ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئەر!

文摘   2024-11-07 20:00   新疆  

ئايالىم تالاغا قاراپ قالغانمىدۇ؟

لى رۇڭ خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان سىن كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ، خۇددى بىرى ئۆتكۈر پىچاقنى يۈرىكگە سانجىغاندەك بولۇپ كەتتى.

لى رۇڭ يىلىڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان، تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى، ئايالى لىن ۋېي بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن زېرەك ۋە ئەقىللىق بىر قىزى بار.

ئىلگىرى لى رۇڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى ئىدى، يېزىدىن كەلگەن بىرىنىڭ شەھەردە بۇنداق پۇت تىرەپ تۇرالىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى رۇڭنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان جەلپكار بىرىنى ئەمرىگە ئېلىشى ئۇنى ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىگە ئايلاندۇرغانىدى. ئەمما بۈگۈن چۈشتىن كېيىن لى رۇڭنىڭ دوختۇرخانىدىكى خىزمەتدىشى خۇاڭ جيەننىڭ ئۈندىداردا ئەۋەتكەن قىسقا سىن كۆرۈنىشى ئۇنىڭ بۇلاق سۈيىدەك تىنىچ تۇرمۇشىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. سىندىكى كۆرۈنۈش ئۇزۇن ئەمەس، قىسقىغىنە 10 سېكۇنت بولسىمۇ، ئەمما ئىچىدىكى ئىشلار ئىنتايىن شەھۋانىي ئىدى...

سىن كۆرۈنىشىنىڭ ئىچىدىكى ئايالنىڭ يان تەرىپىدىن قارىغاندا، ئۇ لى رۇڭنىڭ ئايالى لىن ۋېيغا ئىنتايىن ئوخشايىتتى. لى رۇڭ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن خۇددى بىرى روھىنى ئوغۇرلاپ كەتكەندەك، پۇتىدا جان قالمىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئايالىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىگە ئىشەنمەيىتتى. ئۇنىڭ ئايالى بىر ئوقۇتقۇچى، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە قىلىدىغان بىر ئۇستازنىڭ ئۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس... لى رۇڭ ئالدىدىكى بۇ پولاتتەك ئىسپاتلارنى كۆرۈپ ئىشەنمەسلىككە باھانە تاپالمىدى، گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇ سىن كۆرۈنىشىدىكى لى رۇڭنىڭ ئايالى بولسا ئۇ بۇ ئىشنى قەتئىيلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيىتتى. چۈنكى ھەرقېتىم ئۇ ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا ئۇنىڭ ھەۋىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىۋېتەتتى. شۇڭا تەبىئىيلا تۇرمۇشتا ھۇزۇر ئالغان ئاياللارنىڭ تالاغا قارىشى مۇمكىن ئەمەس.

لى رۇڭنىڭ بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى ۋە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن خىزمەتدىشى خۇاڭ جيەن ئۇنىڭ ئۈندىدارىغا سۆز قالدۇرۇپ، بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەسلىكىنى، سىن كۆرۈنۈشىدىكى ئۇ ئايالنىڭ پەقەت يان يۈزىنىڭلا كۆرۈنگىنىنى، دۇنيادا بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىشقا ئۇرۇندى.

لى رۇڭ نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئايالى بىلەن شۇنچە يىل ئۆي تۇتتى، ئۇ ئايالىنىڭ ھېسىياتىنى ۋە تەققى-تۇرقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ ئولتۇرغان جايىدىن چاچراپ تۇرۇپ بۇ چوقۇم مېنىڭ ئايالىم، ئۇ يولدى چىقىپتۇ دەپ ئويلىدى. كەينىدىنلا يانفونىنى چىقىرىپ يەنە بىر قېتىم سىنچىلاپ ئۇ سىن كۆرۈنىشىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئايالىم ئەمەس ئىكەن، ئۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى.

لى رۇڭ مانا شۇنداق قاتمۇقات كۆڭۈل غەشلىكى ئىچىدە بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگىتىپ، يۈرىكىدىكى تەشۋىش ۋە گۇماننى ئېلىپ ئاستا ئۆيىگە قايىتتى.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم


 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار



Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章