بويىدا قېلىپ، ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەندۇ؟

文摘   2024-11-09 20:01   新疆  

ھەشەمەتلىك مېھمانساراينىڭ زۇڭتۇڭ يۈرۈشلۈك ياتىقىدا، كىيىملەر يەرگە قالايمىقان تاشلانغانىدى.

قالايمىقان چوڭ كارىۋاتتا، سۈرلۈك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى.

مۇنچىدىن شىرىلداپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتاتتى.

لو چىڭيۈن كارىۋاتتا جىمجىت ياتاتتى، بىر جۈپ سۈزۈك قارا كۆزلىرى ئىشىكىگە تىكىلىپ تۇراتتى، يوتقاننىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان كىچىك قولى چىڭ سىقىلىپ، كىرلىكنى پۈرلەشتۈرۋەتكەنىدى.

«شارت» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مۇنچىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، قامەتلىك ئەر بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ خۇش پۇرىقىنى ئېلىپ ئىچىدىن چىقتى.

ئۇ كارىۋاتتىكى ئادەمگە قاراپمۇ قويماي، بېلىنى ئېگىپ يەردىكى كىيىملەرنى ئېلىپ، كىيىم كىيىش ئەينىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كىيىملىرىنى بىر-بىرلەپ كىيدى.

-ئەپەندى…

لو چىڭيۈن ئەرنىڭ قامەتلىك قارىسىغا قاراپ، پەس ئاۋازدا چاقىردى.

-ھە؟

ئەر كەينىگە قارىمىدى، پەقەت سۇسلا جاۋاب قايتۇردى.

-مەن… كېلەر قېتىم… قىلمايمەن، ئىنىمنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى يېتىپ قالدى.

ئۇنىڭ ئاۋازى چاڭ-توزان ئىچىگە چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغانىدى، ئۇزۇن كىرپىكلىرى پەسكە ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئىچىدە بېسىپ بولغۇسىز قورقۇنچ ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئەرنىڭ گالىستۇك چىگىۋاتقان قولى سەل-پەل توختاپ، بىر ئازدىن پەسكە قارىدى.

-مەيلى.

ئۇنىڭ ئاۋازى كەسكىن، قىلچە كەيپىيات دېگەندىن ئەسەر يوق ئىدى.

ئۇزۇن قولى بىر چەتتىكى كاستيۇمنى تۇتۇپ، چەبدەسلىك بىلەن كىيىۋالدى، ئاندىن كارىۋاتتىكى قىزغا قارىدى:

-دورىنى ئىچىۋېتىڭ!

ئۇنىڭ سۆزى كارىۋاتتىكى لو چىڭيۈننى سەگىتتى، ئۇ ئىختىيارسىز بېشىنى بۇراپ بىر تەرەپتىكى كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا قارىدى، ئۈستىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تۇراتتى.

ئۇ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆنۈپ قالدى.

ھەر قېتىم ئىشتىن كېيىن، ئۇ يۇۋاشلىق بىلەن دورا يەيتتى، ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىگە مۇھتاج بولمايتتى، ئۇمۇ قەستەن تىلغا ئالمايتتى.

بۈگۈن ئۇ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدىغان بولغاچقىمۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ ئىشنى تىلغا ئالدى، بۇ ئۇنى سەل ھەيران قالدۇردى.

لېكىن ئويلاپ باقسا، يەنىلا ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىدى.

ئېھتىمال، ئۇ ئۇلارنى ئەمدى كۆرۈشمەيدىغان بولغاندىن كېيىن، كېيىن تاساددىبىي ئۇنىڭ بويىدا قېلىپ، ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەندۇ؟

قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق ئەربابلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭدەك قىزلار بىلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالىمايدۇ.

ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ياۋاشلىق بىلەن دورا يەيدىغانلىقىنى، ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولغانىدى، لېكىن ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدىن ئايرىلىپ، كۆزىدىن غايىب بولغانلىقىنى بايقىدى. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار



ھەۋەس ۋە جىنايەت




مۇردا جەمەت


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章