دەشتى-دالىدىكى تايچاق

文摘   2024-11-12 20:02   新疆  

سموكنى قورقۇنچ باستى، ئۇ كىشنەپ كەتتى، ناۋادا يېقىن ئەتراپتا ئادەم ياكى باشقا جانلىقلار ئاڭلاپ قالسا، چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ بىر قاراپ باقماي قويمايدۇ. بۇ قۇلاقنى يارغۇدەك كىشنەش ئاۋازى سموك چىقارغان تۇنجى ياردەم سوراش سىگنالى بولۇپ. ناھايىتى تېزلا جاۋابقا ئېرىشتى.

سموكنىڭ ئانىسى ئوقتەك تاغ ئۈستىگە چىقتى، ئۇ تۆت ئەتراپقا شۇنداقلا بىر قاراپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى دەرھال چۈشەندى. قۇلاقلىرى كەينىگە تارتىلدى، چىشلىرى پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ  شىددەت بىلەن پەسكە قاراپ چېپىپ چۈشكىنىچە، جەڭگە كىردى. ئۇنىڭ تۇرقى ھەسەن-ھۈسەندەك جۇلالىق ئىدى تۇياقلىرى زېمىننى يېرىۋەتكۈدەك تاراقشىپ، تىپچەكلەيتتى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا تىركىشىش ئاياقلىشىپ، تەرەپلەر قوغلاشما جەڭ ھالىتىگە كىردى. تۇتام-تۇتام سېرىق موي-تېرىلەر ئەتراپنى بىر ئالدى. جاڭگال بۆرىسى قوغلاشما جەڭدە ئىزچىل ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ، ئاخىرى يەنە بىر تاغدىن ھالقىغاندىن كېيىن، ئىز دېرەكسىز غايىب بولدى.

سموك ئانىسى بىلەن بۇ جايدىن ئايرىلىپ، بۇلاق بويىغا كېتەلىگىنىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. قايتىش يولىدا ھېلىقى ئورمانلىقتىن ئۆتكىچە قىلچە قورقۇنچ ھېس قىلمىدى، ھېلىقى قورسىقىغا تېگىپ، غىدىقىنى كەلتۈرۈۋەتكەن قورايمۇ ئۇنى ئويۇنغا قىزىقتۇرالمىدى، چۈنكى -ھېرىپ-ئېچىپ كەتكەن ئىدى. ئانىسىنى قېنىپ ئەمگەندىن كېيىن، چارچىغىنىدىن جۇلىقى چىقىپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئارام ئالدۇرغۇدەك جاي تاپقۇچە جېنى تاقىلداپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارقا پۇتلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيۇپ قالغان قان دېغى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بىراق ئاغرىقى توختاپ قالدى، كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا،  ئۇ ئانىسىنىڭ يېنىدا يەنە ئۇيقۇغا كەتتى، بەلكىم چۈشىدە ھېلىقى ھەرىكەتلىنىدىغان چوڭ دەرەخ كۆتىكىنى كۆردى.ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، قۇياش كۆتۈرۈلگەندە سموكمۇ تەڭ ئويغانۇپ، كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ،گويا يېنىدىكى يۇغان تاشتەك تىنچقىنە تۇرۇپ ئاپتاپ سۇندى. ئارقا پۇتلىرىنىڭ بىرسى ئازراق قۇيۇشۇپ، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېسىگە سېلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ سەھراچە مىجەزىگە زەربە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكۈسى بار ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇ ھېلىقى جاڭگال بۆرىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ھەم ئەمدى ھەرگىز جاڭگال بۆرىسى بىلەن دەرەخ كۆتىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدۇ، بىراق ھېچنېمە ئۇنىڭ يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋېلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەم يەنە ئۇنىڭ ئويناش قىزغىنلىقىنى زەررىچە ئازايتالمايدۇ.

ھازىر ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئىككى كۈن بولدى، بارغانسېرى ماغدۇرىغا كېلىۋاتىدۇ، گويا مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن يول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھۆددىسىدىن چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ كۈنى سەھەردە، تاڭ سۈزۈلۈپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، سموك بىلەن ئانىسى يەنە يولغا چىقتى، بۈگۈن ئۇ ئاجايىپ غەيرەت قىلدى، ئۇ ئىزچىل ئانىسى بىلەن ئوخشاش سۈرئەتنى ساقلاپ ماڭدى، كەينىدە قېلىپ قالمىدى. ئۇنىڭ ھېلىقى قۇيۇشۇپ قالغان كەينى پۇتى مېڭىش جەريانىدا ھەرىكەتلىنىپ ئاستا-ئاستا ساقىيىپ، ئىلگىرىكىدەكلا چاققان بولۇپ كەتتى.

ئۇلار ناھايىتى ئۇزۇن مېڭىپ، تاغ ئايىقىدىن ئايلىنىپ ئۆتتى، ھەم يەنە ئېگىز تاغ غولىدىن ھالقىدى، نۇرغۇن دەريا ئېقىنلىرىدىن كەچتى. ئانىسى بىر خىلدا ئالغا قاراپ ماڭاتتى،  ھەتتا بىردەم توختاپ سموكنى ئېمىتىپ قويۇشنىمۇ خالىمايتتى، سموك ھېرىپ قالدى، ھەم ئازراق بىزار بولدى.

كۈن ئولتۇراي دېگەندىمۇ ئۇلارنىڭ سەپىرى ئاياغلاشمىغان بولۇپ، پەقەت قەدەملىرى ئازراق ئاستىلاپ قالدى. ئاخىرى ئانىسى توختاپ ئوتلاشقا باشلىغاندا، سموك ئۆزىنى بىراقلا تاشلىۋەتتى، ئۇنىڭ مىدىرلىغۇدەك ھالى قالمىغان ئىدى.

سموك ئۆزلىرىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى ھەم قىزىقمايتتى، ئانىسىنىڭ ئۆزىنى نەسىلداشلىرى ياشاۋاتقان تۈزلەڭلىككە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ يەردە توپ-توپ يىلقىلار بار ئىدى، ھەم يەنە نۇرغۇن كىچىك تايچاقلار ئۇنىڭ بىلەن ئوينايتتى. ئۇ كۈنى كېچىدە، ئانىسى داۋاملىق ئالغا قاراپ ماڭغاندا، سموكنىڭ سەل خۇيى تۇتۇپ قالدى.

بىراق بۇ خىل ئەھۋال بەك ئۇزۇن داۋاملاشمىدى، چۈنكى ئۇلار ئاخىرى مەنزىلىگە يەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاۋۋال بىر كىچىك ئېرىقتىن سۇ ئىچتى، ئاندىن ناھايىتى يوغان بىر پارچە تېرەكلىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئوتلاشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئەمدى يەنە مېڭىش خىيالى باردەك قىلمايتتى، سموك ئارام ئېلىش پۇرسىتىنىڭ كەلگىنىنى بىلىپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى.  ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق چارچاپ كەتكەن ئىدى. قۇياش يەنە كۆتۈرۈلدى، ئەمما سموك ئەمدىلا بىخلىنىپ يوپۇرماق چىقارغان تېرەك كۆچىتىنىڭ ئاستىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، ناگاندا بىر قىمىرلاپ قالىدىغان قۇلاقلىرىلا ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىن نىشانە بېرەتتى.

داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار



خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم



Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章