بۇزۇقچىلىق (283): ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشماڭ

文摘   2024-11-10 20:38   新疆  

بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل

(رومان)

ئاپتورى: مۇ رېن

1

2

3

4

5

6

7

8

9

10

11

12

13

14

15

16

17

18

19

20

21

22

23

24

25

26

27

28

29

30

31

32

33

34

35

36

37

38

39

40

41

42

43

44

45

46

47

48

49

50

51

52

53

54

55

56

57

58

59

60

61

62

63

64

65

66

67

68

69

71

72

73

74

75

76

77

78

79

80

81

82

83

84

85

86

87

88

89

90

91

92

93

94

95

96

97

98

99

100

101

102

103

104

105

106

107

108

109

110

111

112

113

114

115

116

117

118

119

120

121

122

123

124

125

126

127

128

129

130

131

132

133

134

135

136

137

138

139

140

141

142

143

144

145

146

147

148

149

150

151

152

153

154

155

156

157

158

159

160

161

162

163

164

165

166

167

168

169

170

171

172

173

174

175

176

177

178

179

180

181

182

183

184

185

186

187

188

189

190

191

192

193

194

195

196

197

198

199

200

201

202

203

204

205

206

207

208

209

210

211

212

213

214

215

216

217

218

219

220

221

222

223

224

225

226

227

229

230

231

233

234

235

236

237

238

239

240

241

242

243

244

245

246

247

248

249

251

252

253

254

255

256

257

258

259

260

261

262

263

264

265

266

267

268

269

274

273

272

271

270

279
278
277

276

275



282
281
280

(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (282): ئۇ ئۆز ھاممىڭىز

3-بۆلۈم 125-باب: ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشماڭ

چېن بىڭ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ، ليۇ شياۋيىڭنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ساۋ مىڭيىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئۇنى تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، KTV ئايرىمخانىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېسىگە ئېلىپ، سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى-دە، كېكەچلەپ تۇرۇپ سورىدى.

-سىز...كېلىپ قاپسىزغۇ؟

-مەن...شياۋشىنى ئالغىلى كەلدىم!

ليۇ شياۋيىڭمۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. تۈنۈگۈن كەچتە چېن بىڭنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە بالىنى ئالغىلى بارغاندا، غۇۋا ھالدا ئۆزىنىڭ ۋۇ بو بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ساۋ مىڭيىنىڭمۇ بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتقانلىقىنى ئەسلىگىنىدە، كۆڭلى دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى، ھەتتا تۈنۈگۈن كەچ ئۇ پەقەتلا خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدى.

چېن بىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، ليۇ شياۋيىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى.

-نەۋرە ئاچا، بەك سەت بولدى، قاق سەھەردە سىزنى كەلگىلى ساپتىمىز، تېز ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇڭ!

-بولدى، سىلەر سەل تۇرۇپ ئىشقا بارىسىلەر، ئىشىڭلار ئالدىراش، سىلەرنى ئاۋارە قىلماي، شياۋشى چىقسۇن!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ بېشىنى چايقاپ.

-ھېچقىسى يوق، بىز يەنە بىردەمدىن كېيىن ئىشقا بارىمىز، شياۋشىمۇ تېخى تاماق يەۋاتىدۇ، كىرىۋېرىڭ!

چېن بىڭ ۋۇ بونىڭ ليۇ شياۋيىڭغا يۈزلەنگەندە قانداق ئىپادىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلىشتا چىڭ تۇردى.

-بولىدۇ...ئەمىسە!

ليۇ شياۋيىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ مېھمانخانىغا كىردى. ۋۇ شياۋشى ئىككىيلەننىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال قاچا-قۇچىلارنى قويۇپ، مېھمانخانا ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى.

-ھامما، مېنى ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ؟

-شياۋشى، يەپ بولدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى ليۇ شياۋيىڭ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

-يەپ بولدۇم!

قىزچاق بېشىنى لىڭشىتتى.

-ئەمىسە تېز ماڭايلى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئىشقا بېرىشىغا دەخلى يەتكۈزمەيلى!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ ئۇنىڭغا تاپىلاپ.

-ماقۇل!

ۋۇ شياۋشى يەنە بېشىنى لىڭشىتتى. ئىككىيلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا، ۋۇ بو ئاشخانىدىن چىقىپ، مېھمانخانىغا كېلىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ليۇ شياۋيىڭدىن سورىدى.

-نەۋرە ئاچا، ناشتا قىلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر ناشتا قىلمىغان بولسىڭىز، بىزنىڭ ئۆيدە ئازراق تاماق يەڭ!

ليۇ شياۋيىڭ تەبىئىي چىراي ئىپادىسى بىلەن جاۋاب بەردى.

-مەن يېزنىڭىز بىلەن ناشتا قىلىپ بولدۇم، يېزنىڭىز ئىدارىگە ئىشقا كەتكەندىن كېيىن، ئاندىن شياۋشىنى ئالغىلى كەلدىم.

-نەۋرە ئاچا، سىزگە كۆپ رەھمەت، شياۋشى يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن مەكتەپكە بارىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئۇنى سىزگە تاپشۇردۇم!-دېدى ۋۇ بو مىننەتدارلىق بىلەن.

-ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، بۇلارنى دېيىشمەيلى، بولدى، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى، سىلەرمۇ ئىشقا بېرىشىڭلار كېرەك، سىلەرنى ئاۋارە قىلماي!

ليۇ شياۋيىڭ جىق گەپ قىلسا خاتا گەپ قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ۋۇ بو ۋە چېن بىڭ بىلەن خوشلاشتى. ئارقىدىنلا ۋۇ شياۋشىگە قاراپ تاپىلىدى.

-شياۋشى، تېز دادىڭىز ئاپىڭىز بىلەن خوشلىشىڭ!

-دادا، ئاپا، خوش!

ۋۇ شياۋشى ۋۇ بو بىلەن چېن بىڭغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ليۇ شياۋيىڭ بىلەن بىللە مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ، مېھمانخانىدىن چىقتى.

ۋۇ بو بىلەن ليۇ شياۋيىڭ كۆرۈشكەندە، ئۇلار باشتىن-ئاخىر ناھايىتى تەبىئىي ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، چېن بىڭ ھېچقانداق نورمالسىزلىقنى بايقىمىدى.

«ئەجەبا ليۇ شياۋيىڭ راستتىنلا ۋۇ بونىڭ نەۋرە ئاچىسى بولسا، مەن ساۋ مىڭيىنىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇلارنى خاتا ئەيىبلەپ قويدۇممۇ؟»

ليۇ شياۋيىڭ بىلەن ۋۇ شياۋشىنىڭ ئىشىك ئالدىدا غايىب بولغان سىماسىغا قاراپ، چېن بىڭ چوڭقۇر ئويغا پاتتى. ۋۇ بو چېن بىڭنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قەستەن ئۇنىڭدىن سورىدى.

-خوتۇن، نېمە ئويلاۋاتىسىز؟

-ھېچ...ھېچنىمە، ئېرىم، سىز شىنيۈەن ئۆي-زېمىن گۇرۇھى شىركىتىگە بېرىپ خىزمەت قىلمامسىز؟ بىرىنچى كۈنى كېچىكىپ قالسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ!-دېدى چېن بىڭ چوڭقۇر خىيالدىن ئويغىنىپ.

-دېگىنىڭىز توغرا، مۇنداق بولسۇن، مەن ئاۋۋال سىزنى ماشىنا بىلەن دۇكانغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئاندىن شىركەتكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇراي!-دېدى ۋۇ بو بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن.

-بولدى، يولىمىز بىر ئەمەس، بۇنداق جىق يول ماڭسىڭىز نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىق، سىز يەنىلا بىۋاستە ماشىنا ھەيدەپ شىركەتكە بېرىڭ!-دېدى چېن بىڭ چىرايلىقچە رەت قىلىپ.

-بۇمۇ بولىدۇ.

ۋۇ بو چېن بىڭنىڭ گېپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دەرھال يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، يان تېلېفون بانكىسى ئارقىلىق چېن بىڭنىڭ بانكا كارتىسىغا 10 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا تاپىلىدى.

-مەن پۇلنى سىزگە يۆتكەپ بەردىم، سىز سەل تۇرۇپ بىر توكسىكلىت سېتىۋېلىپ، ئاندىن دۇكانغا بېرىپ ئىشلەڭ!

-رەھمەت سىزگە، ئېرىم، مەن ھازىرلا توكسىكلىت سېتىۋالغىلى چىقىمەن!

چېن بىڭ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، ئاندىن ئۇنى قۇچاقلاپ يۈزىگە سۆيۈپ قويدى.

-توكسىكلىت سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىشقا بارغاندا ئېھتىيات قىلىڭ!-دېدى ۋۇ بو تاپىلاپ.

-خاتىرجەم بولۇڭ، چوقۇم بەك ئېھتىيات قىلىمەن!

چېن بىڭ گېپىنى تۈگىتىپ، ئالدىراپ-تېنەپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ پەرداز قىلدى، ئاندىن سومكىسىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقتى. چېن بىڭ ئۆيدىن چىقىپلا، ۋۇ بو يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ليۇ شياۋيىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى.

-نەۋرە ئاچا، شياۋشىنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتىڭىزمۇ؟

-ياق، ئۇنى مەھەللىدە ئوينىتىۋاتىمەن!-دەپ جاۋاب بەردى ليۇ شياۋيىڭ.

-بىز تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، شياۋشى ئاڭلىيالامدۇ؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو ھوشيارلىق بىلەن.

-ياق، ئۇ ئالدىدا ئويناۋاتىدۇ، مەن بىلەن ئارىلىق بار.

-ھە، بايا ئۆيۈمگە كەلگىنىڭىزدە، ساۋ مىڭيىنىڭ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتماقچىمىدىڭىز؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو.

-شۇنداق، سىز قانداق بىلدىڭىز؟-دەپ سورىدى ليۇ شياۋيىڭ ئەجەبلىنىپ.

-مېنىڭ قانداق بىلگەنلىكىم بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، قىسقىسى، بىزنىڭ ئىلگىرى ئاشىق-مەشۇق مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكىمىزنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلماڭ، بىز بىر ئېغىز گەپ بىلەن نەۋرە ئاچا-ئىنى مۇناسىۋىتىدە تۇرساقلا بولدى!

ۋۇ بو تۈنۈگۈن ئاخشام تۇڭلوۋەن بەزمىخانىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ليۇ شياۋيىڭغا ئېيتقۇسى كەلمەي، ئاددىيلا جاۋاب بەردى.

-مەن ئەخمەقمۇ؟ بۇنداق ئىشنى قانداق ئېتىراپ قىلالايمەن؟ سىزمۇ ئېھتىيات قىلىڭ، چېن بىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئۆيۈمگە شياۋشىنى ئالغىلى كەلگەندە، ئۇمۇ غەلىتە گەپلەرنى قىلىپ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىدىن بېشارەت بەردى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ساۋ مىڭيىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە مۇشۇنداق ئوي-خىيال بارلىقىغا قاراپ، ئەجەبا ئۇلارنىڭ بىرەر شەخسىي ئالاقىسى بارمىدۇ دەپ چۈشىنەلمەي قالدىم!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ چۈشەنمىگەن ھالدا.

ۋۇ بو ليۇ شياۋيىڭنىڭ ساۋ مىڭيى بىلەن چېن بىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىلىپ قېلىشىنى خالىماي، ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا جاۋاب بەردى.

-ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلار ئىلگىرى تونۇشمايتتى...

-شۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىللە بولغاندا، چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇشىمىز، ھېچقانداق چاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ ھوشيارلىق بىلەن.

-خاتىرجەم بولۇڭ، قانداق قىلىشنى بىلىمەن، چېن بىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولدى، مۆلچەرىمىزچە تۇرمۇشىمىز ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، بەلكىم ئاجرىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا شياۋشىنى ۋاقتىنچە سىزگە تاپشۇردۇم!

-ھە؟ نېمە دېدىڭىز؟ سىلەر ئاجرىشامسىلەر؟ نېمىشقا؟

ليۇ شياۋيىڭ تەقەززالىق بىلەن سورىدى.

-ھېچ ئىش يوق، مەن پەقەت چېن بىڭنىڭ سىرتتىكى ئەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەك مۇرەككەپ ھېس قىلدىم، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ھەرگىزمۇ ۋاپا كېلىدىغان ئايال ئەمەس!

-سىزنىڭ سىرتتا باشقا ئاياللىرىڭىز بارمۇ؟-دەپ سورىدى ليۇ شياۋيىڭ.

ۋۇ بو ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى شياۋ لەنگە يۆتكىگەنلىكىنى ليۇ شياۋيىڭغا ئېيتىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەپلەپ-سەپلەپ جاۋاب بەردى.

-ياقەي، سىرتتا قانداقمۇ باشقا ئاياللىرىم بولسۇن...

-بولمىغاندىكىن، ئەمىسە چېن بىڭ بىلەن ياخشى كۈن كەچۈرۈڭ، چېن بىڭ ياخشى ئايال، ئۇنىڭدىن ئاسانلىقچە ئاجراشماڭ، ئەگەر ئۇ پىرىنسىپال خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن بولسىلا بولدى، ئالدىڭىزدا بارىنى قەدىرلەڭ!-دېدى ليۇ شياۋيىڭ نەسىھەت قىلىپ.

-ھە، قانداق قىلىشنى بىلىمەن!

ۋۇ بو ئۆزىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن خاتا گەپ قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، تېلېفوندا ليۇ شياۋيىڭغا داۋاملىق گەپ قىلىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئەمما ئۇ ليۇ شياۋيىڭنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئىشىك ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، قۇلىقىنى ئىشىككە يېقىپ، ئوغرىلىقچە ۋۇ بو بىلەن ليۇ شياۋيىڭنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 284-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章