251-باب: ئۆزىڭىزنى مەندىن قاچۇرۇۋاتامسىز؟
شىركەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، فاڭ لىتىڭغا ئەتە پايتەختكە بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى بايقاپ، ئۇنىڭغا: «لىتىڭ، ئەتە پايتەختكە بارىدىغان ئازراق ئىشىم بار ئىدى، بىرەر ئىشىڭىز بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ، مەن قايتىپ كەلگەندە ھەل قىلىپ بېرەي» دەپ ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم.
«پايتەختكە بېرىپ نېمە قىلىسىز؟ خې ئاچام پايتەختكە بارمايدىغۇ؟» فاڭ لىتىڭ ناھايىتى تېزلا ماڭا جاۋاب قايتۇردى. قارىغاندا ئۇ مېنى يەنە ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن پايلاقچىلىق قىلىش ئۈچۈن بارىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغاندەك قىلاتتى.
«بۇ قېتىمقى ئىشىم ئايالىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىزگە دەي!» مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ ئۇچۇر يوللىۋەتكەندىن كېيىن، سافادا بىردەم يېتىۋالاي دەپ تۇرغاندا، بىرسى ئىشىكنى چەكتى.
-كىرىڭ!
ئىشىك ئېچىلىپ، ۋاڭ زىتۇڭ بىر بولاق نەرسىنى ئېلىپ كىرىپ كەلدى. ۋاڭ زىتۇڭ ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك كالتە يەڭ مايكا، بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا قارا رەڭلىك كۆڭلەك ئالماشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قارا رەڭلىك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن، چاچلىرى يەلپۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. مەن ۋاڭ زىتۇڭنىڭ بۇنداق جەلپكار تەرىپىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يوپكىسى ئاستىدىكى ئاپئاق ھەم ئۇزۇن بىر جۈپ ئۇزۇن پۇت مېنى ئۆزگىچە خىياللارغا چۆمدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆڭلۈمنى سەل يېرىم قىلدى.
-كىيىمنى قاچان ئالماشتۇردىڭىز؟-مەن ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم.
-چۈشتە ئۆيگە قايتىپ ئالماشتۇرۇپ كەلدىم، قارىسام ھاۋامۇ سەل ئىسسىق ئىكەن! لېي باش دىرېكتور، بۇ يۇرتۇمنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى ئىدى، تېتىپ بېقىڭ، ئېغىزىڭىزغا تېتىسا كېلەر قېتىم ئالغاچ كېلەي!-ۋاڭ زىتۇڭ بىر بولاق نەرسىنى ماڭا سۇندى. ئېچىپ كۆرۈپ باقسام دەرۋەقە بىزنىڭ يۇرتنىڭ «قاچا كۇمىلىچى» تامىقى بولۇپ، ئۇنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولدۇم.
بۇ قىز خىزمەت ئورنىدا ئۈچ يىل ئىشلىگەن كىشى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن، تۇنجى كۈنى خوجايىنغا ئازراق كۆڭلىنى بىلدۈرۈشمۇ ھېسابتا بىر خىل ياخشىچاق بولۇش مۇناسىۋىتى ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئادەتتە غوجايىنلار تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال نەرسىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار دەل غوجايىنلارنىڭ قوبۇل قىلىشقا ئامراق نەرسىسى ئىدى.
-ھە، ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت! بۇنى مەن ئالدىم، بىراق بىر ئىشنى سىزگە دېمىدىم، ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق ئىكەنمىز!-دېدىم مەن.
-لېي دىرېكتور، سىز مەن بىلەن يۇرتداشمۇ؟ نېمە دېگەن ياخشى، قارىغاندا مەن راستتىنلا ئادەمنى توغرا تېپىپتىمەن، بىز يۇرتداش بولغاندىكىن، بۇندىن كېيىن لېي باش دىرېكتورنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!-دېدى ۋاڭ زىتۇڭ.
مەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-خىزمەت جەھەتتە يەنە ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا موھتاج بولىسىز، ئادەتتە تۇرمۇشتا قانداق ئىشىڭىز بولسا مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ!-دېدىم.
-بولىدۇ، بۇندىن كېيىن قانداق ئىش بولسا لېي باش دىرېكتورنى ئىزدەيمەن.
-بولىدۇ، بۇ تاماققا كۆپ رەھمەت، ئۇن يېمىگىلى بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى!
-ھېچقىسى يوق، سىز ياقتۇرۇپ يېسىڭىز كېلەر قېتىم يەنە ئالغاچ كېلەي.
-بولدى، بىر قېتىم سوۋغات قىلسىڭىزلا بولدى، كۆپ سوۋغات قىلىۋەتسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كۆپ قەرز بولۇپ كېتىمەن، بۇ ياخشى ئىش ئەمەس.
-ۋاي-ۋۇي، لېي باش دىرېكتور، تۈزۈت قىلماڭ! بولدى، باش دىرېكتورغا دەخلى قىلماي، ئەمسە ئارام ئېلىڭ، مەن چىقىپ كەتتىم.
ۋاڭ زىتۇڭ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن سافادا يېتىپ ئۇخلاپ قالدىم. سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز سىرتتا بىرسىنىڭ ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئالدىراپ-تېنەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئېچىپ قارىۋىدىم، ئەسلىدە ۋاڭ زىتۇڭ بىر ئادەمنى توسۇۋالغان بولۇپ، ئۇ ئادەم مېنى ئىزدىمەكچى بولغاندا، ۋاڭ زىتۇڭ ئۇنى كىرگۈزمىگەن ئىكەن. كۆزۈمنى چىمچىقلىتىۋېتىپ سىنچىلاپ قارىغان ئىدىم، ئەسلىدە كەلگەن ئادەم دەل مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان «رەقىبىم» تەن يۈخې ئىكەن. بەلكىم ۋاڭ زىتۇڭ چوقۇم مېنى ئىشخانىدا ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولغاچقا، تەن يۈخېنىڭ مېنى ئاۋارە قىلىشىغا يول قويمىغاندەك قىلاتتى.
-لېي باش دىرېكتور، بۇ شىركەتتىكىلىرىڭىز نېمانداق قىلىدۇ؟ مەن نەچچە قېتىم كەلسەممۇ ئۇ يەنە مېنى توسۇۋېلىپ بارىدۇ، يېڭى كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟-تەن يۈخې مېنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى.
-تەن خانقىز، سەت بولدى، شياۋ ۋاڭ بۈگۈن ئىشقا كەلگەن، سىزنى تونۇمايدۇ، سەت بولدى!-مەن ۋاڭ زىتۇڭغا ئىشارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىشنى ئېيتتىم، ۋاڭ زىتۇڭ ھېچنېمە دېمەيلا كېتىپ قالدى. مەن تەن يۈخېنى ئىشخانىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-يۈخې ئاچا، قىزچاق يېڭى كەلگەن، خاپا بولماڭ،-دېدىم.
تەن يۈخې دەسلەپتە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى، مېنىڭ ياخشى گەپ قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئۇنداقتا سىز ئاچىڭىزنى قانداق خۇشال قىلماقچى؟-دەپ ماڭا چاپلىشىۋالدى.
مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىشخانىدا يەنە بىر قېتىم ھېلىقى ئىشنى قىلىشنى ئويلىدىم، بىراق بايا سىرتتا تاماشا كۆرۈۋاتقانلار ئاز ئەمەس، ھەممىسى تەن يۈخېنىڭ ئىشخانامغا كىرگەنلىكىنى بىلىدۇ، مېنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا تەن يۈخې بىلەن ئىشخانىدا قالايمىقان ئىش قىلغۇم يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن يەنە مۇشۇنداق بىر ئەستايىدىل ياردەمچى كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ قاچان بۆسۈپ كىرىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ شۇڭا مەن كۈلۈپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا:
-يۈخې ئاچا، بۈگۈن مەن سەل ئالدىراش، كەچتە سىزنى ئىزدەپ باراي، بولامدۇ؟-دېدىم.
-بۈگۈن كەچ سىزنى مېھمانخانىدا ساقلايمەن!-تەن يۈخې ناھايىتى خۇشال بولغىنىچە بوينۇمنى قولىنى ئارتتى.
-خاتىرجەم بولۇڭ. يۈخې ئاچا، بۈگۈن كەچتە چوقۇم بارىمەن!-مەن سۆزلەۋېتىپ بېشىمنى تۆۋەن سالغىنىمچە تەن يۈخېنىڭ ئاغزىغا سۆيۈپ قويدۇم. تەن يۈخې مەن بىلەن ئۇزۇن سۆيۈشمەكچى بولغاندا، مەن ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم:
-يۈخې ئاچا، بۈگۈن مېنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلدىڭىزمۇ؟
-بىز بالىلىق بولۇشتىن ئىلگىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتىمىز دېگەن ئىدۇققۇ؟ مەن ھېسابلاپ باقتىم، مېنىڭ تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىم توشاي دەپ قالدى، بىز ئەتە دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتەيلى!
تەن يۈخېنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھاڭۋىقىپ قالدىم. گەرچە ئىلگىرى توختام ئىمزالىغان بولساقمۇ، لېكىن مېنىڭچە ئۇ مەن بىلەن بۇنداق تېز بالىلىق بولۇپ كەتمەس! ھازىر تەن يۈخېنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىم توشاي دەپ قالدى، سالامەتلىكىمىزنى تەكشۈرتۈپ كېلەيلى دېگىنىنى ئاڭلاپ سەل ئىچىم سىقىلدى. بىراق بەختكە يارىشا، ئەتە پايتەختكە بېرىشىم كېرەك، سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتكىلى بارساممۇ قايتىپ كېلىشىمنى ساقلىشى كېرەك، لېكىن قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم، شۇڭا مەن يالغاندىن خىجىل بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم:
-يۈخې ئاچا، ئەتە بولماسمىكىن، ئەتە پايتەختكە كاماندىروپكىغا بېرىشىم كېرەك، سىز مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى ساقلاڭ!
-پايتەختكە كاماندىروپكىغا چىقامسىز؟ ئۇنداقتا قاچان قايتىپ كېلىسىز؟
-قايتىپ كېلىش ۋاقتىمنى تېخى بېكىتمىدىم، بىراق مەن قايتىپ كېلىپلا سىز بىلەن ئالاقىلىشاي.
تەن يۈخې ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ بىر بارمىقىنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ:
-سىز بۇ ئىشتىن قەستەن ئۆزىڭىزنى قاچۇرمايۋاتقانسىز؟-دېدى.
مەن تەن يۈخېنى باغرىمغا بېسىپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ:
-يۈخې ئاچا، مەن قانداقسىگە سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرغۇدەكمەن؟ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا شۇنداق قاچۇرغۇدەك ھېسسىيات بارمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز توختام ئىمزالاپ بولدۇق، مەن يېنىۋالاي دېسەممۇ يېنىۋالالمايمەن!-دېدىم.
تەن يۈخې ئاغزىمغا بىرنى نوقۇپ قويغاندىن كېيىن:
-ئوبدان بىلسىڭىزلا بولدى، بۇ قېتىم سىزنى قويۇۋېتىمەن، كېلەر قېتىم يەنە مۇشۇنداق باھانە بىلەن مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىدىغان بولسىڭىز، مەن چوقۇم سىزگە ئۆزۈمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىمەن!-دېدى.
-سىزنى ئالدىمىدىم، يۈخې ئاچا، قاراڭ پويىز بېلىتىنىمۇ ئېلىپ بولغان!-مەن تېلېفونۇمنى ئېلىپ 12306نىڭ بېلەت زاكاز قىلىش ئۇچۇرىنى تەن يۈخېغا كۆرسەتتىم.
تەن يۈخې بېلەت زاكاز قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭ گېپىمگە ئىشەندى:
-بۇ قېتىم بولدى، ئۇنداقتا مەن بۈگۈن كەچتە مېھمانخانىدا سىزنى ساقلايمەن!
-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم بارىمەن!
-سىرتتىكى ھېلىقى قىز سىزنىڭ يېڭى ياردەمچىڭىزمۇ؟-تەن يۈخې گۇمانلانغان ھالدا سورىدى.
-يېڭى ياردەمچى، بۇرۇنقى ياردەمچىم ئىستېپا بەرگەن، يېڭىدىن بىرنى قوبۇل قىلدىم.
-بۇ قىزنىڭ سەل ھالى بارمۇ قانداق؟
-يېڭى كەلگەن، قائىدە ئۇقمايدۇ. يۈخې ئاچا، سىز بەك كەڭ قورساق، بولدى ئۇنىڭدىن ئاغرىنماڭ!
-ئۇغۇ شۇ، مەنمۇ بىر كىچىك ياردەمچى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن، خاتىرجەم بولۇڭ! ئەمسە مەن ماڭغاچ تۇراي، سىزنى كەچتە ساقلايمەن!
-يۈخې ئاچا، ئاۋايلاپ مېڭىڭ!-مەن تەن يۈخېنى ئۇزىتىپ قويدۇم.
تەن يۈخې كەتكەندىن كېيىن سائەتكە قارىسام ئۈچتىن ئېشىپتۇ. ئەمدى ئىشىمنى قىلاي دەپ تۇرسام فاڭ لىتىڭ ماڭا تېلېفون قىلدى.
-ۋەي، لېي ئاكا، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
-بىكار، ھازىر ئىش قىلاي دەپ ئولتۇرغانتىم تېخى، نېمە بولدى؟
-بايا باش دىرېكتور خې ھەدەمنى مالىيە ئىشخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچىسى دەپ ئېلان قىلدى!
-ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچى؟
* * *
252-باب: گۇمانلىق ئۆسكەن ئەمەل
فاڭ لىتىڭنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، مەن بىردىنلا ھېلىقى باش دىرېكتورنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز ئايالىمنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم. چوقۇم ئايالى ئۇنى بىرەر پايدىغا ئېرىشتۈرگەن گەپ ياكى ئۇ ئايالىمنى مويىفەنگە ئوخشاش ئادەمگە سېتىپ بېرىپ، شىركەتكە زور پايدا ياراتقان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئايالىم بىلەن قانداقتۇر مۇناسىۋىتى بار...ئىشقىلىپ ئايالىم ئۇنى ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشتۈرمىسە، نېمىشقا تۇيۇقسىز ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا ئەمىلى ئۆسۈپ قالىدۇ؟ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئايالىمنى ئېلىپ مويىفەنگە ھەمراھ بولۇپ گولف توپ ئوينىغىلى بارغانلىقىمنى ئويلىسام بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ، ئايالىم بىلەن مو يىفەن گولف توپ مەيدانىدا توپتوغرا بىر كۈن تۇردى، ئۇلارنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟
مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم ئايالىمنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس، ئايالىمنىڭ ئىقتىدارى بارلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن، بىراق ئۇلارنىڭ شىركىتى ئەزەلدىن ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويىدۇ، قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا قويمايدۇ. ئايالىم شىركەتكە كىرگىلى شۇنچە يىل بولدى، تېخىچە بىر كىچىك خىزمەتچى، بۇ نۇقتىدىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئايالىمنىڭ ئۆسۈش پۇرسىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ھەتتا ياڭ زىۋېنمۇ شىركەت باش ئىشتابىدىكى بىر رەھبەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولغاچقا، مالىيە دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. ھازى مالىيە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، ھايات-ماماتى ئېنىق ئەمەس، باشقۇرغۇچىمۇ يۆتكىلىپ كەتتى، گەرچە بۇ ۋاقىتتا ئايالىمنى ئۆستۈرۈش ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، لېكىن مالىيە بۆلۈمىدە يالغۇز ئايالىملا يوق، ھازىر ئۇنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈشتە مەسىلە باردەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
-توغرا! شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى مالىيە باشقۇرغۇچىسى باشقا جايغا يۆتكەلدى، بۇ ئورۇن ئەمدىلا بوش قالغان، شىركەت رەھبەرلىرى باش دىرېكتورغا بىر ئادەمنى تەۋسىيە قىلىشنى ئېيتقان، باش دىرېكتور خې ھەدەمنى تەۋسىيە قىلدى، بىراق خې ھەدەم شۇنچە يىللاردىن بېرى شىركەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ياڭ زىۋېن قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، مالىيە ئىشخانىسىدىمۇ خې ئاچامدەك ئىقتىدارلىق ئادەم يوق، بۇمۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقۇ دەيمەن!
-نېمىشقا رەسمىي باشقۇرغۇچى ئەمەس، ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچى بولىدۇ؟
-بۇ ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچى ئەمەلىيەتتە رەسمىي باشقۇرغۇچى، شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن ئۈچ ئاي تەكشۈرۈش مۇددىتى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۈچ ئايلىق تەكشۈرۈش مەزگىلىدە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمىسە، ئاساسىي جەھەتتىن رەسمىي بولىدۇ!
بۇ گەپچە، ئايالىمنىڭ بۇ مالىيە باشقۇرغۇچىسى بولۇش چۈشى ئاساسىي جەھەتتىن رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەينى چاغدا بەي ياڭ ماڭا ئايالىم بىلەن مالىيە باشقۇرغۇچىلىق ئورنىنى تالىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان، كېيىن ئىككىلىسى ۋەزىپىگە تەيىنلەنمەي، ئەكسىچە باشقا بىرى ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋالغان، بەي ياڭ ھازىرغىچە مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ئايالىمغا ئاداۋەت ساقلاپ يۈرگەن ئىدى. ھازىر بەي ياڭ رۇخسەت سوراپ شىركەتتە يوق، لېكىن مېنىڭچە بۇ ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ئىدى.
-ھە، بىلدىم.
-لېي ئاكا، سىز ئاڭلىماققا ئانچە خۇشال ئەمەستەك قىلىسىز!
-ئۇنداق ئەمەس! بۇنداق ئىشقا خۇشال بولماي خاپا بولاتتىممۇ؟
-ئەمسە ياخشى، مەن خې ئاچامنىڭ يېنىغا بېرىپ قىزىل بولاق ئالىمەن، ھازىر ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خې ئاچامنىڭ ئۆسكەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ!
-بېرىڭ، بېرىڭ!-مەن تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى، بەك بىئارام بولدۇم. بۇ مەزگىلدە ئايالىمنىڭ ھەر خىل غەلىتە قىلمىشلىرى مېنى ئوقيادىن ئۈركۈگەن قۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويدىمۇ ياكى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ مېنىڭچە ئايالىمنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشى بەلكىم مەلۇم بەدەل تۆلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. خۇددى ھېلىقى سۆزدە ئېيتىلغاندەك، سىز ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن بەدەل تۆلەشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك!
سائەت تۆتتىن ئاشقاندا مەن نىڭئېرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم، سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا بىز تاماق يەۋاتقاندا ئايالىم قايتىپ كەلدى.
-ئېرىم، بۈگۈن ئەمىلىم ئۆستى!-ئايالىم ئىشىكنى ئېچىپلا ماڭا ئەمىلىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ قارىماققا ئىنتايىن خۇشال كۆرۈنەتتى. ئەگەر بۇرۇنقى ۋاقىت بولغان بولسا، ئايالىمنىڭ ئەمىلى ئۆسكەنلىكىنى ئاڭلىسام مەن چوقۇم ئايالىمنى قۇچاقلاپ ئۆز ئورنۇمدا ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن سۆيۈپ قويغان بولاتتىم، لېكىن ھازىر مەن ئايالىمنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئۇنىڭ تېنىنى سېتىشى ياكى يولدىن چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىساملا ئازراقمۇ خۇشال بولالمايمەن.
-ئەمىلىڭىز ئۆستىمۇ؟-بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ سورىدىم.
بۈگۈن شىركىتىمىزنىڭ باش دىرېكتورى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىدا مېنى ۋاقىتلىق مالىيە باشقۇرغۇچىلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، گەرچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ، لېكىن شىركىتىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەگەر ئۈچ ئاي سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىسە، بۇ مالىيە باشقۇرغۇچىلىق ئورنى مېنىڭ بولىدۇ!-ئايالىم ئاياغ ئالماشتۇرغاچ شۇنداق دېدى.
-مائاشىڭىز قانچىلىك ئۆسىدۇ؟-دېدىم مەن.
ئايالىم ئادەتتىكى خىزمەتچى بولغاندا بىر يىلدا 70-80 مىڭ يۈەن تاپاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قانچىلىك پۇل تاپالايدىغانلىقىغا پىسەنت قىلمايمەن، ئۇنىڭ ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان كەسپى بار، يەنە ئازراق پارچە پۇل تاپالايدىغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى بولاتتىم.
-ھەر ئايدا مىڭ يۈەن ئۆسىدۇ، ئۈچ ئاي سىناق مەزگىلىدە 500 يۈەن ئۆسىدۇ!
ئايالىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، تۇيۇقسىز ئەتىگەندە ۋاڭ زىتۇڭ بىلەن بولغان پارىڭىم ئېسىمگە كەلدى، ۋاڭ زىتۇڭ ئەتىگەن مەن بىلەن ئازراق باھا تالاشقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ شەھەردە ياشىشىمۇ ئازغىنە ئىش ھەققى ئۈچۈن ئەمەسمۇ، بىزنىڭ بۇ 3-سەپتىكى شەھەرلەردە ئىش ھەققى يۇقىرى ئەمەس، مال باھاسى 1-، 2-سەپتىكى شەھەرلەردىن تۆۋەن ئەمەس، شۇڭا ئايالىمنىڭ ئەمىلى ئۆسسە ھەقىقەتەن ياخشى بولاتتى.
-ھە، ياخشى ئىش، ياخشى ئىش، كېلىپ تاماق يەڭ!-دېدىم مەن. ئايالىم قولىنى يۇدى، ئاندىن تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ماڭا غەلىتە قارىدى:
-سىز نېمىشقا بۇنداق چىراي ئىپادىسىدە بولىسىز؟ ئەمىلىم ئۆسسە خۇشال بولۇشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ؟
-مەن خۇش بولدۇمغۇ، تاماق يەيلى!-دېدىم مەن.
ئايالىم ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
-خۇشال بولغىنىڭىزنى ھېس قىلمىدىم!-دېدى.
-ئەجەب بالدۇر قايتىپ كەپسىزغۇ؟-مەن تېمىنى يۆتكىدىم.
-بۈگۈن ئەمىلىم ئۆستى! مەن ھازىر مالىيە ئىشخانىسىنىڭ چوڭى، كۆپچىلىكنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردىم، ئۆزۈمنىمۇ دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردىم!-ئايالىم بەك كۆرەڭلەپ كەتكەندەك قىلاتتى.
بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقىم كەلدى، ئۇنىڭ ئەمىلىنىڭ قانداق ئۆسكەنلىكى ماڭا قاراڭغۇدەك يەنە مۇشۇنداق كۆرەڭلەپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان!
تاماق يەپ بولاي دېگەندە، مەن ئايالىمغا:
-ھە راست، جاڭ تاغام بىلەن دېيىشىپ قويدۇم، ئەتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە پايتەختكە چياڭزىنى كۆرگىلى بارىمەن!-دېدىم.
-جاڭ تاغام؟ جاڭ چياڭنىڭ دادىسى؟-دېدى ئايالىم ھەيران قالدى.
-چياڭزىنى لى ۋېننا دېگەن پەسكەش قەسلىۋەتتى، مەن ئەتە ئۇنى يوقلاپ بارىمەن، قانداقلا بولمىسۇن بىز قان قېرىنداشتەك بۇرادەرلەر!-بۇ گەپنى قىلغاندا ئايالىمغا بىر مىليون يۈەن توغرىسىدا گەپ قىلىشنى ئويلاشمىدىم، چۈنكى ئەگەر مەن دېسەم، ئۇ مېنى شىركەتنىڭ مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالدى دەپ ئويلاپ، مەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بىزگە ئوخشاش كىچىك شىركەتلەردە بىر مىليون يۈەن ئاز پۇل ئەمەس، بەلكىم مەن بىر مىليون يۈەننى يۆتكەپ ئىشلىتەلىشىم مۇمكىن، بىراق ۋاقتىنچە بۇ زىياننى تولۇقلىيالمىسام، شىركەت تىجارەتنى توختىتىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئايالىم تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرسە، تەن يۈخېنىڭ ئىشىنى بىلىپ قالىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە تېخىمۇ قاتتىق بوران-چاپقۇن چىقاتتى. شۇڭا مەن ئايالىمغا بۇ ئىشنى دېيىشنى ئويلاشمىدىم.
-چياڭزىنىڭ بۇنىڭغا ئامالى يوقمۇ؟ ئۇنىڭ دادىسى ۋەيران بولغان بولسىمۇ، ئورۇقلاپ ئۆلگەن تۆگىمۇ ئاتتىن چوڭ، ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقىشتا ھېچقانداق مەسىلە يوقتۇ؟-دېدى ئايالىم.
-جاڭ تاغام ئەتە پايتەختكە قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ ئىشنى ئاستىرتتىن ھەل قىلغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بارىدۇ!-دېدىم مەن.
-ھە...بولىدۇ، مەن تېخى ئەتە نىڭئېرنى دېڭىز-ئوكيان سارىيىغا بىللە ئېلىپ بارايلى دېمەكچى ئىدىم، ئۇنىڭغا ماقۇل بولغىلى خېلى بولدى!-دېدى ئايالىم.
ئۇ بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا مەن نىڭئېرغا قارىدىم، ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ ناھايىتى خاپا بولغان ئىدى. مەن ئامالسىز نىڭئېرغا:
-قوزام، مەن قايتىپ كەلگەندە، قەيەرگە بارغىڭ بولسا شۇ يەرگە ئېلىپ باراي!-دېدىم.
نىڭ ئېر دەرھال بېشىنى لىڭشىتتى.
-ئەتە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە باراي، بولمىسا سىز قايتىپ كەلگەندە يەنە بىر قېتىم بارايلى!-دېدى ئايالىم.
ئۇنىڭ بۇ گېپى ئالدىنقى قېتىم ئۆزى يالغۇز نىڭئېرنى ئېلىپ سەيلە-تاماشا باغچىسىغا بارغاندا مويىفەن بىلەن بىللە تۇرغان ئىشىنى ئەسلەتتى. ئەينى چاغدا ئايالىم ماڭا ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مويىفەن ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغان، بۇ قورسىقىنىڭ ئاغرىقى بار ئىكەنلىكى بولماي نېمە؟
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:126-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار