مەن كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم،ئىچىم سىقىلىپ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ غەزەپ بىلەن:
-سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار بۇ؟-دېدىم.
-كەچۈر، مەن ياڭمەننى ياخشى كۆرىمەن، گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلسام ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، ھېلىھەممۇ شۇنداق، ياڭمەن سەن بىلەن توي قىلغاندىن بېرى ھېچ بىر راھىتىڭنى كۆرمىدى. شۇڭا يەنە تىرىشىپ باقسام ،ياڭمەن ماڭا بىر قېتىملىق پۇرسەت بېرىپ قالارمىكىن دېگەن خىيالدىمەن،-دېدى شۆ لېي.
شۆلېينىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگىم كەلمەي نەزىرىمنى ياڭمەنگە ئاغدۇردۇم. ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇردى.
-بۇنى ياڭمەندىن كۆرگىلى بولمايدۇ، بىر ئەركەك بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭدىن ئۆزۈڭنى چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن خوتۇنۇڭ نا ئۈمۈتتە قالدى، ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن سەندىن ئايرىلىش نىيىتىگە كەلدى. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇنى قانداق قىينىغانلىقىڭ ئۆزۈڭگە ئايان ئەمەسمۇ؟ داچاڭنى، ئېسىل ماشىناڭنى سېتىۋەتتىڭ، ھال ئوقىتىڭ كۈنسايىن ناچارلاپ كېتىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسەڭ كېيىن ياڭمەن بىلەن ئۆي ئىجارە ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزەمسەن؟ مەنچە بولغاندا ياڭمەننىڭ سەندىن ئايرىلغىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغانلىقىدىن ئىبارەت.
شۆ لېي بىلەن كارىم بولماي ياڭمەنگە قاراپ:
-بۇ بىر قېتىملىق يالغاندىن ئاجىرىشىشنى سىز بۇرۇنلا پىلانلاپ قويغان شۇنداقمۇ؟ مېنىڭدىن قۇتۇلۇش بىلەن بىرگە ئۆينى ئىگىللىۋېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدىم.
ياڭمەن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئۆزىگە مەدەت بېرىۋاتقاندەك:
-كەچۈرۈڭ فاڭشۈ مەن بىر ئاددى ئايال، ئىككى يىلدىن كېيىن ئوتتۇزغا كىرىمەن، ئوتتۇز ياش دېگەننىڭ بىر ئايال كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ شۇ ياشقا بارغاندا مېنىڭ ھېچ نەرسەم يوق بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن، ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۆزىڭىگە ئايان، پۇلىمىزنىڭ يوقلىقىنى ئاز دەپ سىز يەنە ئاشۇ «ئۆپكىسى كېتىپ كانىيى قالغان» شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن قىينىلىپ يۈرۈيسىز… مېنىڭ شەخسىيەتچىلىكىمنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ؟ مەن سىز بىلەن قىينىلىپ ئۆتۈشنى خالىمايمەن، پەقەت خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسەم دەپ ئويلايمەن.
شۆلېي ماڭا تاماكا تۇتقاچ:
-خاتىرجەم بولغىن چۇقۇم ياڭمەننىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن، سېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭ ماڭا ئايان، ئەگەر پۇلغا ئېھتىياجىڭ چۈشسە ئېىغىز ئېچىۋەرگىن، ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن،-دېدى.
-كۆزۈمدىن يوقال، كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالساممۇ سەندەك تۇزكورنىڭ ئالدىغا بارمايمەن،-دېدىم مەن ئاچچىقىمدا ۋارقىراپ.
شۆلېي ئۇھسىنىپ تۇرۇپ:
-ئۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟
مەن شۆلېي بىلەن كارىم بولماي ياڭمەنگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
-ماڭا ھەقىقەتەن بىر ئاچچىق ساۋاق بەردىڭىز،-دېگەن پېتى تېلېفونۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بىر پارچە ھۆججەتنى يوللاپ بېرىپ، ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ،-ناۋادا ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا مەندىن سىزگە ھېچ بولمىغاندا موشۇ ئۆي بولسىمۇ قالسۇن دىگەن مەقسەتتە، تۈنۈگۈن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورنىغا بېرىپ بۇ ئۆينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىزگە تەۋە بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق رەسمىيەت بىجىرگەنتىم، ئەپسۇس سىزنىڭ يالغاندىن ئاجرىشىشنى باھانا قىلىپ ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋېلىشىڭىزنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.
ئۇ تېلېفونىغا قارىغاندىن كېيىن تۇرۇپلا قالدى ۋە كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە تۆۋەن ئاۋازدا:
-كەچۈرۈڭ…فاڭشۈ…
مەن ئاچچىقىمدا:
-بۇ بىر پارچە ئاجرىشىش خېتىدىن خېلى كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىۋالدىم، ھەر جايدا ئامان بولايلى،- دەپلا يول ياقىسىغا بېرىپ ماشىنا توسۇپ ئالدى-كەينىگە قارىماستىن كېتىپ قالدىم.
ئۆيگە بارسام ئۇلار ئاللىقاچان ئىشىك قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇۋېتىپتۇ، ئىشىكنى ئاچالمىغاچ ئامالنىڭ يوقىدىن ئىشىكنى چەكتىم.
بىر ھازادىن كېيىن ياڭ كەيفۇ يۈك-تاق قاچىلانغان چاماداننى سۆرىگەن پېتى ئىشىكنى ئېچىپلا:
-نەرسىلىرىڭنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ ئۆي بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئەمەس، كەت،-دېدى.
كۆز ئالدىمدىكى بۇ كۆرۈنۈش، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياڭ مەننىڭ ئالدىن پىلانلاپ قويغانلىقىنى ئىسپاتلىنىپ تۇراتتى. مەن ئىشىك تۈۋىدە نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم-دە:
-بۇلارنى سىلەر ئالدىن پىلانلاپ قويغانمۇ؟ مېنىڭ ھەرقايسىڭلارغا يۈز كېلەلمىگەن يېرىم بارمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟-دەپ سورىدىم.
ياڭ كەيفۇنىڭ خوتۇنى كېلىپ ئىشىكنى ياپقادىن كېيىن ئېرىگە تۆۋەن ئاۋازدا:
-ئۇنىڭغا دەيدىغان بىرەر گېپىڭىز بارمىدى؟ ياڭ مەننىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان تارتقان جاپايى يەتمىدىمۇ؟ كەتكۈزىۋەتمەي يەنە گېپىنى ئاڭلاپ تۇرىسىزغۇ؟-دېدى.
ياڭمەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ماڭا بەرگەن ئاچچىق ساۋىقىدىن ئادەم تەبىئىتىنڭ قورقۇنۇچلۇق دەرىجىگە يەتكەنلىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. مېنىڭ كۆڭلۈم ئازار يېگەن بولسىمۇ بىراق ئىرادەم تېخىمۇ كۈچىيىپ قەتئىي باش ئەگمەسلىك قارارىغا كەلدىم. ئادەتتە مەن ھەممە ئىشتا ئاۋال ياڭمەننى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەپتىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئىكەن. ئەسلىدە مۇھەببەتتە ئاتالمىش ئادىللىق مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. سىز ئۆزىڭىز سۆيىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى بېغىشلىغىنىڭىزدا، ئۇنى خىيال قىلىپ ئوتىدا كۆيگىنىڭىزدە قارشى تەرەپمۇ ئۆز لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرغىنىدىلا ئاندىن قانائەت ھاسىل قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ئۈچۈن كۆڭلىڭىز تەسەللىي تاپىدۇ، لېكىن رېئاللىقتا ھەمىشە ئۇنداق بولىۋەرمەيدىكەن.
تۈن پەردىسى كەڭ يېيىلدى، مەن يۈك-تاقامنى سۆرىگەن ھالدا مەلۇم بىر كوچىدا نىشانسىز كېتىۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار
ئاسىي مۇھەببەت |