ئۇ قىزدىن ئۈزەلمەيۋاتقان مېھرىنى يىراققا چۆرۈۋېتىشكە بەل باغلىدى

文摘   2024-11-07 20:00   新疆  
ـــ ئاكا! قايتىپ كەلدىڭما!
چېچىنى بوغۇۋالغان بىر زىلۋا بەدەن ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقتى. قاشلىرى ئىنچىكە، مەڭزى ئۇزۇنچاق، لەۋلىرى گىلاستەك بۇ قىز لۇ يۈنىڭ سىڭلىسى لۇ ياۋ.
لۇ ياۋ خۇددى گۇگۇمدا ئۇۋىسىغا قايتقان قۇشقا ئوخشاش ئىككى قولىنى كېرىپ، خۇشال ھالدا لۇيۈنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
ـــ ھوي؟ يەڭگەمچۇ؟ ـــ دەپ سورىدى لۇ ياۋ بېشىنى چىقىرىپ قاراپ.
ـــ ئۇ ئالدىراشكەن. ـــ دېدى لۇ يۈ تىلىنىڭ ئۇچىدىلا. ئۇنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ چېن ۋەنرۇڭنى قايتا كۆرگۈسى يوق، ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭلىغۇسى يوق.
ـــ ۋاۋ، يېڭى كىيىمكەنغۇ، بۇلارنى يەڭگەمگە ئالدىڭما!
لۇ ياۋ ئاخىرى لۇ يۈنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلدى، كۆزلىرىدىن ھەۋەس ئوتى سەل-پەل چاقناپ ئۆتتى. ئۇ بۇ نەچچە قۇر يېڭى كىيىمنىڭ ئىگىسىگە ھەۋەس قىلىۋاتقىنى يوق، بەلكى باشقا نەرسىگە ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ.
لۇ يۈ بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل بىئارام بولدى، ئەگەر ئۇ چېن ۋەنرۇڭنىڭ پۇلپەرەس ئاياللىقىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسا، ئۆيىمۇ بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالمىغان بولاتتى.
ــ ياق، بۇنى ساڭا ئالدىم، ھۇجراڭغا كىرىپ كىيىپ باققىن، ماس كېلەمدىكەن قېنى، بولمىسا ئەتىلا ئالماشتۇرۇپ كېلىمەن.
لۇ يۈ كۈلۈپ قويدى، چېن ۋەنرۇڭدىن ئۈزەلمەيۋاتقان مېھرىنى يىراققا چۆرۈۋېتىشكە بەل باغلىدى.
لۇ ياۋ نۇرلۇق كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ھەم ھەيران قالدى ھەم ھاياجانلاندى.
ـــ ۋاي ئانامەي... ئاكا، ئېسىڭدە خاتا تۇتۇۋالدىڭمۇ قانداق، تۇغۇلغان كۈنۈمگە يەنە نەچچە ئاي بارتىغۇ!
ـــ تۇغۇلغان كۈنۈڭ بولمىسا ساڭا كىيىم ئېلىپ بەرسەم بولمامدىكەن؟ قۇرۇق گەپ جىقكەن سېنىڭ.
ـــ ۋاييەي! قىممەتكەنغۇ، بولمىسا قايتۇرۇۋەتكىنە.
لۇ ياۋ كىيىمنىڭ باھاسىغا قاراپلا، قورقۇپ قولىنى تارتىۋالدى، بۇ نەچچە قۇر كىيىمنىڭ باھاسى 1000 يۈەندىن ئاشىدىكەنغۇ!
ـــ باھاسىنى چۈشۈرۈپ 500 يۈەنگە بەردى، پۇلىنى بىرىپ بولدۇم بۇنىڭ، قورقماي كەيگىنە.
ـــ ... ئەمىسە، راستتىنلا كىيدىم ھە؟
ـــ ... ھە، ھە!
ـــ پۇل تېپىۋالدىڭما؟
ـــ ... ياق.
لۇ يۈنىڭ چىشى ئاغرىۋاتقاندەك بولدى.
ـــ ئاكا، سەن بەك ياخشى جۇمۇ!
لۇ ياۋ ئەركىلەپ بىرنى كۈلۈپ قويدى، لۇ يۈ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدى. ئارقىدىنلا يۈگۈرۈپ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قويدى.
بۇ كۆرۈنۈشنى لۇ يۈنىڭ بېقىۋالغان ئانىسى لياۋ شۇلىڭ كۆرۈپ قالدى، ئۇ گۆشلۈك، گۆشسىز ئىككى تەخسە قورۇمىنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىدىن چىققانىدى، لياۋ شۇلىڭ كۆپ ئويلاپ كەتمىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ كۆپ ئويلاپ كېتىشنى تېخىمۇ خالايتتى.
نېمە دېگەن ياخشى بالا ھە، ئەمما كۈيئوغلى ئەمەس تە، لياۋ شۇلىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىدىن بىردىنبىر ئاغرىدىغىنى دەل مۇشۇ ئىش. قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا دەپتىكەن، كۈيئوغۇل قىلىۋالغان بولسام بەك ياخشى بولاتتى، ئىشچان، تىرىشچان، يەنە تېخى مەسئۇلىيەتچان.
ئۇنىڭ قىزىللىق تېخى كەتمىگەن چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلەندى: ـــ بۇ چوڭ بولمايدىغان جىنتەك قىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئوغلۇم، كېلىپ تامىقىڭنى يە. ـــ دېدى ئۇ.
لۇ يۈ «ھىم» دېدى-دە، ئاشخانىغا كىرىپ قولىنى يۇيۇپ، تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۈچ قاچا تاماق ئۇسقاندىن كېيىن، ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
ـــ ئوغلۇم، قورسىقىڭ ئاچقاندۇ، كۆپرەك يېگىن. ـــ لياۋ شۇلىڭ لۇيۈنىڭ قاچىسىغا بىر پارچە گۆش سېلىپ قويدى.
ـــ رەھمەت ئانا، سەنمۇ يېگىن. ـــ لۇ يۈمۇ لياۋ شۇلىڭنىڭ قاچىسىغا بىر پارچە گۆش سېلىپ قويدى.
گۆشلۈك، گۆشسىز ئىككى قاچا قورۇما، تۇخۇم شورپىسى، گەرچە ئاددىيراق بولسىمۇ، ئەمما ئىللىقلىققا لىق تولغان.
لۇ ياۋ نۆۋەت بىلەن يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ چىقىپ، ئۆينىڭ ئىچىدە نەچچە قېتىم ئايلىنىپ چىقتى. ئاندىن ھەدەپ ئىككىسىدىن سورىدى.
ـــ ئاكا، چىرايلىقمىكەن؟
ـــ ئانا، چىرايلىقمىكەن؟
...
ئاخىرىدا رازى بولغاندىن كېيىن تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن، لۇ يۈ بىر يۇيۇنۇۋېلىپ، ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇخلاشقا تۇتۇندى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن دەرس ئۆتىدىغان بالىنىڭ دادىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ رۇخسەت سورىدى. بەك ھېرىپ كەتكەچكە، دەرس ئۆتكۈدەك كەيپىياتى يوق ئىدى.
لۇ يۈ ئادىتى بويىچە سەھەر سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈز-كۆزىنى يۇيدى. لۇ ياۋ ناشتىلىقنى تەييارلاپ بولغانىدى.
ـــ ئاكا، تېخى ناشتا قىلمىدىڭغۇ؟
ـــ بولدى قىلمايمەن.
لۇ يۈنىڭ بالدۇرراق ئۆيدىن چىقىپ يوللانمىلارنى يەتكۈزۈۋەتكۈسى بار ئىدى. چۈنكى بۈگۈن كۈنگە شەنبە، كەچتە سىڭلىسىغا ھەمراھ بولۇپ كوچا ئايلانماقچى.
بۇ بىر قانچە يىلدا، چېن ۋەنرۇڭغا ياردەم بېرىمەن دەپ، سىڭلىسىغا بەك جىق قەرز بولۇپ كەتتى... ئىشقىلىپ ئەمدى بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن ئەمەس، جىق ئويلىغاننىڭمۇ پايدىسى يوق. لۇ يۈ ئەمدى بۇنداق بىھۇدە جاپا تۈگىسە، ئائىلىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
لۇ يۈ بىر كېچىدىلا بۇ ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلىدى.
...
ئولتۇراق رايوننىڭ ئوتتۇرىسىغا نەچچە تۈپ قېرى دەرەخ تىكىلگەنىدى. بوران چىقىپ، يامغۇر ياغمىسىلا، ھەر كۈنى نەچچە بوۋاي دەرەخ ئاستىدىكى مەرمەر تاش ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ شاھمات ئوينايتتى، لۇ يۈ ئۇلار بىلەن ناھايىتى تونۇش.
كۆزى ئۆتكۈر بىر بوۋاي لۇ يۈنى يىراقتىنلا كۆرۈپ: ـــ شياۋيۈ، تىنچلىقمۇ! ـــ دەپ ئەھۋال سورىدى.
ـــ بوۋا، تىنچلىقمۇ! ـــ دېدى لۇ يۈمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
بىراق، ئۇ يەنە ئىككى ناتونۇش بوۋاينىڭ توختىماي ئۆزىگە قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. لۇ يۈ ئۇلارنى تونۇمايتتى، بىراق ھازىر بۇ تەرەپتە ئۆزى يالغۇزلا، خاتا تونۇپ قالدىمۇ نېمە؟
لۇ يۈ ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى. كىم بىلسۇن، ھېلىقى ئىككى بوۋاي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلدى.
ـــ ھەي نەۋرەم!
ـــ مېنى ساقلاپ تۇر دەيمەن نەۋرەم!
ئەنئەنىۋى بايلارنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان بىر بوۋاي دىڭگوسلاپ يۈگۈرۈپ كەلمەكتە، سېرىق ماخىل دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ياسالغان ھاسا ئۇنىڭ ئالدىراش قەدەملىرىگە ئەگىشىپ يۇقىرى-تۆۋەن پۇلاڭلاپ، تاراڭ-تۇرۇڭ ئاۋاز چىقارماقتا.
ـــ ھەي بوۋىجان، سىلەر خاتا تونۇپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن!
لۇ يۈ بۇ ئىككى قېرىنىڭ ئۆزى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، چۈنكى بۇ ئىككىسى دەل ئۇنىڭ ئالدىدا كېلىپ توختىدى.
بىراق، نەۋرەم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇنىڭغا ھەم تونۇش، ھەم ناتونۇش تۇيۇلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئادەمنىڭ چېكە تومۇرىنى كۆپتۈرۈۋېتىدىغاندەك تۇيغۇمۇ بار.
....
بىر يەردە ئاڭلىغاندەكلا؟
بۇ ئىككى قېرى خۇددى مۈشۈكئېيىققا قارىغاندەك ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
ـــ ھې، ھې، ھې، بېگىم، بايقىدىڭىزمۇ؟
ـــ نېمىنى؟
ـــ بايۋەچچە ياش ۋاقتىڭىزغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن.
ــــ ھې، ھى، ھى... شۇنداقمۇ، شۇڭا تونۇشتەك كۆرۈنۈپتىكەن-دە.
ئىككى بوۋاي ئۇنىڭغا باھا بەرگىلى چۈشۈپ كەتتى. پەقەت لۇ يۈلا بوراندا قالغان ساياقتەك گاڭگىراپلا قالدى.
ئو، ئەمدى بىلدىم، بۇ ئىككى ئالجىغان قېرى بەلكىم ھېلىقى يەردىن قېچىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن لۇ يۈ يانفونىنى چىقىرىپ، بىر قىزىق لىنىيەگە تېلېفون ئۇردى.
ـــ ۋەي، چىڭشەن دوختۇرخانىسىما؟ دوختۇرخاناڭلاردىن بىرەر بىمار قېچىپ چىقتىمۇ قانداق؟
ـــ ئىككى، شۇنداق، شۇنداق...
لۇ يۈ دېگەن ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل، ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بەشتە ياخشى ياش!
داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم


 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章