ئايالىمنىڭ يالغانچىلىقى (121): ھۇجرىدىكى ئۈچىنچى ئادەم

文摘   2024-11-07 20:00   新疆  

ئايالىمنىڭ يالغانچىلىقى

ئاپتورى: لاۋخۇ

241-باب: ئۇنتۇپ قالغان ۋەدە

يەنە كېلىپ ۋۇ باش دېرىكتور ئايالىمنى بىر ھەپتە كۆتۈرىگە ئالغان، مېنىڭچە ئۇنى بابلاش ھەم قۇتۇلۇپ كېتىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس! پەرىزىمچە باھادا كېلىشەلمىگەن ئايالىم خاپا بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، كېيىن ۋۇ دېرىكتور ئۇنىڭغا زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەكچى بولغاندا ئايالىم بىلەن لى خۇڭيىڭ شېرىكلىشىپ ئۇنى بابلىغان.

-ئېرىم، سىزگە دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، ماڭا ئىشىنىڭ، مەن كاپالەت بېرەلەيمەن!-دېدى ئايالىم. مەن ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ھېلىقى مو يىفەن بىلەن بىر كۈن بىللە تۇرغانلىقىنى ئېسىمگە ئېلىپ:

-يۇۋاشلىق بىلەن تاپشۇرۇڭ، مو يىفەن بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار؟-دېدىم.

-ئېرىم، بۇ ئىشنى سورايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، مو ئەپەندى بىلەن راستىنلا ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كەسپىي ئالاقىسى بار، مەنمۇ سىزگە دېدىمغۇ، ئالدىنقى قېتىم ئۇ ماڭا نىيىتىنى بۇزماقچى بولغاندا مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرغان ئىدىم. بۇ قېتىم بارغاندا قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيتتىم، مو يىفەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن چاغدا كەتمەكچى بولدۇم، لېكىن مو يىفەن ئالدىنقى قېتىملىق ئىش ئۈچۈن مەندىن كەچۈرۈم سورىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ۋېن باش دېرىكتورنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېدىم ھەمدە گولف توپ ئوينىدىم. چۈشتىن كېيىن گولف توپ ئويناۋاتقاندا، مو يىفەن كەينىمدە تۇرۇپ، يەنە ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلماقچى بولغاندا، مەن بىر نەچچە ئېغىز تەنبىھ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنى سورىدى. مەن ئەسلىدە كەچتە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېتىشنى ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن لى خۇڭيىڭ مېنى ئىزدەپ كەلدى. كېيىنكى ئىشلارنى سىزمۇ بىلىسىز، مېنىڭ كۆپ سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق!

ئايالىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، كاللامدا دەرھال بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى، ئۇ بولسىمۇ ئايالىم ئالدىدا گولف توپ كالتىكىنى ئېلىپ توپ ئۇرماقچى بولغاندا، مويىفەن ئايالىمنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاستىنقى بەدىنىنى ئايالىمنىڭ ساغرىسىغا سۈركىمەكتە ئىدى....بۇ كۆرۈنۈش ئادەمنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ، بىراق ئايالىمنىڭ بايا دېگىنى بويىچە، بۇنداق كۆرۈنۈشنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، تېخىمۇ مۇھىمى مو يىفەن ئايالىمنىڭ كەينىدىن ئۇنى قۇچاقلاپ، ئاندىن ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ھازىرغىچە مو يىفەننىڭ مېنىڭ خې شۆچىڭنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمەن. ئەگەر ئۇ بىلسە، ئېنىقلا تەن يۈخېنى تاشلىۋېتىش ئويى بار ئىدى.

-ئېرىم، ماڭا ئىشەنمەمسىز ياكى مېنى كەچۈرۈشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟-دېدى ئايالىم قولىدىكى ئىشنى توختىتىپ، ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدى.

-ياق، مەن پەقەت ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەكچى!-دېدىم مەن سۇسلا قىلىپ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ئايالىم توي قىلىشتىن بۇرۇن ماڭا ئۇنىڭ ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىدىغان قىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق دېگەن بولسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى ئويلاشماسلىقىم مۇمكىن ئىدى.

ھازىر بۇ ئىشتىن باشقا ئايالىمنىڭ مەندىن يەنە قانچىلىك مەخپىيەتلىكنى يوشۇرغانلىقىنى بىلمەيمەن، ھېچ بولمىغاندا ئۇ مەندىن يەنە مو يىفەن بىلەن بولغان ئىشى ۋە شۇ كۈنى كەچتە ياڭ زىۋېننىڭ ماشىنىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن زادى كىمنىڭ تېلېفونىنى ئالغانلىقىنى ۋە يەنە قەيەرگە بارغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىدى.

-ئېرىم، ھەقىقىي ئەھۋال راست مۇشۇنداق، مو يىفەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، مەن ئىلگىرى گۇاڭجۇدىكى ئىشلارنى سىزگە ئازراقمۇ چالا قويماي ئېيتتىم!

-ھازىر ماڭا ھېلىقى كۈنى كەچتە ياڭ زىۋېننىڭ ماشىنىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن زادى كىمنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

-ئېرىم، نېمىشقا تېخىچە ئۇ ئىش توغرۇلۇق باش قاتۇرىسىز؟ مەن سىزگە دېگەنتىمغۇ، ماڭا ھېچكىمدىن تېلېفون كەلمىدى، بېشىم ئازراق قېيىپ كەتكەن بولغاچقا، شۇنىڭ قولۇم بىلەن بېشىمنى تۇتۇپ قويدۇم خالاس!-دېدى ئايالىم.  ئايالىمنىڭ ئۇ كۈنى كەچتە زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ھازىرغىچە ماڭا دېگىلى ئۇنىمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەسلىدە ئازراق ئۈمىد قالغان يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم سوۋۇپ كەتتى. شۇ كۈنى كەچتىكى ئىشقا ئېنىق گۇۋاھچى بار، يەنە ئايالىم ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىر قاتار بىنورمال ھەرىكەتلەرنى قىلدى، يەنە ھېلىقى سىرلىق ئادەم ۋە ھېلىقى «ياڭ» خېتى ئادەم.... بۇ ئىشلارغا ئايالىم باشتىن-ئاخىر ماڭا مۇۋاپىق جاۋاب بېرىشكە ئۇنىمىدى، دېمەك ئۇنىڭ مەندىن يوشۇرۇۋاتقان ئىشلىرى يەنە نۇرغۇن ئىدى.

بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى بېشىم شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتتى. ئەمدى بۇنداق تۇرۇشقا پېتىنالمايمەن، سىرتقا چىقىپ شامالداپ كىرەي، بولمىسا سەل تۇرۇپ ئايالىم بىلەن ئېغىر دېيىشىپ قېلىشىم مۇمكىن. ئۇ يەنە ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ يەردە يېتىۋالسا مەنمۇ باشقا ئامال قىلالماي قالاتتىم.

-ھە راست، مېنىڭ سىرتقا چىقىدىغان ئازراق ئىشىم بار ئىدى!-دېدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.

-بۇ چاغدا سىرتقا چىقىپ قىلىدىغان نېمە ئىشىڭىز بار؟-دېدى ئايالىم گۇمانلانغان ھالدا سورىدى.

-بىرىگە كومپيۇتېرنى رېمونت قىلىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان، ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، ئۇنى ئەتە يەنە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىدۇ!

-بىراق بۈگۈن بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىز تۇرسا؟-دېدى ئايالىم مېنى چىققىلى قويمايدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن شۇ تاپتا مەن راستىنلا سىرتقا چىقىپ تىنچلىنىشىم كېرەك، ئەگەر يەنە بۇ ئۆيدە تۇرسام، نېرۋام قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم ئېيتقان توي خاتىرە كۈنىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن ئايىغىمنى كىيدىم-دە:

-سەل تۇرۇپ قايتىپ كېلىمەن، مېنى ئۆيدە ساقلاپ تۇرۇڭ!-دېگىنىمچە ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم.

ماشىنىنى ھەيدەپ دەريا بويىغا كەلگەندىن كېيىن، جىمجىت ھالدا كۆزۈمنى يۇمۇپ مەيىن شامالنىڭ يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتكىنىنى ھېس قىلىپ ئولتۇردۇم. ئەسلىدە فاڭ لىتىڭغا تېلېفون قىلىپ بىردەم پاراڭلاشقۇم بار ئىدى، لېكىن تېلېفوننى ئەمدى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەن تەڭ بىر ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كەلدى. مەن ئېلىشىم بىلەنلا تېلېفوندىن:

-لېي ئىنىم، تېخىچە كەلمەيسىزغۇ؟ سىزنى بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتتىم!-دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. تېلېفوندىكى تونۇش ئاۋاز مېنى سەگىتىپ قويغان ئىدى. ئاناڭنى، بۈگۈن تەن يۈخېغا ھەمراھ بولۇشقا ماقۇل بولغان، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى قارىمامدىغان. شۇنىڭ بىلەن مەن ھودۇققان ھالدا:

-يۈخې ھەدە، مەن ھازىر يولدا، ماشىنا توسۇلۇپ قالدى!-دېدىم.

-شۇنداقمۇ؟ مەن تېخى سىزنى مېنى ئالداپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. مەن باشقىلارنىڭ مېنى ئەخمەق قىلىشىغا بەك ئۆچ، تېزراق كېلىڭ!

-ھە، مەن ھازىرلا بارىمەن!

تەن يۈخې باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئەخمەق قىلىشىغا ئەڭ ئۆچ ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتتى، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ مو يىفەن ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن مەن ئۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئىدىم، لېكىن ھازىر ئەڭ ياخشىسى چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ساقلانغىنىم ئۆزۈمگە ياخشى. ھازىر مەن بۇ توختامنى قوبۇل قىلىشنى خالاپلا قالماي، تەن يۈخېغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇنى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلايمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئايالىم بىلەن مو يىفەننىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغان ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشتىن باشقا يەنە تەن يۈخېدىن پايدىلىنىپ ئۆزۈمنىڭ بەزى مەقسىتىمگە يېتەلەيتتىم. ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ يامان نىيىتىم بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، خەقنىڭ ئايالىنى ئويناپ تۇرۇپ يەنە خەققە ئورا كولاش ياخشى ئادەملەر قىلىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن بۇ ئىشنى مەندىن كۆرگىلى بولمايدۇ، مويىفەن ئاۋۋال ئايالىمغا چېقىلدى، ئەگەر ئۇ ئايالىم بىلەن شۇنچە كۆپ ئىش قىلمىغان بولسا، مېنىڭ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان نەدىمۇ ۋاقتىم بولسۇن؟ بۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنى بابلاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مو يىفەن مېنىڭ ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بىللە ياتقانلىقىمنى بىلىپ قالسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزى مەندىن مۇشۇنداق قىلىشىمنى زىياپەت بېرىپ ئۆتۈنگەندىن سىرت يەنە بەش مىليون يۈەن بېرىدىغان بولغان، بۇنداق لاتارىيە مۇكاپاتىغا قانداقمۇ بېشىمنى چايقىيالايمەن؟

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەن ماشىنا ھەيدەپ ئۇدۇل تەن يۈخې تۇرۇشلۇق مېھمانخانىغا باردىم. ماشىنىنى يەر ئاستى ماشىنا ئىسكىلاتىغا توختىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئاندىن لىفىتقا ئولتۇرۇپ تەن يۈخېنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق قەۋەتكە چىقتىم. تەن يۈخېنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى چەككەندىن كېيىن تەن يۈخې ئىشىكنى ئاچتى، مەن ئۇنىڭ پەقەت ئاق رەڭلىك يىپەك ئۇخلاش كىيىمى كىيىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. مەيدە قىسمىدىكى ئىككى كۆپۈنگۈ نۇقتا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شۇ تاپتا تەن يۈخېنىڭ ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى ئاسرىغانلىقىغا قايىل بولدۇم. ئۇ 30 نەچچە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆكسى قىسمى ئازراقمۇ ساڭگىلاپ قالماپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئاق ھەم سىلىق ئىدى. بەي سەيشيا ئۇنىڭدىن ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن بەي سەيشيا ئوخشىمايدۇ، قارىماققا تەن يۈخېدىن ئون نەچچە ياش چوڭ كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىيالمايتتى.

تەن يۈخې ئارقىدىن مېنى تارتىپ ياتاق ئىچىگە ئېلىپ كىردى، مەنمۇ خۇددى ئۇنى بەكلا سېغىنىپ كەتكەن ئادەمدەك باغرىمغا باستىم، ئاندىن سۆيۈشكە باشلىدىم. ئىككىمىز ئىشىك ئالدىدا بىردەم ھاياجانلىق ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي باسالماي قالدۇق. شۇ تاپتا مەن بۇ ئىككى كۈنلۈك ئىش سەۋەبىدىن ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ئىدىم، بۈگۈن كەچتە ئايالىم ماڭا گەپ قىلغاندا يەنىلا تىلىنى چايناپ، مېنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بايا تەن يۈخېنىڭ ھاياجانلىق تۇرقىنى كۆرۈپ، مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىكى ھاياجانمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. مەن ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئۇخلاش كىيىمىنى سېلىپ، ئىشنى باشلاشقا ئەمدى تەييارلىنىپ تۇرغىنىمدا توساتتىن «تاك، تاك، تاك» قىلىپ ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىشىك چېكىلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، مەن ئىختىيارسىز قورقۇپ كەتتىم. مېنىڭ تۇنجى ئىنكاسىم بولسا ئايالىم ماڭا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

242-باب: ھۇجرىدىكى ئۈچىنچى ئادەم

ئالدىنقى قېتىم مەن ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىغان، شۇڭا خۇدۈكسىرىمىگەن ئىدىم. بىراق بۇ قېتىم ئوخشىمايدۇ، مەن تەن يۈخېنىڭ كىيىملىرىنى سېلىپ بولدۇم. ئەگەر ئايالىم بۆسۈپ كىرىدىغان بولسا، ئىككىمىزنىڭ ناتوغرا مۇناسىۋىتىنى چوقۇم بايقاپ قالاتتى.

-كىم؟-دېدى تەن يۈخېمۇ شۇ تاپتا قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاۋازىنى پەسەيتىپ مەندىن سورىدى، مەن بېشىمنى چايقىدىم. تەن يۈخې ئالدىراپ يەردىن ئۇخلاش كىيىمىنى ئالدى، ئاندىن يۇقىرى ئاۋازدا سىرتقا قاراپ:

-كىم؟-دەپ ۋارقىرىدى.

-مەن!

بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان چاغدا تەن يۈخې ئىككىمىز تەڭلا ھودۇقۇپ كەتتۇق! ئاناڭنى، كەلگەن ئادەم تەن يۈخېنىڭ ئېرى مو يىفەن ئىكەن.

-مېنىڭ ئېرىم ئىكەن، سىز تېز مۆكۈۋېلىڭ!-دېدى تەن يۈخې تۆۋەن ئاۋازدا شۇنداق دېدى. گەرچە بىز ئۇ توختامغا ئىمزا قويۇپ بولغان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرقى بۇ خىل ئەھۋالدا چوقۇم بالا تېپىش ئۈچۈن ئۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارشى تەرەپنى ئىشەندۈرۈش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ئىككىمىزنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىر قاراپلا بىلىپ قالاتتى. مو يىفەننىڭ كۈچى ۋە ئورنى بىلەن، ئۇ قانداقمۇ ئايالىنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن مېھمانخانىدا بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا چىداپ تۇرالىسۇن؟ ئۇ ھەتتا مېنى سەككىز پارچە قىلىپ دەرياغا تاشلاپ بېلىققا يەم قىلىۋەتسىمۇ مەن ھەيران قالمايمەن.

-ياتاق ئۆيگە كىرىڭ!-دېدى تەن يۈخې ئۆزىنى بېسىۋېلىپ مېنى ئىتتىردى، ئاندىن مېنى ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىشكە ئىشارەت قىلدى. مەن تېز قەدەم بىلەن ئىچكىرىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ھەمدە كەينىمگە بۇرۇلۇپ تەن يۈخېغا قارىدىم. ھېلىمۇ ياخشى بايا كىرگەندە ئاياغ ئالماشتۇرماپتىمەن، بولمىسا شۇ تاپتا تۈگەشكىنىم شۇ ئىدى.

بۇ چاغدا تەن يۈخې ئۆزىنى شۇنچىلىك ئازادە تۇتقان بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئىلگىرى مو يىفەن بىلەن توي قىلىپ تۇرۇپمۇ باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ باققان ياكى باقمىغانلىقىدىن گۇمانلاندىم، بولمىسا ئۇ نېمىشقا بۇنداق تەمكىن تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر بىردەمدىن كېيىن مو يىفەن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرسە، ئۇ مېنى بايقاپ قالمامدۇ؟ شۇ تاپتا مەن ھەتتا تەن يۈخېنىڭ مو يىفەن بىلەن قەستەن تىل بىرىكتۈرۈپ ماڭا ئورا كولىغان ياكى كولىمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم.

سىرتتا ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز يەنىلا ئاڭلىنىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مو يىفەن:

-خوتۇن، خوتۇن، نېمە قىلىۋاتىسىز؟ تېز ئىشىكنى ئېچىڭ!-دېدى. تەن يۈخې مېنى دەرھال ئۆيگە كىرىشكە ئىشارەت قىلدى، ئاندىن:

-مانا، مانا، ئېرىم، ھازىرلا!-دەپ ۋارقىرىدى ھەم تېز قەدەم بىلەن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مو يىفەنگە ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. تەن يۈخې ئىشىكنى ئاچقان شۇ دەقىقىدە، مەن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.

ئىچكىرىكى ئۆيدە پەقەت بىرلا كارىۋات، بىر ئىشكاپ، بىر تېلېۋىزور بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارىۋاتنىڭ ئاستىدا بوشلۇق يوق، يوشۇرۇنغىلى بولمايتتى.  ئىشكاپنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇشقا تېخى ئامال يوق، مەن قاراپ باقسام پەقەت دېرىزە سىرتىلا بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىكەن، لېكىن بۇ 11-قەۋەت، ئەگەر چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىپ قالسام ئەرزىمەيتتى.

قاراپ باقسام ھەقىقەتەن يوشۇرۇنىدىغان جاي يوق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىچىمدە: «ئاناڭنى، بولمىسا ئىشىكنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالاي، مو يىفەن سەل تۇرۇپ كىرسىلا مەن ئۇنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ قويىمەن، ئاندىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىمەن، ئەگەر ئۇنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ قويمىسام، بۈگۈن كەچتە ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى ھېساباتنى ياخشى قىلىمەن» دەپ ئويلىدىم.

مەن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ياپقاندا بىر يوچۇق قالدۇرۇپ قويدۇم ۋە دەل مو يىفەننىڭ سىرتتىن ئۆيگە كىرگەنلىكىنى كۆردۈم.

-ئېرىم، نېمىشقا كەلدىڭىز؟-دېدى تەن يۈخې قەستەن ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى.

-شۇنچە ئۇزۇندا ئىشىكنى ئاچتىڭىز، سافا تېخى قالايمىقان، نېمە قىلدىڭىز؟-دېدى مو يىفەن كىرىپلا بايا بىز بىر مەيدان جەڭ قىلماقچى بولغان يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سورىدى.

-ئېرىم، بايا سافادا يالىڭاچ ئۇخلاۋاتقان ئىدىم، سىز ئويغىتىۋەتتىڭىز، مەن تېخى كىمكىن دەپتىمەن؟ ھەر قانچە بولسىمۇ كىيىمىمنى كىيىپ ئاندىن ئىشىكنى ئاچمىسام بولمايدۇ-دە!-دېدى تەن يۈخې كۈلۈپ تۇرۇپ مو يىفەننىڭ بەدىنىگە يېپىشتى.

-ئۆيگە ئادەم يوشۇرۇپ قويمىغانسىز؟

مو يىفەننىڭ بۇ گېپى مېنى ھەيران قالدۇردى، ئەجەبا ئۇ راستىنلا ئايالىنى تۇتقىلى كەلگەنمىدۇ؟

-ئېرىم، مەن ھازىر پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بالىلىق بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان تۇرسام، يەنە كىمنىمۇ يوشۇرۇپ قوياتتىم؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلىقىمنى سىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان تۇرسا!

-بۇغۇ راست، سىز بۇ ئىككى كۈندە ھېلىقى لېي تيەنلېي دېگەن بىلەن كۆرۈشۈپ باقتىڭىزمۇ؟

-ياق، يوقاپ كەتتىغۇ ئۇ، مەن تېخى ئۇنى تېپىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتمەكچى ئىدىم!

-بولمىسا، ئەتە سىز ئۇلارنىڭ شىركىتىگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، توختام ئىمزالانغان بولغاندىن كېيىن، بىزنىڭ قەدەم-باسقۇچىمىز بويىچە بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئىشلارنى تاماملىشى كېرەك، ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىساق بولمايدۇ!

مو يىفەننىڭ بۇ گېپى مېنىڭ بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈردى، ئاناڭنى، كىم ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ تېخى مېنىڭ ئايالىمنى ئازدۇرغاننى ئاز دەپ يەنە ماڭا قارا سۈركەۋاتقانلىقىنى قارىمامدىغان؟ ئەگەر ھازىر قولايسىز بولمىغان بولسا، مەن چىقىپ ئۇنى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتكەن بولاتتىم.

-خاتىرجەم بولۇڭ ئېرىم، لېي تيەنلېي خېلى ياۋاش ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ شەھەردىكى سالاھىيىتىمىز بىلەن ئۇ قانداقمۇ نەيرەڭۋازلىق قىلالىسۇن؟

-ھىم، ئىشقىلىپ بۇ ئىشنى چىڭ تۇتۇڭ!

-بولىدۇ، ئېرىم!

-بىز كۆرۈشمىگىلى نەچچە كۈن بولدى، سىزنى بەك سېغىندىم جۇمۇ!-دېدى مو يىفەن تەن يۈخېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ. تەن يۈخېمۇ مو يىفەننىڭ قوينىدا ئەركىلىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى. تەن يۈخېغا ئوخشاش ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان جەلپ قىلىش كۈچى يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ بەلكىم مو يىفەنگە قەستەن ياخشىچاق بولماقچى بولۇشى مۇمكىن، ناھايىتى تېزلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مو يىفەننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆيۈشىگە جاۋاب قايتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، مو يىفەن ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەن يۈخېنىڭ ئۇخلاش كىيىمىنىمۇ سېلىۋەتتى.

ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى دەل سافانىڭ يان تەرىپىگە قارىتىلغاچقا، مەن ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن مو يىفەن بىلەن تەن يۈخېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ئېنىق كۆرەلەيتتىم. ئارقىدىنلا يان تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئۇلارنىڭ قايناق ھېسسىياتلىق كۆرۈنۈشىنى سىنغا ئېلىۋالدىم.

ئەسلىدە مو يىفەنگە ئوخشاش ئەرلەرنى چوقۇم يېرىم سائەت ئەتراپىدا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق كىم بىلسۇن، بەش مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مو يىفەن ۋارقىرىغاندىن كېيىن تەن يۈخېنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى. ئاناڭنى، مۇشۇنداق ئەر كىشى تۇرۇپ يەنە نېمىسىگە باشقا ئاياللارغا قانات سۆرەيدۇ؟ ئايالىم نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ؟ مەن پەقەتلا چۈشەنمىدىم، ئەسلىدە ئايالىمنى بىر تەرەپتىن مو يىفەننىڭ پۇلىنى كۆزلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا مەندىن يۈز ئۆرۈگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ھازىر مو يىفەن بەش مىنۇتقىمۇ پايلىمايدىغان ئەر ئىكەن، ئايالىمنىڭ ئۇ ئىشقا بولغان قىزىقىشىدا مو يىفەن ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن ھەرگىزمۇ چىقىپ بولالمايتتى. بۈگۈنكى بۇ ئىش ھەقىقەتەن مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى!

مەن سىن كۆرۈنۈشىنى ساقلاپ قويدۇم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ مو يىفەنگە تەھدىت سېلىشىمغا پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

-خوتۇن، نېمىدىگەن راھەت، سىز يەنىلا شۇنداق جەلىپكار!-دېدى مو يىفەن.

-ئېرىم، سىز راھەتلەنسىڭىزلا بولدى، بولمىسا بۈگۈن كەچ قايتىپ كەتمەڭ، قېلىپ ماڭا ھەمراھ بولسىڭىز بولامدۇ؟

-بولمايدۇ، سەل تۇرۇپ خۇ دېرىكتورنى كېچىچە ماجياڭ ئويناشقا تەكلىپ قىلدىم، ئەتە كەچتە سىزگە ھەمراھ بولاي، بولامدۇ؟

-ھە، ماقۇل، سىز ماڭا ھەمراھ بولالمىغاندىن كېيىن، مەن پەقەت ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرىمەن شۇ!-دېدى تەن يۈخې قارىماققا ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. مو يىفەن ئايالىغا ھەمراھ بولالمايدىغانلىقىدىن خىجىل بولغاندەك تەن يۈخېنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن:

-ئەتە كەچ، ئەتە كەچ مەن چوقۇم كېلىپ سىزگە ھەمراھ بولاي بولامدۇ؟-دېدى.

-شۇنداق دېگەن ئىكەنسىز چوقۇم گېپىڭىزدە تۇرۇڭ ھە، مېنى ئالداپ قويسىڭىز بولمايدۇ!

-خاتىرجەم بولۇڭ، ئەمسە مەن ماڭدىم!-دېدى مو يىفەن ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىم كىيمەكچى بولغان ئىدى، تەن يۈخې ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاپئاق ھەم يالىڭاچ بەدىنىنى ئۇنىڭغا سۈركىگىنىچە كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ قويدى. مو يىفەن كىيىمىنى كىيىپ بولغاندىن كېيىن، تەن يۈخېنى قۇچاقلاپ يەنە سۆيۈپ قويۇپ ئاندىن كېتىپ قالدى. تەن يۈخې مو يىفەننى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويۇپ:

-ئېرىم، ئەتە كەچتىكى ۋەدىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ!-دېدى.

-خاتىرجەم بولۇڭ!-دېدى مو يىفەن تەن يۈخېنى يەنە سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن، ئارقىدىن ئىشىكنى ئېچىپلا چىقىپ كەتتى. ئىشىك يېپىلغاندىن كېيىن، تەن يۈخې ئاندىن ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ:

-لېي ئىنىم، بۇ ياققا چىقىڭ، ئۇ كەتتى!-دېدى. بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:122-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章