مېنى مەسئۇل بولسۇن دېسىڭىز، ئىسپات ئېلىپ چىقىڭ

文摘   2024-11-08 20:02   新疆  

-جاۋياڭ، مەن ھامىلىدار بولۇپ قاپتىمەن.

مەن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم ـ دە، ئالىيىپ تۇرۇپ:

-سىزنى ھامىلىدار قىلىپ قويغان ئادەمنى ئىزدىمەمسىز، تېلېفون قىلىپ مېنى چاقىرىپ نېمە قىلىسىز؟- دېدىم.

-مەن بۇ بىر يىلدا سىزدىن باشقا ئەر كىشى بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ باقمىغان تۇرسام، سىزنى ئىزدىمەي كىمنى ئىزدەيمەن؟

-مەن بۇ بىر يىلدا سىزدىن باشقا ئايال بىلەن بىللە بوپ باقمىغان دېسەم، سىز ئىشىنەمسىز؟

-جاۋياڭ، سىزمۇ ئەر كىشىمۇ؟

-كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئوينىغىلى چىققان، بۇنداق ئىشنى ماڭا ئارتىپ قويماڭ، مېنى مەسئۇل بولسۇن دېسىڭىز، ئىسپات ئېلىپ چىقىڭ، بۇنداق ئاساسسىز گەپ قىلماڭ، كىم بۇنداق بىلىپ-بىلمەيلا دادا بولۇپ قېلىشنى خالايدۇ؟

لې ياۋ بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا:

-بالىنى ئالدۇرۋەتتىم، نەدىمۇ ئىسپات بولسۇن،- دېدى.

مەن سەل ئاچچىقلاندىم:

-سىزنىڭچە مەن دەلتىگە ئوخشامدىكەنمەن؟ بالىنى ئالدۇرۋېتىپ، ئاندىن... ئاندىن ماڭا بۇ بالىنى مەن جاۋياڭنىڭ دەمسىز، سىز ساختا ساددىمۇ ياكى مەن راست ئەخمەقمۇ؟ لې ياۋ، بىز ھەممىمىز قۇرامىغا يەتكەن ئادەم، يۈز-ئابرويىمىزنى ئويلاپ ئىش قىلساق بولامدۇ؟

لې ياۋ كالپۇكىنى چىشلەپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ، بىر ھازادىن كېيىن:

-سىز مەسئۇل بولۇشنى خالىمايسىز شۇنداقمۇ، ئەتە مەن شىركىتىڭلارغا بارىمەن،- دېدى.

-ئالە شەرىڭنى... شۇنداق قىلىش كېتەمدۇ؟-دېدىم مەن غەزەپ بىلەن.

لې ياۋ كالپۇكىنى چىڭ چىشلەپ ماڭا قارىدى، مەن ئۇنىڭ ئۇستا ئارتىسلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن ئۇنىڭ بىلەن قاۋاقخانىدا تونۇشقان، ئاندىن بىر كېچە بىللە بولغان، دائىم قاۋاقخانىدا يۈرىدىغان بىر ئايال، بىر يىلدا پەقەت مەن بىلەنلا كارىۋاتقا چىقتىم دېسە، بۇ گەپكە ئىشەنسەم، مەن بىر كالۋا بولمامدىم.

ئۇنىڭ بىلەن تالاشقىم كەلمەي، پورتمالىمنى چىقىرىپ، ئىچىدىكى يۈز يۈەنلىك پۈتۈن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردىم:

-سىز شۇ پۇل ئالماقچىغۇ، ئېلىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئاۋارە قىلماڭ!

لې ياۋ گەپ-سۆز قىلمىدى، تالاش-تارتىشمۇ قىلمىدى، پەقەت بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، كۈنلۈكنى تۇتقىنىچە دوختۇرخانا ئىچىگە قاراپ ماڭدى، قارىغاندا تاپشۇرۇپ بولالمىغان داۋالاش راسخوتى باردەك قىلاتتى.

يامغۇردا ئۇنىڭ يالغۇز ھالىتىنى كۆرۈپ، قەلبىمدە تۇيۇقسىز بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز كەيپىيات پەيدا بولدى، گەرچە مەن ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ مېنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسەممۇ، مەن ئۇنىڭدىن بىزار بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىنىڭ چوقۇم ياخشى ئەمەسلىكىنى، بولمىسا ماڭا بۇنداق چاپلىشىۋالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

مەن بىر ھازاغىچە سۈكۈت قىلىپ ئاخىرى ئۇنى چاقىردىم:

- توختاڭ...

لې ياۋ كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى.

مەن پورتمالىمدىن بىر بانكا كارتىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم:

-بۇ كارتىدىن ئازراق پۇل چىقىم قىلغىلى بولىدۇ، سىز ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلدۇردىڭىز، ئۆزىڭىز ئازراق بىر نەرسە ئېلىپ قۇۋۋەت تولۇقلاڭ.

لې ياۋ بۇنى ئالمىدى:

- ھاجىتى يوق، مېنىڭ مەقسىتىم سىزنىڭ مەسئۇل بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈش ئىدى، سىزنى ئىزدىشىمدىكى سەۋەب، مەن ئېزىپ-تېزىپ باشقىلار بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ، يەنە بىلىپ-بىلمەي ھامىلىدار بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن! داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار

تەڭداشسىز ھۆكۈمران


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章