خىسلەتكار تاغدا تاڭ سېڭ، ئۇستاز-شاگىرت تۆتەيلەننىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن، ئامىتا تاڭ سېڭغا ئەخلاق-پەزىلەت ئەۋلىياسى، سۇن ۋۇكۇڭغا يېڭىش ئەۋلىياسى، جۇ باجيېغا پاكلىق ئەلچىسى، شاسىڭغا ئالتۇن تەنلىك ئارخات دەپ نام بەردى، ئىزچىل تاڭ سېڭنى يۈدۈپ ماڭغان ئاق ئاتمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەجدىھا شەكلىگە ئايلىنىپ، سەككىز پەلەك ئەجدىھاسى دېگەن نامغا ئېرىشتى، شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل خىسلەتكار تاغدا نۇر چاقناپ، ھەممە يەرنى ئالتۇن نېلۇپەر نۇرى قاپلىدى.
خىسلەتكار تاغ ئېتىكىدە بىر ئورۇق تىلەمچى نۇر چاقناپ تۇرغان تاغقا نەزەر تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەنسىتمەسلىك چىقىپ تۇرغاندىن باشقا، يەنە ئاسانلىقچە سەزگىلى بولمايدىغان نارازىلىقمۇ بار ئىدى.
ئۈچ دۇنيادىكىلەر شۇنى بايقىدىكى، تۆھپە مېۋىسىگە ئېرىشكەن يېڭىش ئەۋلىياسى بۇرۇنقىغا ئەسلا ئوخشىمايتتى، ئەسلى مىجەزى تېرىككەك بولغان مايمۇن سۇن ۋۇكۇڭ ئەۋلىياغا ئايلانغاندىن كېيىن، قەسىرى ئىشكىنى چىڭ تاقاپ 500 يىل بېكىنمە ھالەتتە ئېتكاپتا ئولتۇردى، ئۇ چىمەن تېغىغىمۇ قايتماي ھەم بۇرۇنقىغا ئوخشاش تەرەپ-تەرەپتە لاغايلاپ يۈرۈپ، ھەممە يەردە توغرا-خاتانى ئايرىشنىڭ ئورنىغا، ئامىتا پېچەتلىگەن ئېمېي تېغىدىكى قەسىردە توپتوغرا 500 يىل ئېتكاپتا ئولتۇرۇپ، خۇددى قەسىردىكى لاي ھەيكەلگە ئوخشاش، ئۈچ دۇنيانىڭ ئىشىغا قايتا ئارلاشمىدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئەرىشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ ئىشى ئاستا-ئاستا رىۋايەتكە ئايلاندى، ئۈچ دۇنيادىكىلەر ئىچىدە، ئاز ساندىكى كىشىلەر ھېلىقى قاپ يۈرەك مايمۇننى ئېسىدە ساقلىغاندىن باشقا، قالغان ماھارەت ئۇستىلىرى پەقەت ئېمېي تېغىدا بىر زور كۈچنىڭ بارلىقىنىلا بىلەتتى، ئۇ دەل يېڭىش ئەۋلىياسى-سۇن ۋۇكۇڭ ئىدى.
500 يىل ئىلگىرى تاڭ سېڭ ئۇستاز-شاگىرت تۆتەيلەن يول بويى بارلىق جىن-ئالۋاستىلارنى يوقاتقاندىن كېيىن، بۇ ئايماقتا پەقەت بۇددا راھىبلىرى ۋە بۇددا پادىشاھلىقىلا قالغانىدى، قالغانلىرى مەيلى جىن ياكى ئالۋاستى بولسۇن، ئەمدى ھەممىسى قايتا مەۋجۇت بولمايتتى.
بىر ئورۇق تىلەمچى يەردە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ تېنى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، داۋاملىق يولغا چىقىشقا ئامالسىز ئىدى.
تاراققىدە قىلىپ بىر پارچە قوتۇرماچ تىلەمچىنىڭ ئالدىغا تاشلاندى، تىلەمچى قوتۇرماچقا بىر قاراپ قويدى، لېكىن ئۇنى ئېلىش نىيىتى يوق ئىدى.
تىلەمچىگە قوتۇرماچ بەرگىنى 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ مىدىرلىمىغىنىنى كۆرۈپ، ئايال ئىختىيارسىز ئىككى قولىنى جۈپلەپ «ئامىتابا» دېدى.
تىلەمچى بۇ بۇددا نومىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەل ھاياجانلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، يەنىلا ئاسمانغا قاراپ، ئالدىدىكى قوتۇرماچقا قاراپمۇ قويمىدى.
تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەردىكى كىشىلەر يامغۇردىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە كىرىۋالدى، پەقەت تىلەمچىلا ئۆز ئورنىدا ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ، قاتتىق يامغۇرغا ئىرەن قىلمىدى.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامالۇم، بىر قىزچاق كۈنلۈكنى تۇتۇپ تىلەمچىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە كۈنلۈكنى تىلەمچىنىڭ بېشىغا تۇتتى.
-سىز نېمىشقا تىلەمچى بولۇپ قالدىڭىز؟ سىز بۇتخانىغا بېرىپ راھىب بولسىڭىز بولىدىغۇ، بۇنداق بولغاندا، سىز ھەممە يەردە سەرگەردا بولۇپ بوران-چاپقۇندا جاپا تارتىپ يۈرمەيتتىڭىز؟
كىچىك قىزچاق تىلەمچىگە قاراپ، چۈشەنمىگەن ھالدا سورىدى.
كىچىك قىزنىڭ سەبىي كۆزلىرىگە قاراپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئېغىز ئاچمىغان تىلەمچى ئاخىرى زۇۋانغا كەلدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوغۇق بولۇپ، بوغۇق ئاۋازىدىن بىر خىل باش ئەگمەسلىك كەيپىياتى چىقىپ تۇراتتى.
-ئۇ مېنىڭ باش ئېگىشمىگە لايىق ئەمەس.
كىچىك قىز تىلەمچىنىڭ بۇ گېپنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈپ، دەرھال تىلەمچىنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ مۇنداق دېدى.
-بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق بىھۆرمەتلىك قىلسىڭىز بولمايدۇ، بولمىسا جازاغا تارتىلىسىز.
تىلەمچى ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، داۋاملىق گەپ قىلمىدى.
قىزچاق كۈنلۈكنى تىلەمچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى، بىردەمدىن كېيىن بىر توپ ئادەم پەيدا بولۇپ، قىزنى ئېلىپ كەتتى.
تىلەمچى يولدىن ئۆتكەنلەردىن ئاۋالوكسىۋارا بۇتخانىسىغا يېڭىدىن بىر قىز شاگىرت قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇغما بۇددا راھىبى بولۇپ، نوم ئوقۇغاندا، ئاۋالوكسىۋارا بۇدساتۋانىڭ ھەيكىلىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بىر مەزگىل ئاۋالوكسىۋارا بۇتخانىسىنىڭ قاتتىق نام چىقارغانلىقىنى بىلدى.
تىلەمچى قولىدىكى كۈنلۈككە قارىدى، چىرايىدىن بىر خىل قايغۇ چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ھېلىقى ساددا قىزنىڭ مەڭگۈگە يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
تىلەمچى يىراقتىكى ئاۋالوكسىۋارا بۇتخانىسىغا چوڭقۇر نەزەر سېلىپ، كۈنلۈكنى ئېلىپ، ئەسلىمىسى بار تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى.
غەربىي شادلىق دۇنياسى.
ئامىتا كۆزىنى ئاچتى، 500 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئامىتانىڭ ئەمەلىي كۈچى بۇرۇنقىدىن ئازراقمۇ ئاشمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئازراقمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى.
ئۇ بىر نەرسىنى ئويلىغاندەك بولدى، ئاندىن چىرايىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ، بارمىقىنى چىمدىپ، بەدىنىگە يالتىراق نۇر چاچتى، بىر ئازدىن كېيىن، ئۇچىسىغا كاسايا كىيىۋالغان بىر راھىب ئامىتانىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
-ئۇستاز…
ئانەن ئىسىملىك بۇ راھىب ئامىتانىڭ شاگىرتى ئىدى.
-ئانەن بەش يۈز يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىكسېر تەييار بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى ئامىتا.
ئانەن ئىككى قولىنى جۈپلەپ، چىرايى سۈرلۈك ھالدا مۇنداق دېدى.
-مەن ساپ دۇنيا ئوتىدا توپتوغرا 500 يىل تاۋلىدىم، لېكىن ئىكسېر يەنىلا شەكىللەنمىدى، بىراق خاتىرجەم بولغايلا، يەنە ئىككى يۈز يىلدا، چوقۇم ئىكسېرنى تاۋلاپ چىققىلى بولىدۇ.
-ئىككى يۈز يىل، ياخشىلىق ياخشىلىق…
ئامىتا شۇنداق دېگىنىچە كۆزىنى يۇمۇپ، پۈتۈن بەدىنى خۇددى بىر ئالتۇن ھەيكەلگە ئوخشاپ قالدى.
ئانەن ئۈن-تىنسىز سالام بەردى، ئاندىن ئاستا-ئاستا غايىب بولدى.
-ھېرىپ ئۆلەي دېدىم، بەدىنىمنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، ھامان بىر كۈنى، مەن سىلەرنى پۇشايمان قىلدۇرىمەن.
تىلەمچى تېنىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز تىللاپ كەتتى، پەقەت مەلۇم بىر ئىسىمنى تىلغا ئالغاندا، بىر نەرسىنى ئويلاپ قالغاندەك بولۇپ، ئاغزىغا كەلگەن ئىسىمنى مەجبۇرىي يۇتۇۋەتتى.
تىلەمچى ھېرىپ كېتىپ، بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇردى، دەرەختە بىر نەچچە مايمۇن قىزىققان ھالدا بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانغا سەپسېلىپ، تىلەمچىگە قاراپ ھەييارلىق قىلىۋاتاتتى.
تىلەمچى مايمۇنغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ، مايمۇنلارنى دەرەختىن چۈشۈشكە ئىشارەت قىلدى، ئەسلىدە كەپسىز بولغان مايمۇنلار نېمىشقىكىن، خۇددى تىلەمچىنىڭ ئىشارىتىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغاندەك، ھەممىسى دەرەختىن بىراقلا چۈشۈپ، ھەر خىل مېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، تىلەمچىگە تەقدىم قىلدى.
تىلەمچى ئالدىدىكى بىر نەچچە مايمۇننىڭ بېشىنى سىلىدى، ئاندىن مايمۇنلار تەقدىم قىلغان مېۋىنى ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى.
مېۋە شەربىتى تىلەمچىنىڭ ئاغزىنى بويلاپ ئېقىپ، تىلەمچىنى تېخىمۇ بىچارە كۆرسىتىپ قويدى.
-كېتىڭلار باللىرىم، باشقىلارغا مېنى كۆرگەنلىكىڭلارنى دېمەڭلار.
تىلەمچى مېۋىنى يەپ بولۇپ، مايمۇنلارغا قول پۇلاڭلاتتى، شۇنىڭ بىلەن مايمۇنلار تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىب بولدى.
ئاسماندا، ئالتۇن رەڭلىك بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرەتتى، تىلەمچىنىڭ كۆزىدىن ئالتۇن نۇر چاقنىغاندەك بولۇپ، ئارقىدىنلا كۆزىنى يۇمۇپ، دەرەخكە يۆلىنىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى.
ئاسماندا، نېلۇپەر سۇپىسىدا ئولتۇرغان ئاۋالوكسىۋارا بۇدساتۋا تۇيۇقسىز كۆزىنى ئاچتى، ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، پەسكە نەزەر تاشلىدى، لېكىن ھېچنېمىنى بايقىمىدى.
-بۇدساتۋا، نېمە بولدى؟
ئاۋالوكسىۋارا بۇدساتۋانىڭ كەينىدىكى، ئوغۇل بالا ئېغىز ئېچىپ سورىدى، بۇ بالا ئاۋالوكسىۋارا بۇدساتۋا قوبۇل قىلغان شاگىرتى قىزىل باشلىق تۈگىنەك ئىدى، بىراق بۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھاكاۋۇرلۇقى قالمىغان بولۇپ، خىلىلا ياۋاشلىشىپ قالغانىدى.
ئاۋالوكسىۋارا بۇدساتۋا بېشىنى چايقاپ، ھېچنېمە دېمىدى، ئۇ ئۆزىنى خاتا ھېس قىلغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىدى، ئۇ بايا خۇددى بىرسى ئۆزىنى پايلاپ تۇرغاندەك ھېس قىلدى، لېكىن تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھېچقانداق گۇمانلىق ئادەم ياكى نەرسىنى بايقىمىدى.
-خاتا تۇيغۇم بولۇشى مۇمكىن، ئويلاپ باقماپتىمەن مېنىڭ بۇتخانامدىمۇ تۇغما روھ پەيدا بولدى، دېمەك بۇ قېتىم جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە يەنە بىر ماھىر كۆپەيگەن ئوخشايدۇ.ئاۋالوكسىۋارا بۇدساتۋا شۇنداق پىچىرلاپ بېشىنى چايقىدى، ئاندىن يەنە ئۆزىنى خاتا ھېس قىلغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىدى، ئۈچ دۇنيادا ئۆزىنى پايلاپ بايقىلىپ قالمايدىغان قابىلىيەتلىك پېشۋالار قالمىدى، بار دېسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىدىغان بوش ۋاقتى يوق ئىدى. بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 2-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار