ھەر قانچە ئۇزاق يول بولسىمۇ ئاخىرىغا چىقىمەن

文摘   2024-11-12 20:02   新疆  


ئىلگىرى مەن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا شەن شياۋشۇاڭ بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالىدىغان بىر قانچە ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققانمەن، ئەمما ھېچقايسىسى ھازىرقى ئەھۋالغا ماس كەلمىدى. بۈگۈن ئىشتىن چۈشكەندە ۋېلىسىپىتىمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم، لاپاسنى بىر قانچە قېتىم قېزىپمۇ تاپالمىدىم. يېقىندىن بۇيان بىر توپ ئوغرىنىڭ كۆزى گېزىتخانىمىزنىڭ ماشىنا لاپىسىغا چۈشكەنىدى، مەن كەينى-كەينىدىن ئۈچ ۋېلىسىپىتىمنى يىتتۈرۈپ قويدۇم، خىزمەتدىشىم جياڭ شۈيليەننىڭ توكسىكلىتىنىمۇ يىتتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدىم، كېيىن ئۇنىڭ توكسىكلىتىنى مىنىپ زىيارەتكە چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. جياڭ شۈيليەنگە تېلېفون ئۇرۇۋېدىم، بۇ جىنتەك پىخىلداپ كۈلۈپ «بۈگۈنكى زىيارەت ئوبيېكتى بەك بىزەڭكەن، مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالدى. مېنىڭغۇ يېگۈم يوق ئىدى، ئەمما ئۇ سورۇننى پۇيۈن يولىدىكى كورېيە كاۋاپخانىسىغا تۈزۈپتۇ، ئويلاپ باقسام كاۋىپى يامان ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ يۈزىنى بىر قىلىپ قوياي دېدىمغۇ.» دېدى. «سىزغۇ ئادىمىگەرچىلىكنى قايتۇرۇۋالغۇدەكسىز، قورسىقىڭىزنىمۇ تويغۇزۇۋالغۇدەكسىز، ئەمما مېنى قىيناپ قويدىڭىزغۇ، ئۆيگە قانداق قايتىمەن؟» دېدىم مەن. ئۇ يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەنمۇ شۇ سىزگە تېلېفون قىلايلا دەپ تۇرغان، مەززىلىك تائامدىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز، يەنە ئۆيگە قايتىمەن دېمەڭ. بۇ يەردە تېخى پىنتوزىدىنمۇ كەڭرى بىر قانچە مەستانىڭىز باركەن، خەقنىڭ سىزنى كۆرگۈسى كېلىپ كېتىپتۇ، تاكسىدىن بىرنى توسۇپ كېلىڭ، بولمىسا ئۇلار ئالدىڭىزغا ماشىنا ئەۋەتسۇنمۇ يا؟» بۇ 2010-يىلى 9-ئاي مەزگىلى، پۇل مۇئامىلە كرىزىسى تېخى ئۈزۈل-كېسىل ئۆتۈپ كەتكىنى يوق، ئەمما ئۇنتۇغاق كىشىلەر يەنە چوڭ يەپ-ئىچىشكە باشلىدىغۇ. مەنغۇ ئويۇن-تاماشىغا تازا كۆنەلمەيدىكەنمەن، شۇڭا «ھىم» دەپلا تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، ئۆيگە قايتىش يولىغا راۋان بولدۇم.
ئۆيۈم شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، نەچچە ئاپتوبۇس ئالماشساممۇ ئىشىك ئالدىغا بارالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈزنىڭ تىنجىقى يامان، كوچا ئاپتوبۇسى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ھەم قىستاڭچىلىققا تولغان، يول توغرا كەلمەيدىغان كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىپ-چۈشۈپ يۈرگەندىن كۆرە، كوچىدا سەيلە قىلىپ ماڭغان ياخشى ئەمەسمۇ. ئۆيۈم ئىدارىدىن يىراق بولغاچقا، ئادەتتە ۋېلىسىپىتنى توكسىكىلىت، موتسىكىلىت ئورنىدا مىنىمەن، ھەرىكىتىم شامالدەك تېز، تارچۇقنى كۆرسەملا شۇڭغۇيمەن، ۋېلىسپىتنى كۆرسەملا ياندايمەن، ھېچكىمنىڭ ۋېلىسپىتنى مەندەك تېز مىنىشىگە يول قويمايمەن، شۇڭا ئەزەلدىن كوچىدا سەيلە قىلىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. بۇ قېتىم پىيادە ماڭغاندا، سەيلە قىلىشقىمۇ كەيپىيات كېتىدىغانلىقىنى ئاندىن بىلدىم. مېنىڭ كەيپىياتىم ساز ئەمەس، كېتىۋاتقاچ گېلىمدىن ئىس، بېشىمدىن بۇس چىقىپ كەتتى. بەزىدە تاكسى شوپۇرلىرى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ماڭا يول بەردى، بەزىدە ئۈچ چاقلىق ھارۋىكەشلەر ماڭا قاراپ كۈلۈپسىرەپ قويدى، ئەمما مەن پەرۋا قىلمىدىم، تېخى ئۆزۈمگە «ئۆزۈمنىڭ يولىنى ئۆزۈم مېڭىشىم كېرەك، ھەر قانچە ئۇزاق يول بولسىمۇ ئاخىرىغا چىقىمەن» دەپ مەدەت بەردىم. بۇ چاغدا تېخى ئۆزۈمنىڭ بىر گۈزەل ئۇچرىشىشقا كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتىم، بىلگەن بولسام تەقەززالىق ئىلكىدە قەدىمىمنى تېزلەتكەن بولاتتىم. ئەلۋەتتە، ئالدىرىغان يولدا قالار دېگەندەك، بەك تېز ماڭغان بولسام ئۇنىڭدىن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىشىممۇ مۇمكىن ئىدى.
شۇنداق، شەن شياۋشۇاڭ بىلەن كۆرۈشۈشۈم سەل كېچىكىدۇ، ھېچ بولمىغاندا يەنە بىر يولغا بۇرۇلۇشۇم كېرەك، بۇ باسقۇچلارنىڭ بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. كەيجۇ يولىدىن بۇرۇلۇپ كۇنۋۇ يولىغا چىققاندا، يەنىلا يۈرۈش-تۇرۇشى گۇمانلىق ئەبلەخكە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتىم، ياسالما كۈلكە بىر ھارۋىكەش تېخى مېنىڭ پېيىمغا چۈشۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن كەينىمدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئاچچىقىم كېلىپ بىر بۇرۇلۇپلا پۇيۆ يولىغا چىقىۋالدىم. پۇيۆ يولى ئارقا كوچا بولغاچقا ئاپتوموبىل ئاز، ئادەم شالاڭ ئىدى، كەينىمگە قاراپ باقسام ھېچكىم ئەگىشىۋالماپتۇ. يول بويى بەش تاكسى شوپۇرى ۋە ئۈچ ھارۋىكەشنىڭ «ئىلتىپات» ىنى رەت قىلغان بولساممۇ، ئەمما سوغۇق ئىچىملىك ساتىدىغان بىر قىزغا «ئىچ ئاغرىتىپ» قالدىم. ئۇ يول بويىدا كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئاكا، قاراڭە ئىسسىپ كەتكىنىڭىزنى، چوكا مۇزدىن بىرنى يەپ قويامسىز» دېدى. چوڭ كوچىدا چوكا مۇز شورايدىغان يېشىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولساممۇ، يەنىلا بۇ قىزچاققا قىزىقىپ قالدىم، ئۇنىڭدىن سۇ بارمۇ دەپ سورىدىم. ئۇ ھور ئۆرلەپ تۇرغان مۇزلاتقۇنى ئېچىپ، ماڭا تەۋسىيە قىلدى: «ماۋۇ ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، ئاۋۇ قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە ماۋۇ ۋە ئاۋۇ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ ھەم يۈرەكنى ياشارتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ». بىر قۇتا سۇنىڭ ئۇنچىۋالا شىپالىق ئۈنۈمى بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن، قولۇمنى تىقىپلا بىر قۇتا قىزىل چاينى ئېلىپ «مۇشۇ بولسۇن» دېدىم. قىز 20 ياشقا كىرمىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما خېلى ئىش كۆرگەندەك قىلاتتى، مېۋە ساتىدىغان قاقباش مومايلاردەك ماختامچى بولۇپلا قالماي، يەنە «تىلى شېكەر، دىلى زەھەر» بولۇش ھۈنىرىگە پىششىق ئىدى. ئۇ بەش يۈەنلىك پۇل تەڭلىگەنلىكىمنى كۆرۈپ، پىسسىڭىدە كۈلۈپ قويۇپ: «قاراڭ ئاكا، بىر قۇتىسى ئۈچ يۈەن، ئىككى قۇتا ئالسىڭىز ئېتىبار بېرەي، بەش يۈەن بولسۇن قانداق، يېنىمدىمۇ پارچە پۇل يوق ئىدى.» ئۇنىڭ ئاچكۆزلەرچە تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم، بۇ ھەرگىزمۇ ئەرزاننى كۆزلىگىنىم ئەمەس، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى رەت قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم


 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ


باشقا رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章