229-باب: ئاجرىشايلى
ئايالىمنىڭ دېگىنى بويىچە، ئۇ گۇاڭجۇغا بارسا ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئىشى تۈگەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇ نېمە ئۈچۈن گۇاڭجۇدا بىر ئاخشام تۇرىدۇ؟ پەقەت بىرلا چۈشەندۈرۈش بار، ئۇ ھېلىقى ئادەم بىلەن كېلىشىپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ياكى بىر قانچە ئەر كىشى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
-يەنە بازار ئايلانغىلى بارىمەن، ئەتە چۈشتىن كېيىن بازار ئايلىنىپ ھېرىپ قالسام بىر كېچە دەم ئېلىپ، ئۆگۈنلۈككە قايتىپ كېلىمەن ئەمەسمۇ!-دېدى ئايالىم.
مېنىڭچە ئايالىمنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشى سەل زورمۇزور بولۇپ قالدى، بازار ئايلىنىپ ھېرىپ كەتسە كەچتىكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلسە، كەچتە ئۆيدە ئارام ئالسا تېخىمۇ ياخشى ئارام ئالغىلى بولمامدۇ؟ گۇاڭجۇدا بىر كېچە تۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ شۇڭا مەن ئايالىمنىڭ بۇ قېتىم گۇاڭجۇغا بېرىشى بەلكىم ئاشنىسى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن.
مەن ھازىرغىچە ئايالىم بىلەن گۇاڭجۇغا بېرىش ياكى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ بولالمىدىم، ئەگەر ئايالىم بىلەن گۇاڭجۇغا بارسام، تېخى بېلەت سېتىۋالمىغان بولاتتىم، گەرچە ھازىر ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن شۇ كۈنى بېلەت سېتىۋېلىش يەنىلا بىر قەدەر قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىمغا ئەگىشىپ گۇاڭجۇغا بارغىنىم بىلەنمۇ، پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قوغلىمىسام، ئۇنىڭ قايسى مېھمانخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالىمەن. گۇاڭجۇ شۇنچە چوڭ تۇرسا، مەن ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بېشى يوق چىۋىنغا ئوخشاش ئۇنى قەيەردىن ئىزدەشنى بىلەلمەي قالاتتىم.
سائەت 11دىن ئاشقاندا، ئايالىم ئاستا-ئاستا ئۇخلاپ قالدى. ئايالىمنىڭ يېنىمدا تەكشى نەپەس ئالغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز خىيالغا پاتتىم، زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ تۇيۇقسىز تېلېفونۇم تىترىدى. قولۇمغا ئېلىپ قارىسام، فاڭ لىتىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ئۈندىدار ئۇچۇرى ئىكەن.
-لېي ئاكا، بۈگۈن ئالدىراش بولۇپ سىزدىن سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھېلىقى نەتىجىنى ئالدىڭىزمۇ؟
مەن بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «ئالدىم!» دەپ جاۋاب قايتۇردۇم.
-قانداقراق؟ نىڭئېر سىزنىڭ ئۆز قىزىڭىزمىكەن؟
-شۇنداق، ئوخشىشىش دەرىجىسى %99 ئىكەن!
-ۋاھ، مۇبارەك بولسۇن لېي ئاكا، نىڭئېرنىڭ كۆزى بىلەن بۇرنى سىزگە بەك ئوخشايتتى، سىزنىڭ بالىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس!
-شۇنداق، نىڭئېر مېنىڭ بالام ئىكەن، شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن!
-لېي ئاكا، ئۇنداق بولسا خې ھەدەم يولدىن چىقمىغان، بىز ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشىمامدۇق؟
-ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس، مەن ھازىر ئۇنىڭ ئەتە گۇاڭجۇغا بارىدىغان ئىشىنى ئويلاۋاتىمەن!
-ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، خې ھەدەم ئەتە گۇاڭجۇغا بارىدۇ راست، بولمىسا سىزمۇ بىللە بېرىڭ!
-مەن ئويلاپ باقتىم، بىراق بارساممۇ ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن.
-ئۇ ئەتە بارغاندا چوقۇم گۇاڭجۇدىكى تارماق شىركەتكە بارىدۇ، مەن ئەتە بېرىپ گۇاڭجۇدىكى تارماق شىركەتنىڭ ئادرېسىنى سوراپ بېرەي، سىز شۇ يەرگە بېرىپ ساقلاپ تۇرسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟-دېدى فاڭ لىتىڭ.
ئۇنىڭ دېگىنىمۇ ھېسابتا بىر ئامال، مەنمۇ ئۇزۇن ئويلاپ، ھازىر ئايالىمنىڭ ئىزىغا چۈشۈشتىن باشقا ئامالىم قالمىغاندەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم.
-ئەمىسە مەن ئەتە ئۇنىڭ بىلەن گۇاڭجۇغا بارامدىم؟-مەن مەسلىھەت تەرىقىسىدە فاڭ لىتىڭدىن سوراپ باقتىم.
-قارىغاندا بۇ سىزنىڭ بىردىنبىر ئامالىڭىز بولۇشى مۇمكىن، مەنمۇ ھازىر سىزگە ياردەم قىلالمايمەن، ئەسلىدە رۇخسەت سوراپ خې ھەدەم بىلەن بىللە باراي دېگەن، بىراق ئويلاپ باقسام ھازىر خې ھەدەممۇ ماڭا ئىشەنمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركىتىمىزدە بۇ بىر نەچچە كۈندە ئىشلار بەك ئالدىراش، مەن رۇخسەت سورىيالمايمەن، شۇڭا ئامال يوق، بۇ قېتىم پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تايىنالايسىز!-دېدى فاڭ لىتىڭ.
فاڭ لىتىڭنىڭ سۆزلىرىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر ئەپۇ سوراش مەنىسى چىقىپ تۇراتتى، بىراق كەچۈرۈم سورىغۇدەك نېمىسى بار؟ ھېلىمۇ ئۇ ماڭا شۇنچە كۆپ ياردەم قىلدى، تېخى مېنىڭ ئىشىم سەۋەبلىك ياڭ زىۋېننىڭ قولىدا نابۇت بولغىلى تاس قالدى. كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىك ئادەم مەن ئىدىم.
-ھېچقىسى يوق. لىتىڭ، سىز ئىشىڭىزنى ياخشى قىلىڭ، قالدى ئىشلارنى مەن بىر تەرەپ قىلالايمەن!-دېدىم مەن.
-لېي ئاكا، ئەمىسە قانداق ئىش بولسا ماڭا دەپ تۇرۇڭ!
-ھىم، بىلدىم، بالدۇر ئۇخلاڭ، خەيرىلىك كەچ!
شۇ كۈنى كەچتە مەن ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ خېلى ئۇزۇن ھەپىلەشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇخلاپ قالدىم. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، سائەت ئالتە بولاي دېگەندە ئۇيقۇم تېخى ئېچىلمىغان ئىدى. تۇيۇقسىز يېنىمدىكى ئايالىم مېنى ئىتتىرىپ:
-دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولدۇم،-دەپ يۈرۈپ ئويغىتىۋەتتى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا ئايروپىلانغا چىقاتتى، ئەگەر تۇرمىسام ئۈلگۈرەلمەيتۇق.
ئايالىم ناشتا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى، بىز ئالدىراپ يۈرۈپ، سائەت ئالتىدىن ئون مىنۇت ئۆتكەندە ئۆيدىن چىقىپ، ئايرودۇرۇمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئايرودۇرۇمغا بېرىش يولىدا ئايالىم تۇيۇقسىز:
-يېنىڭىزدا پارچە پۇل بارمۇ؟ مەندە پارچە پۇل يوق ئىكەن، بىرەر نەرسىگە لازىم بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن!-دېدى.
-سومكامغا قاراپ بېقىڭ، بارمۇ يوق بىلمەيمەن!-دېدىم.
مەن ئەينى ۋاقىتتا ماشىنا ھەيدەۋاتقان بولغاچقا، باشقا ئىشنى ئويلىمىغان ئىدىم، لېكىن ئايالىم سومكامنى ئېلىپ قولىنى سوزغاندا مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم، ئاپلا، چاتاق بولدى، ئاتا-بالىلىق باھالاش نەتىجىسى تېخىچە سومكامدا ئىدى. دەرۋەقە ئايالىم دەل شۇ باھالاش نەتىجىسىنى تارتىپ چىقاردى-دە، ماڭا قارىغىنىچە سوغۇق ئاۋازدا:
-بۇ نېمە؟-دەپ سورىدى.
-ھېچنېمە!-مەن نېمە دېيىشنى بىلمىدىم.
-سىز مەندىن يوشۇرۇن نىڭئېر بىلەن ئوغرىلىقچە ئاتا-بالىلىقنى باھالاتقىلى بېرىپسىز، يەنە تېخى ھېچنېمە دەيسىزغۇ؟-ئايالىم بىردىنلا ۋارقىراشقا باشلىدى.
مەن ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ:
-خوتۇن، مەن...-دېدىم.
-مەن تېخى سىزنى ياڭ زىۋېن بىلەن بۇ مەزگىلدە ھەر كۈنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈ مەندىن گۇمانلىنىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن، سىزنىڭ ھەر قانچە بولسىمۇ يوشۇرۇن ھالدا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى باھالاتقىلى بارىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ئارىمىزدا مۇشۇنچىلىك ئىشەنچمۇ يوقمۇ؟ ئۇنداقتا سىز يەنە مەن بىلەن بىللە بولۇپ نېمە قىلىسىز؟
ئايالىمنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى، مەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى باھالىتىش ئىشى ئايالىمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردىمۇ ياكى ئۇنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېچىپ تاشلىشىمدىن قورقۇپ خاپا بولۇپ قالدىمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ئايالىمنىڭ ھازىر غەزىپى پەلەككە يەتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم.
-بولدى، ماشىنىڭىزنى ھەيدەڭ، ئايرودۇرۇمغا بارىمەن!-ئايالىم كۆز يېشىنى سۈرتكەندە، چىرايىدا ماڭا بولغان غەزەپ نەپرىتى مانا مەن دەپلا ئىپادىلىنىپ چىقتى.
شۇ تاپتا كاللامغا مىڭنى ئۇرغۇم كەلدى، ئۇ نەرسىنىڭ نەتىجىسىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىدە كۆيدۈرۈۋېتىشىم كېرەك ئىدى، ئەمدى بۇنى كىمدىن كۆرىمەن؟
مەن ماشىنا ھەيدەپ ئايالىمنى ئايرودۇرۇمغا ئاپىرىپ قويدۇم، كېيىنكى يېرىم يولدا ئايالىم ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ئاتا-بالىلىق باھالاش قەغىزىنى سومكامغا سېلىپ قويدى، پورتمانىغا پارچە پۇلمۇ ئالمىدى. ئايرودۇرۇمغا بارغاندىن كېيىن، ئايالىم ماشىنىدىن چۈشۈپ چاماداننى ئالماقچى بولدى، مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېلىپ بەرمەكچى بولۇۋىدىم، لېكىن ئۇ مېنى ئىتتىرىۋېتىپ، مىڭ تەسلىكتە چاماداننى ئالدى-دە، ئارقا ساندۇقنىمۇ ياپماستىن، چاماداننى سۆرىگىنىچە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.
مەن ئايالىمنىڭ كەينىدىن قاراپ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم، ئايالىم بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ:
-مەن ئاجرىشىش كېلىشىمىنى پوچتا ساندۇقىڭىزغا يوللاپ بېرىمەن، مەن قايتىپ كەلگەندە ئاجرىشىپ كېتەيلى!-دېدى.
-خوتۇن، ماڭا قاراڭ، مەن...-مەن بىر نەرسە چۈشەندۈرەي دېسەممۇ، ئايالىم مېنىڭ گېپىمنى پەقەت ئاڭلىماي، ناھايىتى تېزلا ئايرودۇرۇم ئىچىدە غايىب بولدى. بۇ چاغدا كۆڭلۈم ئايدورومدىكى كىشىلەر توپىغا ئوخشاش قالايمىقان بولۇپ كەتتى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم، بەلكىم بۇ قېتىم راستتىنلا ئايالىمغا ئازار بەرگەن بولۇشۇم مۇمكىن، بولمىسا ئۇ نېمىشقا بايا ئۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مەن ئايالىمنىڭ مەن بىلەن ئاجرىشىشنى قارار قىلىپ بولغانلىقىنى ياكى مېنى قورقۇتۇپ قويماقچى بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئايالىمنىڭ چىرايىغا قارىسام چوڭ چاتاق چىققاندەك قىلىدۇ، مەن ئەزەلدىن ئايالىمنىڭ ئۇنداق كۆز ئىپادىسى ۋە چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.
-ھەي، ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ كېتىڭ، تېز بولۇڭ، كەينىدە شۇنچە كۆپ ماشىنىلار بار، كۆرمىدىڭىزمۇ؟
بۇ چاغدا قوغداش فورمىسى كىيگەن بىر ئادەم كېلىپ ماڭا ۋارقىرىدى. قاراپ باقسام كەينىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن ماشىنا بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە ماشىنا توختىماي سىگنال بېرىۋاتقان ئىدى. گەرچە كەيپىياتىم ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ھېچنېمە قىلالمايمەن. مەن ئارقا ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ياپقاندىن كېيىن، ئاندىن ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالدىم.
ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە نىڭئېر ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان ئىدى، ئۇ ئىككىمىزنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ يىغلىغۇسى كەلگەن ئىكەن، مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىمنى كۆرگەندىن كېيىن خۇشال ھالدا:
-دادا، ئاپام ئىككىڭلار نەگە باردىڭلار؟ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا سىلەرنى كۆرمىدىم!-دېدى.
مەن نىڭئېرنىڭ كىيىمىنى كىيدۈرگەندىن كېيىن:
-قوزام، بۈگۈن مەن بالدۇرراق ئىشقا بارىمەن، سېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قوياي-ھە!-دېدىم.
* * *
230-باب: ئاجايىپ ئەخمەق بولۇش
-دادا، مەن تېخى ناشتا قىلمىدىم!-نىڭئېر بېشىنى قىڭغىر قىلغىنىچە شۇنداق دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇشۇنداق تېتىقسىز ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇشى ئۇنىڭمۇ ناشتىسىنى ئېگىز-پەس قىلىۋەتكەن ئىدى.
-قوزام، بۈگۈن ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ كېلەيمۇ؟-دېدىم مەن.
-ماقۇل دادا، سىرتقا چىقىپ نېمە يەيمىز؟
-نېمە يېگۈڭ كەلسە شۇنى يەيمىز، ئاۋۋال سىرتقا چىقىپ باشقىلارنىڭ نېمە سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!-دېدىم مەن. شۇنىڭ بىلەن نىڭئېرنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ چېچىنى تاراپ قويدۇم، ئارقىدىن ئۇنى ئېلىپ سىرتقا چىقتىم. ئولتۇراق رايوننىڭ سىرتىدىكى ئەتىگەنلىك تاماق يايمىسىدا ناشتا قىلغاندىن كېيىن، نىڭئېرنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدۇم. بۇ چاغدا ئەتىگەن سائەت سەككىز بولغان ئىدى. نىڭئېرنى ئاپىرىپ بولغاندىن كېيىن، فاڭ لىتىڭغا تېلېفون قىلدىم.
-ۋەي، لېي ئاكا، نېمە بولدى؟
فاڭ لىتىڭ گەپ قىلغاندا مەن قارشى تەرەپتىن چىقىۋاتقان قاتتىق ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازنى ئاڭلىدىم، پەرىزىمچە ئۇ چوقۇم تېخىچە ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ئىدى.
-باشقا ئىش يوق، سىز تېخى شىركەتكە كەلمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟
-ياق، مەن ماشىنىغا چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى!
-ھە، سىز ئىشقا بارغاندا پاراڭلىشايلى!-شۇنداق دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.
ئەسلىدە فاڭ لىتىڭغا بۈگۈن ئەتىگەنكى ئىشنى دېمەكچى ئىدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىر بۇ ئىشلارنى پەقەت فاڭ لىتىڭلا ئاڭلايدۇ، باشقىلارغا بىلدۈرگۈم يوق ئىدى، لېكىن فاڭ لىتىڭ ھازىر ئاممىۋى ئاپتوبۇستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولغاچقا دېيىشنى ئەپسىز كۆردۈم.
مەن ماشىنا ھەيدەپ يەنە ئايرودۇرۇمغا باردىم، گەرچە ئايالىم ئاجرىشىپ كېتىشنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىكەن، مەن ھەرگىز بولدى قىلماي، ھازىر خوتۇنۇم بىلەن گۇاڭجۇغا ئوغرىلىقچە بارىمەن، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى باشقا ئەرلەر بىلەن بىللە يۈرگەن يېرىدىن تۇتۇۋالسام، ئۇنىڭ يەنە خىجىل بولماستىن «مەندىن گۇمانلاندىڭىز» دېگىنىنى بىر ئاڭلاپ باقاي! شۇ چاغدا ئۇ مەن بىلەن ئاجرىشىشنى خالىمىسىمۇ، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىمەن! ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بۇنداق ياخشى پۇرسەتتە ئىزىغا چۈشمىسەم، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋېلىشىم ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس بولاتتى. ئەگەر ئۇ ئاشنىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەلسە، مەن ئەكسىچە يولسىزلىق قىلغان بىر تەرەپ بولۇپ قالاتتىم.
شۇنداق ئويلاپ، مەن دەرھال ئايرودۇرۇم زالىغا بېرىپ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئاشقاندا گۇاڭجۇغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.
ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، دېرىزە سىرتىدىكى كۆك ئاسمان ۋە ئاق بۇلۇتلارغا قاراپ، تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى بەك كۈلكىلىك ھېس قىلدىم. بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم باشقا شەھەرگە بېرىپ ئايالىمنى تۇتۇۋالماقچى بولۇشۇم، ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا لاۋزىلىشىپ قۇرۇق قول يېنىپ كەلدىم، بۇ قېتىم ئايالىممۇ چوقۇم ئېھتىيات قىلىدۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭغا ئەگىشىشىمنى ئويلاپ باقمىغان بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىدى. گەرچە ئىشلەتكەن ۋاسىتەم سەل قوپال بولسىمۇ، لېكىن ئىش بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مېنىڭمۇ باشقا ئامالىم يوق، نېمىلا دېگەن بىلەن مەن شۇنچە ئۇزۇن تەكشۈردۈم، بۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ۋاز كەچسەم بولمايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قانداق بىر ئەر-خوتۇنىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىش قىلمىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ، بۇمۇ مېنىڭ مو يىفەننىڭ نېمە ئۈچۈن خوتۇنىنى باشقا ئەرلەرگە سولاپ بېرىشكە ماقۇل بولۇشىنىڭ تېگىدە باشقا مەقسىتى بار يوقلۇقىدىن گۇمانلىنىشىمنىڭ سەۋەبى ئىدى.
تۈنۈگۈن كەچ ياخشى ئۇخلىيالمىغاچقا، مەن ئايروپىلاندا بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم. ئايروپىلان گۇاڭجۇ تەرەپكە كەلگەندە چۈش سائەت 12دىن ئاشقان ئىدى. ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا يان تېلېفونۇمنى ئېچىپ ھېچ ئىش قىلماي فاڭ لىتىڭغا تېلېفون ئۇردۇم.
-ۋەي، لېي ئاكا، تېلېفونىڭىزنى نېمىشقا ئېتىۋالدىڭىز؟ سىزگە بىر چۈشتىن بۇرۇن تېلېفون قىلدىم!
-بايا ئايروپىلاندا ئىدىم، نېمە بولدى؟
-راستتىنلا گۇاڭجۇغا باردىڭىزمۇ؟ ۋاييەي، تازىمۇ بىر، لېي ئاكا، سىز ئالدىنىپسىز، خې ھەدەم گۇاڭجۇغا پەقەتلا بارمىدى، مەن بۈگۈن ئىشخانىدا ئۇنىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم!
-نېمە؟-كاللام قېتىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى. ئايالىمنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا كىرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم نەچچە كۈن بۇرۇنلا گۇاڭجۇغا كاماندىروپكىغا چىقىمەن دېگەن، نېمىشقا ئىشخانىدا ئولتۇرىدۇ؟ بۇ قانداق ئىش؟
كاللام تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، ئەجەبا ئايالىم ماڭا قەستەن گۇاڭجۇغا كاماندىروپكىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن گۇاڭجۇغا بارىدىغان-بارمايدىغانلىقىمنى كۆرۈپ باقماقچىمۇ؟ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ ئەجەبا پەقەت مېنىڭ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ؟
قەلبىمدىكى غەزەپ ئوتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى، ئاناڭنى، ئاجراشساڭ ئاجراشمامسەن! ئاكاڭ قارىغاينى بۇنداق ئەخمەق قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
-سىز ئۇنىڭ ھازىر ئىشخانىدا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەمسىز؟
-جەزم قىلالايمەن، سائەت 9دىن ئاشقاندا مەن ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىدىن ئۆتۈپ دىرېكتورىمىز بىلەن ماتېرىياللارنى سېلىشتۇرۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ چامادانىمۇ يېنىدا، ئۇ كەچرەك بارامدۇ ياكى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن!
-بولىدۇ، بىلدىم، سىز سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ گۇاڭجۇدىكى تارماق شىركىتىنىڭ ئادرېسىنى سورىدىڭىزمۇ؟
-لېي ئاكا، خې ئاچام بارمىسا سىز يەنە بارامسىز؟
-ھامان كەلدىم، بېرىپ يولنى كۆرۈپ كېلەي، كېلەر قېتىم كەلگەندە ئۇدۇل بارغاندا قولايلىق بولىدۇ!
-ماقۇل، ئۇنداق بولسا، مەن ئادرېسىنى تېلېفونىڭىزغا يوللاپ بېرەي.
-ماقۇل، ئۇنىڭغا ئوبدان قاراڭ، قانداق ئەھۋال بولسا ھەر ۋاقىت ماڭا دەڭ!-شۇنداق دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.
ئۇزۇن ئۆتمەي فاڭ لىتىڭ ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇر ئادرېسىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئەسلىدە مەن ماشىنا توسۇپ ئۇلارنىڭ گۇاڭجۇدىكى تارماق شىركىتىنى كۆرۈپ كەلمەكچى ئىدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن ئايالىم بۇ يەرگە كېلىشنى تاللىغان، چوقۇم خالىغانچە تاللىمايدۇ، لېكىن ئايرودۇرۇمنىڭ سىرتىدىكى تاشتا ئولتۇرۇپ خېلى ئۇزۇن ئويلاندىم، ئايالىمنىڭ بۇ قېتىم گۇاڭجۇغا كاماندىروپكىغا چىقىشى پۈتۈنلەي مېنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ ئەگىشىپ كېلىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ، شۇڭا مەن بىلەن مۇشۇنداق تېتىقسىز ئويۇننى ئوينىدى. شۇنچە كۆپ كۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ مۇشۇنداق بىر مەيدان ئويۇننى پىلانلاپ چىققان ئىدى. بۇ چوقۇم مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمنى سىناش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكىم ئەسلىدە گۇاڭجۇغا كەلمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەتىگەندە ماشىنىدا مېنىڭ ئاتا-بالىلىق باھالاش دوكلاتىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا كىرىپ خېلى ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن كەلمەسلىكنى قارار قىلدى. ئەلۋەتتە، يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق بار، خوتۇنۇم بۇ قېتىم مېنى قەستەن بۇ يەرگە ئەۋەتىۋەتتى، ئۆزىمىزنىڭ شەھىرىدە ئۇنىڭ قىلىدىغان مەخپىي ئىشى بار! ئەگەر مەن بولسام، ئۇنىڭغا بەك قولايسىز بولىدۇ، شۇڭا يولۋاسنى تاغدىن چۈشۈرۈش ھىيلىسىنى ئىشلەتتى...ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، خوتۇنۇم مېنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ بولغان بولىدۇ، ئۇ مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى ھەم كېيىنكى ھەرىكىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مەيلى قايسى خىل ئەھۋال بولسۇن، ئىشقىلىپ مەن ھازىر گۇاڭجۇغا كەلدىم، ئايالىم يەنىلا بىزنىڭ شەھەردە بىر ئوبدان ئىشخانىدا ئولتۇراتتى. مەن ھازىر قايتىپ كەتسەممۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ياكى بەش بولىدۇ، خوتۇنۇم پۈتۈن بىر كۈن نېمە ئىش قىلماقچى بولسا بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر راستتىنلا مەلۇم بىر ئەر بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققان بولسا، قانچە قېتىم كارىۋاتقا چىقىپ-چۈشىدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.
بۇنداق ئويلاپ، بىردىنلا يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بولۇپ قالدىم، باشقىلارنىڭ بۇنداق ئەخمەق قىلىۋەتكەندىكى ھېسسىياتنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن، ئىشقىلىپ مەن ھاياتىمدا ئەزەلدىن بۇنداق ئەخمەق بولۇپ باقمىغان ئىدىم.
مەن ئۇ يەردە يەنە بىر ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىپ يۇرتۇمغا قايتامدىم ياكى قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، فاڭ لىتىڭنىڭ تېلېفونى يەنە كەلدى.
-لېي ئاكا، قايتىپ كېلىشكە ئالدىرىماڭ، مەن بايا بېرىپ خې ھەدەمنىڭ ئىشخانىسىدا يوقلىقىنى بايقىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە چامادانمۇ يوق تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ھەم قاچان كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن.
-نېمە؟ سىزنى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇڭ دېمىگەنمىدىم؟-شۇ ھامان ئاچچىقىم كەلدى. چوپچوڭ بىر ئادەمگە قاراپ تۇرۇش شۇنچە تەسمۇ؟ يەنە كېلىپ فاڭ لىتىڭنىڭ كۆز ئالدىدا يوقاپ كەتتى.
-بايا ھاجەتخانىغا كىرگەن، يېنىمدىكى خىزمەتدىشىممۇ خې ھەدەمنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرمەپتىكەن، شۇڭا ئۇنى ئىزچىل بار ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بايا بېرىپ قارىسام، ئۇ ئىشخانىسىدا يوق تۇرىدۇ. لېي ئاكا، كەچۈرۈڭ، ئۇنىڭ قاچان كەتكەنلىكىنى راستتىنلا بىلمىدىم!
-بولدى، بولدى، ئۆزۈم ئامال قىلاي!-تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:116-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار