-ئاپا، ئۇ ئويغىنىپتۇ.-قىزچاق شۇنداق دەپ بىرىنىڭ ئاپئاق، ئىنچىكە پاچىقىغا ئېسىلىۋالغانىدى. لۇ فېڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈستىگە قاراپ بىر گۈزەل قىزنى كۆردى، بىر مېتىر 70 سانتىمېتىرلىق زىلۋا بويى، چىرايلىق بەش ئەزاسى، يوغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزى بار بۇ قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن گۈزەللىك ۋە پاكىزلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ھازىرقى بەزى قىز تور چولپانلىرى ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيتتى. پەقەت ئۇنىڭ كۆزىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى قورقۇش ۋە چىرايىدىكى كۆكلەر بۇ گۈزەللىكلەرنى يېپىپ قويغان ئىدى. بىر ئاز تىكىلىشىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن لۇ فېڭ سەل ئوڭايسىزلىنىپ، قولىنى ئاستا كۆتۈرۈپ سالام قىلدى.-ياخشىمۇسىلەر!-جياڭ شياۋيەن يولدىشىنىڭ بۇنداق مۇلايىم گەپ قىلغانلىقىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغانىدى، ئۇ بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى ھەمدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:-قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ؟ مەن تاماق ئېتەي،-دېدى.-رەھمەت!-دېدى لۇ فېڭ. جياڭ شياۋيەن قۇلاقلىرىمدىن چاتاق چىقتىمىكىن دەپ ئويلاپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئىشەنمىگەن ھالدا سورىدى:-مەن رەھمەت دېدىم.-جياڭ شياۋيەن مىيىقىدا كۈلۈپ:-ئەرزىمەيدۇ، كېلەر قېتىم مېنى ئۇرغاندا بوشراق ئۇرارسىز،-دېدى. لۇ فېڭ ئۇنىڭغا تۈنۈگۈن ئۇنى ئۇرغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئېيتقۇسى كەلدى، لېكىن بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەيتتى، ھازىر ھەتتا ئۆزىمۇ بۇنىڭ چۈشى ياكى ئوڭى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتاتتى. جياڭ شياۋيەن گەرچە ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق، چاققان ئىدى، ئەمما، ھەر قانچە ئوڭلۇق ئايالمۇ ئۆيدە خۇرۇچلار تولۇق بولسا ئاندىن تاماقنى ئوخشىتالايدۇ-دە، ئۇ ئاشخانىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ يېنىك تىنىپ قويدى، ئۆيدە پەقەت ئازراق كەسمە چۆپ ۋە ئىككى تال تۇخۇم قالغانىدى. بۇ ئائىلە پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئىككى كىشىلىك خىزمەت قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىناتتى، ئەسلىدە ئۇ نەچچە يۈز يۈەن پۇل يىغقانىدى، لېكىن لۇ فېڭ ئۇ پۇلنى قىماردا ئۇتتۇرۇپ بولدى، ھازىر بۇ ئۆيدە راستتىنلا تۆت تامدىن باشقا نەرسە قالمىدى.لۇ فېڭ يەنە يېرىم چۆمۈچ سوغۇق سۇ ئىچكەندىن كېيىن بەدىنىگە كۈچ كىرىپ، كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپ بۇ ئوماق قىزچاققا قارىدى، ئەگەر خاتالاشمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئىسمى دودو ئىدى.-دودو، بۇياققا كېلىڭ!-بالا قورققىنىچە كەينىگە بىر قەدەم داجىپ، قوينىدىكى كونىراپ كەتكەن قونچاقنى چىڭ قۇچاقلىدى. لۇ فېڭ خورسىنغان ھالدا ئولتۇرۇپ قالدى، قىزنىڭ نەزىرىدە ئۆزى ئالۋاستىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ئەسلىدىكى لۇ فېڭنىڭ ئۆلۈمىنى تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش دېيىشكە بولاتتى.-دودو، قاچىلارنى سۇنىۋېتىڭە،-ئاشخانا ئۆيدىن جياڭ شياۋيەننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز جاراڭلىق ئىدى. ئەگەر بۇ ئۆيدە لۇ فېڭ بولمىسا ئېنىقكى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان بولاتتى. دودو ئاشخانىغا ئۇچقاندەك بېرىپ، ئۈچ جۈپ چوكا، يەنە بىر تەخسە تۇزلىغان سەينى ئالدى، جياڭ شياۋيەن ئۈچ چوڭ چىنىنى ئېلىپ، كونىراپ كەتكەن ئۈستەلگە قويدى. قۇرۇق سۇدا پىشۇرۇلغان كەسمە چۆپ، ھەر بىر قاچىغا بىر تالدىن ياپيېشىل يازلىق بەسەي سېلىنغان بولۇپ، پەقەت لۇفېڭنىڭ قاچىسىغا ئىككى تال مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم قويۇپ قويۇلغانىدى. بۇ ئائىلىنىڭ ئادىتى، قانداق ياخشى يېمەكلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، لۇ فېڭنىڭ قاچىسىغا سېلىنىشى كېرەك، بولمىسا لۇ فېڭ قاچىنى جياڭ شياۋيەننىڭ بېشىغا ئاتىدۇ.-تاماق يەيلى!-جياڭ شياۋيەن ئۈستەلنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى، لۇ فېڭغا قاراپمۇ قويماي، دودوغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،-سىز ھازىر ئۆسۈۋاتىسىز، كۆپرەك يەڭ.-دېدى. بۇ بىر ۋاق تاماق ئېنىقكى لۇ فېڭ چوڭ بولۇپ مۇشۇنچىلىك بولغىچە يېگەن ئەڭ ناچار تاماق ئىدى. جياڭ شياۋيەن لۇ فېڭنىڭ چوكىنى مىدىرلاتماي تۇرغۇنىنى كۆرۈپ ئېغىز ئاچتى:-ئۆيدە جياڭيۇ قالمىدى، ئاچچىقلانماڭ، بارىنى يەپ تۇرۇڭ، ياخشىراق نەرسە يېگۈڭىز بولسا ھېلىقى ئاغىنىلىرىڭىزنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ،-دېدى.-مۇشۇ بولدى،-لۇ فېڭ چوكىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ قاچىسىدىكى تۇخۇمنى دودونىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويدى. دودو قاچىدىكى تۇخۇمغا بىر قاراپ، ئاپىسىغا بىر قاراپ يېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. لۇ فېڭ يەنە بىر تۇخۇمنى جياڭ شياۋيەننىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويدى. جياڭ شياۋيەن بۈگۈنكى لۇ فېڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى نورمالسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەمدەك ئىدى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى بىلىشى بويىچە بولغاندا لۇ فېڭ ئۆزىدىن يەنە پۇل ئالماقچى بولۇشى مۇمكىن.-ئۆيدە راستتىنلا پۇل قالمىدى، مەنمۇ مائاشىمنى ئالدىن ئالالمايمەن، بۇنداق كېتىۋەرسە دودو ئىككىمىز ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىمىز،-جياڭ شياۋيەننىڭ ئاۋازىدىن يېلىنىش چىقىپ تۇراتتى. ئۇ قورقۇپ كەتتى، لۇ فېڭنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇپ يەنە بىر قېتىم تاياق يېيىشتىن ئەنسىرىدى، شۇ گەپلەرنى دېگىنىچە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ قاچىسىغا ئېقىپ چۈشتى.-ئاپا يىغلىماڭ، ئاپا يىغلىماڭ!-دودو توختىماي ئاپىسىنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈۋاتاتتى.-مەن... مەن پۇل ئالىمەن دېمىدىمغۇ،-لۇ فېڭ ئاياللارنىڭ ياش تۆكۈشىدىن ئەڭ قورقاتتى، ئۇ دەماللىققا قانداق قىلارىنى بىلەلمەي قالدى،-مەن يا ھازىر ئىشلىمىسەم، سىز ھەر كۈنى ئىشقا بارىسىز، دودونىڭ ئۆسۈۋاتقان ۋاقتى، شۇڭا تۇخۇمنى سىلەر يەڭلار،-دېدى. بۇنداق ئادەمگە كۆڭۈل بۆلىدىغان گەپلەرنىڭ لۇ فېڭنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جياڭ شياۋيەن بۈگۈن راستتىنلا كۈن غەربتىن چىققان ئوخشايدۇ دەپ قالدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ لۇ فېڭغا قارىدى، چىرايىدىن ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇراتتى. ئەجەبا بۇ ئادەم راستتىنلا ئۆزگەرگەنمىدۇ؟
داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار