-بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟-دەپ سورىدى.
-18 ياشقا كىردىم، ئالدىنقى ئايدا 18 ياشقا كىردىم،-دېدى سۇ كېكې ئەينەن جاۋاب بەردى. چىن موچېن ئۇنىڭغا سىڭايان قاراپ قويغاندىن كېيىن:
-قارىماققا ئون سەككىزدىنمۇ كىچىك كۆرۈنىدىكەنسىز.... بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭىزغا ئۇزۇن بولمىغاندۇ؟-دېدى. سۇ كېكې ئۇنىڭ ئۆز كەسپىنى سورىغانلىقىنى ئاڭلاپلا كۆزلىرى بىردىنلا چاقناپ كەتتى-دە، ناھايىتى خۇشال ھالدا:
-ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قابىلىيىتىمگە تايىنىپ ئاللىقاچان ئۇستا بولۇپ كەتتىم، لېكىن ئۇستازىم مېنى بەك كىچىك دەيدۇ، بۈگۈنكىسى ھاياتىمدىكى تۇنجى زاكاز، ئەگەر ئوڭۇشلۇق قىلساملا رەسمىي شاگىرت بولالايمەن، ھى ھى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئالدىمغا شەخسىي ئىش ئالالايمەن!-دېدى. چىن موچېن ئىچىدە كۈلۈپ قويغىنىچە، «يەنە تېخى شەخسىي ئىش ئېلىشنىڭ كويىدا ئىكەن، بۇ قىز ئاشۇ ئىشىدىن بەك پەخىرلىنىدىغان ئوخشىمامدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە، ئارقىدىن:
-نېمىشقا بۇنداق ئىشنى قىلىسىز؟ سىز بۇ يېشىڭىزدا تېخى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇسىڭىز توغرا بولىدۇغۇ دەيمەن؟-دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ جاۋابىنى پەرەز قىلىپ بولغان، ئەلۋەتتە پۇل ئۈچۈن بولماي يەنە نېمە ئۈچۈن بولاتتى! مەيلى تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى بولسۇن ياكى چۈشكۈنلىشىپ كېتىش بولسۇن، ھەممىسى پۇل ئۈچۈن ئەمەسمۇ... سۇ كېكې ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، تەبىئىي تەلەپپۇزدا:
-مېنىڭ ئاتا-ئانام يوق، ئۇستازىم تېپىۋېلىپ چوڭ قىلغان، ئۇستازىم مۇشۇ كەسىپنى قىلىدۇ، شۇڭا مەنمۇ تەبىئىيلا ئۇنىڭ جەندىسىگە ۋارىسلىق قىلغان!-دېدى. سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قاش-كۆزلىرى قىسىلىپ، يۈزىدە ناھايىتى تاتلىق تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى-دە:
-ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بۇ كەسىپنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇستازىم مېنى بەك دۆت دەيدۇ، ھېلىمۇ ياخشى تىرىشچانلىقىم كەمچىلىكىمنى تولۇقلاپ كەتتى دەڭە. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش رېتىمى بەك ئاستا، شۇڭا مەن ئىزچىل ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىمەن. بىز بۇ كەسىپنى قىلساق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز، مەن بىر ئايدا نۇرغۇن كىتاب كۆرىمەن!-دېدى. چىن موچېن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەل-پەل داڭ قېتىپ قالدى. كۆيۈۋاتقان تاماكا ئوتى ئۇنىڭ قولىغا يېقىنلىشىپ قالغاندىلا ئاندىن ئۇ ئېسىگە كەلدى-دە، تاماكىنى كۈلدانغا يەڭگىل تاشلاپ قويدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان كىچىك قىزچاق يەنە نېمىنى ئويلاپ قالدىكىنتاڭ، كۈلۈپ يۈزلىرىدە زىناقلىرى چىقىپ كەتتى-دە، ئاندىن قولى بىلەن ئېغىزىنى توسۇپ، پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا:
-تاغا، سىزگە دېسەم بىزنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىپ يامان ئەمەس پۇل تاپقىلى بولىدۇ!-دېدى. چىن موچېن چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا:
-شۇنداقمۇ، سىز بۇ زاكازنى ئالسىڭىز، ئۇ سىزگە قانچە پۇل بېرىدۇ؟-دەپ سورىدى. سۇ كېكېنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدا چاتاق يوق بولۇپ، بۇ ئەرنىڭ ئاغزىدىكى «ئۇ»نىڭ ئۇستازىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ پىخىلداپ كۈلۈپ قويغىنىچە:
-بىر مىليون بېرىدۇ! ئۇستازىم بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ سەل قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئېھتىياتسىزلىق قىلسام ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. بىراق مەن يېڭى ئۆگەنگۈچى بولغاچقا، زاكالەت پۇلى ئۈچۈن ئاران 200 مىڭ يۈەن بەردى!-دېدى. چىن موچېن ئۇنىڭغا قاراپ قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە:
-مۇشۇ بىر مىليون ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ تۇنجى قېتىملىقىنى ساتتىڭىزمۇ؟-دېدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قوشۇمىسى قاتتىق تۈرۈلگەن بولۇپ، تۇرقىمۇ ناھايىتى سۈرلۈك، ئۇنىڭدىن تارقىلىۋاتقان شەكىلسىز بېسىم ئادەمنى ئۆزىگە تىكىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغان ئىدى. بىراق سۇ كېكې بولسا كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلمىغان ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ:
-مېنىڭچىمۇ ناھايىتى كۆپ، قانداقلا بولمىسۇن مەن تېخى يېڭى ئەمەسمۇ، ئىقتىدارىم پېشقەدەملەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ، كېيىن تەجرىبەم موللىشىپ، كەسىپ ساھەسىدىكى داڭلىق ئۇستازغا ئايلانسام، ۋاقتى كەلگەندە بۇ باھاغىمۇ ماقۇل دېمەيمەن...ھى، ھى، ھى...دېدى. چىن موچېننىڭ قوشۇمىسى تېخىمۇ بەك تۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قىزنىڭ نېمە يەپ چوڭ بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. قانداق ئادەم تېنىنى سېتىشتەك بۇنداق ئىشنى شۇنداق خاتىرجەم تىلغا ئالىدۇ؟ تېخى نومۇس قىلماقتا يوق ئەكسىچە شەرەپ ھېس قىلىدۇ؟....
داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار
ھەۋەس ۋە جىنايەت |
مۇردا جەمەت |