جۈنلەننىڭ ئېرى ساراڭ بولۇپ قالغاندىن بۇيان، ئۇنى ئاۋارە قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
جۈنلەن تۇغۇلۇشىدىنلا چىرايلىق بولغاچقا، ئەينى يىلى گاۋۋاڭ كەنتىگە ياتلىق بولۇپ كەلگەندە، بىر مەھەل زىلزىلە پەيدا قىلىپ، كەنتتىكى ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە ھەسەت ئوتنى ئەۋجىتىۋەتكەن ئىدى.
دەسلەپتە ئۇنىڭ چاچلىرى قاپقارا ھەم ئۇزۇن، كۆزلىرى يوغان، قوش قاپاقلىق بولۇپ، كۈلسە ئايدەك مۇلايىم كۆرۈنەتتى. گەرچە كۆكسى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق ساغرىسى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، بۇ سەھرادىكىلەر بۇنى «ئەڭ گۈزەل بەدەن شەكلى» دەپ قارايتتى، «ساغرىسى چوڭ بولسا ياخشى، ئوغۇل تۇغالايدۇ» دېيىشەتتى.
جۈنلەن دەرۋەقە ئاق ھەم بۇدرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇغدى، باشقا ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلى تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بىلەن، جۈنلەننىڭ بەدەن شەكلى ئەسلىدىكىدەكلا تۇردى، يەنە تېخى تۇغۇتتىن كېيىن كۆكسى يوغىناپ بەدەن شەكلى بۇرۇنقىدىنمۇ قاملاشقان بولۇپ كەتتى، ئۇنى كۆرگەنلەر ھۆسنىگە ھەيران بولۇشاتتى، ئۇنىڭ بۇ قىياپىتى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەندەك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.
ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ يولدىشى ساراڭ بولۇپ قالدى، كەنتتىكى ئەرلەرنىڭ يامان نىيىتىمۇ ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.
لېكىن دەسلەپتە ئاسانلىقچە يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، چۈنكى جۈنلەننىڭ ساراڭ ئېرىدىن تاياق يېيىشتىن قورقۇشاتتى. ئەمما كېيىن كىشىلەر ئاستا-ئاستا جۈنلەننىڭ ئېرىنىڭ ھېچقانداق كېرىكى يوقلىقىنى، ھەتتا كەنتتىكى بالىلارغىمۇ بوزەك بولۇپ، قول ياندۇرۇشنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالدى.
قارا نىيەت ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىكى قاپ يۈرەكرەكى ۋاڭ ۋۇ بولۇپ، ئۇ بىرىنچى بولۇپ جۈنلەننى ئىزدەپ كەلدى. ئۇ جۈنلەننى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرگەچكە، ئۆيىدىكىلەر ئورۇنلاشتۇرغان بىر قانچە توي ئىشىنى رەت قىلىۋەتتى، ئۇ جۈنلەنگە ئوخشاش چىرايلىق ئايال بىلەن توي قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمدىلىكتە جۈنلەننىڭ ئېرى ساراڭ بولۇپ قالغىنى ئۇنىڭغا پۇرسەت.
ئۇ باشقىلارنىڭ گەپ تېپىشىدىن قورقۇپ، كۈندۈزى كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدى، كەچ كىرىشىگە جۈنلەننىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئىشىكتىن كىرىپلا جۈنلەننىڭ بالىسىنى ئېمىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، ۋاڭ ۋۇ جۈنلەننىڭ ئاپئاق كۆكسىنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى.
جۈنلەن قورققىنىدىن ئالدىراپلا كىيىمىنى ئوڭشىۋالدى، ۋاڭ ۋۇمۇ تەمتىرەپ قالغاچقا ئالدىراپلا:
-يەڭگە، سىزگە ياردەملىشىپ ئىش قىلىشىپ بېرەي!-دېدى.
ۋاڭ ۋۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاشلىقنى ئىدىشقا تۆكۈپ بېرىپ، شۇندىلا جۈنلەننىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.
ۋاڭ ۋۇ جۈنلەننىڭ يۇيىدىغان كىيىملىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىدىنى پۇرىغاچ:
-يەڭگە، بالىڭىزغا قارىغاچ كىر يۇيۇش قولايسىز، يەنىلا مەن ئۆيگە ئاپىرىپ يۇيۇپ بېرەي،-دېدى.
جۈنلەن ۋاڭ ۋۇدىكى بىنورماللىقنى بايقاپ، ئەپكەش بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىۋەتتى، ئۇ كۈنى كەچتە، ۋاڭ ۋۇنىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتتى.
ئىككىنچى بولۇپ جۈنلەننى ئىزدەپ كەلگىنى ۋاڭ شيەنجۇڭ ئىدى! لېكىن شيەنجۇڭ جۈنلەننىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ كەلمىگەن، ئۇ جۈنلەننىڭ ئەخمەق ئېرى بىلەن سەپداش بولۇپ، جۈنلەندىن ئەھۋال سورىغاچ، ئۇنىڭ بالىسىغا سۈت پاراشوكى ئەكېلىپ بەرگىلى كەلگەن ئىدى.
ئەمما جۈنلەن ۋاڭ شيەنجۇڭنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئېرىپ قالدى، شيەنجۇڭنىڭ ئۇنىڭ قامەتلىك بەدىنى كىشىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەتتى، ئۇ ھازىر تىرانسپورت شوپۇرى بولدى، بۇ كەسىپ خېلى يۈز ئابرۇيى بار كەسىپ ھېسابلىناتتى.
لېكىن شيەنجۇڭ توي قىلىپ بولغان، ئايالىمۇ چىرايلىق ھەم ئاقكۆڭۈل تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ياخشى كۆرىدىغان ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتسۇن؟
گەرچە جۈنلەن چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ قائىدە-يوسۇنسىز ئايال ئەمەس ئىدى، ئۇ پەقەت كۈلۈپ تۇرۇپ شيەنجۇڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، يۆگەكتىكى «كىچىك گاۋ يۈەن»نى شيەنجۇڭغا كۆتۈرۈشكە بەردى.
شۇنداقتىمۇ جۈنلەن شيەنجۇڭدەك ئۆزىدىن ئەھۋال سورايدىغان ئادەمنىڭ بولغىنىدىن بەكلا مەمنۇن ئىدى، ئۇ يېنىدا نورمال، قابىلىيەتلىك بىر ئەرنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلاتتى ھەمدە بەك قورقاتتى، كەنتتىكى ئەرلەرنىڭ قاراشلىرى ئۇنى بىئارام قىلاتتى.
ئۇ كۈنى شيەنجۇڭ كەتكەندىن كېيىن، جۈنلەننىڭ يۈرىكى قۇرۇقدىلىپ قالغاندەك بولدى، ئۇ كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقان ساراڭ ئېرىگە قاراپ كۆز يېشى قىلىپ، ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىدىن نەپرەتلەندى.
كېيىنمۇ جۈنلەننىڭ ئىشىكىگە تەلمۈرۈپ قارايدىغان ئەرلەر ئاز بولمىسىمۇ، لېكىن پايدا ئېلىشنى ئويلايدىغانلار كۆپ، چىن كۆڭلىدىن ياخشى بولسۇن دەپ ئويلايدىغانلار ئاز بولدى، بولۇپمۇ جۈنلەن قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىپ، بارا-بارا يېقىنلاشقان ۋاقىتتا، ئۇ:
-مېنى ئەمرىڭىزگە ئالالامسىز؟-دەپ سورايتتى.
ئۇ چاغدا ئەرلەر جۈنلەننى ئالدايدىغان يالغان-ياۋداق گەپلەرنى ياغدۇرۇۋىتەتتى. جۈنلەن بۇ چاغدا قارشى تەرەپنى ئىتتىرىۋېتىپ:
-مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز، بالام بىلەن ساراڭ ئېرىمگىمۇ قارايسىز، بولمىسا بولدى قىلايلى،-دەيتتى.
جۈنلەن بۇنداق دېگەندە ئۇ ئەرلەرنىڭ ئوننىڭ سەككىزى نىيىتىدىن ياناتتى؛ يەنە بەزى ۋىجدانسىزلار جۈنلەننىڭ سوئالىغا يالغاندىن ماقۇل بولغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئالدىراپ كەمىرىنى بوشىتاتتى.
جۈنلەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەغەز-قەلەم ۋە سۇرۇخنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ:
-ئاۋۋال بارمىقىڭىزنى بېسىڭ، ئاندىن قالغان ئىشنى ئويلىشىڭ، يېنىۋېلىشقا پېتىنسىڭىز ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن!-دەيتتى.
شۇنداق قىلىپ يامان نىيەتلىك ئەرلەرمۇ نىيىتىدىن يېنىشتى. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم