭ، نېمە يېگۈڭىز بار، خالىغانچە بۇيرۇتۇڭ!-دېدىم مەن تاماق تىزىملىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردىم.
-شياۋلېيزى، خالىغانچە يېسەكلا بولىدۇ، ئۆزۈڭ بۇيرۇتقىن!-دېدى جاڭ تاغام تاماق تىزىملىكىنى يەنە ماڭا ئىتتىرىپ قويدى. مەن جاڭ تاغامنىڭ چوقۇم تاماق بۇيرۇتۇشقا رايى بارمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە خىل قورۇما بۇيرۇتتۇم.
-جاڭ تاغا، مەن تېخى بۇ ئىككى كۈندە ھەدەم ئىككىڭلارغا تېلېفون قىلاي دەپ تۇرغان ئىدىم، چياڭزى تەرەپتىكى ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى؟
-ھەي!-دېدى جاڭ تاغام ئۇھسىنىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش تامچىلىرىنى كۆردۈم. مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىچىنىڭ كۆز يېشى قىلىشى چياڭزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ چوقۇم ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
-چياڭزى يارىلاندۇرغان ھېلىقى ئادەم خەتەردىن قۇتۇلدى، لېكىن ئۇ ھازىر بىزدىن ئىككى مىليون يۈەن تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، بولمىسا چياڭزىنى تۈرمىدە ياتقۇزىۋېتىدىكەن! مەن ئادۋوكاتلاردىن مەسلىھەت سورىدىم، چياڭزىغا ئوخشاش قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىدە دەۋاگەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن خۇپىيانە كېلىشىم ھاسىل قىلمىساق، چياڭزىغا ئاز دېگەندىمۇ ئون يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدىكەن!-دېدى جاڭ تاغام.
-بۇ ئائىلىدىكىلەر بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپتىغۇ؟-دېدىم مەن قاتتىق ئاچچىقلاندىم.
-بۇنى خەقتىن كۆرگىلى بولمايدۇ، چياڭزى ئۆزى ئادەم يارىلاندۇرۇپتۇ، خەق ئازراق پۇل سورىسىمۇ ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ! بىزمۇ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئازراق پۇل تەييارلاپ قويغان، لېكىن ئون نەچچە كۈن ئىلگىرى مېنىڭ ھېلىقى كېلىنىم لى ۋېننا يۇرتقا قايتىپ كېلىپ مېنى ئىزدىدى، يەنە ئۇنىڭ سوت مەھكىمىسىدە تونۇشلىرى بار ئىكەنلىكىنى، بىر مىليون يۈەن خەجلەپ چياڭزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-لى ۋېننا؟ ئۇ بۇزۇق ھەر قانچە بولسىمۇ سىزنى ئالداپ قويمىغاندۇ ھە؟!-دېدىم مەن ئاڭلاپلا قاتتىق غەزەپلەندىم، بۇ پەسكەشنىڭ نومۇسسىزلىقتا چېكى يوقتەك قىلاتتى. ساۋاقداشلىرىنى، دوستلىرىنى ئالدىسا مەيلى، ھەتتا ۋەيران بولغان قېيىن ئاتىسىنىمۇ ئالدىسا ئاناڭنى ھۇ ئىتنىڭ كەينىدىن چۈشكەن پاسكىنا!
-شۇنداق! بىزمۇ ئەينى چاغدا نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي قالغان بولغاچقا ئۇنى ئويلىماپتۇق، ئۇ چياڭزىنى قۇتقۇزغىلى بولىدۇ دېگەن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ تېخى چياڭزى بىلەن ئاجراشمىدى، شۇڭا بىز پۇلنى ئۇنىڭغا بەردۇق، توپتوغرا بىر مىليون يۈەن ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن مەن جاڭ جۈنيى بىر ئۆمۈر دانا بولۇپ، ئاخىرىدا كېلىنىمگە ئالدىنىپ قالدىم، ھەي!...
-جاڭ تاغا، لى ۋېننا سىزنى ئالداپلا قالماستىن، يەنە بىزنىڭ نۇرغۇن ساۋاقدىشىمىزنى ئالداپ قويدى، ئۇ يەنە مېنىڭ ئايالىمنى ئالداپ قويماقچى بولغان، بەخىتكە يارشا مەن بىلىۋالدىم. ھازىر نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمىز ئۇنى ئىزدەۋاتىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمىز.
-نېمە؟ مەن زادى قايسى ئىشنى خاتا قىلغىنىمغا مۇشۇنداق ئىپلاس كېلىنگە ئۇچراپ قالغان بولغۇيتتۇم؟-دېدى جاڭ تاغامنىڭ كۆز يېشى يامغۇردەك تۆكۈلدى.
-جاڭ تاغا، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بىز چوقۇم ئامال قىلىپ چياڭزىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشىمىز كېرەك، ھازىر قانچىلىك پۇل كەم بولسا ماڭا دەڭ، مەن ئامال تاپاي!-دېدىم مەن. جاڭ تاغام بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن:
-شياۋلېيزى، سېنىڭ ئىگىلىك تىكلىگىنىڭگە ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى بىلىمەن، تۇرمۇشۇڭمۇ چوقۇم ئانچە باياشات ئەمەس، مەن قانداقمۇ سېنى خىجىلاتچىلىككە قويىدىغان ئىشنى قىلاي! بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەن يەنە پايتەختكە بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ باقاي، شۇ چاغدا سەنمۇ مەن بىلەن بىللە بارغىن، چياڭزىنىڭ سەن بىلەن كۆرۈشكىسى بار ئىكەن!-دېدى.
-جاڭ تاغا، ئىش بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سىزمۇ ماڭا تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرماڭ، مەن گەرچە سىز ئەينى ۋاقىتتا بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇنداق شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن ھازىر يەنىلا ئازراق پۇل چىقىرالايمەن. خاتىرجەم بولۇڭ، پۇلنىڭ ئىشىنى مەن بىر ئامال قىلاي!-دېدىم مەن. جاڭ تاغا قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-شياۋلېيزى، چياڭزى ساڭا پۇلنىڭ گېپىنى قىلما دەپ نۇرغۇن قېتىم تاپىلىغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا چىداپ تۇرالمىدىم، ئالدىڭدا راستىنلا بەك سەت بولدى!-دېدى.
-جاڭ تاغا، چياڭزى ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا مەن چىقىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمىسام، ئۇنداقتا مەن يەنە ئادەم ھېسابلىنامدىم؟ سىزدە قانچە پۇل كەم بولسا، مەن بۈگۈن تەييار قىلىپ بېرەي!
-قارشى تەرەپ ئىككى مىليون يۈەن ئالىدىكەن، مەندە ھازىر پەقەت بىر مىليون يۈەنلا بار، مەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پايتەختكە بېرىپ ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي، ناۋادا بىر مىليون 500 مىڭ يۈەنگە ئۇنۇپ قالسا مەن قايتىپ بېرىپ يەنە 200-300 مىڭ يۈەن غەملەپ باقاي، سەن ماڭا 200 مىڭ يۈەن غەملەپ بەرسەڭلا بولىدۇ!
تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم، تەن يۈخې بايا ماڭا ئىككى مىليون يۈەن بەردى ئەمەسمۇ، مەن مۇشۇ پۇلنى ئىشلىتىپ بىۋاستە چياڭزىنى قۇتقۇزساملا بولمىدىمۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن:
-جاڭ تاغا، سىز قايتىپ پۇل يىغمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن بىر مىليون يۈەن چىقىراي، پەقەت بولمىسا ئىككى مىليون يۈەن چىقىرىپ چياڭزىنى قۇتقۇزۇپ چىقساقمۇ بولىدۇ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ھازىر چياڭزىنى قۇتقۇزۇش!-دېدىم. بۇ چاغدا مۇلازىم قورۇما ئېلىپ كەلگەن بولغاچقا، بىز ۋاقتىنچە گەپ قىلمىدۇق. مۇلازىم قورۇمىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ تاغام:
-شياۋلېيزى، مەن ئەينى چاغدا سېنى خاتا كۆرمەپتىمەن، بۇ قېتىمقى ئىشتا مەن ئائىلىمىزدىكىلەرگە ۋاكالىتەن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن!-دېدى جاڭ تاغام شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا تىزلانماقچى بولغان ئىدى، مەن ئالدىراپ ئۇنى يۆلىۋالدىم ھەمدە:
-جاڭ تاغا، ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ، مەن چياڭزى بىلەن ئۆمۈرلۈك ياخشى قېرىنداشلاردىن، ھازىر چياڭزى بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا مەن ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالساممۇ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم قىلىمەن!-دېدىم ۋە جاڭ تاغامنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن:
-جاڭ تاغا، ئازراق تاماق يەۋېلىڭ! يولدا چارچاپ كەتتىڭىز، چوقۇم قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتتى، بىز تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى!-دېدىم. جاڭ تاغام يىغلاپ تۇرۇپ قورۇما يېيىشكە باشلىدى، ئۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، لېكىن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيىش ئۈچۈن، بىر قەدەر ئازادە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ قورۇما يېيىشكە باشلىدىم. تاماق يەۋاتقاندا، جاڭ تاغام شەنبە كۈنى پايتەختكە بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى كېلەر ھەپتە چياڭزىغا سوت ئاچىدىكەن، بۇ ھەپتە ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىشقا قايىل قىلسا، چياڭزىنى قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا شەنبە كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىمنى ئېيتقىنىمدا، جاڭ تاغام تەسىرلىنىپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن جاڭ تاغامنى پويىز ئىستانسىسىغا ئاپىرىپ قويدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بېكەتكە كىرىپ كەتكىنىگە قاراپ تۇردۇم. مېڭىشتىن بۇرۇن، مەن جاڭ تاغامغا خاتىرجەم بولۇڭ، پۇلنىڭ ئىشىنى چوقۇم تەييارلاپ قويىمەن، ۋاقتى كەلگەندە سىز كەلسىڭىز مەن بىللە بارساملا بولىدۇ دېدىم. جاڭ تاغام بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن، مەنمۇ ماشىنا ھەيدەپ شىركەتكە قايتىپ كەلدىم. شىركەتتە ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. بىر چۈشتىن كېيىن مەن ئاشۇنداق گاراڭلىق ئىچىدە ئۆتتۈم، چياڭزىنىڭ ئىشىنى، ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئويلاپ، ئويلىغانسېرى ئىچىم پۇشتى، ئويلىغانسېرى كۆڭلۈم پاراكەندە بولدى. سائەت تۆتتىن ئاشقاندا يەنە نىڭئېرنى ئالغىلى بېرىشىم كېرەك ئىدى. مەن تىرىشىپ كەيپىياتىمنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ماشىنا ھەيدەپ ئۇدۇل يەسلىگە باردىم. نىڭئېرنى ئالغىلى بېرىش يولىدا فاڭ لىتىڭنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ئۈندىدار ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدىم.
-لېي ئاكا، خې ئاچام يالغۇز چىقىپ كېتىپتۇ، نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم!
مېنىڭ بۇ چاغدا ئايالىمنىڭ نەگە بېرىپ لاغايلاپ يۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلگۈدەك رايىم يوق، نەگە بارغۇسى كەلسە شۇ يەرگە بارسۇن، ھازىر ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگۈم يوق ئىدى. نىڭئېرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم، تاماق ئېتىشكىمۇ رايىم يوق، ئۆيدە يەنە ئازراق كۆكتات بار دەپ ئويلاپ، كۆكتات سېتىۋالغىلى بارمىدىم. لېكىن بىز ئۆيگە بارغاندا، ئىشىك ئالدىدىكى ئاياغ جازىسىدا ئايالىمنىڭ ئەتىگەندە سىرتقا چىققاندا كىيىدىغان ئايىغىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقىدۇق. يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى، ئەجەبا ئايالىم قايتىپ كېلىپ ئاياغ ئالماشتۇردىمۇ؟ دەل شۇ چاغدا، مەن ئاشخانىدىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، ئايالىم ئاشخانىنىڭ ئىشىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
-قايتىپ كەلدىڭلارمۇ؟-دېدى.
-ئاپا، ئاپا!
نىڭئېر ئايالىمنى كۆرۈپلا ۋارقىراپ يۈگۈرگىنىچە بېرىپ ئايالىمنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى.
-قوزام، بۈگۈن مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگەندىڭ؟
-بۈگۈن بىز بىر بالىلار ناخشىسى ئۆگەندۇق.
-قانداق بالىلار ناخشىسى ئۆگەندىڭ؟
240-باب: ئايالىمنىڭ ئىقرارى
ئارقىدىنلا نىڭئېر بۈگۈن ئۆگەنگەن بالىلار ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلىدى. مەن ئايالىمنىڭ بۈگۈن نېمىشقا بۇنچە بالدۇر قايتىپ كەلگەنلىكىگە ھەيران قالدىم، ئىلگىرى فاڭ لىتىڭ ئۈندىداردا ئۇنى سىرتقا چىقىپ كەتتى دېگەن، ئەجەبا مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كېلىپ ئاتا-بالا ئىككىمىزگە تاماق ئېتىپ بەردىمۇ؟ بۇ بىز توي قىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىش، ئايالىم ئالايىتەن رۇخسەت سوراپ قايتىپ كېلىپ ئاتا-بالا ئىككىمىزگە تاماق ئېتىپ بەرگەن ئىدى.
-بۈگۈن نېمانداق بالدۇر قايتىپ كەلدىڭىز؟دېدىم مەن.
-بۇ مەزگىلدە مەن دائىم بەك كەچ قايتىپ كېلىپ، ئاتا-بالا ئىككىڭلارغا كۆپ قەرزدار بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، شۇڭا بۈگۈن بىر قېتىم رۇخسەت سوراپ، بالدۇرراق قايتىپ كېلىپ تاماق ئەتتىم، ھې، ھې، سىلەرگە تولۇقلاپ بەرگىنىم بولسۇن!-دېدى ئايالىم كۈلۈپ تۇرۇپ. مەن ئىچىمدە: «ھې، ھې، ھې، نېمىشقا تۇيۇقسىز تۇيۇقسىز ئالدىن رۇخسەت سوراپ تاماق ئېتىپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىڭ؟ ھەر كۈنى سائەت توققۇزدىن ئونغىچە ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغان ئادەم سەن ئەمەسمىدىڭ؟ بۈگۈن ھەتتا نورمال خىزمەت ۋاقتىڭ توشمايمۇ قايتىپ كېلىپ قاپسەن، ئالدىمدا ياخشى ئىپادە كۆرسىتىپ مېنى تەسىرلەندۈرەي دەپ ئويلىغان ئوخشىمامسەن؟» دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم. گەپ قىلمىغىنىمنى كۆرگەن ئايالىم نىڭئېرنى ئاۋۋال قولىنى يۇيۇشقا بۇيرۇدى، ئاندىن ماڭا قاراپ:
-تاماق ھازىرلا تەييار بولىدۇ، سىزمۇ قولىڭىزنى يۇيۇپ تاماق يېيىشكە تەييارلىق قىلىڭ!-دېدى.
-ماقۇل!-دېدىم مەن قولۇمنى يۇيغاندىن كېيىن ئارقىدىن ئاشخانىغا كىردىم، ئايالىمنىڭ بەش-ئالتە خىل قورۇما قورۇپ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن مەن ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلارنى قورۇغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.
-نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىز؟ بۇ قورۇمىلارنى ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىڭ، ئاتا-بالا ئىككىڭلار قورسىقىڭلار ئاچسا يەۋېرىڭلار! يەنە بىر قورۇما قالدى، ھازىرلا تەييار بولىدۇ!-دېدى ئايالىم كۈلۈپ تۇرۇپ. شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقى بىر قانچە قورۇمىنى ئاچىقىۋىدىم، نىڭئېر ئۈستەلدىكى شۇنچە كۆپ ياخشى يېمەكلىكلەرنى كۆرۈپ، چوكىنى ئېلىپلا قىسماقچى بولدى، مەن ئالدىراپ ئۇنى توسۇۋېلىپ:
-قوزام، ئاپاڭ تاماق ئېتىپ جاپا چەكتى، بىز ئۇنى ساقلىمىساق بولمايدۇ!-دېدىم. نىڭئېرمۇ ئىش ئۇققان ھالدا بېشىنى لىڭشىتقىنىچە چوكىنى قويۇپ قويغان بولسىمۇ، كۆزى يەنىلا ئۈستەلدىكى قورۇمىلاردا ئىدى. بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا، ئايالىم ئەڭ ئاخىرقى بىر قورۇمىنى قورىغاندىن كېيىن ئېلىپ چىقتى. ئارقىدىن ئايالىم يەنە بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق ئېلىپ چىقتى-دە:
-ئېرىم، بۈگۈن ئازراق ئىچەيلى!-دېدى. مەن كۆڭلۈمدە بۈگۈن قانداق كۈن ئىكەنلىكىگە ھەيران قالدىم، ئايالىم نېمىشقا بۇنداق تەنتەنىلىك قىلىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەن:
-خوتۇن، بۈگۈن قانداق كۈن؟-دەپ سورىدىم.
-راستىنلا بىلمەمسىز؟-دېدى ئايالىم گۇمان بىلەن ماڭا قارىدى. ماڭا ئارتۇق ئويلىنىش خۇش ياقماي بېشىمنى چايقىدىم.
-ئېرىم، بۈگۈن بىز توي قىلغانلىقىمىزنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى، راستىنلا ئۇنتۇپ قاپسىز-ھە!-دېدى ئايالىم. ئۇنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم. ئايالىم بىلەن يەتتىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى توي خېتى ئالغان ئىدىم، بۈگۈن دەل يەتتىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى. دېمەك، بىز توي خېتى ئالغىلى توپتوغرا بەش يىل بولدى. نىڭئېر ھازىر تۆت ياشتىن ئەمدى ئاشتى، ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن-ھە! ئىلگىرى ھەر يىلى توي خاتىرە كۈنىنى بىللە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەتتۇق، بۇ يىل كۆڭلۈم پاراكەندە بولغاچقا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
-ئەسلىدە تۈنۈگۈن گۇاڭجۇغا بارغان بولسام، بۈگۈن بالدۇرراق قايتىپ كېلىپ سىزنى بىر ھەيران قالدۇراي دېگەنىدىم، ئويلىمىغان يەردىن راستىنلا ئۇنتۇپ قاپسىز!-دېدى ئايالىم بۇ گەپنى قىلغاندا كۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇرغان بولۇپ، مەن ئىختىيارسىز خىجىللىق ھېس قىلدىم ۋە:
-كەچۈرۈڭ، يېقىندىن بۇيان ئىش سەل كۆپ، راستىنلا ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن!-دېدىم.
-بولدىلا! مەنمۇ سىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىشىڭىزنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا بۇ قېتىم سىزدىن ئاغرىنمايمەن، بىراق كېلەر يىلى يەنە ئۇنتۇپ قالسىڭىز مەن تۈزۈت قىلمايمەن جۇمۇ!-دېدى ئايالىم. ئۇنىڭ گېپى ماڭا بەكلا كۈلكىلىك تۇيۇلدى، ئەجىبا بىزنىڭ يەنە كېلەر قېتىم توي خاتىرە كۈنىمىزنى ئۆتكۈزگۈدەك پۇرسىتىمىز بارمۇ؟
-ئېرىم، كېلىڭ، بىز بىر رومكىدىن ئىچىپ، توي قىلغانلىقىمىزنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەيلى!-دېدى ئايالىم ماڭا بىر رومكا ھاراق قۇيۇپ بەردى. مەن تۇيۇقسىز تەن يۈخېنىڭ بۇ مەزگىلدە مېنى ھاراق ئىچكىلى قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسلەپ قالدىم. لېكىن بۈگۈنكىدەك كۈندە ھاراق ئىچمىسەم چوقۇم ئايالىمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرغان بولاتتىم، ئۇ ئاران تەستە رۇخسەت سوراپ، توي خاتىرە كۈنىمىزنى تەبرىكلىمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرسام قانداق بولىدۇ؟ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئاۋۋال ئازراق ئىچەي دەپ ئويلىدىم، ئىشقىلىپ ئىككى كۈندىن بېرى توختامنى ئىجرا قىلىشنى تېخى باشلىمىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكىدەك كۈندە ئازراق ھاراق ئىچىپ تەبرىكلىمىسەممۇ، ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىم ھاراق قۇيغان رومكىنى قولۇمغا ئېلىپ:
-خوتۇن، خوشە!-دېدىم. ئايالىممۇ رومكىنى ئېلىپ مەن بىلەن سوقۇشتۇردى. بىز بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان كۆرۈنۈشتە خۇشال ھالدا بۇ تاماقنى يەپ بولدۇق، ئاندىن نىڭئېر تاپشۇرۇق ئىشلىدى، ئايالىم ئاشخانىدا قاچا يۇيدى.
-ئېرىم، سىز مېنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە سىزگە دېگەن گېپىمگە يەنىلا ئىشەنمەمسىز؟-دېدىم ئايالىم تۇيۇقسىز يەنە سورىدى. ئايالىمنىڭ بۇنداق سورىغىنىنى كۆرۈپ، ئايالىمنىڭ چۈشتىن بۇرۇن ماڭا كەچتە قايتىپ كېلىپ مەن بىلەن ياخشى پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم. قارىغاندا بۇ پاراڭ ھازىر باشلانغاندەك قىلاتتى.
-گېپىڭىزگە ئىشەنمىدىم ئەمەس، سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلگىرى قاۋاقخانىدا ھاراق ئىچىدىغان قىز بولغان ئىشىڭىزنى ماڭا دېمىگەنلىكىڭىزنى بىلگۈم بار؟-دېدىم مەن چوڭقۇر نەپەس ئالدىم.
-ئېرىم، سىزگە دېمەسلىكىمدىكى سەۋەب، سىزنىڭ مېنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىڭىزدىن قورقتۇم، ئۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مېنى قوبۇل قىلالماي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىدىم. توي قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى سىزگە كۆپ قېتىم دېمەكچى بولغان بولساممۇ، لېكىن ئىزچىل سىزگە دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم!-دېدى ئايالىم. بۇ چاغدا ئالدىنقى قېتىم سەنيادىكى مېھمانسارايدا، ئايالىمنىڭ ياندىكى ئۆيدە يىغلاۋاتقان ھالىتى تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى، ئەجىبا ئۇ قېتىم ئۇ ماڭا مۇشۇ ئىشنى دېمەكچى بولغۇيمىتى؟
-يەنە كېلىپ بۇ ئىش بىز توي قىلىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن، مەن گەرچە قاۋاقخانىدا ھاراق ئىچىشىپ بەرگەن بولساممۇ، لېكىن بىللە يېتىپ باقمىدىم، بۇ نۇقتىدا ماڭا ئىشىنىڭ!-دېدى ئايالىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز بىر تەپسىلاتنى ئويلاپ قالدىم. ئايالىم بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئىشىمىز ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرەي دەپ قالغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن، گەپنىڭ ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ئەينى چاغدا مەن ئايالىم بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق قاننى كۆرمىدىم، لېكىن ئايالىم ماڭا كاپالەت بېرىپ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مېنىڭمۇ بۇ ئىشنى تۇنجى قېتىم قىلىشىم بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە توردىن ئاختۇرۇپ ھەقىقەتەن بەزى قىزلارنىڭ تۇنجى قېتىملىقىدا قان كېلىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ باققانلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئويلىماپتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىمنىڭ ئەينى چاغدا ئاستى ھەقىقەتەن بەك چىڭ بولۇپ، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىدىم. لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام، ئايالىم ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىكى يازلىق تەتىلدە گۇاڭجۇدا قاۋاقخانىغا بېرىپ ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچكەن قىز ئىكەن، بىزنىڭ ئىشىمىز يېرىم يىلدىن كېيىن ئاندىن يۈز بەرگەن، شۇڭا ئايالىمنىڭ مەن بىلەن بىللە بولغاندا تۇنجى قېتىملىقى ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشكە تامامەن ئاساسىم بار. ئەينى چاغدا ئەخمەقلەرچە ئىشەنگەن بولساممۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىش ئۇنداق ئاددىي بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
-توغرا دەيسىز، بۇ ئىش بىز توي قىلىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن، شۇڭا مېنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىشلارنى كۆڭلۈمگە ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، بىراق نېمىشقا توي قىلىشتىن بۇرۇن ماڭا دېمەيسىز، ئەكسىچە مەن بايقاپ قالغاندىن كېيىن ئاندىن دەيسىز؟-دېدىم مەن.
-ئېرىم، بۇرۇن سىزگە دىمىگەنلىكىم مېنىڭ خاتالىقىم، مەنمۇ سىزنىڭ كۆپ ئويلاپ كېتىشىڭىزدىن، مەندىن بىزار بولۇشىڭىزدىن قورقتۇم، شۇڭا مەن سىزدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇردۇم. بىراق مەن راستىنلا باشقا ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىدىم، ماڭا ئىشىنەمسىز؟-دېدى ئايالىم.
-ئەمىسە سىز قاۋاقخانىدا باشقىلارغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچكەندە باشقا ئەرلەر سىزنى سۆيۈپ باققانمۇ؟-دېدىم مەن.
-ئېرىم، مەن قاۋاقخانىدا ئىشقا چۈشكەندە ئالدىنقى ئىككى كۈن تەربىيلەشكە قاتناشتىم، ئۈچىنچى كۈنى ۋۇ دېرىكتور بىر ھەپتىلىك كۆتىرە ئالدى، ۋۇ دېرىكتورغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچكەن تۇنجى كۈنى ئۇ خېلى قائىدىلىك بولدى، بىراق ئەتىسى كەچتىلا شۇنداق ئىش يۈز بەردى، كېيىن مەن ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، شۇڭا مەن باشقا ئەرلەر بىلەن ھېچقانداق ئىش قىلىپ باقمىدىم!-دېدى ئايالىم.
ئايالىم ئالدىنقى ئىككى كۈندە تەربىيىلىنىپتۇ، كېيىنكى ئىككى كۈندە ۋۇ باش دېرىكتورنى تۈرمىگە سولىۋېتىپتۇ... بۇ ماڭا مىڭ بىر كېچىدەك تۇيۇلدى، ئەمدىلا قاۋاقخانىغا كىرگەن بىر قىزچاق قاۋاقخانىدا تولا ئويناپ قاق بولۇپ كەتكەن ۋۇ باش دېرىكتورنى راستىنلا شۇنداق ئاسان ھەم تېز جايلىۋەتتىمۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇ قاۋاقخانىغا شۇنچە چوڭ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەن تۇرسا، قانداقمۇ بىمالال كېتەلىسۇن؟
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:121-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار