قۇرامىغا يەتكەنلىك سوۋغىسى

文摘   2024-11-11 13:00   新疆  

-دادا، ماڭا بىر تال تاماكا بېرە،-دېدىم.

كەنتىمىزدە مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك دېھقان ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىۋالغانىدى، بۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى ئىدى. دادام رەت قىلماي، ماڭا ئۆز قولى بىلەن تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بەردى. بۇ ئۇنىڭ چوڭ بولغانلىقىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا يەنە بىر خىل شەكىلدىكى «قۇرامىغا يەتكەنلىك سوۋغىسى» ھېسابلىناتتى. دادامنىڭ قولىدىكى ئوت يالقۇنى ئاغزىمدىكى تاماكا قالدۇقىنى تۇتاشتۇرغاندا، سانسىزلىغان ئاچچىق ئەسلىمىلەر خىيالىمغا كەلدى، مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ بولغانلىقىمنى، دادامنىڭ ئورنىدا تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىمنى، ئاشۇ تۇتامى يوق «ئالىي مەكتەپ ئارزۇسى»نى ئۈزۈل-كېسىل ئۇنتۇش كېرەكلىكىمنى بىلدىم. دادام ئۇھسىنغان ھالدا:

-كەچۈرگىن، ھەممىسى داداڭنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن بولدى،-دېدى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ماڭا قاراشقا پېتىنالمىدى.

-ھېچقىسى يوق، ھېچ بولمىغاندا مەن تېرىشىپ باقتىم،-گېپىم تۈگىشىگىلا گېلىم قىسىلىپ قالدى، تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز بىر خىل ئاچچىق دەرد-ئەلەم بۇرۇنۇمغا كىرىپ كەلدى، مەن يەنە زورمۇزور ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم، زورىغا كۈلۈپ تۇرۇپ يىراققا قاراپ،-دېھقان بولساممۇ ياخشى،-دېدىم.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى چىقتى، ئۇ چاغدا تېلېفون تېخى ئومۇملاشمىغان، كەنتتىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كەنتتىكى دۇكان ئالدىغا كېلىپ، ئاممىۋى تېلېفون ئارقىلىق نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرەتتى. ھەر قېتىم ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، چىغ قالپاقنى قەستەن پەسلىتىپ، يالغاندىن مۈرەمدىكى ئوتىغۇچنى سىلكىۋەتتىم، چۈنكى ئۇ ئىشلار مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى. بېلىق كۆلچىكىنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، ئاتاممۇ بىر تۈركۈم بېلىجانلارنى نېسىگە ئەكەلدى، بۇ ئائىلىمىزنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئىدى. ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دادام ئىككىمىز بېلىق كۆلچىكىنىڭ يېنىدىكى ۋاقىتلىق ياسالغان لاپاستا تۇردۇق. لاپاس ھەم دىمىق، ھەم نەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە نۇرغۇن چىپار پاشىلار بار ئىدى، دادام جاپا تارتمىسۇن دەپ، مېنى ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاشقا بۇيرىدى. لېكىن مېنىڭ قايتىپ كەتكۈم يوق، كىچىك دۇكان ئالدىدىن تېخىمۇ ئۆتكۈم يوق. مەن ئۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۆزۈمنىڭ بىردەملىك ھاياجان بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىمدىن، گۆدەكلەرچە ئارزۇيۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن تېخىمۇ قورقىمەن. لېكىن بۇ تېلېفون يەنىلا كەلدى، سىنىپ مۇدىرى ئۇرۇپتۇ. دۇكاندىكى كىچىك بالا بېلىق كۆلچىكىگە كېلىپ، ماڭا تېلېفون كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن كىمنىڭ ئۇرغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ كىچىك بولغاچقا دۇدۇقلاپ ئېنىق دەپ بېرەلمىدى. دۇكانغا بېرىپ تېلېفوننى ئالدىم، سىنىپ مۇدىرى مەندىن:

-نېمىشقا دەرھال مەكتەپكە قايتىپ ئارزۇ تولدۇرمايسىز؟-دەپ سورىدى.

ئۇ مېنىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەنلىكىمنى، بىرىنچى تۈركۈمنىڭ سىزىقىدىن ئۆتكەنلىكىمنى ئېيتىپ، مېنى دەرھال مەكتەپكە قايتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بۇيرىدى. شۇ دەقىقىدە، مېنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بۇرۇقتۇرما ھالەتتە يۈرگەن كەيپىياتىم، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە خۇددى دەھشەتلىك بوران-چاپقۇندەك گۈركىرەپ، كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى.

-مۇئەللىم، ئۆيدە پۇل يوق، مەن ئوقۇيالمايمەن،-دېدىم-يۇ، تېلېفوننى تاشلاپ قاچتىم. تېز يۈگۈرگەچكە ساپما كەشىمنىڭ بىر پېيى چۈشۈپ قاپتۇ. گۇگۇمدىكى كەچكى شەپەق نۇرىدا، يالاڭ ئاياغ بالا شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا يۈگۈرەيتتى، لېكىن بۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى.

ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، بېلىق كۆلچىكىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنى ھېچنېمىنى ئويلىماسلىققا مەجبۇرلايتتىم، پەقەت باش چۆكۈرۈپ كۈچ چىقىرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى بېلىقلارنىڭ بالدۇرراق بازارغا سېلىنىشنى، ئۆيدىكى قەرزنى تېزدىن تۆلەپ بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما تۇرمۇش ھەمىشە ئەگرى-توقاي بولىدۇ. ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا، يېزىدىكى ياڭراتقۇدا مېنىڭ خېتىم بارلىقىنى ئېيتتى. خەتنى ئېلىپ قارىسام، ئۆلكىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئىكەن. ئۇنىڭ مۇقاۋىسى ئىنتايىن نەپىس ئىكەن، بىراق مەن ئېنىقلا ئارزۇ تولدۇرمىغان تۇرسام قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇدۇللا كەنت بېشىدىكى دۇكانغا بېرىپ، ئالىي مەكتەپكە تېلېفون بېرىپ ئېنىقلىدىم. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ جاۋاب بېرىشىچە، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپتىمەن. بېلىق كۆلچىكىگە قايتىش يولىدا يېرىم كۈن ئويلانغاندىن كېيىن، چوقۇم سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ماڭا ۋاكالىتەن ئارزۇ تولدۇرغانلىقىنى چۈشەندىم، چۈنكى بۇ سىنىپىمىزنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگە ۋە مەكتەپنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مېنىڭ بۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش-ئوقۇماسلىقنى ئايرىم دېيىشەيلى، لېكىن باشقىلار قوبۇل قىلسىلا، بۇ بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىناۋىتىنى ئاشۇراتتى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادامنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ، خەتنى پۈرلەپ، بېلىق كۆلچىكىنىڭ يېنىدىكى ئوتۇن دۆۋىسىگە تاشلىۋەتتىم. يوقالسۇن قۇرۇق غايە، يوقالسۇن ئالىي مەكتەپ. ئادەم ھامان يا بالدۇر، يا كېيىن رېئاللىققا يۈزلىنىدۇ.

8-ئاينىڭ ئاخىرىدا دادام پۇل قەرز ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماقچى بولدى. بېلىق بېقىشقا يەم-خەشەك، ئوغۇت، يەنە باشقا چىقىملار كېتىدۇ، ئۇ چاغدا ئائىلىمىز قازان قاينىتالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. دادام ئەتىگەن ماڭغان بولسىمۇ، كەچ بولغىچە قايتىپ كەلمىدى. يامغۇر شىرىلداپ يېغىۋاتاتتى، ئېتىزلىقتىكى يوللار پاتقاق ئىدى. كەچ كىرگەندە كۆڭلۈم بىئارام بولۇشقا باشلىدى، چۈنكى دادام كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆيدىن بۇنداق ئۇزۇن ئايرىلمىغانىدى، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن قول چىرىغىنى ئېلىپ، بېلىق كۆلچىكىنى بويلاپ شەرققە قاراپ مېڭىپ، كەنتتىن چىقىدىغان يول ئېغىزىغا كەلگەندە، ئاندىن بىر ۋېلىسىپىتنىڭ يول بويىغا يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. مەن پاتقاقتا ياتقان دادامنى كۆردۈم، ئۇنىڭ قولىدا بىر سولياۋ خالتىنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى.

-دادا!-دېدىم مەن ئالاقزەدە بولۇپ، ئۇنى دەرھال يۆلەپ قوپۇردۇم. ئۇ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ھالدا ھاسىراپ تۇرۇپ:

-قېرىپتىمەن! ياش ۋاقتىمدا ۋېلىسىپىت مىنىپ شەھەرگە بارسام خۇددى ئوينىغاندەك بىلىنەتتى، ھازىر بولالماي قالدىم. ئەمدىلا كەنت ئېغىزىغا قايتىپ كېلىپلا ھاسىراپ يىقىلىپ قالدىم،-دېدى.

-شۇنچە يىراق شەھەرگە بېرىپ نېمە ئىش قىلىسەن؟-مەن ئىچىم ئاغرىغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ سورىدىم. دادام قولىنى تىترىتىپ، ئىچىگە بىر باغلام پۇل ۋە بىر پارچە پويىز بېلىتى سېلىنغان سولياۋ خالتىنى ئاز-ئازدىن يېيىپ:

-ئالغىن، ئوقۇ، سېنىڭ داشۆگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشۇڭنى مەن ئاللىقاچان ئېلىپ، ئۆيدىكى سومكىغا سېلىپ قويدۇم،-دېدى.

داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 


باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار

 

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章