بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (115): يوپكىسىنى قايرىغان ئايال

文摘   2024-11-03 20:00   新疆  

بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ

ئاپتورى: لاۋ مو

115-باب: يوپكىسىنى قايرىغان ئايال

1

2

3

4

5

6

8

9

10

11

12

13

14

15

16

21

20

19

18

17

26

25

24

23

22

31

30

29

28

27

36

35

34

33

32

41

40

39

38

37

46

45

44

43

42

51

50

49

48

47

56

55

54

53

52

61

60

59

58

57

66

65

64

63

62

71

70

69

68

67

76

75

74

73

72

81

80

79

78

77

86

85

84

83

82

91

90

89

88

87

96

95

94

93

92

101

100

99

98

97

106
105
104
103
102
111
110
109
108
107



114
113

ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (114): يوشۇرۇن كۆزىتىش

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۈشەنبە يېتىپ كەلدى، سۇ چىڭ «كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتى»نىڭ خامچوت لايىھەسىگە باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى. بۇ مەزگىلدە لەن رېن تەبىئىيلا بارلىق پۇرسەتلەرنى تېپىپ سۇ چىڭغا يېقىنلاشتى، بىراق سۇ چىڭ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمىدى. ئۇ ھەر كۈنى ۋاقتىنى توشقۇزۇپ ئاندىن ئىشقا كېلەتتى، ئىشتىن چۈشكەندە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ماڭاتتى، شۇڭا لەن رېن پۇرسەت تاپالمىدى.

ھەپتىنىڭ بەشى چۈشتىن كېيىن، سۇ چىڭ ئاخىرى ئىشلەپ بولغان خامچوت لايىھەسىنى سۈن فېيفېينىڭ قولىغا تاپشۇردى.

سۈن فېيفېي سۇ چىڭنىڭ قولىدىكى خامچوت لايىھەسىنى ئېلىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سورىدى:

-شۇنچە تېز قىلىپ بولدىڭىزمۇ؟

-ھەئە.

ئەمەلىيەتتە جاپانى پەقەت ئۇ ئۆزىلا بىلەتتى، بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇ چۈن چۈننى ئۇخلىتىپ قويۇپ، يەنە سەھەر سائەت ئىككى، ئۈچكىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى. بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئۇنىڭ كۆز خالتىسى قارىداپ كەتكەنىدى.

سۈن فېيفېي ئارقىدىنلا كۈلۈپ تۇرۇپ:

-مەن ھازىرلا كەيجيېنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىمەن، ئۇ كېلىپ خامچوت لايىھەرىڭىزنى كۆرۈپ باقسۇن، سىز چىقىپ خەۋەر كۈتۈڭ،-دېدى.

-بولىدۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتى.

خامچوت لايىھەسى ئاخىرى تاماملاندى، گەرچە ئۇ كەيجيېدىكىلەرنىڭ بۇنى چوقۇم قايتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن سۇ چىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا كەلسەك، بۇنىڭغا تەن بەرمەي ئامال يوق ئىدى.

سۇ چىڭ چايخانىغا بېرىپ بىر ئىستاكان قەھۋە دەملىمەكچى بولدى. ئۇ قەھۋەدىن ئەمدىلا بىر يۇتۇم ئىچىپ تۇرۇشىغا، ئاق كۆڭلەك كىيگەن بىر ئادەمنىڭ كىرىپ كەلگىنىنى كۆردى.

سۇ چىڭ لەن رېننى كۆرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈردى.

-سىز ماڭا تۆت-بەش كۈندىن كېيىن ئىزدەيمەن دېگەنىدىڭىزغۇ؟ ھازىر بىر ھەپتە بولدى، سىز زادى قانداق ئويلاشتىڭىز؟

لەن رېن ئىشىك تەرەپكە قارىدى، ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن، تەلەپپۇزى ناھايىتى جىددىي ئىدى.

-مەن بۇرۇنلا ئويلىشىپ قويغان،-دېدى سۇ چىڭ بىزارلىق ئىلىكىدە.

-سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز...سىز مەن بىلەن ياخشى ئۆتمەكچى، شۇنداقمۇ؟

لەن رېن سۇ چىڭنىڭ «ئويلىنىپ بولدۇم» دېگىنىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى، ئاندىن سۇ چىڭغا سەپسېلىپ قاراپ قويۇپ تۈكۈركىنى يۇتتى.

لەن رېننىڭ شەھۋەت بىلەن تىكىلگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ كەينىگە بىر قەدەم چېكىندى، ئۇ تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئۆزىگە قول سۇنۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى.

ئارقىدىن ئۇ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:

-مېنىڭ قارارىم شۇكى، جاھاندىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، سىز بىلەن ياخشى ئۆتۈشۈم مۇمكىن ئەمەس،-دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، لەن رېننىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم قېتىپ قالدى.

لەن رېن بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، سۇ چىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ:

-ھۇ سېسىق خوتۇن، سىز مېنى ئەخمەق قىلماقچىمۇ؟-دەپ تىللىدى.

-ئۆزىڭىز دۇرۇس يۈرمەي، خەقنى ئەخمەق قىلدى ئاغرىنىۋاتامسىز؟

سۇ چىڭ سوغۇققىنە بىر ئېغىز گەپ قىلىپ، بۇرۇلۇپلا كەتمەكچى بولدى. لەن رېننىڭ ئوغرى كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ، ئاندىن ئالدىغا بېرىپ سۇ چىڭغا يېتىشىۋالدى، قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ قولىدىكى قەھۋە ئىستاكانىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى.

-نېمە قىلىۋاتىسىز؟

بىر سېكۇنتتەك ھاڭۋىقىپ تۇرغاندىن كېيىن، سۇ چىڭ لەن رېنغا تىكىلدى.

كېيىنكى دەقىقىدە، چايخانىدىكى ئاۋازنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، ئىشخانىدىكى بىر نەچچە ئايال كىرىپ كەلدى. بۇ چاغدا لەن رېن تۇيۇقسىز ھېلىقى بىر نەچچە ئايال خىزمەتدىشىنىڭ ئالدىدا قولىنى سۇ چىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:

-سۇ چىڭ، مەن لەن رېن ئۆزۈمنى ئالىيجاناب دىيەلمىسەممۇ، سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئىپلاس ئەمەس. ئۆزىڭىزگە قارىڭە، يېشىڭىز بىر يەرگە بېرىپ قالدى، بۇنداق چوڭ سۈپەت ياسىنىۋالغان تۇرۇپ، تېخى يوپكىڭىزنى قايرىپ مېنى ئازدۇرماقچى بولۇۋاتامسىز؟ تۈفى!

لەن رېن سۇ چىڭغا قاراپ تۈكۈردى.

لەن رېننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەيلا دېدى. ئۇ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىنى ئازدۇرغۇچى قىلىپ كۆرسىتىۋاتاتتى.

بۇ چاغدا، ئولىشىۋالغان بىر نەچچە ئايال خىزمەتچى سۇ چىڭغا ئالىيىپ قاراپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى.

-لەن رېن، مەن ھازىر ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە نېمە ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى قويغانلىقىنى بىلدىم.

سۇ چىڭ لەن رېنغا سوغۇقلا تىكىلدى.

-بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ، لەن رېن گۇمانلانغان ھالدا سۇ چىڭغا قىيسىيىپ قارىدى.

-سىز بىر ناچار نېمىكەنسىز!-دېدى سۇ چىڭ سوغۇقلا كۈلۈپ.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

لەن رېن شۇئان ئالدىغا بېرىپ سۇ چىڭنى ئۇرماقچى بولدى.

-ھۇ سېسىق خوتۇن، گەپنى ئېنىق قىلە، مېنى تىللاشقا پېتىنىۋاتامسەن؟

سۇ چىڭ قىلچە قورقماستىن لەن رېنگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:

-سېنى تىللىسام نېمە بوپتۇ؟ سەن دېگەن بىر ھايۋان!

-سەن بىر بۇزۇق خوتۇن خالاس، ئۇنچىلىك ئىشىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭمۇ؟ كىملا پۇل بەرسە شۇنىڭ ئاستىدا ياتىدىغان نېمىغۇ سەن! بىراق مەن سەندەك نېمىنى ياراتمايمەن، بىكارغا بەرسەڭمۇ مەينەت تېنىڭگە قارار كۆزۈم يوق!

لەن رېن ئىنتايىن زەھەرخەندىلىك بىلەن سۇ چىڭنى ھاقارەتلەشكە باشلىدى. سۇ چىڭ چىداپ تۇرالماي، ئالدىغا بېرىپ لەن رېننى بىر كاچات سالدى. گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ھەرگىز يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدىكى غەزەپ ئۇنى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.

-سەن مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ دەپ قالدىڭما!

سۇ چىڭ ئاچچىقتىن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى.

ئىككى ئادەمنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستاكان بىلەن چەينەكنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە ئايال خىزمەتداش ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئاجرىتىپ قويدى.

بەلكىم لەن رېنمۇ ئىشنى چوڭايتىۋېتىشتىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، ئازراق توختاپ قالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ يەنىلا شىركەتتىكى تاماق قاچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى. سۇ چىڭدا بىر خىل جان تىككەندەك تۇيغۇ پەيدا بولدى، قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالدىغا بېرىپ ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن لەن رېننىڭ يۈزىنى تاتىلىۋالدى، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۇنىڭ يۈزىدە ئىككى قىزىل تىرناق ئىزى پەيدا بولدى.

ئىشقىلىپ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىدى، شۇڭا يەنە داۋاملىق دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشنى خالىمىدى، بولۇپمۇ لەن رېن ئادەمنى بەك بوزەك قىلىپ، ئۇنىڭغا مەينەت سۇ چېچىۋاتاتتى. ئىشنى چوڭايتىۋەتسە ئۆزى كېتىدۇ، ئىشقىلىپ ئۇ ھازىر ۋاقىتلىق ئىشچى، لېكىن لەن رېن ئوخشىمايتتى، ئۇ چىفاڭدا خىزمەت قىلغىلى نەچچە يىل بولغان، ھازىر يەنىلا سۈن فېيفېينىڭ ياردەمچىسى، مائاشى ۋە تەمىناتىمۇ تۆۋەن ئەمەس.

-ئۆلگۈر بۇزۇق،-دېدى لەن رېن تۇيۇقسىز ۋارقىراپ،-سەن مېنى تاتىلىغۇدەك بولدۇڭمۇ، ئەدىپىڭنى بەرمىسەم ئوغۇل بالا بولماي كېتەي!

لەن رېننىڭ قېنى ئۇرغۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا توسۇپ تۇرغان ئايال خىزمەتدىشىنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئالدىغا بېرىپ سۇ چىڭنى ئۇرماقچى بولدى. شۇ تاپتا، سۇ چىڭمۇ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانىدى، لەن رېن ئۆزىنى ئۇرۇشقا پېتىنىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ، ھەرگىز ئۇنىڭغا ئاسان بوزەك بولمايتتى.

لەن رېن ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرماقچى بولغاندا، سۇ چىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، سۇ چىڭنىڭ ئارقىسىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

-سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟

بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ، سۈن فېيفېينىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. سۈن فېيفېينى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر چەتتە تۇرۇپ، گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. لەن رېنمۇ قولىنى پەسكە چۈشۈردى، سۇ چىڭ سۈن فېيفېينىڭ ئۆزىگە ئادالەتنى ياقلاپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتتى، لېكىن لەن رېن سۈن فېيفېينىڭ ئالدىدا ئادەم ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، شۇڭا ئۇ تەن ئازابى تارتىپ يۈرمەيتتى. كۆپچىلىك گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى، سۈن فېيفېي ئۇلارغا ياۋۇزلارچە قاراپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى:

-بۇ يەر خىزمەت قىلىدىغان جاي، سىلەر ئۇرۇشىدىغان جاي ئەمەس، ئۇرۇشماقچى بولساڭلار كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار!

بۇ چاغدا لەن رېن ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، يۈزىدىكى تىرناق ئىزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ زۇۋانغا كەلدى:

-جېشكا، قاراڭ، سۇ چىڭ مېنى ئازدۇردى. مەن ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىسام، ئۇ مېنى مۇشۇنداق تاتىلىۋالدى.

-جۆيلىمە! سەن مەندىن پايدا ئېلىشنى ئويلىغان ئادەم سەن!

سۇ چىڭ دەرھال رەددىيە بەردى.

گەرچە ئۇ سۈن فېيفېينىڭ ئۆزىگە يان باسمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇ چوقۇم مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن پۈتۈن گۇرۇپپىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە، ئۇ لەن رېننىڭ ئاغزىغا كەلگەننى دەۋېرىشىگە، «بۇغىنى ئات قىلىشى»غا يول قويماسلىقى كېرەك ئىدى.

-سەنمۇ ئەينەككە قاراپ گەپ قىلمامسەن؟ مەن سەندىن پايدا ئالامدىم؟ ئايالىم گۈلدەك چىرايلىق تۇرسا، سەندىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئادەمنى قويۇپ سەندىن پايدا ئالامدىم؟ كاللاڭ ساقتۇ؟

لەن رېننىڭ ئۇرۇشۇش ئىقتىدارى ئاياللارنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىدى، بۇ چاغدا سۈن فېيفېي قولىنى كۆتۈرۈپ تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇلارنى توستى.

-ھەممىڭلا ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلار!

سۈن فېيفېينىڭ بۇيرۇقى بىلەن نەق مەيدان جىمجىتلىققا چۆمدى، ھېچكىم ئارتۇق گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

سۈن فېيفېي لەن رېن بىلەن سۇ چىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا:

-مېنىڭ قايسىڭلارنىڭ قايسىڭلارنى ئازدۇرۇشى بىلەن چاتىقىم يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ شەخسىي ئىشىڭلار. بۇ دېگەن شىركەت، شىركەتتە سىلەر چوقۇم قائىدىگە رىئايە قىلىشىڭلار كېرەك، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىڭلار كېرەك، جېدەل چىقىرىشقا بولمايدۇ، كىم يەنە خاتالىق ئۆتكۈزسە دەرھال يوقىلىڭلار! چۈشەندىڭلارمۇ؟-دېدى.

-چۈشەندىم.

لەن رېن بېشىنى لىڭشىتتى.

سۇ چىڭ گەرچە ناھايىتى غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچنېمە دېمىدى. ئارقىدىن سۈن فېيفېي يەردىكى پاسكىنا نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

-كىم بۇ يەرنى مۇشۇنداق قىلىۋەتكەن بولسا شۇ پاكىز تازىلىسۇن!-دېدى، ئاندىن ئۇ بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

بىر مەھەل تۇرۇپ قالغان كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تارقىلىپ كەتتى. لەن رېن سۇ چىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا ماڭماقچى بولدى. سۇ چىڭ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋالدى.

ئالدىدىكى سۈن فېيفېي تېخى يىراقلاپ كەتمەستىنلا، لەن رېن ئوڭايسىزلانغان ھالدا:

-ئاچا، خاپا بولماي بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، بولامدۇ؟ بولمىسا بىز تاماق قاچىمىزنىمۇ ساقلاپ قالالمايمىز،-دېدى.

بۇ چاغدا سۇ چىڭ لەن رېننىڭ بۇ تاماق قاچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىدىغانلىقىنى بىلدى.

شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى دەقىقىدە ئۇ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:

-لەن رېن، مەن ھازىر تېخى سىناق باسقۇچىدا، ساڭا ئوخشىمايمەن. سەن دېگەن كونا خىزمەتچى، يەنە كېلىپ ھازىر جېشكانىڭ ياردەمچىسى، مائاش ۋە تەمىناتىڭمۇ يامان ئەمەسقۇ دەيمەن؟

-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، لەن رېننىڭ چىرايى سەل تاتىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ سوغۇق كۈلۈپ قويدى.

-مەن ئويلاپ قالدىم، ئەگەر سىز مېنىڭ سەۋەبىمدىن خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، مەن سىزگە زىيان سالغان بولارمەنمۇ ياكى سىز ماڭا زىيان سالغان بولارسىزمۇ؟

بۇ چاغدا، لەن رېن سەل تىت-تىت بولۇپ، قولىنى چىڭڭىدە سىقىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە:

-سېسىق خوتۇن، سىز قانداق قىلماقچى؟-دەپ سورىدى.

-ھېچقانداق قىلغۇم يوق، بۇنىڭدىن كېيىن سىز ماڭا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمىسىڭىز، مەنمۇ سىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەيمەن، ئەگەر سىز يەنە ئاغزىڭىزغا كەلگەننى دەۋەرسىڭىز، مەندىن ئاغرىنماڭ، مەن ئاجرىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىككى بالام بار، ئىشقىلىپ مەنمۇ ياخشى جاي تاپالمايمەن، نام-ئاتاق مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، لېكىن سىزگە ئوخشىمايدۇ، ئەگەر سىز يەنە مېنى ئازراق ئاۋارە قىلىدىغان بولسىڭىز، مەن ئالدى بىلەن لىندالىننىڭ قېشىغا بېرىپ، گۈلدەك چىرايلىق ئايالىڭىزنى ئىزدەپ، مېنى پاراكەندە قىلغىنىڭىزنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا سىزنى ياخشى باشقۇرۇشنى ئېيتىمەن!

سۇ چىڭ قاتتىق ۋارقىرىدى.

-سەن…

سۇ چىڭنىڭ گېپىدىن لەن رېن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي، كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ تۇردى.

-بۇ يەرنى پاكىز تازىلىۋېتىڭ،-دېدى سۇ چىڭ پولدىكى مەينەتچىلىكنى كۆرسىتىپ.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى، بۇ چاغدا، لەن رېن سەل چىچاڭشىپ كەتتى.

-بۇ يەرنى ئىككىمىز مۇشۇنداق قىلىۋېتىلگەن تۇرساق، نېمىشقا ئۆزۈم تازىلايمەن؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇ چىڭ قەدىمىنى توختىتىپ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:

-تازىلامسىز-تازلىمامسىز بۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز، ئىشقىلىپ مەن تازىلاشنى بىلمەيمەن، جېشكا ماڭا يۈك-تاقلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ كەت دېسىمۇ، مەن پەرۋا قىلمايمەن!-دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

لەن رېن ئاچچىقىدا تېپىرلاپ كەتتى، لېكىن ئامال يوق، ئۇ يەنە سۈپۈرگە ۋە پول سۈرتكۈچنى ئېلىپ كېلىپ، ئاچچىقىدا تازىلاشقا كىرىشتى. سۇ چىڭ ئۇدۇل تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرۇپ، تار كاتەكچىگە قاراپ، كۆز ياشلىرىنى كونترول قىلالماي قالدى.

ئېسىدە قېلىشىچە، بايا بىر گۇرۇپپىدىكى ئايال خىزمەتدىشىنىڭ ئۆزىگە كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قارىغنىنى كۆرۈپ، ئۇ ھەقىقەتەن يۈزى تۆكۈلگەندەك ھېس قىلدى. ئۇ ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ شىركەتكە كىرگەن كۈنىدىن باشلاپلا ئۇنىڭغا باشقىچە قاراشتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ئۇلارنى رەنجىتىپ باقمىغان تۇرسا؟

بايىقى ئىشنى ئېلىپ ئېيتسا، ئەگەر ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر شىركەتتە بۇنداق ئىش يۈز بەرسە، چوقۇم بىر-ئىككى ئايال خىزمەتدىشى كېلىپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرەتتى، لېكىن ھازىر ئۆزىگە تەسەللى بېرىدىغان ئادەم يوق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى بىلەن يېقىنلىشىشتىن قورقىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ بۇ شىركەتنىڭ كەيپىياتىنىڭ شۇنداق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيتتى، خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئەسلا دوستلۇق يوق ئىدى، ياكى لەن رېن ئادەتتە ئۇنىڭ كەينىدىن پېتنە-ئىغىۋا تارقاتقان بولغىيمىدى؟

ئەمەلىيەتتە، لەن رېن ئادەتتە گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە سەل قوپال ئىدى، ئىشخانىدىكى ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بايا دېگەن گېپىگە ھېچكىم ئىشەنمەيتتى.

ھە راست، لەن رېن ئالدىنقى قېتىم ئۇنى پۇلدار ئادەم تېپىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن دېگەندەك گەپنى قىلغانىدى، بۇ پىتنە-پاساتلارنى ئۇ نەدىن ئاڭلىغاندۇ؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۇ چىڭ ئەزەلدىن بىر ئەر كىشىدىن بۇنداق ھاقارەتلىنىپ باقمىغان، ئۇ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى دەپسەندە قىلغانىدى.

ئۇ يوپكىسىنى قايرىپ ئۇنى ئازدۇرىدىغان ئايالمۇ؟

سۇ چىڭنىڭ ئويلىسىلا كۈلگۈسى كېلەتتى، ئەجەبا لەن رېن دېگەن نېمە، ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلامدىغاندۇ؟ چىرايى دېسە چىرايى يوق، ئىقتىدارى دېسە ئىقتىدارى يوق، سالاپىتى دېسە سالاپىتى يوق، ئۇ ئاشۇنداق ئادەمنى ئازدۇرامدۇ؟ ئاشۇنداق ئادەمگە يوپكىسىنى قايرىمدۇ؟ ئۇف…

سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپ جىممىدە كۆز يېشى قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز سىرتتىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. سۇ چىڭ ئادەم كەلگەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال قەغەز بىلەن يۈزىدىكى كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. بىراق، ئارقىدىن سىرتتىن كەلگەن گەپ ئۇنىڭ قولىنى قاتتۇرۇپ قويدى.

-بايا لەن رېن دېگەندەك سۇ چىڭنىڭ كۆينىكىنى قايرىپ ئۇنى ئازدۇرماقچى بولغىنى راستمىدۇ؟

سۇ چىڭ بۇنىڭ ئۇلارنىڭ 6-گۇرۇپپىدىكى بىر ئايال خىزمەتدىشىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالغانىدى.

-ھىم، لەن رېننىڭ ئۇنداق مەينەت گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئۇ بىزنىڭ ئىشخانىدىكى ئايال خىزمەتچىلەردىن قايسى بىرىگە پاراكەندىچىلىك سېلىپ باقمىغان؟ ھەتتا سەل ياشراق تازىلىق ئىشچىسى ئاچاشنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدى، ئۇ شەھۋەتپەرەسلەر ئىچىدىكى ئاچ مەخلۇققا ئوخشايدۇ.

-بىراق ھېلىقى سۇ چىڭنىڭ گېپىنىمۇ جېشكادىن ئاڭلىغانىدۇققۇ، ئۇمۇ ياخشى نېمە ئەمەسكەنغۇ؟ بۇرۇن مەخسۇس پۇلدارلارنى ئازدۇرۇپ يۈرۈپتىكەن.

-شۇنداق، جېشكا ئۇنى ئىككى خوجايىننى ئازدۇرغان دەيدۇ. پەقەت بىلمىدىم، ئادەتتە تەمكىن يۈرەتتى، ياسىنىشىمۇ ئادەتتىكىلا، قېرى چىراي تۇرۇپ، قانداقمۇ خوجايىنلارنى ئازدۇرالىغاندۇ؟

-ئەخمەق قىز، قىز بالا دېگەن ياسىنىش ۋە تەقى-تۇرقىغا قاراپلا يۈرسە بولمايدۇ، بىر خىل ئازدۇرۇش كۈچى بار-يوقلىقىغىمۇ قارا كېرەك؟

-قانداق كۈچ ئۇ؟

-بەزى ئاياللاردا تەبىئىيلا ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدىغان كۈچ بار.

-شۇنداقمۇ؟ مەن نېمىشقا ھېس قىلمىغاندىمەن؟

بۇ چاغدا يېشى چوڭراق ئايال خىزمەتچى ھېلىقى ياشنى شاپىلاقلاپ قويۇپ، كۈلكىلىك ھالدا:

-سىز بەك ئەخمەق ئىكەنسىز، ئۇنداق ئىشنى ئەرلەر ھېس قىلالايدۇ، بىز قانداقمۇ ھېس قىلالايتتۇق،-دېدى.

-بولدى، تېز قايتىپ كېتەيلى، ھازىرلا ئىشتىن چۈشىمىز!

سۇ چىڭ ئۇلارنىڭ گىرىم قىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئىككى ئايال خىزمەتچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ بىردىنلا چۈشەندى. ئىشخانىدىكى بارلىق ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشنى خالىماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن، ئەسلىدە سۈن فېيفېي خېلى بۇرۇنلا كۈچ سەرپ قىلىپ بولغانىدى.

بۇ سۈن فېيفېي ھەقىقەتەن ھىيلىگەر ئىكەن، خىزمەتچىلەرگە بۇنداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ تۇرۇپ، ھېچنېمە بولمىغاندەك تۇرۇۋالغانىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىقكى ھەممەيلەنگە ئۇنى چەتكە قاقتۇرۇش ئىدى. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سۇ چىڭ قولىدىكى قەغەزنى چىڭڭىدە سىقىمدىدى.

لەن رېننىڭ ئۆزىنى قايتا-قايتا پاراكەندە قىلىشى سۈن فېيفېينىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇ چاغدا، سۇ چىڭ سۈن فېيفېيغا ئۆچ بولۇپ كەتتى، يەنە ئۆزىدىنمۇ ئاغرىندى، ئەينى چاغدا سۈن فېيفېينىڭ 6-گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇ بۇرۇلۇپلا كەتكەن بولسا، ھازىرقىدەك سەتلىشىپ يۈرمەيتتى. لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن كېچىكتى، ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ پەقەت بىمالال يۈزلەنمەي نېمە قىلالايتتى؟

سۇ چىڭ ئۆزىنىڭ ھازىر قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلەتتى، سۈن فېيفېي ناھايىتى تېزلا مەقسىتىگە يېتىدۇ، ئۇ رەسمىيلىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لەن رېننىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ، ئىشخانىدىكى بارلىق خىزمەتداشلىرى چەتكە قاقىدۇ. شۇ تاپتا، سۇ چىڭ سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىماقچى بولدى. بىراق ئويلاپ باقسا، ئۆزىنى بېسىۋالمىسا بولمايتتى، ھازىر ئۇنىڭدا سۈن فېيفېينىڭ ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيجيېنىڭ خامچوت لايىھىسىنىمۇ ئۇ ئۆزى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى خالايدۇ.

سۇ چىڭ چېچىنى بىر نەچچە قېتىم قاماللىدى، ئۇ قانداق قىلىپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى؟ سۇ چىڭ بىر پەس ئىككىلەنگەندىن كېيىن، تۇرمۇشنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدى. شۇڭا ئۇ قول يۇيۇش كۆلچىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈزىنى يۇيغاندىن كېيىن، يەنە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا ئىشخانىغا قايتىپ كەلدى.

ئۇ ئىشخانىدا پەيدا بولۇشى بىلەنلا ئىشخانىدىكى كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ ئولتۇرغان ئاياللار، ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە گەپ قىلماي، ئارقا -ئارقىدىن ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلدى.

لەن رېنمۇ چايخانىنى تازىلاپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ ژۇرنال كۆرۈۋاتاتتى. سۇ چىڭ ئۆز ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، بىر كەسپىي كىتابنى ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدى. بۇ ئىشخانىنىڭ كەيپىياتى ھەقىقەتەن ئادەمنى تۇنجۇقتۇراتتى، ئۇنىڭ بۇ يەردىن تېزراق كەتكۈسى كېلىۋاتاتتى، بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق تۇرغۇسى يوق ئىدى، لېكىن ئويلاپ تەن بەرگۈسى كەلمىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيتتى.

بۇ چاغدا سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى.

-سۇ چىڭ، بۇ ياققا كىرىڭە!

سۈن فېيفېي سۇ چىڭغا ۋارقىرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆپ ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا، بۇرۇلۇپ سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. سۈن فېيفېينىڭ خىزمەت ئۈستىلى ئالدىغا كەلگەندە، سۈن فېيفېي قولىدىكى بىر تۇتام ماتېرىيالنى سۇ چىڭنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.

سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قارىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى سائەت بۇرۇن سۈن فېيفېيغا تاپشۇرغان ماتېرىيالى، دەل كەيجيېنىڭ خامچوت لايىھەسى ئىدى. سۈن فېيفېي گۇمانلانغان ھالدا سۇ چىڭغا:

-بايا كەيجيې دېگەن بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى كەلدى، ئۇ سىزنىڭ خامچوت لايىھەرىڭىزدىن رازى ئەمەسكەن،-دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈردى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن خامچوت لايىھەسىنى قولىغا ئالدى. ئارقىدىن سۈن فېيفېي يەنە مۇنداق دېدى:

-بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قالدى، سىز كېلەر دۈشەنبە خىزمەت ۋاقتىدا خامچوت لايىھەسىگە ناھايىتى ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈڭ، ئاندىن مەن كەيجيې تەرەپتىكى مەسئۇل خادىمغا ئاپىرىپ بېرەي، بۇ سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسىتىڭىز، ئەگەر قارشى تەرەپ رازى بولمىسا، ئۇنداقتا مەن يەنە باشقا ئادەم ئالماشتۇرىمەن.

سۇ چىڭ بۇ ماتېرىيالنى قانچە قېتىم ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلەتتى، كەيجيې تەرەپتىكىلەرمۇ رازى بولمىغان نەرسىنى،  سۈن فېيفېي باشقىلارغا ئىشلەتمەكچى بولسىمۇ، ھېچكىم ئالمايتتى، بۇ پەقەت بىر باھانە خالاس، قارىغاندا كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئۇ بۇ ماتېرىيالنى يەنە قايتۇرۇپ كەلسە، ئۇنىڭ كەشى توغرىلانسا كېرەك.

-يەنە مەسىلە بارمۇ؟

سۈن فېيفېي سۇ چىڭنىڭ ئۇ يەردە مىدىرلىماي تۇرغانلىقىنى، گەپمۇ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، تاقەتسىزلىك بىلەن سورىدى.

-چاتاق يوق،-دېدى سۇ چىڭ تەمكىن ھالدا.

مانا بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى، گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەق قىلىنغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئامالسىز قېلىپ، لېۋىنى چىڭڭىدە چىشلەشكە مەجبۇر بولدى.

-ئۇنداق بولسا چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

سۈن فېيفېي شۇنداق دەپ بولۇپلا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ كومپيۇتېرغا قارىدى.

-خام چوت لايىھەسىدىكى ئىشتا مەسىلە يوق، لېكىن مېنىڭ يەنە شەخسىي ئىشىممۇ بار.

سۇ چىڭ ئارقىدىنلا شۇنداق دېدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:116-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章