بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (121): غەزەپلەنگەن شىر

文摘   2024-11-09 20:01   新疆  

بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ

ئاپتورى: لاۋ مو

121-باب: غەزەپلەنگەن شىر

1

2

3

4

5

6

8

9

10

11

12

13

14

15

16

21

20

19

18

17

26

25

24

23

22

31

30

29

28

27

36

35

34

33

32

41

40

39

38

37

46

45

44

43

42

51

50

49

48

47

56

55

54

53

52

61

60

59

58

57

66

65

64

63

62

71

70

69

68

67

76

75

74

73

72

81

80

79

78

77

86

85

84

83

82

91

90

89

88

87

96

95

94

93

92

101

100

99

98

97

106
105
104
103
102
111
110
109
108
107
117
116
115
114
113


120
119
118

ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (120): ئوت كەتكەن لەۋ

سۇ چىڭ ئاپىسىنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلىپ، قانداق نەسىھەت قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

ئاپىسى پەقەت ئانىلىق مېھرىنىڭ سەۋەبىدىنلا چىشىنى چىشلەپ چىداۋاتاتتى، ئۇ ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن ھېچقانداق ئىش بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىغانىدى، پەقەت ئۆز بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن، بەختلىك بولۇشى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلىۋاتاتتى.

سۇ چىڭ پەقەت ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتكىنىچە ئاپىسىغا قەغەز سۇندى.

چۇ فېن قەغەزنى ئېلىپ كۆز يېشىنى سۈرتتى.

-بىراق مېنىڭچە ئۇلار بىر نەچچە كۈن غەلۋە قىلالمايدۇ، جېڭ خاۋرەن ھازىر ئۆيدە تۇرمايۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتقان ئوخشايدۇ، ئۇ ھەتتا يان تېلېفونىنىمۇ ئالمايۋاتىدۇ. كېيىن ئا زى ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىسا، بەلكىم جىمىپ قالار.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، بۇ ئىشنىڭ تېزراق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

قايتىپ كېلىش يولىدا، سۇ چىڭ ئىختىيارسىز قايغۇرۇپ كەتتى، كونىلاردا «ئەرلەر خاتا كەسىپكە كىرىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، ئاياللار خاتا ئەرگە تېگىپ قېلىشتىن قورقىدۇ» دېگەن گەپ بار. راست، بۇ گەپنىڭ قىلچىمۇ خاتاسى يوق ئىدى، ئاپىسى خاتا ئەرگە تېگىپ قالغاچقا، بىر ئۆمرى ۋەيران بولدى.

كەچتە، گۇەن مۇ چۈنچۈننى ئەكېلىپ قويدى، بىر نەچچە كۈن كۆرۈشمىگەچكە، چۈنچۈن سۇ چىڭنى كۆرۈپلا بوينىنى قۇچاقلاپ قويۇپ بەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نەگە ماڭسا شۇ يەرگە ئەگىشىپ باراتتى. سۇ چىڭنىڭ كۆزى ئىختىيارسىز نەمدىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن كەچتە چوقۇم چۈنچۈنگە ھەمراھ بولۇشقا قەسەم قىلدى.

ئىككى كۈن كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇ چىڭ چۈنچۈننىڭ يۈگۈرۈپ ماڭالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى، گەرچە ئانچە مۇقىم يۈگۈرەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭغا ئالەمچە خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

چۈنچۈن كۈندىن-كۈنگە ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇۋاتاتتى.

ئەتىسى ئەتىگەندە، سۇ چىڭ ئىشخانىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇردى. بۇ چاغدا لەن رېن تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ پىچىرلىدى.

-بىرەيلەن يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يوقىلىدىغان ئوخشايدۇ.

بىر نەچچە ئايال خىزمەتداش بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بۇنىڭغا سۇ چىڭغا قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى تەبىئىيلا بىلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئويۇن كۆرۈۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىچىدە مەسخىرە قىلدى.

سۇ چىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئۇلار سۈن فېيفېينىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى ياخشى ئايال ئەمەس دەپ قارىغاچقا، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا خاتا باھا بېرىپ قالغانىدى. سۇ چىڭ شۇڭلاشقا ئۇلاردىن ئاغرىنمايتتى، پەقەت ئۆزى ياخشى بولسىلا يېتەرلىك ئىدى.

پەقەت بۇ لەن رېن ئادەمنى سەل نەپرەتلەندۈرەتتى، ئۆزىنى ئەسكى ئايال دەپ ئويلاپ، ئازراق پايدا ئېلىشنى ئويلىغانىدى.

-ئەگەر مەن ئەر كىشى بولغان بولسام، چوقۇم ئۇنى ئىككى مۇشت ئۇرۇپ، ئۇنىڭ چىشىنى تۆكۈۋېتەتتىم!

بىراق ئۇ بىر قولىدا ماغدۇرى يوق ئايال، ھازىر بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت چىداپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، سۇ چىڭنىڭ غەزەپلەنگىنىدىن چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى.

دەل شۇ چاغدا سۈن فېيفېي كىرىپ كەلدى-دە، بىردىنلا سۇ چىڭغا تىكىلدى.

سۇ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ سۈن فېيفېينىڭ مەيدىسىنىڭ تومپىيىپ چىققانلىقىنى، تەقى-تۇرقىنىڭ ئانچە جايىدا ئەمەسلىكىنى كۆردى.

سۇ چىڭ كۆڭلىدە «قارىماققا ئۇ ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلسا كېرەك» دېگەنلەرنى ئويلىدى.

بىراق ھېچقىسى يوق، ئىشقىلىپ ئۇ بۇ شىركەتتە ئۇزۇن تۇرالمايدۇ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ مەسخىرىسىگە قالسىمۇ مەيلى، ئىشقىلىپ كېيىن يەنە كۆرۈشىدىغان كۈنلەر ئۇزۇن ئىدى.

دەرۋەقە، كېيىنكى دەقىقىدە سۈن فېيفېي سۇ چىڭنى چاقىردى:

-سۇ چىڭ، ئىشخانامغا كىرىڭ، توغرا، سىز ئىشلىگەن خامچوت لايىھىسىنىمۇ ئېلىپ كىرىڭ!

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا تېز قەدەملىرى بىلەن ئىشخانىغا كىردى.

ئارقىدىن سۇ چىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، قېلىن خامچوت لايىھەسىنى قولىغا ئالدى.

بۇ چاغدا، لەن رېن تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىپ، سۇ چىڭنىڭ ئۈستىلىنى مۇشتلاپ، سوغۇق كۈلۈپ:

-سۇ چىڭ، بۇ قېتىمقى خامچوت لايىھەسىدىن چوقۇم ئۆتەلمەيسىز، بىز سىزگە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرسەك قانداق؟-دېدى.

بۇ گەپ ئىشخانىدىكى ئايال خىزمەتچىلەرنى كۈلدۈرۈۋەتتى.

سۇ چىڭ يانپىشىنى كۆتۈرۈپ، لەن رېننىڭ مەينەت چىرايىغا سوغۇق نەزەر بىلەن قارىدى:

-ھاجىتى يوق، سىز يەنىلا كىمنىڭ سىزنى ئۇزۇتۇپ قويىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ قويۇڭ.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ، خىزمەت ئۈستىلىنى ئايلىنىپ كېتىپ قالدى.

لەن رېن بىر ھازا تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن دەرھال سۇ چىڭنىڭ كەينىگە قاراپ:

-ھەي، نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟-دەپ ۋارقىرىدى.

سۇ چىڭنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، كۆڭلىدە تۇيۇقسىز بىر قارار چىقاردى. ئاندىن كۆڭلىدە «كۆرۈشىدىغان ئادىمىم سۈن فېيفېي خالاس، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئامالىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئاداۋىتىمۇ خىزمەت سەۋەبىدىن بولغان، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى يوق.» دېگەنلەرنى ئويلىدى.

بۇ لەن رېن ئوخشىمايتتى، ئۇ بىر داشقال، بۇ قېتىم كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، چوقۇم ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويۇش كېرەك.

ھەش-پەش دېگۈچە سۇ چىڭ كەسپىي باش نازارەتچىسى لىندالىننى ئېسىگە ئالدى، ئۇ سۈن فېيفېينىڭ بىۋاسىتە باشلىقى، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانىدى.

چۈشتىن كېيىن ئۇ لىندالىننى ئىزدەپ بېرىپ، لەن رېننىڭ خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىنى پاراكەندە قىلغانلىقىنى پاش قىلىشنى ئويلاشتى، لەن رېن ئىشتىن بوشىتىۋېتەلمىگەن ھالەتتىمۇ، ئۇ ئۇنىڭ نام-ئابرۇيىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە، ئەمەلىيەتتە 6-گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لەن رېننىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، پەقەت شىركەتتە ئۇ يەنە بىر ئادەم تېرىسىگە ئورىنىۋالغان خالاس!

تاك تاك...

سۇ چىڭ ئىشىكنى ئىككى قېتىم چەككەندىن كېيىن، ھۆججەتنى كۆتۈرگىنىچە سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.

سۈن فېيفېي سۇ چىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، سۇ چىڭنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى.

سۇ چىڭ ئولتۇرۇپ، سۈن فېيفېيغا تىكىلىپ قارىدى.

ئۇ يەنە ئۆزىنى نېمە دېيەلەيتتى؟

ئىقتىدارى ئاجىز، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دەيدىغاندۇ؟ ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىگە ھاقارەت قىلسا، ئۇ بۇ قېتىم ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ، ئىشقىلىپ ئۇ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى خىزمەتچى، ئەگەر ئۇ سۈن فېيفېينىڭ يۈزىنى تۆكەلىسە، ئۇنىڭ بۇ يەردە قىلغان ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

ئارقىدىن سۈن فېيفېي سۇ چىڭغا:

-يېرىم سائەتتىن كېيىن كەيجى يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سىز بىلەن يۈز تۇرانە تۇرۇپ بۇ قېتىمقى خامچوت لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، بۇ ھەپتە ئاخىرىدا خامچوت لايىھەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈزىتىپ بولغانسىز؟-دېدى.

-ھە؟-بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ سەل گاڭگىراپ قالدى.

نېمىشقا ھازىر ئۇ يەنە كەيجيې شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن بىۋاسىتە يۈز تۇرانە پاراڭلىشىدۇ؟

سۇ چىڭ بۇنى ئويلاپ ئىچى پۇشۇپ قالدى. چۈنكى كەيجيې شىركىتىنىڭ بۇ تۈرىنىڭ مەسئۇلى خۇ لىچىڭ ئەمەسمۇ؟

چوقۇم يې شىچاۋ خۇ لىچىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئەرز قىلغانلىقىنى دېدى، ئۇ خۇ لىچىڭ ياخشى نېمە ئەمەس، چوقۇم ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە ھېسابلاشقىلى كېلىدۇ.

سۈن فېيفېي سۇ چىڭ قىلغان خامچوت لايىھەسىنى مۇنداقلا ۋاراقلاپ قويۇپ، سۇ چىڭغا تەڭلىدى ھەمدە تاقەتسىزلىك بىلەن:

-بولدى، سىز چىقىپ تەييارلىق قىلىڭ، سەل تۇرۇپ ئادەم كەلگەندە مەن سىزگە خەۋەر قىلىمەن،-دېدى.

-بولىدۇ.

سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، ئاندىن خامچوت لايىھەسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

سۇ چىڭ ئورنىغا قايتىپ كېلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كەتتى.

خۇ لىچىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن شىركەتنىڭ چوڭ خېرىدارى، ئۇلار چوڭ خېرىدارنى رەنجىتىپ قويغان قالپاقنى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭغا كىيگۈزۈپ قويىدۇ. ئەجەبا بۇ قېتىم جەڭ قىلمايلا قېچىپ كېتىش كېرەكمۇ؟

سۇ چىڭ ئويلاپ بېقىپ تۇرۇپ قالدى. بۇ ئۇنىڭ مىجەزى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ بىر ئايلىق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاشنى ئالماقچى.

ئۇرۇشمايلا قېچىش ئۇنىڭ خاراكتېرى ئەمەس، شۇڭا سۇ چىڭ يەنىلا ھەممە ئىشقا بىۋاسىتە يۈزلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى خۇ لىچىڭ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپقىلى كەلگەن ئىكەن، ئۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ كۆرۈشمىگەن ھالەتتىمۇ، قارشى تەرەپ ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ.

يېرىم سائەتتىن كېيىن، سۈن فېيفېي ئىشخانىدىن چىقىپ، سۇ چىڭغا:

-كەيجېنىڭ مەسئۇلى كەلدى، سىز مەن بىلەن يىغىن زالىغا بېرىڭ،-دېدى.

سۇ چىڭ سۈن فېيفېينىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يىغىن زالىغا كىردى.

ئۇ يىغىن زالىدا ئولتۇرغان ئادەمنى كۆرگەندە، ئىختىيارسىز نەق مەيداندا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.

كەيجيېنىڭ مەسئۇلى خۇ لىچىڭ ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا ھازىر ئۇنىڭغا ئايلىنىپ قالدى؟

سۈن فېيفېي كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:

-يې مۇئاۋىن باش دىرېكتور، سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم،-دېدى.

قارشى تەرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ناھايىتى سىپايە ھالدا:

-مەنمۇ ھازىر كەلدىم، جېشكا، بۇياق كەيجى شىركىتىمىزنىڭ خامچوت لايىھە بوغالتىرى بولامدۇ؟-دەپ سورىدى.

قارشى تەرەپ نەزىرىنى سۇ چىڭغا قاراتتى، سۇ چىڭ شۇندىلا ئېسىگە كېلىپ بېشىنى لىڭشىتتى.

-شۇنداق، بۇياق سۇ چىڭ بولىدۇ، شىركىتىمىزگە يېڭى كەلگەن بوغالتىر،-دېدى سۈن فېيفېي تونۇشتۇرۇپ.

-سۇ خانقىز، ياخشىمۇسىز!-ئۇ سۇچىڭغا ئوڭ قولىنى سۇندى.

سۇ چىڭ دەرھال قولىنى سوزۇپ، سىمۋوللۇق ھالدا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

سۈن فېيفېي كۈلۈپ تۇرۇپ:

-يې مۇئاۋىن باش دىرېكتور، بىز ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلىمۇ؟-دېدى.

ئۇ سۈن فېيفېيغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.

-جېشكا، سۇ خانقىز بۇ ھۆججەتكە مەسئۇل بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا بىز ئولتۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرساقمۇ بولىدۇ، ئاڭلىسام سىز ئادەتتە بەك ئالدىراش ئىكەنسىز، ۋاقتىڭىزغا دەخلى قىلماي.

سۈن فېيفېي بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ھاڭۋىقىپ قالدى.

سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كۆرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى.

ئارقىدىن سۈن فېيفېي كۈلۈپ قويۇپ:

-ئۇنداقتا مەن سىلەرنىڭ پاراڭلىشىشىڭلارغا دەخلى قىلماي، ئىشىمنى قىلىۋېرەي،-دېدى.

-سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى.

ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.

سۈن فېيفېي كەتكەندىن كېيىن، يىغىن زالىنىڭ ئىشىكى تاقالدى، بىر مەھەل بۇ كىچىك تىپتىكى يىغىن زالىدا پەقەت سۇ چىڭ بىلەن يې زىشۈەنلا قالدى.

سۇ چىڭ تەئەججۈپلەنگەن ھالدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يې زىشۈەنگە قارىدى، يې زىشۈەن بولسا كۈلۈپ تۇرۇپ:

-سىز كەيجيېنىڭ مەسئۇلىنىڭ خۇ لىچىڭ بولماي، بەلكى ماڭا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا ھەيران قالغان ئوخشىمامسىز؟-دەپ سورىدى.

بۇ گەپنى ئاڭلىغاب سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن:

-راست گەپ قىلسام مەن سەل ھەيران قالدىم، بىراق بۇ نېمىلا دېگەن بىلەن سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى، مېنىڭ ئۇنداق كۈچلۈك قىزىقىشىم يوق، مەن پەقەت كەيجى بىلەن بىزنىڭ شىركەتنىڭ تۇتاشتۇرغۇچىسى،-دېدى.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ قولىدىكى خامچوت لايىھەسىنى يې زىشۈەننىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا يېقىن بىر ئورۇندا ئولتۇردى.

يې زىشۈەن كۈلۈپ قويدى ھەمدە خامچوت لايىھەسىگە تەپسىلىي قارىمايلا ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە ۋاقىتنى يازدى.

سۇ چىڭ ئۇنىڭ بۇنداق ئوچۇق-يورۇق ئىمزا قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى.

-سىز قاراپمۇ قويماي تۇرۇپ نېمىشقا قول قويىسىز؟

سۇ چىڭ ئەگەر يې زىشۈەن بۇ تۈرگە مەسئۇل بولسا، بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ھۆججەتكە قاراپمۇ قويماي بىۋاسىتە ئىمزا قويغاچقا، ئۇ يەنىلا ھەيران قالدى.

يې زىشۈەن كۈلۈپ تۇرۇپ:

-بۇ خامچوت لايىھەسىنى سىلەر ئون نەچچە قېتىم ئىشلەپ بولدۇڭلار، راستىنى ئېيتسام بۇ خامچوت لايىھەسىنى ئۆزگەرتىش تەس ئەمەس، ھازىر بۇ دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەنىكەن ئازراقمۇ مەسىلە يوق، شۇڭا مەنمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدىم،-دېدى.

-قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

سۇ چىڭ سۇسلا كۈلۈپ قويدى، شۇتاپتا كۆڭلىدىكى ھاياجىنىنى باسالمايۋاتاتتى.

ھازىر يې زىشۈەن خامچوت لايىھەسىگە ئىمزا قويدى، بۇ توختامنى ئادا قىلىپ بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلاتتى، ئۇمۇ بۇ خىزمەتنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، ئەمدى سۈن فېيفېينىڭ رەسمىيلىشىشىنى توسۇشقا ھېچقانداق ئاساسى قالمىغانىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن شىركەتتىكى ھەممەيلەن بۇ تۈرنىڭ بىر قەدەممۇ ئىلگىرى باسالماي تۇرغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئاخىرى سۈن فېيفېينىڭ ئالدىدا بىر قېتىم خۇشال بولدى، يەنە ھېلىقى لەن رېنمۇ بار.

ئۇمۇ يەنە سۇ چىڭنى مەسخىرە قىلىشنى خام خىيال قىلمىسۇن.

شۇ تاپتا سۇ چىڭ ئۆزىنىڭ بىردىنلا ئىشەنچىسىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، نېمىلا ئىش قىلسا ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لەن رېن ئورنىدىن تۇرۇپ، بېلىنى تۈزلىدى.

سۈن فېيفېي بۇ چاغدا يىغىن زالىدىن قايتىپ كېلىپ، لەن رېننىڭ كېرىلگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا:

-لەن ياردەمچى، قولىڭىزدىكى تۈرنى قىلىۋاتقىلى بىر ھەپتە بولغاندۇ؟ ماڭا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟-دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان لەن رېن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ:

-جېشكا، سىزمۇ بىلىسىز، ئۇ ماتېرىيالنى ئىشلەش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، شۇڭا ماڭا يەنە بىر نەچچە كۈن ئۇزارتىپ بېرىڭ،-دەپ جاۋاب بەردى.

سۈن فېيفېينىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.

-سىزگە يەنە ئىككى كۈن ۋاقىت بېرەي، ئەمدى كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ.

-ماقۇل، ماقۇل.-لەن رېن خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.

سۈن فېيفېي ماڭاي دېيىشىگە، لەن رېن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى:

-جېشكا، سۇ چىڭنىڭ ھېلىقى ماتېرىيالىنى كەيجىنىڭ مەسئۇلى كۆردىمۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇن فېيفېينىڭ چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى.

-قولىڭىزدىكى ماتېرىيالنى نېمانچە تۈگىمەيدىكىن دېسەم، ۋاقتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ پىتنە-پاساتلارغا سەرپ قىلىپ يۈرۈپتىكەنسىز-دە؟ سۇ چىڭنىڭ ماتېرىيالىغا بۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ نېمە قىلىسىز؟

سۈن فېيفېي گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپلا ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.

سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى تاقالغاندىن كېيىن، لەن رېن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

-سېسىق خوتۇن، نېمىشقا بۇنچە كۆرەڭلەپ كېتىدىغاندۇ؟-دەپ تىللاپ قويدى.

بۇ چاغدا، يېشى چوڭراق بىر ئايال خىزمەتدىشى قولىدىكى ژۇرنالنى ئېلىپ لەن رېنغا قاراپ:

-لەن رېن، جېشكانى تىللاشقا پېتىنىپسىز، بىزنىڭ سىزنى ئەرز قىلىشىمىزدىن ئېھتىيات قىلىڭ،-دېدى مەسخىرە قىلىپ.

بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لەن رېن پىخىلداپ كۈلدى:

-شياۋلى ئاچا، سىز ئۇنداق ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم ئەمەس، سىلەر ھەممىڭلار ئۇنداق ئەمەس.

ئارقىدىن ئۇ قالغان بىر نەچچە ئايال خىزمەتدىشىنى كۆرسەتتى.

لەن رېننى كۆپچىلىك ئوبدان بىلەتتى، ئادەتتە ئېگىزنى كۆتۈرۈپ پەسنى دەسسەپ كۆنۈپ قالغان، جېشكانى ئوغرىلىقچە ئىككى ئېغىز تىللاپ قويغان بىلەن، جېشكانىڭ ئالدىدا ئۇ چاكارلارچە بېشىنى ئېگەتتى، شۇڭا كۆپچىلىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئەخمەق قىلىۋالغانىدى.

بۇ چاغدا، بىر ئايال خىزمەتداش ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى بىلىكىنى قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇپ:

-بىز ئەلۋەتتە سىزگە چاقچاق قىلدۇق، بىز ھەرگىز ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم ئەمەس، بىراق بۇ ئىسسىق كۈنلەردە، سىزمۇ سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ بىزنى مېھمان قىلىپ قويىدىغانسىز؟-دېدى.

ئۇ ئايال خىزمەتداش دەل ۋاقتىدا باشقا بىر نەچچە ئايال خىزمەتچىگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى، بىر نەچچە ئايال ئارقا-ئارقىدىن چۇقان كۆتۈردى.

-توغرا، لەن رېن، بۇ ئىشخانىدا ئەر كىشىدىن پەقەت سىزلا بار، شۇڭا مۆتىۋەرلەرچە سالاپىتىڭىز بىلەن ئىش قىلىڭ.

-ماقۇل، مەن ھازىرلا بېرىپ سېتىۋالاي،-دېدى لەن رېن ئامالسىز.

بىر نەچچە ئايال ئىچىملىكنىڭ قىممەترەكنى بۇيرۇتتى، لەن رېننىڭ ئىچى ئېچىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئامالسىز ھالدا پۇل قاپچۇقىنى ئېلىپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.

لەن رېن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بىر نەچچە ئايال خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ قويدى.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەن رېننىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئادەتتە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىشنى خالىمايتتى، ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن نارازى بولغىلى خېلى ئۇزۇن بولغانىدى.

يېرىم سائەتتىن كېيىن، لەن رېن قولىدا بىر خالتا ئىچىملىك ۋە ماروژنىنى كۆتۈرۈپ سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدىن چىقتى.

بىر دوقمۇشتىن ئۆتكەندە، تۇيۇقسىز ئاق كۆڭلەك كىيگەن بىر ئەر مېڭىپ كەلدى.

-بۇرادەر، چاقماق بېرىپ تۇرىڭە.

ئاق رەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن ئەر لەن رېننىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇدۇللا سورىدى.

لەن رېن قارشى تەرەپكە قاراپمۇ قويماي، تاقەتسىزلىك بىلەن:

-مەندە چاقماق يوق، باشقىلاردىن ئېلىڭ،-دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ سوغۇق ئىچىملىك ۋە ماروژنىلارغا ئۇ جەمئىي 100 نەچچە يۈەن خەجلىدى، ئۇنىڭ ھازىر يۈرىكى ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا جېشكانى «سېسىق خوتۇن» دەپ تىللىغانلىقىدىن كۆڭلى غەش بولۇۋاتاتتى. شۇڭا تەلەپپۇزى ناھايىتى قوپال چىقتى.

بۇ كارايىتى چاغلىق بىر ئېغىز گەپ، ئاق كۆڭلەك كىيگەن ئادەمنى خاپا قىلىپ قويدى، ئۇ قولىنى سوزۇپ لەن رېننىڭ ياقىسىنى تۇتۇۋالدى!

لەن رېن قورقۇپ كەتتى، ئۇ ئەرنىڭ ياۋۇزلۇقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى.

-سىز...سىز نېمە ئىش قىلماقچى؟

بۇ لەن رېن ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا يوغان گەپ قىلغان بىلەن، لېكىن كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدا پەقەت بىر ياۋاش قوينىڭ قوزىسى بولۇپ كېتەتتى. يەنى ياۋاشنى بوزەك قىلىپ، ياماندىن قورقىدىغان ناچار نېمە ئىدى.

-نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ بىرسى سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى.

ئۇ ئادەم گېپىنى تۈگىتىپ، لەن رېننىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كوچىغا ئېلىپ كىردى.

لەن رېننىڭ قولىدىكى ماروژنى ۋە ئىچىملىك خالتىسى يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئىچىدىكى نەرسىلەرمۇ چېچىلىپ كەتتى.

-ئاكا، ئاكا، مېنى قويۇۋېتىڭ، بولامدۇ؟ مەن سىزنى تونۇمىسام يا؟ مەن...

لەن رېن ئىزچىل ئەپۇ سورىدى، لېكىن ئۇ ئادەم قىلچە پەرۋا قىلمىدى.

خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن، كوچىدا يەنە بىر ئەگىلىپ، ئۇ ئادەم لەن رېننى تارتىپ، بويى ئېگىز، قارا رەڭلىك شىم ۋە سۇس كۆك رەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن بىر سوغۇق تەلەت ئەرنىڭ ئالدىغا كەلدى.

لەن رېن كۆز ئالدىدىكى چىرايى سۈرلۈك ئەرنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز قورقۇپ كەتتى.

گۇەن مۇ لەن رېنغا بىر قۇر سەپسالغاندىن كېيىن، ئالدىغا بىر قەدەم چىقىپ:

-سەن لەن رېنمۇ؟-دەپ سورىدى.

-سىز...سىز كىم بولىسىز؟ سىلەر مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ سىلەرگە دەپ قوياي،  قالايمىقان ئىش قىلماڭلار، قالايمىقان ئىش قىلىش قانۇنغا خىلاپ، بىلەمسىلەر؟

لەن رېننىڭ يۈرىكى پوك-پوك بولسىمۇ، پەقەت زور غەيرەت بىلەن شۇنداق دېيەلىدى.

بۇ گەپ گۇەن مۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى، ئۇ ئالدىغا بېرىپ لەن رېننىڭ بوينىنى تۇتۇپ، ئۇنى تامغا باستى!

-سەن ھازىرقى دەۋرنىڭ قانۇن تۈزۈمگە ئىگە جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى بىلگەندىكىن يەنە «توخۇ ئوغرىلايدىغان» ئىشلارنى قىلىپ نېمە قىلىسەن؟

گۇەن مۇنىڭ كۆزلىرىدىكى غەزەپ تېشىپ چىققانىدى.

ئۇ بۇ لەن رېنغا، ھېلىمۇ نەچچە كۈن چىداپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ سۇ چىڭنى پاراكەندە قىلغىنىنى ئويلىسا، ئۇنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇۋەتكۈسى كېلەتتى. سۆڭەكلىرىنى ئېزىۋەتسىمۇ ئاچچىقى بېسىلمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.

-مەن...مەن ئىزچىل قانۇنغا رىئايە قىلىپ كەلدىم، نەدىمۇ «توخۇ ئوغرىلايدىغان» ئىش قىلاي؟ ئاكا، خاتالىشىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ ئادەمنى خاتا ئىزدەپ قاپسىز؟ مېنىڭ سىز بىلەن ئاداۋىتىم بولمىسا؟-لەن رېن توختىماي يالۋۇردى.

گۇەن مۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى، ئۇ لەن رېننىڭ يۈزىگە بىر مۇشت سالدى، لەن رېن تاياق دەستىدىن ۋارقىراپ كەتتى، لېكىن گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

گۇەن مۇ يەنىلا ئۆچمەنلىكىنى باسالماي، لەن رېننىڭ يۈزىگە نەچچە مۇشت ئۇردى، ھەر بىر مۇشتتا پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلدى، لەن رېننىڭ ئاغزى ۋە بۇرۇنى ناھايىتى تېزلا قان بىلەن بويالدى، لەن رېن ئاخىرى گۇەن مۇغا باش ئۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى.

-ئاكا، ماڭا رەھىم قىلىڭ، مەن...زادى نېمە ئىشنى خاتا قىلدىم؟ ئاكا...سىز دەپ بېرىڭ...مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن...

بىر چەتتە تۇرغان لىن فېڭ قوشۇمىسىنى تۈردى، ناۋادا گۇەن مۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئادەمنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قويسا ئازراق ئاۋارىچىلىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى، بۈگۈن ئۇلارنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتى بۇ لەن رېننى ئەدەپلەپ قويۇش ئىدى.

-بۇنىڭدىن كېيىن سېسىق ئاغزىڭنى ۋە قولۇڭنى ياخشى باشقۇر، ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلغۇچى بولما، بولمىسا كېلەر قېتىم سېنى بىر نەچچە مۇشت ئۇرۇشتەك بۇنداق ئاسان ئىش يوق!-دېدى گۇەن مۇ لەن رېننى ئاگاھلاندۇرۇپ.

لەن رېن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن دەرھال بېشىنى لىڭشىتتى.

-ئاكا، ئېسىمدە تۇتىمەن، ئېسىمدە تۇتىمەن...

ئارقىدىن گۇەن مۇ لىن فېڭ سۇنغان قولياغلىقنى ئېلىپ، قولىنى سۈرتتى، ئاندىن يەرگە تاشلاپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:122-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章