دوختۇرخانا كارىدورى، ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. يې فەن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي بۇلۇڭدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
-ئانىڭىزنىڭ ئاشقازان ئۆسمىسى يامان سۈپەتكە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، يەنە 100 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىساڭ، پەقەت بىر ئايلا ياشىيالايدۇ.
دوختۇرنىڭ سوغۇق گەپلىرى خۇددى يىڭنىگە ئوخشاش يۈرەككە سانجىلاتتى. يې فەن بۇنداق قىممەت داۋالاش خىراجىتىنى زادىلا چىقىرالمىدى. ئۇنى بېقىۋالغان دادىسى يې ۋۇجيۇ بىر يىل بۇرۇن كېمە چۆكۈپ كېتىپ يوقاپ كەتتى.
باققان ئانىسى شېن بىچىن ئاشقازان ئۆسمىسى سەۋەبىدىن ھوشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن يې فەن ئائىلىسىنىڭ تۆۋرۈكى بولۇپ قالدى.
يې فەن بۇ بىر يىلدا باققان ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئائىلىسىنىڭ بارلىق بىساتىنى تۈگىتىپلا قالماي، توردىن بىر مۇنچە قەرز ئالدى، يەنە تاڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئىچ كۈيئوغۇل بولدى. ئۇ تاڭ ئائىلىسىدە ئات-كالا بولۇپ، ئىززەت-ھۆرمىتىنى يوقىتىپ، ئاران 500 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى.لېكىن بۇ پۇل دوختۇرخانىدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تۈگەپ كەتتى. ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا بىر يانفون ۋە ئون يۈەنلا قالدى.
-يەنە 100 مىڭ يۈەن، يەنە 100 مىڭ يۈەن...
يې فەن دوختۇر دېگەن بۇ ساننى ئېسىگە ئېلىپ، قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. قاقسەنەم بولۇپ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان يې فەن بۇنچە جىق پۇلنى نەدىن تېپىشنى پەقەتلا بىلەلمەي قالدى، لېكىن ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايدۇ.
-بولمايدۇ، مەن چوقۇم 100 مىڭ يۈەن تېپىشىم كېرەك.
يې فەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، چىشىنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇردى:
-ئانامغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ.
ئۇ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى بەدەل تۆلەپ پۇل قەرز ئېلىشنى قارار قىلدى. يې فەن بىرىنچى ئۆيگە كەلدى، بۇ تاغىسىنىڭ ئۆيى ئىدى. ئۇ تاغىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. چوڭ ھاممىسى ئىشىكنى ئاچتى.
يې فەن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ھاممىسىغا يالۋۇردى:
-ھامما، ئانامنىڭ ئوپېراتسىيەسىگە پۇل يەتمەي قا...
-يەنە پۇل دەپ كەلدىڭمۇ؟ يەنە پۇل قەرز ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ؟ تېخى قايسى كۈنى 200 كوي بەرگەنغۇ، تېخى نەچچە كۈن بولدىغۇ، يەتمىدىمۇ؟
-...
-يوقال... يوقال...، يوقال... ئەمدى كەلمە، بىزنىڭ سىلەردەك ئاچكۆز تۇغقىنىمىز يوق... ھەم سەنلەرگە بېرىدىغان پۇلمۇ يوق، يوقال! قەلەندەر...
ھاممىسى سۆزلىگىنىچە يې فەننى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى، ئاندىن «گوم» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىكنى يېپىۋەتتى. يې فەن ئاچچىقتىن تىترەپ، تامغا بىر مۇشت سالدى.
ئۇ ئادەملەرنىڭ رەھىمسىزلىكىنى، مۇھەببەت يوق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، لېكىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ مال-مۈلىكىنى تالان-تاراج قىلىپ ئېلىپ كەتكەن تاغىسىنىڭمۇ بۇنداق رەھىمسىلىك قىلىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇلار بۇلاپ كەتكەن بايلىقنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى چىقىرىپ ياردەم قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئۇ ئامالسىز قېلىپ، يۈزىنى داپتەك قىلىپ باشقا تۇغقانلاردىن پۇل سورىدى، ئەمما ھەممىسى ياردەم قىلىشنى خالىمىدى.
ئۇلار يەنە يې فەننى بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋارە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى، بولمىسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىدقىغانلىقىنى دېدى.
ئارقىدىنلا ئۆي ئىگىسىمۇ تېلېفون قىلىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرمىسا، شېن بىچىننى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى دېدى.
ئۇنىڭ ئانىسى تالادا قالسا قانداق بولىدۇ؟
توردىكى قەرز بېرىش شىركەتلىرى تېخىمۇ تەلىۋېلەشكەن ئىدى. كېچە-كۈندۈز تېلېفون قىلىدۇ، ئارامچىلىق يوق.
ئۇ تېلېفوننى ئالمىسا ئۇنىڭ دوستلىرىغا ياكى ئۇ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېلېفوندا ساقىلۋالغان كىشىلەرگە، بىر قېتىمدىن تېلېفونلاشقان كىشىلەرگە تېلېفون قىلىپ تەھدىت سالىدۇ.
يې فەن يۈزىنى قېلىن قىلىپ مالدىۋېدا ساياھەت قىلىۋاتقان تاڭ روشۆگە تېلېفون قىلدى. تاڭ روشۆ ئۇنىڭ پۇل سورىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن بىزار بولغان ھالدا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئۇ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى.
ئۇ كوچىدا يېرىم كۈن سوغۇق شامال يەپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، «نۆل گرادۇس قاۋاقخانىسى»غا كەلدى.
بۇ قاۋاقخانىنى ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى يۈەن جىڭ ئاچقانىدى. ياق، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ياتاقدىشى خۇاڭ دۇڭچياڭ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى يۈەن جىڭغا 5 مىليون يۈەن بېرىپ، ئۇنىڭ بۇ قاۋاقخانىنى ئېچىشىغا ياردەم بەرگەنىدى.
ئەلۋەتتە، بۇ 5 مىليون يۈەننى كۆرۈپ يۈەن جىڭ شۇ ھامان يې فەندىن ئايرىلىپ، خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
مەكتەپ گۈلى بۇ يەردە پەيدا بولدى، بۇ يەرنىڭ سودىسى ناھايىتى ئاۋاتلاشتى، بۇ يەر نۇرغۇن بايلار توپلىشىدغان جايغا ئايلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يې فەنمۇ كۈلكىگە قالدى. يې فەن گەرچە بۇ يەرگە كېلىشتىن نومۇس قىلسىمۇ، ئانىسىنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىنى ئويلىسىلا، كىرمەي پەقەت ئامال بولمىدى.
ئۇ يۈەن جىڭنىڭ ئىلگىرىكى مېھىر ـ مۇھەببىتىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، بۇ 100 مىڭ يۈەننى بېرىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
بۇ مەيخانىدا بەزىلەر گىتار چېلىۋاتقان، ناخشا ئېيتىۋاتقان بولۇپ، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن، ناھايىتى جانلىق ئىدى.
بۇ يەردىكى ئەتىر پۇرىقى يې فەندە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويدى.
يې فەن كىرىپ كەلدى، زال ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى. ئون نەچچە قىز-يىگىت ئۇنىڭغا قارىدى. يې فەنمۇ خۇاڭ دۇڭچياڭ بىلەن يۈەن جىڭغا قارىدى. ئۇ خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ كۆزلىرىدىن كۆتۈرەڭگۈلۈكنى، كۆزگە ئىلماسلىقنى كۆردى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىردىنبىر يوق نەرسە خىجىللىق ئىدى.
يۈەن جىڭ ئۇچىسىغا مەيدىسى پەس جىلىتكە كىيىۋالغان بولۇپ، ئاپئاق قورسىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بەدىنىنىڭ تۆۋىنىدە بولسا قىسقىلىقىدىن بىر نەرسە كىيمىگەن ئوخشايدۇ، دەپ قالغۇدەك ئىشتان بار ئىدى. ئاپئاق تېرىسى ۋە ئىككى ئۇزۇن پاچىقى، توم يوتىسى، چىرايلىق چىرايى كۆزنى قاماشتۇراتتى.
يۈن جىڭنىڭ سوغۇق، ھاكاۋۇر چىراي ئىپادىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتى. ئۇ قىلچە ھېيىقمىغان ھالدا يې فەنگە قارىدى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى سوغۇق تۇيغۇ ئاجايىپ بولۇپ، خۇددى ئۇ كوچىدا بىر ئىتقا قارىغاندەك قاراپ تۇراتتى.
يۈەن جىڭنىڭ يېقىن دوستى ياڭ چيەنچيەن ئېگىز ئورۇندۇقتىن سەكرەپ چۈشتى:
-يې فەن، بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟-دېدى.
ئاۋازىدىن بىزار بولۇش ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى.
يې فەن غەيرەتكە كېلىپ:
-مەن...مەن...
-بىزنىڭ بۇ يەرگە تازىلىق ئىشچىسى كېرەك ئەمەس.
ياڭ چيەنچيەن مەسخىرە قىلىپ:
-سەن چىقىپ كەت،-دېدى.
ئۇ ھېچنېمىسى يوق يې فەننى ئەزەلدىن كۆزگە ئىلمايتتى.
دەل ئۇ يۈەن جىڭ بىلەن خۇاڭ دۇڭچياڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېپىشتۇرۇپ قويغانىدى.
يې فەن ئالدىراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ چۈشەندۈرۈپ:
-مەن تازىلىق ئىشچىسى بولغىلى كەلمىدىم، مەن....
-لىمون سۈيى 28 يۈەن، كوكتېل ھارىقى 180 يۈەن، سەندە بۇلارنى سېتىۋالالىغۇدەك پۇل بارمۇ؟
ياڭ چيەنچيەن سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
-سېنىڭ يانچۇقۇڭىزدا تاڭ جەمەتى ئىئانە قىلغان پارچە پۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىز ئوخشاشلا سېنى قارشى ئالمايمىز،-دېدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ «تۈفى» دەپ تۈكۈرۈپ:
-ئاناڭنى، نەس باسقۇر، بۈگۈن ماڭا نېمانداق مۇشۇنداق ئەخلەتلا ئۇچرايدىغاندۇ،-دېدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ ئۇنىڭ ئىچ كۈيئوغۇل بولغان ئىشىنى بۇرۇنلا بىلىپ بولغانىدى.
ئون نەچچە ئەر-ئايال گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-مەن...
يې فەن غەيرەتكە كېلىپ يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئالدىغا ماڭدى، يۈەن جىڭ گەپ قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، بىر چىرايلىق قىز يەنە ۋارقىرىدى:
-مەينەت قولۇڭنى تارت، خۇرۇم سافانى مەينەت قىلىۋەتتىڭ!
ئۇ يەنە قولى بىلەن بۇرنىنىڭ ئالدىنى يەلپۈدى، بۇ خۇددى يې فەننى سېسىق سۇ ئازگالىدىن چىقىپسەن، دېگەندەك بىر ئىش ئىدى.
يې فەن يىلان چېقىۋالغاندەك قولىنى تارتىۋېلىپ، قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى.
ئۇ ھاقارەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن بۇنداق رەھىمسىزلەرچە ھاقارەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.
ئۇ چىشىنى چىشلەپ:
-مەن يۈەن جىڭنى ئىزدەپ كەلدىم،-دېدى.
-...
-يۈەن جىڭ، بىز سىرىتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى.
يې فەن ئەڭ ئاخىرقى ئازراققىنە يۈزىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلاتتى.
يۈەن جىڭ ئۇزۇن ئىككى پۇتىنى كۆتۈردى، ئاپئاق پۇت بارماقلىرى چىراغ نۇرىدا پارقىراپ تۇراتتى، مەسخىرىمۇ قىلمىدى، ھەرىكەتمۇ يوق ئىدى، لېكىن بۇ دەل ئەڭ چوڭ كەمسىتىش ئىدى.
خۇاڭ دوڭچياڭ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە مازاق قىلدى:
-يۈەن جىڭ ھازىر مېنىڭ قىز دوستۇم، سەن كۆرۈشىمەن دەپلا كۆرۈشەلەيدىغان ئادەم ئەمەس.
ئۇ يەنە ھەيۋە قىلغاندەك تېخى يۈەن جىڭنىڭ يوتىسىنى سىلاپ قويدى.
-يۈەن جىڭ، سىزنى ئىزدەيدىغان ئىشىم بار ئىدى، سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى.
يۈەن جىڭ يې فەنگە قاراپ جاۋاب قايتۇرمىدى، تەكەببۇرلۇق بىلەن سوغۇققىنە قاراپ تۇراتتى، خۇددى بىر ئەرزىمەس چۈمۈلىگە قارىغاندەك قاراپ تۇردى.
-يوقال، سېنى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ.
ياڭ چيەنچيەن تاقەتسىزلىك بىلەن:
-بولدى، بىر ئوبدان كەيپىياتىمىز بۇزمايلى،-دەپ ۋارقىرىدى.
ئۆزىگە قىلچە رەھىم قىلمىغان، قىلچە يۈز بەرمىگەن يۈەن جىڭغا قاراپ، ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى ۋە قايغۇردى، ئەمما يەنىلا بىر ئېغىز گەپ قىلدى:
-يۈەن جىڭ، مەن سىزدىن 100 مىڭ يۈەن ئارىيەت ئالماقچى.
يې فەن يەنە مۇنداق كاپالەت بەردى:
-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن، مەن كىملىك، دىپلوملارنى سىزگە بەرسەم بولىدۇ...
-100 مىڭ يۈەن؟-دېدى يۈەن جىڭ.
ياڭ چيەنچيەن مۇبالىغە قىلىپ ۋارقىرىدى:
-يې فەن، سەن 100 مىڭ يۈەن قەرز ئالامسەن؟ سەن ئۆزۈڭ 100 يۈەنگىمۇ يارىمايسەن، يەنە 100 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىشقا جۈرئەت قىلدىڭما؟
يې فەن يۈەن جىڭغا قاراپ چۈشەندۈرۈپ:
-ئاپامنىڭ ئوپېراتسىيەسىگە پۇل لازىم بولۇپ قالدى...-دېدى.
-...
ـ بىلىمەن، بۇ بەك ئەخمىقانە خىيال، بىراق مەن ئاپامنى قۇتقۇزىۋالمىسام بولمايدۇ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
ئۇ يەنە ئاپىسىنىڭ كېسەللىك تارىخىنى چىقىرىپ يۈەن جىڭنى تەسىرلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ ئۇنىڭغا بىر ئەخمەقكە قارىغاندەك قاراپ:
-داداڭ يوقاپ كەتتى، ئۆيۈڭنى تاغاڭ بۇلاپ كەتتى، ھازىر ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىسەن، سەن دېگەن ئىچ كۈيئوغۇل، تېخى خىزمىتىڭ يوق، نېمەڭ بىلەن 100 مىڭ يۈەن قەرز ئالىسەن؟-دېدى.
يې فەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن بىر يىلدىن بۇيان، ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى، تاڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ يەپ-ئىچىشىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىزچىل شىركەتكە ئىش ئىزدەپ بارمىغانىدى. شۇڭا ھازىرمۇ يەنىلا ئىشسىز ئىدى.
-ئاپامنى ئوپىراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەن دەرھال خىزمەت ئىزدەيمەن، چوقۇم قايتۇرىمەن.
ئۇ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي، بېشىنى بۇراپلا قېچىپ كەتمەكچى بولدى، ئەمما ھەممە ئىش مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇ چوقۇم چىڭ تۇرۇشى كېرەك ئىدى.
-يۈەن جىڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاپامنى ئوپېراتسىيە قىلماقچى، مەن بۇ پۇلغا راستتىنلا بەك ئېھتىياجلىق.
شۇ دەقىقىدە، يې فەن ئۆزىنىڭ پەسكەشلىشىپ خۇددى بىر ئىتقا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ياڭ چيەنچيەن دىمىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:
-بىز يا سېنىڭ داداڭ بولمىساق، ئاناڭنى ئوپېراتسىيە قىلىدىغانغا پۇل كېرەك بولسا، بىز بىلەن نېمە ئالاقىسى؟-دېدى.
-يۈەن جىڭ، ماڭا بىر ياردەم قىلىڭ.
يې فەن يۈەن جىڭغا قاراپ يالۋۇردى:
-پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن.
ھەممەيلەن يۈەن جىڭغا قاراشتى.
يۈەن جىڭ يې فەنگە چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ قارىدى، ئاندىن تېخىمۇ سوغۇق تەلەپپۇزدا، يې فەننىڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلدى:
-مەندىن پۇل سورىماقچىمۇ؟ سىز كۈلكىلىك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ ئاپىڭىزنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنىڭ، مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئۇ سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
-ئەجەبا، بىزنىڭ ئارىمىزدا يەنە ھېسسىيات بارمۇ؟ ئارتۇق ئويلاپ ئۆز كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلماڭ.
-ھېچقايسى بىر ئاققۇ بىر چار پاقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمەيدۇ.
يې فەن ھەيران بولۇپ يۈەن جىڭغا قارىدى، بۇ گەپنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققغانلىقىغا ئىشەنمەك تەس ئىدى.
-بىزنىڭ چەمبىرىكىمىزگە سىز كىرسىڭىز بولمايدۇ.
-مەن يۈەن جىڭنىڭ پۇلىنى سىز ئارىيەتكە ئالالمايسىز.
-مېنىڭ سىزگە ھېچقانداق ھېسسىياتىم يوق.
-ھە راست، بۇرۇن مەن بىلەن ئارىلاشقاندا مەن ئاغرىپ قالدىم، سىز ماڭا بىر تەيجى قاشتېشى سوۋغا قىلىپ، ئامان ـ ئېسەن بولىدىغانلىقىمنى ئېيتقانىدىڭىز.
-ئەمدى، بۇ تەيجى قاشتېشىنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي، بېرىپ ئاپىڭىزنى بالادىن ساقلىسۇن.
يۈەن جىڭ ئۈستەلنىڭ تېگىدىكى تارتمىسىندىن بىر پارچە تەيجى قاشتېشىنى ئېلىپ، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا يې فەننىڭ ئالدىغا تاشلىدى.
-مېڭىڭ، ئەمدى بۇ يەرگە كەلگۈچى بولماڭ.
-بۇ قاۋاقخانا سىزدەك ئادەملەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ماس كەلمەيدۇ، ماڭا، دوڭچياڭغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىسىز.
ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى سىلىق بولۇپ، ئازراقمۇ مەنمەنچىلىكى يوق ئىدى، ئەمما ئۇ ئادەمنى يەر بىلەن يەكسان قىلاتتى، خۇددى ئاسماندىن يەردىكى بىر چۆمۈلىگە قاراپ تۇرغاندە قارايتتى.
-ئادەم بولۇشتا ئۆزىنى بىلىش كېرەك،-دېدى ئۇ.
ياڭ چيەنچيەن يې فەننى ئىتتىرىۋېتىپ:
- يوقال، چارپاقا!-دېدى.
يې فەننىڭ چىرايىدىن ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ تۇيۇقسىز:
-مەن ساڭا 100 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇرسام بولىدۇ-دەپ ۋارقىرىدى.
يې فەننىڭ كۆزلىرى يورۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ھاياجانلىنىپ:
-راستمۇ؟-دېدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى:
-تىزلانساڭ.
پۈتۈن بەدەندىكى قان قاينىدى، كۆزىدە غەزەپ ئوتى پەيدا بولدى، ئەمما ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى بېسىۋالدى.
يې فەن قەددىنى رۇسلاپ «گۈپپىدە» تىزلاندى. تىزى ئاغرىدى، يۈرىكى تېخىمۇ ئاغرىدى. يې فەن ئانىسى ئۈچۈن ھەممىگە چىدىدى.
-ھا، ھا، ھا....
ياڭ چيەنچيەنلەر ئەركىلەپ كۈلۈپ كەتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئەڭ قاتتىق سۆڭەك دەپ ئاتالغان يې فەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇردى. بەزىلەر تېلېفوننى ئېلىپ بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتتى.
يۈەن جىڭنىڭ ئاپئاق چىرايى خۇددى مەلىكىلەردەك مەغرۇر ئىدى، ئۇنىڭ مەنسىتمەسلىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى:
ۋىجدانى يوق ئەر.
خۇاڭ دۇڭچياڭ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئىستاكاننى ئېلىپ كەلدى، ئىچىدە سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇق بار ئىدى، ئاندىن «پاققىدە» قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن يې فەننىڭ ئالدىغا قويدى.
-يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنى ئىچىۋەت.
خۇاڭ دۇڭچياڭ بىر بانكا كارتىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدى:
-ئىچىۋەتسەڭ، بۇ 100 مىڭ يۈەننى ساڭا بېرىپ تۇراي،-دېدى.
يې فەن ھېلىقى ئىستاكاندىكى سۇيۇقلۇققا قاراپ، ئالدى بىلەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن غەزەب بىلەن تىللىدى:
-ھۇ ئەبلەخلەر!-دېدى.
يې فەن رومكىنى يەرگە ئۆرۈۋەتتى:
-ئادەمنى نېمانداق بوزەك قىلىشىسەن.
يۈەن جىڭلارنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ھەممە يەرنى قاپلىدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ دەرغەزەپكە كېلىپ:
-ئۇنى ئۇرۇڭلار!-دېدى.
يې فەن كەينىگە بۇرۇلۇپلا قېچىپ كەتتى.
يەتتە-سەككىز ياش ئېتىلىپ چىقتى. يې فەن بىر، ئۇلار ناھايىتى جىق بولغاچقا، بىردەمدىلا يىقىتىلدى. ئۇ تامغا يۆلىنىپ ئىككى قولى بىلەن بېشىنى چىڭ قوغدىدى. ئۇنىڭ قولىدا پۈتۈنلەي سېزىم قالمىدى، جېنىنىڭ بارىچە بېشىنى قوغدىدى.
باشنى قوغدىدى، لېكىن باشقا جايلارنى قوغدىيالمىدى، بىر نەچچە قېتىم قاتتىق تېپىك يېگەندىن كېيىن، يې فەندىن قان چىقىشقا باشلىدى.
يۈەن جىڭ بىلەن ياڭ چيەنچيەننىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. يې فەننىڭ قارشى چىقىشى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ جىنايەت، شۇڭا بۇ ئاقىۋەتكە قېلىش پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئۆزى قىلغانلىق.
-ھۇ ئەخلەت!
خۇاڭ دۇڭچياڭ يې فەننىڭ بېشىغا بىرنى دەسسىدى.
«پاڭ...پاڭ»
يې فەننىڭ بېشىنى قۇچاقلاپ تۇرغان قوللىرى ئاخىرى بوشىشىپ يەرگە چۈشتى. ئۇ ھوشىدىن كەتتى. قىپقىزىل قان ئالقىنىدىن ئېقىپ چىقىپ، قەدىمىي تەيجى قاشتېشىغا سىڭىپ كەتتى...
-مەن بىر تەيجى تېۋىپى، بۈگۈندىن باشلاپ سەن مېنىڭ ئىز باسارىم، مېنىڭ تەيجى دەستۇرۇم ۋە ھايات-ماماتلىق قاشتېشىمغا ئېرىشتىڭ، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆل.
يې فەن ئۆزىنىڭ بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى، بايىقى ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدىكى ساداغا ئەگىشىپ، غايەت زور ئۇچۇر مىقدارىنىڭ كاللىسىغا قۇيۇلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
ھايات ـ ماماتلىق قاشتېشى ئالىقانغا كىرگەندە، يې فەن ئۆزىنى باسالماي ۋارقىرىۋەتتى:
-ئاھ...
ئۇ ھوشىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن بەدىنىنى جاراھەت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر توپ ئادەمدىن تاياق يېگەنلىكىنى، ئاندىن قاۋاقخانىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. باش ئاغرىقىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرەتتى.
ئۇ ئالاقىزادىلىك ئىچىدە شۇنى بايقىدىكى، كۆرگەن چۈشلىرى يادىدا شۇ پېتى بار ئىدى:
-ئەجەبا، كۆرگەن چۈشۈم راستمۇ؟ بۇمۇ بەك كۈلكىلىك ئىش بولدىغۇ. ئۇ بىر نېمىلەرنى دەپ غودۇڭشىدى، كۆزىنى يۇمۇۋالدى، ئەمما ئۇ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ھەقىقەتەن بىر «تەيجى دەستۇرى» تۇراتتى.
-بۇ چۈش ھەقىقەتەن راستمىدۇ؟
ئۇ يەنىلا ئىشەنمىدى، ئەمما «تەيجى دەستۇرى»نى ئېچىپ، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە مەشىق قىلدى.
مەشىق قىلىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە ئۇ ھايات-ماماتلىق قاشتېشى بىلەن «تەيجى دەستۇرى» بىر كۈلكىلىك ئىش بولاتتى. لېكىن، ئەمەلىيەت يې فەننى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى.
يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ دەنتيەن پەللىسىدە بىر خىل قىزىق ئېقىمنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئارقىدىنلا، ئىسسىق ئېقىم پۇت-قوللارغا تارقالدى. بۇ سىزىم ئېقىپ ئۆتكەن جايلار ئادەتتىن تاشقىرى راھەت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سول قولىنىڭ ئالقىنىدا تەخمىنەن بىر تەيجى رەسىمى كۆرۈندى...
ھايات-ماماتلىق قاشتېشى. ئاق رەڭلىك ھاياتلىق، قارا رەڭ ئۆلۈم.
ھەر بىر تەرەپتە يەتتە نۇر چاقناپ تۇرىدۇ، كۆلەڭگىسى ناھايىتى سۇس، ئەمما قاتلاملىرى ناھايتى ئېنىق ئايرىلغان.
يې فەن ئېھتىياتسىزلىقتىن قولۇمغا رەسىم چاپلىشىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، بېغىشىنى يوتىسىغا بىر نەچچە قېتىم سۈرتكەن بولسىمۇ، ئەمما تەيجى رەسىمىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسىم تېخى ئايلاندى.
كېيىنكى دەقىقدە، يې فەننىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز بىر ئۇچۇر پەيدا بولدى:
ھالىتى: سۈرۈلگەن يارا ئېغىز 13، بەش ئەزا ئۈچىنچى دەرىجىلىك زەخىملەنگەن، باش يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان، مېڭىسى سىلكىنىپ كەتكەن.
كېسەللىك سەۋەبى: باشقىلار زورلۇق بىلەن توپلىشىپ ئۇرغان.
ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇق ياكى ۋەيران قىلامدۇق؟
يې فەن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، بۇ قانداق نەرسە؟ نېمە ئىش بولدى؟
ئۇ ئىختىيارسىزلا ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇيرۇقى بەردى، ھايات-ماماتلىق قاشتېشىنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئارقىدىنلا بىر پارچە ئاق نۇر ئۇنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى.
«پاڭ...» ئارقىدىنلا بەدىنىدە ئاجايىپ ئۆزگىرىش بولدى.
قان تومۇر كونترول قىلىنماي ئىسسىقلىق تارقاتتى، ئارقىدىنلا پۈتۈن بەدەن قىزىپ كەتتى، يې فەن پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇلار توپ-توپ بولۇپ، بەدەن ئىچىدە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ يۈرەتتى. سۆڭەكلىرىمۇ قاراس-قۇرۇس قىلىپ ئاۋاز چىقاردى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، يې فەننىڭ پۈتۈن بەدىنى قاتتىق سىلكىندى، پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئاغرىقى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىدى، بىلىكى بىلەن يۈزىدىكى يارىمۇ ساقايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئالقىنىدىكى تەيجى رەسىمىدىكى ئاق نۇرمۇ سۇسلاپ كەتتى.
-بۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاجايىپ قالتىسكەنغۇ.
يې فەن ھاياجانلىنىپ كەتتى، باشقىلار قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنى رېمونت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھايات-ماماتلىق قاشتېشى بەدەندىكى كېسەللەرنى ساقايتالايدۇ.
قارىماققا چۈشتىكى ھەممە نەرسە راست ئىكەن. ئۇ بىر ئىرغىپلا كارىۋاتتىن چۈشۈپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بالنىست بۆلۈمىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ ئانىسى شېن بىچىننىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
يې فەن ئورۇق، كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ئانىسىغا قاراپ، سول قولىنى ئاشقازىنىنىڭ ئورنىغا قويدى.
ھالىتى: قان ئاز، يۈرەك مۇسكۇلى زەخمىلەنگەن، ئۆتتە تاش بار، ئاشقازان ئۆسمىسى يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىپ كەتكەن...
كېسەللىك سەۋەبى: كۆپ يىل جاپالىق ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلماسلىق، سوغۇق شامالنىڭ چىرىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇق ياكى ۋەيران قىلامدۇق؟؟
-داۋالاپ قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرىمىز!
ھايات ـ ماماتلىق قاشتېشى يەنە مىدىرلىدى، بەش تال ئاق نۇر شېن بىچىننىڭ تېنىگە كىرەلمىدى.
ئانىنىڭ تېنى ھەش-پەش دېگۈچە بىر جەڭگاھقا ئايلاندى، سانسىزلىغان ھۈجەيرىلەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، ئۆركەشلەپ ئاقماقتا ئىدى.
گۇمباڭ!...
ئۇزاق ئۆتمەي شېن بىچىننىڭ بېشى سىلكىندى.
يې فەن ئىختىيارسىز:
-ئاپا، -دەپ ۋارقىرىدى.
شېن بىچىن كۆزىنى ئاستا ئاچتى، تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قىزىللىق يۈگۈردى.
-يې فەن، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى...
يې فەن خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتتى.
ئۇ سول قولىنى قايتۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھايات-ماماتلىق قاشتېشىنىڭ ئاق قىلتىرىقنىڭ پەقەت بىر پارچىسىلا قالغانلىقىنى بايقىدى.
ئېنىقكى، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە يارا قانچە ئېغىر بولسا، سەرپ قىلىدىغان ئاق نۇر شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
ئۇ ئاق نۇرنى قانداق قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئويلانمىدى، ئۇ پەقەت ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنىلا ئويلايتتى.
15 مىنۇتتىن كېيىن، يې فەن بىر قاچا ئۇماچ ئەكېلىپ، ئېھتىيات بىلەن ئانىسىغا بەردى. بۇ شېن بىچىننىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تاماق يېيىشى ئىدى. ئانىسى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ساھىبجامال دوختۇرنى چاقىرىپ كەلدى.
دوختۇر بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھەيرانلىقتىن چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى:
-بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟-دېدى ئۇ.
شېن بىچىن ساقىيىپ كەتكەنىدى. شېن بىچىن سالامەتلىكىدە چوڭ چاتاق يوقلىقىنى بىلىپ، قانداقلا بولمىسۇن دوختۇرخانىدىن چىقىمەن دەپ تۇرۇۋالدى.
ئۇ بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش خىراجتىدىن ئەنسرىدىگەندىن باشقا، بۇ يەردە يېتىۋېرىپ زېرىككەنىدى، شۇڭا، بالدۇرراق ئۆيگە قايتىپ تۇرمۇش پۇرىماقچى بولدى. يې فەن ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمەي، دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە مەجبۇر بولدى. رەسمىيەتنى بېجىرگەندە، يې فەن ھېساباتتا ھېچقانچە پۇل قالمىدى دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن 95 مىڭ يۈەن قايىتتى.
ئۇ سورىۋېدى، تۈنۈگۈن بىرسىنىڭ ئۇنىڭ دوختۇرخانا ھېساباتىغا 100 مىڭ يۈەن پۇل سېلىپ قويغانلىقىنى بىلدى. پۇلنى ئۇرغان ئادەم دەل تاڭ روشۆ ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئىللىپ قالدى، تاڭ روشۆنىڭ كۆڭلىدە يەنىلا ئۇ بار ئىدى.
يې فەن ئاپىسىغا 5000 يۈەن زاپاس پۇل قالدۇرۇپ قويدى، قالغان پۇلنى تاڭ روشۆگە قايتۇرۇپ بەردى، ئاندىن نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.
يې فەن ئانىسىنى يۆلەپ ئەمدىلا دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، ناھايىتى قىممەت باھالىق ئۈچ ماشىنغا ئۇلارنىڭ يېنىدىلا توختىدى. ھەم تېز ھەم تەلۋە. چاقى شېن بىچىننىڭ پۇت بارمىقىنى يانجىۋەتكىلى تاس قالدى.
يې فەن غەزەپ بىلەن:
-قانداق ھەيدىگەن ماشىنا بۇ؟ جانغا تويغان نېمىمۇ بۇ؟-دېدى.
شېن بىچىن پەس ئاۋازدا نەسىھەت قىلىپ:-يې فەن، بولدى، بولدى،-دېدى.
ئېسىل ماشىنا كەينىگە ياندۇرۇلۇپ كېلىپ توختىدى، ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، بىر ھالقا سېلىۋالغان ياش بېشىنى چىقىرىپ تىللىدى:
-خۇاڭ بېگىمنى تىللاشقا پېتىنىغىنىنى قارا، ئاناڭنى، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟-دېدى.
ئارقىدىنلا خۇاڭ دۇڭچياڭ، يۈەن جىڭلار بىر توپ ئادەم بىلەن پەيدا بولدى.
-ھوي، يې فەنكەنغۇ بۇ؟ سولتەك، جېنىڭ ھەجەپ چىڭكىنا؟ دوختۇرخانىدىن شۇنچە تېزلا چىقىپسەنغۇ؟-دېدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ يې فەننى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
-جېنىڭ نېمانداق چىڭ!
-ئاناڭمۇ دوختۇرخانىدىن چىقتىمۇ؟-دېدى.
-پۇل قەرز ئالالماي، ئۆيگە قايتىپ ئۆلۈمنى كۈتۈشكە تەييارلىنىۋاتامدۇ؟-دېدى.
-مەن ياردەم قىلىپ جەسەت ساندۇقى تەييارلاپ بېرەيمۇ؟-دېدى.
ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، كۆزلىرىدە كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئەخمەق قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. يۈەن جىڭ بۇرۇنقىدەكلا مۇز چىراي قاراپ تۇراتتى، يې فەننى كۆرۈپ چىرايىدا بىزارلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى.
تۈنۈگۈن پۇل قەرز ئالغاندا پەسكەشلەرچە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاچقا، يۈەن جىڭ يې فەننىڭ زىتىغا تېگىشكە قىزىقماس بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە يې فەن بۇنىڭغىمۇ ئەرزىمەيتتى.
-خۇاڭ دۇڭچياڭ، ئاپامنى تىللاۋاتامسەن، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟
-ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ دېدىڭما؟ سەن ئاناڭنى نېمىگە ھېسابتىڭ؟
خۇاڭ دۇڭچياڭ خۇرۇم ئايىغىنى يەرگە ئۇردى، ئەسەبىيلىشىپ ھۈرپەيدى:
-مېنى شۇنداق دېيىشكە پېتىنغان سەن كىمتىڭ؟
ھېلىقى قۇلىقىغا ھالقا سېلىۋالغان ياش غەلىتە تەلەپپۇزدا:
-تۈنۈگۈن يېگەن تايىقىڭ تېخى يېتەرلىك بولماپتۇ، شۇنداقمۇ؟-دېدى.
بىر نەچچە چىرايلىق قىز ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ كۈلدى.
-تىزلىنىپ باش ئۇرۇپ كەچۈرۈم سورا.
-مەن بۇ ئىشنى يۈز بەرمىگەن دەپ قاراي، بولمىسا ئانا- بالا ئىككىڭلارنى جەسەتخانىغا ئاپىرىپ قويماي يەنە،-دېدى خۇاڭ دوڭچياڭ يې فەنگە قولىنى تەڭلەپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يې فەننىڭ كۆزلىرى خىرەلەشتى:
-سىلەر ئادەم بوزەك قىلماڭلار،-دېدى ئۇ.
خۇاڭ دۇڭچياڭ سوغۇق كۈلۈپ:
-ئادەمنى بوزەك قىلسا نېمە بوپتۇ؟ گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟-دېدى.
بىر قانچە چاكار كالتەكلىرىنى كۆتۈرۈپ، بوينىنى تولغاپ يې فەننى ئورىۋالدى.
-يې فەن، نوچىلىق قىلما، تېز تىزلىنىپ كەچۈرۈم سورا، دۇڭچياڭ سەن خالىغانچە چىشىغا تېگىدىغان ئادەم ئەمەس.
-يىگىت، يىگىت، ھەرقانداق ئىشنى مەسلىھەتلەشكىلى بولىدۇ!-دېدى.
بۇ چاغدا شېن بىچىنمۇ غەزەپلەنگەن يې فەننى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، خۇاڭ دۇڭچياڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى:
-خۇاڭ بەگزادە، مەن ئىلگىرى ئۆيىڭىزگە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغىلى بارغان، مەن ئاپىڭىز بىلەن تونۇش، ماڭا ئازراق يۈز بېرىڭ، يې فەن بىلەن تۇتۇشمىسىڭىز.
-ئۇ ياش، ئىش ئۇقمايدۇ،سىز دېگەن ئېسىل ئادەم، ئۇنى بىر قېتىم قويۇۋېتىڭ.
شېن بىچىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلدى.
-يۈزۈڭنى قىلامدىم؟
خۇاڭ دۇڭچياڭ سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، شېن بىچىنغا تۈكۈردى.
-سەن نېمىگە ھېساب؟ مەن نېمىشقا سېنىڭ يۈزۈڭنى قىلىمەن؟
-ئۆلمەيدىغان قېرى، مۇشۇ ھالىڭغا يۈزۈمنى قىلىڭ دەپ كەتكىنىڭنى قارا، سەن ئاناڭنى قېرىغا يۈز-خاتىرە قىلسام نېمە بولماقچىتى.
ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق قوپاللىق، ئەدەپسىزلىك ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ، لېكىن شېن بىچىن قايتۇرما زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلالماي، ئىتائەتچانلىق بىلەن قاراپ تۇردى.
ئىزا-ئاھانەتكە، مەسخىرىگە، بوزەك قىلىشقا ئۇچرىغاندا جان بىلەن ئويناشماسلىق، بۇ ھەرگىزمۇ كەڭ قورساقلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئاددىي ئادەملەرنىڭ باشقىچە تاللىشى يوق تىراگېدىيەدۇر.
-سەن ئاپامغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا پېتىنىسەن، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟
يې فەن مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، غەزەپ بىلەن ئېتىلماقچى بولۇۋېدى، ئانىسى ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالدى.
يۈەن جىڭ يې فەننىڭ جاھىللىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقلاندى:
-يې فەن، يەنە نوچىلىق قىلىۋاتامسەن؟ سىلەر ئانا-بالا دوڭچياڭنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ ئاقىۋېتىگە ئىگە بولالامسىلەر؟
-تېز تىزلان، سەن يار بىر تىزلىنىپ باقمىغان ئادەم بولمىساڭ، كۆپچىلىك بىلىدۇ، خۇپسەنلىك قىلما.
يۈەن جىڭ تىرىشىپ مۇرەسسە قىلدى، بىرىنچىدىن، يې فەننىڭ زىتىغا تەگسە ئۇنىڭدا ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بولمايدۇ، ئىككىنچىدىن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك.
لېكىن ئويلىمىغان يەردىن يې فەن ئۇنى پەقەتلا چۈشەنمەيۋاتاتتى:
-خاتىرجەم بولۇڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز تىزلانمايمەن.
يۈەن جىڭ نىڭ تاقىتى-تاق بولدى:
-سەن مېنىڭ نەسىھىتىمنى ئاڭلىمىساڭ، سەن بىلەن كارىم يوق.
-مېنىڭ يۈزۈم بولمىغان بولسا، جېنىڭنىمۇ ساقلاپ قالالماسلىقىڭ مۇمكىن.
ئۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئېڭىكىنى كۆتۈردى.
يې فەن قىلچە يۈز خاتىرە قىلمىدى:
-يوقال!
-دۇڭچياڭ، ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل،-دېدى يۈەن جىڭ غەزەب بىلەن.
-خۇاڭ بېگىم، يې فەن ئىش ئۇقمايدۇ، كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز، خاتىرجەم بولۇڭ، يې فەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز چىشىڭىزغا تەگمەيدۇ،-دېدى شېن بىچىن خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ رەزىللىككە تولغان سەت چىرايىنى كۆرۈپ، دەرھال يې فەننى كەينىگە سۆرەپ:
-بۈگۈن بۇ ئىشنى بولدى قىلايلى، مەندە مۇشۇنچىلىك پۇل بار ئىكەن، ئازراق كۆڭلۈم، ھەر قايسىلىرىنىڭ چاي ئىچىشىگە يېتىدۇ.
شېن بىچىن يانچۇقىدىن ئۈچ مىڭ يۈەنننى چىقىرىپ، بېلىنى ئېگىپ خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ يانچۇقىغا سالدى.
«چاڭ....»
خۇاڭ دوڭچياڭ شېن بىچىننىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدى.
شېن بىچىن قوررقىنىدىن ئىختىيارسىز ھالدا:
-خۇاڭ بېگىم...دەپ ۋارقىرىدى.
«چاڭ....»
كاچات ئاۋازى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى.
- چۆمۈلىدەك ئەرزىمە ھالىڭغا مېنىڭ كەڭ قورساق بولۇشۇمنى تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟
شېن بىچىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بولغۇچە، خۇاڭ دۇڭچياڭ كەينىدىن يەنە بىرنى تەپتى. شېن بىچىن ئىڭرىغىنىچە، ئارقىغا يىقىلىپ چۈشتى.
«چاراس-چۇرۇس»
دەل مۇشۇ چاغدا، يې فەننىڭ بەدىنى چاقماق تېزلىكىدە يېنىپ-ئۆچتى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ تېخى ئېنىق كۆرەلمەي تۇرۇپلا، بوينىنىڭ چىڭ قىسىلغانلىقىنى ھېس قىلدى.
يې فەن خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ، ئاندىن باشقىلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولالمىغۇدەك سۈرئەتتە ئۇ بىر ئېسىل ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە زەردە بىلەن ئۇردى.
«پاڭ...»
كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇئاۋاز بىلەن تەڭ ماشىنا ئەينىكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چېقىلىپ كەتتى، خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ بېشىدىن قان چاچرىدى. بۇ ئىش تۈگىمەي تۇرۇپلا، يې فەن قولىنى كۆتۈرۈپ بېشى قېيىپ كەتكەن خۇاڭ دۇڭچياڭنى يەرگە تاشلىدى، ئۇنىڭ بىلىكىگە قىلچە رەھىم قىلماي بىرنى دەسسىدى.
«قاراس، قاراس....»
خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ سول قولى شۇ ھامان قۇرۇق ئوتۇندەك سۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ بىر ھەمراھى باشتا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن يې فەنگە قاراپ ئېتىلدى. يې فەن قاراپمۇ قويماي، بىر مۇشىت بىلەن ئۇنى بەش مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرۇۋەتتى. ئاغزى ۋە بۇرنىدىن قان ئاقتى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر بۇتتەك قېتىپ قالدى. يې فەننىڭ شۇنچە يامان، شۇنچە ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى. شېن بىچىنمۇ ئاغزىنى يوغان ئاچقىنىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.
يې فەن توختاشقا ئۈلگۈرمەيلا، قالغان بىر نەچچەيلەن قولىنى شىلتىپ:
-بىرلىكتە چىقايلى،-دېدى.
تۆت ئادەم ھۆركىرىگىنىچە ئېتىلىپ كەلدى. يې فەن بىۋاسىتە سۈرئەت ۋە كۈچ بىلەن يەر چىشلەتتى.
بىر ئادەمگە بىر مۇشت، بىر پەشۋا.
«پاڭ-پۇڭ، پاڭ-پۇڭ....»
ئېتىلىپ چىققان تۆت ئادەمنىڭ ھەممىسى يې فەن تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن يىقىتىلدى، بۇرنى كۆكىرىپ، يۈزى ئىششىپ، قولى ۋە پۇتى سۇندى.
-سەن...
پۈتۈن مەيدان لەرزىگە كەلدى. بىر نەچچە چىرايلىق قىز ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى. بۇ كېرەكسىز ئەبلەخنىڭ بۇنچىۋالا ئۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
-قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟.
يۈەن جىڭ كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىدى، يې فەن شۇنچە كۆپ ئادەمنى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتتىمۇ؟
ئۇ يې فەننىڭ ھەممەيلەننى يەر چىشلەتكىنىنى ئەمەس، ئۇنىڭ يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئەپۇ سورىشىنى كۆرمەكچى ئىدى.
ئۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ چىرايىدىكى ھەيرانلىقنى كۆردى. ئۇلارنىڭ چىرايىدا ھەتتا يې فەنگە چوقۇنۇش ھېسسىياتى بار ئىدى، يۈەن جىڭنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى.
ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر نامسىز ئوت يالقۇنى بىردىنلا كۆتۈرۈلدى.
ئۇ تاشلىۋەتكەن يې فەننىڭ بىرمۇ توغرا يېرى، بىرمۇ قالتىس تەرىپى بولمىسا توغرا بولاتتى، قانداقسىگە تۇيۇقسىز بۇنداق يامان بولۇپ كېتىدۇ؟
ئەجەبا دوختۇرخانىدا دورا يېگەنمىدۇ؟
شۇنداق، چوقۇم شۇنداق، بولمىسا بۇنداق يامان بولمايتتى. ئارقىدىنلا يۈەن جىڭ چىشلىرىنى چىڭ چىشلىدى.
قالتىس بولساڭ نېمە بوپتۇ، ھازىر دېگەن قانداق جەمئىيەت، سەن ھەرقانچە بەك ئۇرالىساڭمۇ قىلىچ، ھەربىي قورالنى يېڭەلەمسەن؟
سەن مەكتەپتە ئوقۇمىساڭ، ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشۈڭ بولمىسا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولمىساڭ، سەن بۇ ئۆمرۈڭدە چوقۇم ناھايىتى بىچارىلەرچە ياشايسەن.
ئۇ ئۆزىگە مانا مۇشۇنداق بىر قېتىم تەسەللى بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى. شۇ ئەسنادا، يې فەن ئاستا-ئاستا خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-ھۇ ئەبلەخ، سەن تېخى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىشقا پېتىندىڭمۇ؟
خۇاڭ دۇڭچياڭمۇ ھاڭ-تاڭ قالدى، لېكىن يەنىلا ئەلپازىنى بۇزۇپ:
-بىلەمسەن، سەن ماڭا چېقىلساڭ قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟-دېدى.
يې فەنئۇ گېپىنى تۈگىتىپ بولغۇچە بىر كاچات سالدى. خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ ئىككى چىشى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاغزى قانغا بويالغان ئىدى.
يې فەن ئۇنىڭ بوينىدىن تۇتۇۋالدى:
-قېنى ئېيتە، قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟-دېدى.
-يې فەن، بولدى قىل!-دېدى يۈەن جىڭ،-سەن ئاللىقاچان چاتاق تېرىپ بولدۇڭ، ئەمدى قولۇڭنى تارت، بولمىسا پۇشايمان قىلىسەن...
«چاڭ...»
يې فەن خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ يۈزىگە يەنە بىر كاچات ئۇردى-دە:
-نېمە چاتاق چىقاردىم؟-دېدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى:
-ھۇ ئەبلەخ!
-تاياققا تويماپسەن-دە؟-دېدى يې فەن.
يې فەن يەنە بىر كاچات سالدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ يۈزىنى تۇتقىنىچە ئاغرىنغان بولسىمۇ، گەپ قايتۇرۇشقا پېتىنالمىدى.
يۈەن جىڭمۇ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ:
-سەن...سەن...دېگىنىچە تۇرۇپ قالدى.
ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەت خۇاڭ دۇڭچياڭلا يې فەننى ئەدەپلەپ قويالايتتى، يې فەننىڭ خۇاڭ دۇڭچياڭغا خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىش سالاھىيىتى يوق ئىدى.
يې فەن خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ يۈزىگە يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ:
-قېنى ئېيتە، قانداق ئاقىۋەت، قانداق چاتاق؟-دېدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ ناھايىتى تەرسالىق قىلدى، لېكىن ئاخىرى چىشىنى چىشلەپ:
-بۈگۈن مەن ساڭا يېڭىلدىم، سەن زادى قانداق قىلماقچى؟-دېدى.
يې فەن خۇددى تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت ھالدا ئۇنىڭ كانىيىدىن تۇتۇپ تۇراتتى:
-ئۆزۈڭنى ئون كاچات ئۇرۇپ، ئاپامدىن كەچۈرۈم سورا، تۆلەم بەر، بولمىسا مەن سېنى بىكار قىلىۋېتىمەن.
شېن بىچىن يې فەننى تارتىپ تۇرۇپ:
-يې فەن، بولدى، بولدى،-دېدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ يې فەننىڭ كۆزىگە قاراپ، بىر خىل قورقۇنچ ھېس قىلدى. ئۇ گەرچە بۈگۈن يې فەنگە بوزەك بولۇشنىڭ ھەقىقەتەن نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يې فەننىڭ دېگىنىنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
ئۇ يې فەننىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، خالىغانچە بوزەك قىلىدىغان كېرەكسىز ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.
خۇاڭ دۇڭچياڭ ھەتتا يې فەننىڭ بارمىقىدىكى سوغۇقنى ھېس قىلالىدى.
يەنە قارشىلاشسا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدۇ، بۈگۈن چىداپ تۇرۇپ، باشقا بىر كۈنى بۇ ئانا-بالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك.
خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ كاللىسىدا شۇ ھامان بىر ئوي پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شېن بىچىنغا باش ئەگدى:
-ھەدە، كەچۈرۈڭ.
ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئۆزىنى ئون كاچات سالدى، يەنە نەچچە مىڭ يۈەن تۆلەم بەردى.
گەرچە شېن بىچىن قاتتىق ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، ئەمما كەچۈرۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يەنىلا گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
يې فەن خۇاڭ دۇڭچياڭغا تىكىلىپ قارىدى، ئۇنىڭ كۆزىدىكى ئۆچمەنلىكنى بايقىدى، خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدى.
ئۇنىڭ كاللىسىدا بۇ خىيال پەيدا بولغان ھامان، ھايات ـ ماماتلىق قاشتېشى بىردىنلا يورۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يې فەننىڭ كاللىسىدا مۇنداق بىر ئۇچۇر پەيدا بولدى:
ھالىتى: جىگەر راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، مېيخۇا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، بىلەك سۇنغان.
كېسەللىك سەۋەبى: ھاراقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچىش، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى چېكىش، باشقىلاردىن تاياق يېيىش.
ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇق ياكى ۋەيران قىلامدۇق؟
يې فەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ۋەيران قىلىش بۇيرۇقىنى بېرىشنى ئويلىدى، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئايانكى، بۇ دېگەنلىك كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇش دېگەنلىك ئىدى.
بىر پارچە قارا رەڭلىك نۇر خۇاڭ دوڭچياڭنىڭ بەدىنىگە كىردى.
-ۋايجاااااننن....
خۇاڭ دۇڭچياڭ بىر ئېچىنىشلىق چىرقىرىغاندىن كېيىن، يې فەننىڭ قولىدىن سىيرىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى.
-يوقال!-دەپ ۋارقىرىدى يې فەن.
خۇاڭ دوڭچياڭ يۈەن جىڭلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ، يې فەندە يالت-يۇلت قىلىپ بىر نۇر چاقنىدى.
بۇ بىر تىرىك ئۆلۈك...
شېن بىچىن ئوغلىنىڭ خېلى ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ سورىمىدى. ئۇ دوختۇرخانىدا بىر يىلدەك ياتتى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئوغلىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى نورمال ئىش ئىدى. يې فەننىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ يې ۋۇجيۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلمىدى.
يې فەن ئىجارە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىنى تولۇقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسىنى ئېلىپ كېچىلەپ كۆچۈپ كەتتى.
ئۇ تور قەرز شىركىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن، يەنە خۇاڭ دۇڭچياڭنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ساقلىنىشنى ئويلىدى. ئۇ ئۆزىنى قوغدايدىغان ئەمەلىي كۈچ ۋە ئىشەنچكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئانىسىنى بىر پۈۋلىسىلا ئۆرۈلۈپ چۈشەتتى.
يې فەن بەيشاجۇ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىن بىر يالغۇز كىشىلىك ياتاق ئىجارە ئېلىپ ۋاقىتلىق تۇرۇپ، ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتمەكچى بولدى. شېن بىچىننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن، دورا پۇلى بېسىمى ئاز بولسىمۇ، يې فەن يەنىلا ئانچە خاتىرجەم ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ توردا نۇرغۇن قەرز ئالغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يې فەن بېقىۋالغان دادىسى يې ۋۇجيۇنى ئىزدىشى كېرەك ئىدى.، ئۇ ئۆلۈكمۇ ياكى تىرىكمۇ، بۇ مەسلىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
«دىڭ دوڭ...»
شېن بىچىن دوختۇرخانىدىن چىققان بەشىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سالامەتلىكى خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغان بولدى. يې فەن بەش كۈن تاقىلىپ قالغان يان تېلېفوننى ئاچتى، شۇ ھامان يان تېلېفونغا نەچچە ئون پارچە قىسقا ئۇچۇر كەلدى.
ئارقىدىنلا بىر تېلېفون كىردى. يې فەن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا سېلىپ تېلېفوننى ئالدى، ناھايىتى تېزلا بىر ئايالنىڭ سوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى:
-تېلېفونۇڭ ئاخىرى ئېچىلدى. مەن تېخى سېنى قەرزگە بوغۇلۇپ ئۆلدىمىكىن دەپتىمەن. بۇ بىر نەچچە كۈندە، يان تېلېفونۇڭ ئېچىلمىدى، ئۇچۇرمۇ قايتۇرمىدىڭ، ئۆيدىمۇ ئادەم يوق، سەن زادى نەگە كەتتىڭ؟ تاڭ ئائىلىسىدە تۇرغۇڭ بولمىسا دەرھال كۆزدىن يوقال!
بۇ تاڭ رۇشۆ ئىدى.
-كەچۈرۈڭ، نەچچە كۈندىن بېرى ئاپامنىڭ يېنىدا تۇردۇم، ئۇ ئەمدىلا دوختۇرخانىدىن چىقتى، يېنىدا بىرسى تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدۇ،-دېدى يې فەن چۈشەندۈرۈپ.
-...
-قەرز سۈيلەش شىركىتى 24 سائەت توختىماي تېلېفون قىلىپ ئارام بەرمىدى، مەن ئۇلارنىڭ يەنە ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تېلېفوننى ئېتىۋەتكەن.
ئۇ يەنە پەس ئاۋازدا سورىدى:
-مېنى ئىزدەيدىغان بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟
يې فەن گەرچە بۇ بىر يىلدا تاڭ ئائىلىسىدە سورۇقچىلىق تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئاچچىقلىنىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلەتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ تاڭ جەمەتىدىن 500 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش پۇلى ئالغانىدى.
يې فەننىڭ شېن بىچىننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان تاڭ رۇشۆنىڭ ئاۋازى سەل پەسەيدى:
-ئورنىڭىزنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەن ماشىنا بىلەن سىزنى ئالغىلى بارىمەن.
يې فەن ھەيران بولۇپ:
-سىلەر ساياھەتتىن قايتىپ كەلدىڭلارمۇ؟-دېدى.
بىر ھەپتە ئىلگىرى تاڭ ئائىلىسىدىكى بەش جان چەتئەلگە كوللېكتىپساياھەتكە چىقىپ كەتكەنىدى، يې فەن ئۆزى يالغۇز تاڭ جەمەتىنىڭ دەرۋازىسىغا قارايدىغان بولغان.
-گېپىمنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟ ئورۇننى ئەۋەتىڭ دەۋاتىمەن.
تاڭ روشۆ تاقەتسىزلەنگەن ھالدا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. يې فەن ئورنىنى ئەۋەتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن، بىر قىزىل رەڭلىك باۋما يې فەننىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر ساھىبجامال پەيدا بولدى.
بۇ يەرنى بېسىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار
تەڭداشسىز ھۆكۈمران |