بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (123): رەشىك ئوتى

文摘   2024-11-11 13:00   新疆  
بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ
ئاپتورى: لاۋ مو
123-باب: رەشىك ئوتى

1

2

3

4

5

6

8

9

10

11

12

13

14

15

16

21

20

19

18

17

26

25

24

23

22

31

30

29

28

27

36

35

34

33

32

41

40

39

38

37

46

45

44

43

42

51

50

49

48

47

56

55

54

53

52

61

60

59

58

57

66

65

64

63

62

71

70

69

68

67

76

75

74

73

72

81

80

79

78

77

86

85

84

83

82

91

90

89

88

87

96

95

94

93

92

101

100

99

98

97

106
105
104
103
102
111
110
109
108
107
117
116
115
114
113
122
121
120
119
118

ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (122): ئارقىڭىزدىكى ئادەم كىم؟

لىندانىڭ بۇنداق ئورۇننى زاكاز قىلىپ گۇەن مۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇ بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدى. لىندا شۇڭا ئۇنىڭدىن گۇەن مۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سورىغان ئىكەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ قەستى شاپتۇلدا ئىكەنتۇق.
دېمىسىمۇ شۇنداق، لىنداغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر قىز، يەنە كېلىپ ساھىبجامال قىز، ئادەتتىكى كىشىلەرنى تەبىئىيلا ياراتمايدۇ، ئەمما گۇەن مۇدەك ئەرلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئاياللارنى مەپتۇن قىلالايتتى. شۇ تاپتا، سۇ چىڭنىڭ كاللىسىدا گۇەن مۇ بىلەن لىندانىڭ بىللە تۇرغان كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى.
سۈرەتتىكى ئۇسلۇبقا قارىغاندىلا ناھايىتى ئىناق، كېلىشكەن يىگىت ۋە گۈزەل قىز، كەسىپتىمۇ تەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇپ، ئۇلار خۇددى بېشى قوشۇلغان بىر جۈپلەر دېيىشكە بولىدىغان تېپتىن ئىدى. گۇەن مۇغا ئوخشاش بۇنداق ئەرلەر نەگىلا بارسا تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ، بۈگۈن كەچتە ئۇلار چوقۇم خۇشال پاراڭلىشىدۇ، ھەتتا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلارمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىندۇ؟
گەرچە سۇ چىڭ گۇەن مۇ بىلەن بىللە بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يېنىدا ھەر قانداق ئايالنىڭ بولۇشىنىڭ نورمال ئىشلىقىنى ئوبدان بىلسىمۇ، لېكىن شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئاچچىق تۇيغۇ پەيدا بولدى، بۇ خىل ئاچچىق تۇيغۇ ئۇنى ئىنتايىن بىئارام قىلدى. شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، سۇ چىڭ ماتېرىيال رەتلىمەكچى بولدى، شۇڭا بىر نەچچە مىنۇت كېچىكىپ ماڭدى.
ئۇ سومكىسىنى ئېسىپ لىفىتقا چىقتى، لىفىت تاقىلاي دېگەندە، تۇيۇقسىز بىر كۆلەڭگە تېز سۈرئەتتە لىفىتقا يۈگۈرۈپ كىردى. سىنچىلاپ قارىسا، يۈگۈرۈپ كىرگىنى كونا رەقىبى سۈن فېيفېي ئىكەن، سۇ چىڭ ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى. سۇ چىڭنىڭ لىفىتتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سۈن فېيفېي بىرىنچى قەۋەتنى باسقاندىن كېيىن سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
-سۇ چىڭ، مەن سىزنى ھەقىقەتەن بوش چاغلاپ قاپتىمەن، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئىككى ئەر كىشى سىز ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈپتۇ، مەن سىزنىڭ ئۇلارغا زادى قانداق ئېزىتقۇ دورىسى ئىچكۈزگەنلىكىڭىزنى بىلمىدىم، ئۇلار سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمىغۇدەك قانداق نەرسە بولغىيدى؟
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟-سۇ چىڭ سوغۇققىنە سورىدى.
ئۇلار؟ ئىككى ئەر كىشى، كىم؟ گۇەن مۇ ۋە گۇەن چىجېڭمۇ؟
سۇ چىڭ بىردىنلا سۈن فېيفېينىڭ گېپىگە ھەيران قالدىم ئارقىدىن سۇن فېيفېي كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى:
-خۇپسەنلىك قىلماڭ، چوقۇم سىز ئۇ ئىككىسىنى ياردەمگە چاقىردىڭىز، بىرى، شىڭشېنىڭ باش لىدىرى، ماھارىتى ئۈستۈن، يەنە بىرى، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئادۋوكات، كىشىلىك مۇناسىۋىتى كەڭ، قايسىسىنىڭ سالمىقى ئېغىر ئەمەس. سۇ چىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ چىشىڭىزغا تېگەلمەيدىغان بولدۇم.
بۇ چاغدا لىفىت بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ، ئىشىك ئېچىلدى. سۈن فېيفېي سۇ چىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا سومكىسىنى ئېسىپ تېز قەدەم بىلەن كېتىپ قالدى.
يولدا سۇ چىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تىت-تىت بولدى.
گەرچە بۇ قېتىمقى كىرىزىس مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىككى ئەركىن ئەر يەنىلا ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانىدى، ئۇ راستتىنلا بىر ئۆمۈر ئۇلاردىن ئايرىلالمامدىغاندۇ؟ بىراق سۇ چىڭ كۆڭلىدە «مەن پەقەت بىر ئاددىي ئايال، تەڭداشسىز دۆلەتمەن ئەمەس، ئىقتىدارىممۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشمەيدۇ» دەپ ئويلىدى.
ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىمۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى، گۇەن چىجېڭ بەلكىم ئۆزىگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، گۇەن مۇ بولسا ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ شۇنداق قىلغاندۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ياخشى كۈن كۆرمىسە، بالىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ جاپا تارتىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ!
بۇ خىل ئوي بىلەن سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى خېلى ئارام تېپىپ قالدى. بىراق ئۇ يەنىلا گۇەن چىجېڭغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئۆتۈندى.
گۇەن چىجېڭ ئارقىدىنلا ئىككى خەت ئەۋەتتى.
-بولىدۇ.
بۇ ئىككى خەتنى كۆرۈپ، سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئۇ ئۆزىنى گۇەن چىجېڭغا قايتا-قايتا ئازار بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلدى، لېكىن ئۇ مۇز چىراي بولمىسا ئۇ ئۆزىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
گۇەن مۇغا كەلسەك، سۇ چىڭ يان تېلېفونىنى ئېلىپ قىسقا ئۇچۇرنى تەھرىرلەپ بولۇپ، بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، قىسقا ئۇچۇرنى يەنە ئۆچۈرۈۋەتتى. گۇەن مۇنىڭ مىجەزىنى ئۇ بەك ئېنىق بىلەتى، مەيلى ئۇنىڭ پىكرى قانداق بولسۇن، ئۇ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلمايتتى. ئويلاپ باقسا، بۈگۈن كەچ ئۇ لىندا بىلەن چوقۇم بىر مەيدان ئىشق-مۇھەببەت كېچىسىگە گۇۋاھچى بولىدۇ، ئۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ ياخشى ئىشىغا دەخلى قىلماسلىق كېرەك، لېكىن بۇ كەچتە ئۇ نېمىشقا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدۇ؟
ئەتىسى ئەتىگەندە، سۇ چىڭ ئىشخانىغا كەلگەندىن كېيىن، لەن رېننىڭ بىر ھەپتە رۇخسەت سورىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە خۇشال بولدى. سۈن فېيفېيمۇ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپمىدى، لەن رېن كەتكەندىن كېيىن، ئىشخانىدىكى ئايال خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن نورمال ئۆتتى، شۇڭا بۇ ھەپتە سۇ چىڭ خېلى يېنىكلەپ قالدى.
ھەپتىنىڭ بەشى چۈشتىن كېيىن، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، سۇ چىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالغان گۆش، كۆكتاتلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ماڭدى. دۇڭ دۇڭنى كۆرمىگىلى ئىككى ھەپتە بولغانىدى، سۇ چىڭ ئۇنى بەك سېغىنغانىدى، بۈگۈن كەچ، ئۇ دۇڭ دۇڭ بىلەن چۈن چۈنگە بىر ۋاخ تاماق ئېتىپ بەرمەكچى بولدى، ئەلۋەتتە يەنە ئۇنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان چياۋ لىمۇ بار.
سۇ چىڭ ئاشخانىدا تېز سۈرئەتتە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دۇڭ دۇڭ بىلەن چۈن چۈن ئىشىكتىن كىرىشتىن بۇرۇن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئاشخانىنىڭ دېرىزىسى ئوچۇق ئىدى، ئۇ ھەر ۋاقىت بىنانىڭ ئاستىدىن ئولتۇراق رايونغا كىرگەن ماشىنىنىڭ ئاۋازىغا دىققەت قىلاتتى.
ناھايىتى تېزلا سائەت يەتتە بولاي دېگەندە، بىر قارا رەڭلىك بېنىتېلى ئولتۇراق رايونغا كىردى. گۇەن مۇنىڭ بۇ ماشىنىسى ھەقىقەتەن كۆزنى قاماشتۇراتتى، پەرق ئېتىش دەرىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى، شۇڭا سۇ چىڭ بۇ ماشىنىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۆيدىن چىقتى، ھەتتا بېلىدىكى پەرتۇقنى يېشىشكىمۇ ئۈلگۈرمىدى.
سۇ چىڭنىڭ چېچى بىر تال لېنتا بىلەن كەينىگە چىگىلگەن بولۇپ، ئۈستىگە تېگى ئاق، كۆك گۈللۈك يوپكا كىيگەنىدى. قولىدا چۆمۈچ تۇتقان ئىدى، بايا ئۇ ھەتتا چۆمۈچنىمۇ قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالغانىدى، بۇ ھالەتتە بىنادىن چۈشسە بەكلا كۈلكىگە قالاتتى.
ھەتتا ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان گۇەن مۇ ئىختىيارسىز ماشىنا ئەينىكىدىن قاراپ بىر نەچچە سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىنلا چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.
لىن فېڭ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، دۇڭ دۇڭ بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ، سۇ چىڭنىڭ يوتىسىنى قۇچاقلاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا:
-ئاپا، سېنى بەك سېغىندىم!-دېدى.
-مەنمۇ قوزامنى بەك سېغىندىم.
سۇ چىڭ قولىنى سوزۇپ ئوغلىنىڭ سېمىز يۈزىنى سىلاپ، چەكسىز بەخت ھېس قىلدى. ئارقىدىن لىن فېڭ كىچىك مەلىكىدەك ياسانغان چۈن چۈننى يېتىلەپ، ئۇنى سۇ چىڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. دۇڭ دۇڭدىن خېلىلا پاكار چۈن چۈن كىچىك قولى بىلەن سۇ چىڭنىڭ كۆڭلىكىنى تارتتى. سۇ چىڭ دەرھال بېلىنى ئېگىپ چۈن چۈننى قۇچاقلىدى، ئاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-چۈن چۈن، ئاپىڭىز بۈگۈن سىزگە تاماق ئېتىپ قويدى، يەنە دۇڭ دۇڭمۇ بار، ھەممىسى سىلەر ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلار!
-ياخشى، ياخشى…
چۈن چۈننىڭ ئىپادىلىيەلەيدىغان سۆزلىرى ناھايىتى ئاز، شۇڭا پەقەت كىچىك قوللىرىنى شاپىلاقلاپ قويدى.
دۇڭ دۇڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، دەسلەپتە ھاياجانلىنىپ كەتتى، ئاندىن تۇيۇقسىز يەنە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، غەمگە پاتقان ھالدا:
-ئاپا، دادامنى بىز بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يېيىشكە چاقىرسىڭىز بولامدۇ؟-دەپ سورىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
-بۇ ۋاق بولغاندا، داداڭ بۇ يەرگە يېتىپ كېلەلەمتى؟-دېدى.
ئۇ پەقەت ئوغلىدىن مۇشۇنداق ئەپلەپ-سەپلەپ قۇتۇلماقچى بولدى. ئۇ گۇەن مۇ بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشنى بەكلا غەلىتە ئىش دەپ قارايتتى.
-دادام ماشىنىدا!
دۇڭ دۇڭ قولىنى سوزۇپ ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىنى كۆرسەتتى.
سۇ چىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ئالدىدىكى لىن فېڭغا قارىدى.
لىن فېڭ قولىنى سوزۇپ ئاغزىنى سىلاپ قويۇپ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى.
گۇەن مۇ شۇ تاپتا ماشىنىدا ئولتۇرۇۋاتامدۇ؟
سۇ چىڭنىڭ كۆز قارىچۇقى يەنە ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا قارىدى.
بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، لىن فېڭ دۇڭ دۇڭ بىلەن چۈن چۈننى ئەكېلىپ بېرىپ كېلىۋاتاتتى، گۇەن مۇ ئەزەلدىن پەيدا بولۇپ باقمىغانىدى، ئەجەبا بۇ بىر نەچچە ئايدا ئۇ ئارقا ئورۇندۇققا يوشۇرۇنۇۋېلىپ چۈشمىدىمۇ؟
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سۇ چىڭدا تۇيۇقسىز بىر خىل ئەخمەق قىلىنغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولدى.
ئارقىدىن ئۇ قەستەن يۇقىرى ئاۋازدا:
-داداڭ باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقمىسا بولمايدۇ، بىز بىلەن بىللە تاماق يېگۈدەك ۋاقتى يوق، بىز يەنىلا ئۇنىڭ ۋاقتىغا دەخلى قىلمايلى!-دېدى.
بىراق كىچىك بالا سۇ چىڭنىڭ ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتكەندەك گەپ قىلغانلىقىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟ دۇڭ دۇڭ دەرھال سۇ چىڭنىڭ يوتىسىنى قۇچاقلاپ تەمكىن ھالدا:
-دادامنىڭ ھېچقانداق ئۇچرىشىشى يوق، ھەر كۈنى قايتىپ كېلىپ ماڭا ھەمراھ بولۇپ تاماق يەيدۇ،-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭنىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى، ئۇ گۇەن مۇنى ئوغلىغا قەستەن مۇشۇنداق دېيىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ئارقىدىن ئۇ چۈن چۈننىڭ قولىنى دۇڭ دۇڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:
-دۇڭ دۇڭ گەپ ئاڭلا، سىڭلىڭ بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ چياۋ لى ئاچاڭنى ئىزدە، ئۇ سىلەرگە تەملىك شاكىلات ئېلىپ بېرىدۇ،-دېدى.
-ماقۇل.
دۇڭ دۇڭ ئالدىراپ بىناغا چىقىپ كەتتى.
دۇڭ دۇڭ چۈن چۈننىڭ قولىدىن يېتىلەپ ماڭغاندىن كېيىن، سۇ چىڭ ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئارقا ئىشىكنىڭ ئەينىكىنى چەكتى.
بىر چەتتە تۇرغان لىن فېڭ سۇ چىڭنىڭ چىرايىدىكى ئاچچىقنى كۆرۈپ، قولى سەل چىڭقىلىپ قالدى، ئۇ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، باھانە كۆرسەتمەكچى بولدى:
-سۇ خانقىز، مەن…ھاجەت قىلىپ كېلەي.
سۇ چىڭ ئېسىگە كەلمەي تۇرۇپلا، لىن فېڭ ئاممىۋى ھاجەتخانا تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
سۇ چىڭ غەزەپ بىلەن ماشىنا دېرىزىسىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندا، ماشىنا ئىشىكى ئاخىرى ئىچىدىن ئېچىلدى، ئارقىدىن ئاق كۆڭلەك كىيگەن، كۆك رەڭلىك يوللۇق گالىستۇك تاقىغان بىر سوغۇق ئەر ئاخىرى ئارقا ئورۇندۇقتىن چۈشتى.
گۇەن مۇنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندە، سۇ چىڭنىڭ غەزىپى قايتا ئۆرلەپ:
-بۇ كۈنلەردە لىن فېڭ دۇڭ دۇڭ بىلەن چۈن چۈننى ئەكېلىپ بەرگىلى كەلگەندە، سىز ماشىنىنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدىڭىز شۇنداقمۇ؟-دەپ سورىدى.
سۇ چىڭ ئۇنى تېخى ئالدىنقى قېتىملىق پاراۋانلىق كېچىلىكىدىكى چاغدىن باشقا كۈندە ئۆزىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولمىغىلى ئۇزۇن بولدى دەپ ئويلاپ، باشقىلارنىڭ ھەر قېتىم بالىنى ئەكېلىپ قويغىلى كەلگەندە ئۆزىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىنىڭ ئەخمەقلەرچە يۈرگىنىنى بىلمەي يۈرگەنىدى.
ئۇ تېخى ئۇنى كاللىسىدىن ئۆتتى ياكى ئۆزىنىڭ رەت قىلىشىدىن قورقۇپ قالدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىق ساقلىغانىدى. ئۇنىڭ ئىزچىل ماشىنا ئەينىكىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئۆزىنى ئوغرىلىقچە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى نەدىن بىلسۇن.
سۇ چىڭنىڭ سوئالىغا قارىتا گۇەن مۇ تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇردى:
-مېنىڭچە سىز دېگەن بۇ گەپ ئانچە قاملاشمىدى، مەن ھەر قېتىم ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرىمەن، گەرچە ماشىنىدىن چۈشمىگەن بولساممۇ، لېكىن قەستەن يوشۇرۇنۇۋېلىش نىيىتىدە بولۇپ باقمىدىم، مېنىڭچە سىز ئۆزىڭىز مېنى يوشۇرۇنۇۋالدى دەپ پەرەز قىلىپ قاپسىز.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭنىڭ ھەقىقەتەن ئاچچىقى كەلدى.
-سىز…
گەرچە سۇ چىڭ ناھايىتى غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېيتقىنىمۇ توغرا، شۇڭا ئۇ دەماللىققا گەپ قىلالماي، قانداق رەددىيە بېرىشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇنىڭ كۆڭلى غەش بولغان ھالىتىنى كۆرۈپ، گۇەن مۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، دەرھال چۈشەندۈردى:
-مەن شۇ سىزنى مېنى كۆرسە كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالارمىكىن دەپ قورقتۇم، مېنىڭ راستتىنلا باشقا مەقسىتىم يوق.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ بىردىنلا قىزىرىپ كەتتى.
كېيىنكى دەقىقىدە، سۇ چىڭ ئۇدۇللا:
-ئۇنداقتا مەن سىزدىن باشقا بىر ئىشنى سوراي،-دېدى.
-كەيجىنىڭ خامچوت لايىھەسىنىڭ ئىشىمۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سۇ چىڭ ئۇنىڭغا قىيسىپ قاراپ قويۇپ:
-بۇ گەپچە سىز راستتىنلا قول تىققان ئوخشىمامسىز؟-دەپ سورىدى.
-ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قول تىقىش تىقماسلىقىم مۇھىم ئەمەس، پەقەت بۇ نەتىجە سىزگە پايدىلىق بولسىلا بولدى.
گۇەن مۇ بۇ گەپنى خۇددى ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى يەنىلا سۇ چىڭنى بەك ئازابلىدى.
-بۇ نېمە دېگىنى؟
دېمەك ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلالايدىغان ئىشى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس، شۇنداقمۇ؟
-گۇەن مۇ سىز ئۆزىڭىزنى كىم دەپ قالدىڭىز؟ سىزنىڭ ھەقىقەتەن چوڭچىلىق قىلىدىغان دەسمايىڭىز بار، لېكىن ھەر قانداق سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ،-دېدى سۇ چىڭ ئاچچىقلانغان ھالدا،-بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى، سىز ئارىلاشماڭ بولامدۇ؟ سىز مېنىڭ رۇخسىتىمنى ئالدىڭىزمۇ؟ سىز ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا راست دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز، سىز مەندىن سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز مەن ئۈچۈن قارار چىقاردىڭىز.
-مەن سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ، سىزگە ياردەم قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بۇنى سوراپ يۈرەمدىم؟
گۇەن مۇ خۇددى ئازار يېگەندەك تۇرۇپ كەتتى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۇ ئىزچىل ئۇنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، ھەمدە بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ يې شىچاۋنى بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلىنى خۇ لىچىڭدىن يې زىشۈەنگە ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ھېلىقى لىنداغىمۇ ياخشىچاق بولغانىدى.
ئىلگىرى لىندا ئۆزىگە چاپلىشىۋالغان چاغدا، ئۇ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىغانىدى. ئۇنىڭ لىنداغا ھەمراھ بولۇپ ئايلانما ئاشخانىدا يېگەن تامىقىنىڭ قانچىلىك ئازابقا توختىغانلىقىنى، پەقەت ئۇ ئۆزىلا بىلەتتى.
لېكىن ھازىر سۇ چىڭ ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىدىڭ دەۋاتاتتى.
-بۇنداق قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق!
سۇ چىڭ ئاچچىقلانغان ھالدا ئىككى قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا پۇلاڭلاتتى.
بۇ چاغدا گۇەن مۇ بوينىدىكى گالاستۇكنى تارتىپ قويۇپ، سەل ئاچچىقلانغان ھالدا:
-مېنىڭ ھەقىقەتەن ھوقۇقۇم يوق، مەن ھازىر سىزنىڭ ھېچنېمىڭىز ئەمەس. مەن پەقەت سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئەرزىمەس ئادەم ئەمەسمۇ،-دېدى.
سۇ چىڭنىڭ ئەلپازى تېخىمۇ يامانلىشىپ، ئارقىدىن قوغلاپ:
-ھە راست، لەن رېننىڭ تاياق يېگەن ھېلىقى ئىشىنىمۇ سىز قىلغانمۇ؟-دەپ سورىدى
لەن رېننىڭ تاياق يېگەن ئىشىنى ئۇ ئىزچىل ئويلاپ كەلگەنىدى، ئۇ يەنە كىمنىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى، يەنە كىمنىڭ بۇنداق قاپ يۈرەكلىك بىلەن باشقىلارنى ئۇرۇپ چىشىنى تۆكىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەنىدى.
-ھېلىقى لەن رېننى ئۇرسام بولمامتى؟ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، مەنمۇ جەمئىيەت ئۈچۈن زىيانداشنى يوقاتتىم، خالاس!
لەن رېننى تىلغا ئالغاندا، گۇەن مۇ ناھايىتى خاپا بولدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سۇ چىڭغا مۇشت كۆتۈرۈپ چاپلىشىۋالغان كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىدا يەنە پەيدا بولدى.
-خالىغانچە ئادەم ئۇرسا قانۇنسىزلىق بولىدۇ، بىلەمسىز؟
سۇ چىڭ ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى.
ئەمەلىيەتتە، سۇ چىڭنىڭ ھازىر كۆڭلىدە ئويلىغىنى ئەگەر بۇ ئىشتىن راستتىنلا مەلۇم مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم پايدىلىنىپ كەتسە، گۇەن مۇنىڭ ئوبرازىغا بىۋاسىتە تەسىر يېتىدىغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ئۇرۇپ ئۇنداق قىلىۋەتسىمۇ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىناتتى. بىراق، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتقىنىنى، سۇ چىڭنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ دېمەيتتى، ئۇ پەقەت بۇ ئەرنىڭ قىلغان ئىشى ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى.
ئەمەلىيەتتە لەن رېن تاياق دەستىدىن چىشىنىمۇ چۈشۈرۈۋالغانىدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالغانىدى، ھەتتا كەيپىياتىمۇ ياخشى بولۇپ قالغانىدى، لېكىن ئۇ گۇەن مۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدى، بۇمۇ ئۇنى بىئارام قىلدى، ئۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان مىجەزىگە ئەڭ ئۆچ ئىدى، گەرچە بۇ قېتىم لەن رېننى ئۇرۇشتا ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولمىسىمۇ.
-ھېلىقى لەن رېننىڭ سىزنى پاراكەندە قىلىشى قانۇنغا خىلاپ ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئىشلار قانۇنغا خىلاپ، لېكىن قانۇن ئۇلارنى جازالامدۇ؟-دەپ سورىدى گۇەن مۇ ۋارقىراپ.
-مەن ئۇنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى خالامدىم-خالىمامدىم، بۇنىڭ سىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟
ئاخىرىدا، سۇ چىڭ سەل يولسىزلىق بىلەن گۇەن مۇغا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى.
-سىز…
سۇ چىڭ ئۇنىڭ تۈرگۈن ھالىتىنى كۆرۈپ، راستىنى ئېيتقاندا، كۆڭلىدە يەنىلا ئازراق قورقتى. ئۇ كۆڭلىدە «ئەجەبا ئۇ يەنە ئايال كىشىنىمۇ ئۇرماقچىمۇ؟» دەپ ئويلىدى.
ئۇ نېمىشقا ئۇنى ئۇرىدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاچچىقلىنىپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى، خالاس.
دەل شۇ چاغدا، ئۇنىڭ يان تېلېفون جىرىڭلىدى. بۇ تېلېفون دەل ۋاقتىدا كەلگەنىدى، گۇەن مۇ ئارقىدىنلا ئۈن-تىنسىز يان تېلېفونىنى چىقاردى.
يان تېلېفون ئېكرانىدىكى چاقناپ تۇرغان تېلېفون نومۇرىغا قاراپمۇ قويماي، ئۇدۇل تېلېفوننى ئالدى.
-ۋەي!
-گۇەن باش دىرېكتور، بۈگۈن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، سىزنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز بارلىقىنى بىلمىدىم، ئەگەر ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز بولمىسا، بىللە تاماق يەمدۇق؟-ئۇ تەرەپتىن لىندانىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان گۇەن مۇ بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى سۇ چىڭغا قاراپ قويۇپ ئۇدۇللا:
-لىندا، بۈگۈن كەچتە مېنىڭ ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇشۇم يوق، سىز ھازىر قەيەردە؟ مەن سىزنى ئالغىلى باراي، ئاۋارە بولماڭ، سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايمەن، بولىدۇ، سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى!-دېدى.
گۇەن مۇ گېپىنى تۈگىتىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى، ئاندىن كۆزلىرىدە مەمنۇنلۇق جىلۋىلىنىپ سۇ چىڭغا قارىدى.
سۇ چىڭ ئۇنىڭ لىنداغا دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە «ھىم، قارىغاندا ئىككى كۈن ئۆتمەيلا ئۇلار ئاپاق-چاپاق بولۇشۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ لىنداغا شۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىغا قارىغاندا، بۇ قېتىم راستتىنلا نىيىتىدىن يانغان ئوخشىمامدۇ» دەپ ئويلىدى.
-كەچۈرۈڭ، سىز بىلەن بۇ يەردە ئۇرۇشىدىغان ۋاقتىم يوق، مەن قايتاي،
گۇەن مۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بوينىدىكى گالىستۇكنى ئوڭشىدى.
گەرچە شۇ تاپتا سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى بىئارام بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا بوش كېلىشنى خالىمايۋاتتى. شۇڭا كېيىنكى دەقىقىدە سۇ چىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇچرىشىشقا چىقىشىڭىزغا دەخلى قىلمايمەن، چۈنكى سىزدەك ئادەمگە بىر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلىش مەن ئۈچۈن ئازاب!-دېدى.
سۇ چىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنى ناھايىتى ئېغىر قىلدى، بۇ سۆز گۇەن مۇنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.
-لىن فېڭ! لىن فېڭ!
گۇەن مۇنىڭ نەزىرى سۇ چىڭغا تىكىلدى، ئەمما ئېغىزىدىن لىن فېڭنىڭ ئىسمى چىقتى.
سۇ چىڭ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:
-لىن فېڭ ھاجەتخانىغا كەتتى، گۇەن باش دىرېكتور ئەجەبا بىر نەچچە مىنۇت ساقلاشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىڭىزمۇ؟-دېدى.
-ئەلۋەتتە، ئەجەبا سىز باھار كېچىسىنىڭ مىڭ سەر ئالتۇنغا يارايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ، ماي كىلاپانىنى بىر دەسسىۋىدى، ماشىنا قوزغالدى. بۇ گەپ سۇ چىڭنى ساراڭ قىلىپ قويدى، ئۇ چىقىپ كەتكەن ماشىنىغا قاراپ، تېپىرلاپ، بۇرۇلۇپلا يول ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.
دەل شۇ چاغدا پەرتۇقنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان يان تېلېفون جىرىڭلىدى.
سۇ چىڭنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ قاراپ، ئاپىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كەيپىياتىنى بېسىۋېلىپ، ئاندىن تېلېفوننى ئالدى.
-چىڭچىڭ، چاتاق چىقتى، تېز بۇ ياققا كەلگىن.
تېلېفون ئۇلىنىشى بىلەنلا، ئۇ تەرەپتىن ئاپىسىنىڭ جىددىي ئاۋازى ئاڭلاندى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ دەرھال:
-ئاپا، نېمە ئىش بولدى؟-دەپ سورىدى.
-شۇ…
چۇ فېن ئانا جىددىيلىشىپ گەپ قىلالماي قالدى.
ئاپىسىنىڭ گەپ قىلغاندىكى جىددىيلىكىنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ كۆڭلىدە بىر ئىش بولغاندەك ھېس قىلىپ، جىددىيلەشكەن ھالدا ياندۇرۇپ سورىدى:
-ئاپا، زادى نېمە ئىش بولدى؟ ئاستىراق سۆزلەڭ.
-سۇ زى يۆيۆنى ئېلىپ دەرياغا سەكرىگىلى كەتتى!
چۇ فېن ئانىنىڭ ئاۋازى غاراڭ-غۇرۇڭ چىقىۋاتاتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇ چىڭنىڭ كاللىسى دەقىقە توختاپ قالدى، ئاندىن جىددىيلەشكەن ھالدا:
-ئۇلار ھازىر قەيەردە؟-دەپ سورىدى.
-دەريا بويى باغچىسىدىكى چوڭ كۆۋرۈكتە.
-مەن ھازىرلا بارىمەن.

بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:124-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار

 

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章