پۈتۈن بىنا شۇنداق ھەيۋەتلىك بولۇپ، خۇادىڭ گۇرۇھىدەك كۈچلۈك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، شۆبە شىركەت چىڭياڭ شەھىرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىدى.
مانا ھازىر بىنا ئالدىدا يۈزدىن ئارتۇق خىزمەتچى تۇراتتى. ئەڭ ئالدىدا تۇرغىنى باش دىرېكتور ۋۇ دايوڭ بىلەن مۇئاۋىن باش دىرېكتور ليۇۋ بو ئىدى. ئىككىنچى رەتتە تۇرغىنى بەش بۆلۈم دىرېكتورى بولۇپ، لىن يۈننىڭ قىز دوستىنى تارتىۋالغان ۋۇ بەگزادىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. قالغان بۆلۈم مەسئۇللىرى ھەمدە خىزمەتچىلەر يولنىڭ ئىككى يېنىدا تۇراتتى.
ئۇلارغا شۆبە شىركەتنىڭ يېڭى باش مۇدىرىنىڭ بۈگۈن شىركەتكە كېلىدىغانلىق خەۋىرى كەلگەچكە، باش دىرېكتور بارلىق خىزمەتچىلەرنى باشلاپ يېڭى باش مۇدىرنىڭ كېلىشىنى قارشى ئالغىلى چىققان ئىدى.
-يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مۇدىرنىڭ زادى قانداق ئەرباب ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، تۇيۇقسىزلا ئاسماندىن چۈشۈپ باش مۇدىر بولۇپ قالدى دېسە،-دېدى بىر خىزمەتچى.
-شۇنىمۇ دېيىش كېتەمدۇ؟ چوقۇم ناھايىتى كاتتا بىر ئەرباب!
بۇ چاغدا خىزمەتچىلەر ئارىسىدا تۇرغان فېيفېي ئېغىز ئاچتى:
-مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ كىشى ليۇ جىجوڭ باش مۇدىرنىڭ تۇغقىنى بولۇشى مۇمكىن.
-نېمە؟ ليۇ جىجوڭنىڭ تۇغقىنى؟!
خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەيران قالدى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ليۇ جىجوڭ دېگەن پۈتۈن خۇادىڭ گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى، بۇ شەھەردىكى بىرىنچى باي بولغان ئىكەن، ليۇ جىجوڭنىڭ تۇغقىنىنىڭ سالاھىيىتىمۇ ئاددىي ئەمەس ئىدى.
-فېيفېي، بۇ راستمۇ يالغانمۇ؟
-شۇ ئەمەسمۇ، راستمۇ يالغانمۇ؟
خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى فېيفېيغا قارىدى.
-ئەلۋەتتە راست، بۇ گەپنى ۋۇ بەگزادە ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا دېگەن تۇرسا، ئۇ مېنى ئالداپ يۈرمەس،-دېدى فېيفېي مەغرۇرلانغىنىچە.
-فېيفېي سىز راستتىنلا ۋۇ بەگزادە بىلەن ئارىلىشىۋاتامسىز؟ بۇندىن كېيىن بىزگە كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلىڭ جۇمۇ!
-يەنە مەنمۇ بار فېيفېي، سىز شىركەتكە يېڭى كەلگەندە مەن سىزگە كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن، بۇندىن كېيىن ماڭىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويارسىز!
-سىلەر يەنە فېيفېي دەۋاتىسىلەرغۇ؟ فېي ئاچا دەڭلار!
-توغرا، توغرا، فېي ئاچا! فېي ئاچا!
ئۇنىڭ ۋۇ بەگزادە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، بىر ھازاغىچە خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممەيلەن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي فېيفېينى كۆككە كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
فېيفېي بۇنىڭدىن شۇنچىلىك ھۇزۇرلاندى، ئۇ كۆڭلىدە لىن يۈن دېگەن يارىماستىن ئايرىلىپ كەتكىنىنىڭ ئاقىلانىلىك بولغانلىقىنى ئويلىدى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇ بەلكىم باشقىلارنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي كۆككە كۆتۈرۈشلىرىگە مۇيەسسسەر بولالمىغان بولاتتى.
دەل بۇ چاغدا بىر ئادەمنىڭ سايىسى كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولدى. بۇ كىشى دەل باش مۇدىرلىق ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن كەلگەن لىن يۈن ئىدى.
«ئۇ نېمىشقا كەلگەندۇ؟»
لىن يۈننىڭ پەيدا بولغىنىنى كۆرگەن فېيفېينىڭ قاپىقى تۈرۈلدى، ئالدى تەرەپتە تۇرغان ۋۇ بەگزادىمۇ لىن يۈننى تونۇغاندەك قىلدى.
-جايىڭدا جىم تۇر سولتەك!-دېدى ۋۇ بەگزادە لىن يۈننى توسۇپ،-ھەي سولتەك، بۈگۈن غوجاكاڭنىڭ قىلىدىغان مۇھىم ئىشى بار، سەن بىلەن ئوينىشىدىغان ۋاقتى يوق، دەرھال بۇ يەردىن يوقال!
ۋۇ بەگزادە لىن يۈنگە قاراپ ۋارقىرىدى.
-ۋۇ بەگزادە، ھازىر مېنى قانچىلىك تىللىساڭ، ھېلى شۇنچىلىك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغىنىڭغا كاپالەتلىك بېرىمەن،-دېدى لىن يۈن كۆزلىرىنى بوش يۇمغىنىچە سوغۇق كۈلۈپ.
لىن يۈن دېگەن ليۇ جىجوڭنىڭ نەۋرىسى، بۇ سالاھىيەت ئۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچ ئاتا قىلغان ئىدى.
-نېمە؟ تېخى مەن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالامدىم؟ ھا ھا ھا... سەن سولتەك بەك قىزىقچىكەنسەن! ھالىڭغا قاراپ باقە، قىز دوستىنىمۇ يېنىدا ئېلىپ قالالمايدىغان يارىماس!
ۋۇ بەگزادە قاقاقلاپ كۈلدى، بۇ چاغدا فېيفېيمۇ يۈگۈرۈپ كەلدى.
-فېيفېي، شۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالامدۇ؟ بىز يەنە كۆرۈشۈپ قالدۇق،-دېدى لىن يۈن فېيفېيغا قاراپ كۈلۈپ.
-لىن يۈن، سىز بۇ يەرگە سىزدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن يالۋۇرغىلى كەلدىڭىزغۇ؟ سىزگە شۇنى ئېنىق دەپ قوياي، مەن ھەرگىزمۇ سىزدەك يارىماس بىلەن ئەپلىشىپ قالمايمەن!
داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ